ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/25 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 515 قېتىم

ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ئەي دۇنيا!

ئوغلۇم بۈگۈن ئوقۇشنى باشلىدى.

ۋاقتىنچە بۇ ئىش ئۇنىڭغا غەلىتە ۋە يېڭى تۇيۇلۇشى مۇمكىن. مەن سېنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. سەن بىلىسەن، ئۇ ھازىرغىچە قورويىمىزنىڭ خاقانى، ئارقا ھويلىنىڭ خوجايىنى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ يارىلىرىنى تېڭىش، ئۇنى بەزلەش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ كەلدىم. لېكىن، ھازىر ئۇ ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولىدىغان بولدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئالدى پەلەمپەيدىن چۈشمەكچى بولدى ۋە ئۆزىنىڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىكىگە قەدەم قويدى. ئۇنىڭ بۇ تەۋەككۈلچىلىكىگە كەلگۈسىدە ئۇرۇش، پاجىئە، ھەسرەت- نادامەت ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھايات ياشاش ئۈچۈن ئۇ مېھىر- مۇھەببەت ۋە جاسارەت ئىچىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

شۇڭا، دۇنيا، مەن سېنىڭ ئۇنىڭ يۇمران قوللىرىدىن تۇتۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭنى، ئۇنىڭغا بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىمكانىيىتىڭ يار بەرسە، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن ھەر بىر مۇتتەھەم بار يەردە بىر قەھرىماننىڭ بارلىقىنى، ھەربىر ئاينىغان سىياسىيون بار يەردە بىر پىداكار داھىينىڭ بولىدىغانلىقىنى، دۈشمەن بار يەردە دوستنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكىن؛ ئۇنىڭغا كىتابتىكى سىر- تىلسىماتلارنى ئۆگەتكىن. ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى قۇرت- قوڭغۇزلار، يېشىل چوققىلاردىكى گۈل- گىياھلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت بەر. ئۇنىڭغا ئالدامچىلىقتىن مەغلۇبىيەتنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىن. باشقىلار خاتا دېگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە ئىشىنىشنى ئۆگەتكىن. ئۇنىڭغا جىسمانىي كۈچى، ئەقىل- پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشنى، لېكىن يۈرىكىنى ۋە روھىنى ھېچنېمىگە تېگىشمەسلىكنى ئۆگەتكىن. يەنە شۇنىمۇ ئۆگەتكىنكى، ئۇ تېرە تاراقشىتىدىغان نائەھلىلەرگە پىسەنت قىلمىسۇن. ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ ئويلىسا، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرسۇن ۋە كۈرەش قىلسۇن. دۇنيا، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن ئۆگەتكىن، لېكىن ئۇنى پەپىلىمىگىن، چۈنكى داتلاشماس پولات ئوتتا تاۋلىنىپ چىقىدۇ.

بۇ ساڭا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ھاۋالەم. دۇنيا، لېكىن ئۇ سېنىڭ قانداق قىلىشىڭغا باغلىق. چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك.

A Mother’s Letter to the World

Dear World

My son starts school today.It’s going to be strange and new to him for a while.And I wish you would sort of1) treat him gently

You see,up to now,he’s been king of the roost.He‘s been boss of the back yard.I have always been around to repair his wounds,and to soothe2) his feelings

But now―things are going to be different.This morning,he’s going to walk down the front steps,wave his hand and start on his great adventure that will probably include wars and tragedy and sorrow.To live his life in the world he has to live in will require faith and love and courage

So,World,I wish you would sort of take him by his young hand and teach him the things he will have to know.Teach him―but gently,if you can.Teach him that for every scoundrel3),there is a hero;that for every crooked4) politician there is a dedicated leader;that for every enemy there is a friend.Teach him the wonders of books.Give him quiet time to ponder the eternal mystery of birds in the sky,bees in the sun,and flowers on the green hill.Teach him it is far more honorable to fail than to cheat.Teach him to have faith in his own ideas,even if everyone else tells him they are wrong.Teach him to sell his brawn and brains to the highest bidder5),but never to put a price on his heart and soul.Teach him to close his ears to a howling mob...and to stand and fight if he thinks he’s right.Teach him gently,World,but don’t coddle him,because only the test of fire makes fine steel

This is a big order,World,but see what you can do.He‘s such a nice little fellow

مەنبە:پاساھەت تەرجىمە بلوگى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)