روزى سايىت غەزەللىرى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/26 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 327 قېتىم

 

روزى سايىت غەزەللىرى

 

مېنىڭ شېئىرىيەت مىزانىم

سۆيگىنىم شېئىر ، بۇكەسپىي ئىشتىياقتىن كەچمىدىم ،

كۆيگىنىم ئارۇز ۋەزىن ، شۇ ئوت پىراقتىن كەچمىدىم .

باغۇ بوستانلارنى كەزدىم“پائىلاتۇن“غا مىنىپ ،

”بەھرە“لەردىن بەھرىلەنگەندە تۇراقتىن كەچمىدىم .

بولسا رەختىڭ ، تون كىيەمسەن ياكى كەمزۇل ، ئىختىيار،

نۇسخا تاللاش بىر شەكىل ، مەزمۇن-پۇراقتىن كەچمىدىم .

”يېڭىلىق“دەپ چاپتى خەقلەر“كونا“ياقماي كۆڭلىگە،

ئىزدىدى ئۆرنەك بۆلەك قىتئە-يىراقتىن ، كەچمىدىم .

ئېيتتى:بەش يۈز يىلدىن ئاشتى بىر قېلىپتا بۇ نەزم ،

كۆچمىسەك بولمايدۇ قىڭغىر ئولتۇراقتىن،كەچمىدىم .

مۇشت كۆتۈردى تەلۋە داۋراڭ ، تارتتى تىغ ئىنكارچىلىق،

چىقمىدى ئىنكارغا لايىق ئوق ياراغدىن ، كەچمىدىم .

”يا ئېچىشسۇن، يا قېچىشسۇن ، بولمىسا ئۇ شېئىر ئەمەس!“

دەپ نەۋائىي پەرلىگەن بۇ شام چىراغدىن كەچمىدىم .

 

ئۆكسۈمەس

ئەي ياران ، شەكلەنمە ئالەمدىن ، ھىدايەت ئۆكسۈمەس،

چىن مۇھەببەت ، ياخىشلىق ، مېھرۇ ھىمايەت ئۆكسۈمەس .

نەپىسى شەيتان ، روھى چىركىن ساختىپەزلەر بىر ئوچۇم ،

”بىر ئوچۇم“ لار پەيلىدىن بەلكى جىنايەت ئۆكسۈمەس .

رىزقى مىسكىننىڭ رەزىللەر ئەيىشگە يەمدۇر ، شۇڭا

قانچە چەك قويغانسىېرى ئاۋۇپ خىيانەت ، ئۆكسۈمەس .

”ئەپچېچىپتۇ ، يەپ قېچىپتۇ ، سىەپ قېچىپتۇ …“ ۋەززۇھا ،

ئون ئېغىزنىڭ توققۇزىدىن شۇ ھېكايەت ئۆكسۈمەس …

بىر قاراشقا چەرخى گەردۇن تەتۇر ئايلانمىش بۇ دەم ،

توخىتغاي ئۇ قانچە ئايلانسۇن ، ناھايەت ئۆكسۈمەس .

نەۋ باھارلىق تاڭدا چەشمە شىلدىرى فونتان ياسار ،

پەزلى پاكلىق ، قەلبى ئاقلىق دەۋرى غايەت ، ئۆكسۈمەس ،

ئوڭنى تەتۈر تالىغاقنىڭ قىسمىتى شەرمەندىلىك ،

ئەلنى شاد ئەتمەككە ، بىل ، پەرمان – ئىنايەت ئۆكسۈمەس !

 

توۋا دەيمەن

تۆۋە دەيمەن بۇ بىر ئەۋلاد «كىم» لىشىپ كەتتى،

ۋىجداننى زەي، شور بىسىپ چىملىشىپ كەتتى.

قەشقەر، خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ،

يۈرۈش، تۇرۇش ئوي پىكىردە «رىم» لىشىپ كەتتى.

يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە،

ئەقلى پۇلپەز، غورۇرى دەز- نىملىشىپ كەتتى.

قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى ۋاپا كەم،

بىشى چۇۋۇق، كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتى.

«تەڭلا-ئەتە» خۇسۇسىيغا لەۋزى پاراڭ يوق،

جىسمى كەيپۇ-ئىشرەت بىلەن ھىملىشىپ كەتتى.

بىشارەت بۇ گۇمراھلىقتىن، يىتۇل غاپىللىق،

پۇرقىتىڭدە شائىر تىت-تىت جىملىشىپ كەتتى.

 

خوتەن شىۋىسىدىكى غەزەللەر !

نىگارىم كەلدى گۈل قىسقان پېتى ئەينا،

تىنىق نەپسىدە پاك سۆيگۈ ئوتى ئەينا.

كۆرۈشتۇق سۆيدى مەڭزىمگە ئەجەپ يىللىق،

ھوزۇرلاندى يۈرەكنىڭ قات-قېتى ئەينا.

ئۇزانقانتىم سەپەرگە يارنى زەر توندا،

ئىدى ئاق رەڭدە ھەر يازغان خېتى ئەينا.

بۈگۈن ئۇ قايتتى ئەڭنى توق يېشىل،ھەتتا،

يېشىل يۇپۇقتا جابدۇلغان ئېتى، ئەينا.

دېسەم: زەپمۇ سېغىندۇردۇڭ، دېدى:كەلدىم،

توشۇپتى ۋەسلى ھىجران مۇددىتى ئەينا. :

ۋىسال ئەييامى تەڭلەشتۇق،چىمەن راسلاپ،

ئادالاندى بۇ لەۋنىڭ گەز-دېتى ئەينا….

بۇ ھالنى قۇتلىدى كاككۇك ئۇرۇپ قەھ،قەھ،

ساماغا چۈشتى بىخ ….شاتلىق رېتى ئەينا.

 

ئۆمۇلاخمان

(دائىم، ئىزچىل دېگەن مەنىدە)

چۈشلىرىمگە كىرىسىز يار ئۆمۇلاخمان،

ئىشىق كۈيىگە چىكىسىز تار ئۆمۇلاخمان.

ئويغانساممۇ يادىڭىزدا ئېسى -يادىم،

خىيالىڭىز ماڭا قاتار ئۆمۇلاخمان.

دىدارلاشساق تۈگىمەيدۇ پارىڭىمىز،

لەۋزىمىزدە ئەھدۇ-قارار ئۆمۇلاخمان.

سىز تەڭلەيسىز،سۆيگۈ،ۋاپا شارابىنى،

مەن تەڭلەيمەن لەيلى ناھار ئۆمۇلاخمان.

«سېنىڭ جېنىڭ-مېنىڭ جېنىم بىرجان

يۈرىكىمىز پەسلى باھار ئۆمۇلاخمان.

ئەغيارىلار مىش-مىش ئەتمىش كەينىمىزدىن،

ئارىمىزدا ئۈنسە دەپ خار ئۆمۇلاخمان.

ھەرجايدا بار مۇھەببەتنىڭ كۈشەندىسى،

ئەمما ئۇنىڭ قىسمىتى دار ئۆمۇلاخمان.

شەك-گۇمان يوق ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسىدە،

ئىشەنچ گۈلى چاچار ئىپار ئۆمۇلاخمان.

بىز ياشايمىز ئۆمۇرۋايەت ساداقەتتە، ”

بىزگە پاكلىق چىن غەمگۇزار ئۆمۇلاخمان.

 

بىر مۇنچە

ھاياتلىق تەكتى دىشۋار ، بىل ، ئۇنىڭ غوۋغاسى بىرمۇنچە ،

سۆيۈك ، مېھرىمۇ بار شۇنچە ، مىكىر – ئىغۋاسى بىر مۇنچە .

قۇچاقلايدۇ جاپاسىدا ، پىچاقلايدۇ ”ۋاپا“ سىدا ،

ئېسىل بەرناسىغا يانداش رەزىل ، لەقۋاسى بىر مۇنچە .

كېمەڭ چۆككەندە ھەمدەم يوق ، كېسەل تەگكەندە مەلھەم يوق ،

سۇغا زار چاغدا سەن ، بابلايدىغان غەۋۋاسى  بىر مۇنچە .

مۇھەببەت دەشىتدە يېگانە يۈرسەڭ ، باقمىغاي دىلبەر ،

كېيىك چاغلاپ سېنى ئوۋلايدىغان ئوقياسى بىر مۇنچە .

تۆرەلگەندىن ”ياغاچ ئات“ قا مىنىشنىڭ مەنزىلى بىردەم ،

بېسىپ ئۆتكەن يولۇڭنىڭ ئەگرىسى ، تۈز – راسى بىرمۇنچە .

شۇڭا روھى مىجەزىڭنىڭ قارارى گاھ تەۋازۇدا ،

تۇرۇپ رايىش ، تۇرۇپ تەرسا ، يەنە سەپراسى بىر مۇنچە ….

ئۆمۈر داستانلىرى پۈتكەي يارەنلەر ئارزۇ – ئارماندا ،

ئوقۇپ كۆرسەڭ ، ئۇنىڭ بەرھەق <<ئېسىت ، ئاپلا !…>> سى بىر مۇنچە .

 

ئالسا ئىكەن پەرۋايىغا

نادان ئەردىم بېرىلگەندە كۆڭۈلنىڭ رايىغا ، دوسىتلار ،

نەزەر سالماي يۈگۈرگەندە ئۆمۈرنىڭ ۋايىغا ، دوستلار .

ئۇدۇلنى پەرق ئېىتپ ماڭماي ، چىغىرنى بويلىدىم بىر چاغ ،

پىسەنىت قىلماس ئىدىم دەۋەت ئېتىلسە سايىغا ، دوستلار .

<<ئۇچۇش>> مەستانىسى بولدۇم ، <<قونۇش>> نى قىلچە ئويلاشماي ،

چۈشەندىم سەل كېيىن ، پاتتىم نادانلىق لايىغا ، دوستلار .

ھەقىقەت قامچىسى تەگدى ، ئېگىپ باش ئاڭا بويسۇندۇم ،

زاماننىڭ ئۆتنىسى ياندى ئۆزىنىڭ جايىغا ، دوستلار .

ئەقىل ئاقماس ئىمىش ئەسلىي ، كېلەرمىش ۋاقتى ئۆتكەندە ،

شۇ <<ئاقساق>> لىق يۈگۈرتۈپتۇ مېنى << ھاي – ھاي>> غا ، دوستلار .

كېچىكسەممۇ چۈشەندىم توغرا – سەھۋەننى ، شۇڭا ئەمدى ،

قەدەم رۇسلاشتا تەلپۈندۈم يورۇق يول – غايىغا ، دوستلار .

ئىشەن يۇرتۇم ، ۋۇجۇدۇمدىن شۇ ئازغۇنلۇق دېغى يىتكەي ،

تىكەرمەن گۈل  گۈزەللىكتىن دىلىم سەھراسىغا ، دوستلار .

ناماقۇللۇق پۇشايمانىم ، ئىرادەمنى نەزم  قىلدىم ،

خۇشالمەن ، ئەل بۇنى ئالسا نەزەر – پەرۋايىغا ، دوستلار .

1987 – يىل ئاپرېل ، خوتەن

 

ئۇيغۇر قىزى

كۆر ، ئەنە بىر قىزكى ، چېھرى ، مېھرى نۇر ، ئاتەش ئۆزى ،

زىلۋا بوي ، سەرۋى بەدەن ، چولپان كەبى پارلار كۆزى .

قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك ، كىرپىكى تال – تال يىپەك ،

مەڭزى ئانار ، لېۋى ياقۇت ، خۇددى ئاي رۇخسار – يۈزى .

قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا ، چىشى سەدەپ ،

ھەم ئۇزۇن ، ھەم توم ، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى .

چامدىشى ئوخشار كېيىككە ، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال ،

شەرم – ھايالىق باقمىشى ، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ – سۆزى .

سۆيگۈگە سادىق ، ۋاپالىق ، قەلبى ئاپتەپتەك تازا ،

ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى ، باسقان ئىزى .

ناخشا ئېيتسا ، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر ،

چالسا دۇتار ، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى .

كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى ، دوپپىسى – رەڭدار چىمەن ،

چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ ، ئىپپەت – نومۇسنىڭ ئەندىزى .

<<پاھ ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ ؟ …>> دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى ،

جەننەتۇل – فىردەۋسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى !

<<سىرت سىياقى شۇنچە ، ئەمما كۆڭلى قانداق ؟>> دەرسىلەر ،

ئۇ – ئەقىل ، ئەخلاق ، لاتەپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !

ئىچ – تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر ،

كىم دېسەڭ ، ئۇ مەرد ، غۇرۇرلۇق شەرق گۈلى – ئۇيغۇر قىزى !

1984 – يىل مارت ، خوتەن

 

ئىككى ئاپەت بەك يامان

ئىككى ئاپەت بەك يامان _ زالىم بىرى ، «ئالىم» بىرى ،

زالىم ئەركەكنى بوغار ، ۋاھ، «ئالىمى»روھنىڭ كىرى .

ئىككىسى گەر ھەمتاۋاق، يوق يۇرتتا شادلىقتىن ئەسەر ،

كۈلكە يىتكەي، باغنى چۈمكەر «ئىت-مۈشۈك»نىڭ خىر-خىرى .

ئالىمىدىن پەتىۋا بار ،زالىمىدىن مۇشت،تېپىك ،

كۆر، بۇھالدا كۆپ جاھاننىڭ يامغۇرىدىن گۈلدۈرى ،

زۇلمى زالىم خۇددى خۇسراۋ بار بىساتى ھەيۋە ، دوق ،

ساختا ئالىم گەپچى-نەپچى-نەقلا مەستان كەمپىرى ،

بىرىنىڭ كۈچ- قەھرى-پاي چەك، نە ئامالىڭ ئالمىساڭ ،

بىرنىڭ مىكرى جازانە ئەھلىنىڭ تەشۋىق دىرى ،

ئاۋۇ«چۈشتە چىقىتى ئاي !» دەر، ماۋۇ يۇلتۇزنى چاتار ،

كەشىپ،كارامەت دەر يۇرۇقتا ئاينى كۆرگەنلىك سىرى….

گەر تىلەك شۇ : دىل ئازادە، بەختىيار ، ئەركىن ياشاش ،

تاڭغا ياق مەڭزىڭنى ، ھەق بولسۇن مۇرادىڭ دىلبىرى.

يۇل چىمەندىكى خار تىكەننى ، بەلكى قول پەنجەڭ قانار ،

ئەمما ھالى ۋاي تىكەنلىك بولسا گۈلشەن تەقدىرى .

روزى ، سەن سۆزلە مۇدام بۇ ئىككى ئاپەتتىن قوشاق ،

پەيلى زالىم ، ساختا ئالىمىدىن خەلق يۈرسۈن نېرى!

 

سوراڭ

بۇ جاھان جەبرۇ جاپاسىن كۆڭلى ۋەيراندىن سوراڭ ،

دوزىخىي زۇلمەتنى كۆرگەن بەختى گۇمراندىن سوراڭ.

مۇددىئا بولسا ئىشق شەمشادىنى پەرۋىش قىلىش ،

قاغدىلىپ تاشلاپ يۇپۇرماق شېخى قالغاندىن سوراڭ .

«نە ئۈچۈن بۇلبۇل پىراق ھىجرىدە؟»بىلمەك بولسىڭىز ،

باغرى زەرداب،ئاھلىرى ئوت ، بەختى يانغاندىن سوراڭ .

مەيلىڭىز بولسا مۇھەببەت سىرىنى ئۇقماق ئۈچۈن ،

نۇرنى دەپ ئوت-شامدا كۆيگەن جىسمى خار جاندىن سوراڭ .

گەر لېۋى گەز-گەز بۇ چاڭقاق ھالنى ئەيىب ئەتسىڭىز ،

ئۆزىڭىز تەشنايى لەۋ بولغان چېغى ئاندىن سوراڭ .

«كىم سېنى قويغان بۇ كۈن ـ ھالغا»دېمەكچى بولسڭىز ،

ئەل بىلەن ھېچ كارى يوق خاندىن ۋە دەۋراندىن سوراڭ .

گەر دەلىل لازىم ئىكەن ، كۆزنى ئېچىڭ ، بىزنى تېپىڭ ،

تاشقا چۈشكەن چىنە ياڭلىغ كۆڭلى سۇنغاندىن سوراڭ !….

 

دېھقان

چىدام – بەرداشتا ھېچكىم سەنچىلىك مەزمۇت ئەمەس ، دېھقان ،

ئەگەر سەن بولمىساڭ ، ئەھلى جاھاننىڭ ھالى تەس ، دېھقان .

ئۇلۇغسەن ، كاتتا سەن – توقلۇق ، مەئىشەت كەتمىنىڭدىندۇر ،

ئۆزۈڭ بولغاچ ، مېنىڭ ئاش ، ئۈستىۋاشىم ئۆكسۈمەس ، دېھقان .

خېنىمنىڭ ئوسمىسى سەندىن ، غوجامنىڭ پوسمىسى سەندىن ،

سېنڭ ھاتەم مىجەزىڭدە خەزىنە لىق – پەۋەس دېھقان .

جاپايىڭ كۆپ ، بىراق كۆرگەن كۈنۈڭ باغرىمنى ئۆرتەيدۇ ،

كىرىمسىز كارۇ مېھنەت ، ئاھ ، بېشىڭنى ئەگدى پەس ، دېھقان .

كۆزۈڭ ياش نالە – گىرياندىن ، گادايلىق قىستى ھەر ياندىن ،

تېپىلماس ئۇشبۇ ئالەمدە ئۆزۈڭدەك خارۇ خەس ، دېھقان .

سېنىڭ پايداڭغا ئايلانمايدىغان چەرخى پەلەك سۇنسۇن ،

سۈكۈتكە تاقىتڭ يوقمۇ ، دېگىن بۇ ھالغا بەس ، دېھقان !

1997 – يىل 14 – نويابىر

 

قىش پەسلىدە ئىككى تەمەچ

1

ئەي ئاسمان ، كۆرەڭلەپ قار چاچما ئۇنچە ،

سېنىڭدەك سوغ نەپەس ئۆتتى بىر مۇنچە .

ئەلپازىڭ چاپقۇنلۇق ئەگسەڭمۇ شاخنى ،

قاراپ تۇر ، شاخلاردا كۆكلەيدۇ غۇنچە.

بۇ باھار ھارپىسى ، باھار ئەلچىسى ،

ھەر بىخقا يار قىلدى مىڭلاپ تۈگۈنچە .

كۆردۈڭمۇ چاقنىغان يۇلتۇز توپىنى ،

پاھ ، ئۇلار ئۈمىدتەك نۇرانە شۇنچە !

ئاز قالدى ، ئۇزايسەن ، ئىللىسا قۇياش ،

چېچىۋال قارىڭنى ، بوپتۇ ، بۈگۈنچە …

2

قارلىق قىش باھارنى تۇغىدىكەن ، راس ،

تۆت پەسىل قىشقىلا ئەمەسكەن مىراس …

جۇدۇندا لەپپەڭلەر باراڭ ، ساتمىلار ،

ئاياغنىڭ ئاستىدا توڭ – مۇز قاتمىلار.

ياغقان مۇز چىمدايدۇ يۈز – كۆزنى ھەدەپ ،

تاپاندا ئۈششۈكتىن مىڭ قاپارمىلار .

ئەتراپ قار ، ھەر ياندا سوغۇق پارقىراش،

دېسەك :<< چىڭ بۇ سۈنئىي پارقىراتمىلار >> ،

ھېلىتىن چىرىسلاپ پۇچۇلدى ، سۇندى ،

ئالەمنى بىر ئالغان مۇزلۇق چاتمىلار .

بەرھەقكى ، ئانا يەر باھار قۇچقاندا ،

بۇلاقتىن ئوقچۇيدۇ شارقىراتمىلار ! …

1998 – يىل فېۋارال ، خوتەن

ئانا تىلىم – زەر تىلىم ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)