ھەقنى دوست تۇتقاي كىشى
تەۋە تۈر: باشقىلار | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/25 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 471 قېتىم

ھەقنى دوست تۇتقاي كىشى

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئەزىزى(1894-1982)

ھەقنى دوست تۇتقاي جاھاندا ئەقلى بار ھەر بىر كىشى.
ھەق ئۈچۈن قىلماق كۆرەش چىن ئەھلى ۋىجداننىڭ ئىشى.

ھەق بىلەن ناھەقنى ئاجراتماققا دانالىق كېرەك،
كىم ئۇنى ئاجراتمىسا يوقتۇر ئۇنىڭ ئەقلى-ھۇشى.

بىر مىسال باركى «ھەقىقەت ئېگىلۇر، سۇنماس» دىگەن،
سۇندۇرۇشنى ئويلىماق ئەخمەقلىنىڭ ئۇخلاپ چۈشى.

كىم ھەقىقەتنى ئۆزىگە قىلمىسا گەر يان قورال،
كەتمىگەي ئۇنىڭ بېشىدىن ناھەقىقەتنىڭ مۇشى.

ئاقىبەت مۇنداق كىشى پۇشمان ئوتىدا ئۆرتىنىپ،
قورۇلار ئۆزىنىڭ يېغى بىرلە ھامان ئۆزىنىڭ گۆشى.

كىمكى ياشلىق ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە پۇشمانسىز ئەگەر،
جان چىقار ھالەتتىمۇ ھەمراھ بولۇر كۆڭۈل خۇشى.

«سۇ كېتىپ تاشلار قالۇر، ئوسما كېتىپ قاشلار قالۇر»
ئاھ، ئۆمۈر كەتكەندىمۇ تارىختا قالغاي ئۆتمۈشى.

چاچ كېتىپ باشلار قالۇر، چاللار كېتىپ ياشلار قالۇر،
ياشقىمۇ بار بىر ئۆلۈم، بىر كۈن توزۇيدۇ تۇرمۇشى.

شۇ سەۋەبلىك سەن ۋاقىتنى خۇددى گەۋھەردەك تونۇ،
سالمىسۇن غەپلەتكە يا «ئالتۇن بۆشۈك»نىڭ تەۋرىشى.

سەئى قىلماق، ئىجتىھاد قىلماققا تەڭرىم بۇيرۇدى،
«ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ياتسا بولمايدۇ كىشى.

ياشلىقىڭنى بىر مىنۇتمۇ مەنىسىز ئۆتكۈزمىگىن،
شۇنى چۇڭقۇر ئويلىغىن، مىڭ ياشقا كىرمەيدۇ كىشى.

سەن ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئال ياخشى نام،
بۇ جاھاندىن بىر كېتىپ، ئىككىنچى كەلمەيدۇ كىشى.

بۇ جاھان ياخشى-ياماننىڭ ئىمتىھان مەيدانىدۇر،
بەلگىلەيدۇ ئىككىدىن بىرنى ئۆزۈڭنىڭ قىلمىشى.

كىم ئۆمۈر تارىخىغا سالسا ئەگەر زەررىچە داغ،
قانچە پۇشمان قىلمىسۇن، كەينىگە يانمايدۇ يېشى.

بىر ماقال باركى «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دىگەن،
قايتا چىقمايدۇ چۈشۈپ كەتسە مىسالەن بىر چىشى.

ئاقىبەت مىنگەي ياغاچ ئاتقا تامام شاھۇ-گاداي،
بولمىدى ئالەمگە تۈۋرۈك، ئاھ، سۇلايماندەك كىشى.

بەش مىنۇتلۇق نەفسى شەيتان كەينىگە كىرمە شۇڭا،
سۈپسۈزۈك سۇدەك ئېقىپ ئۆت، بولمىغىن كۆلنىڭ لېشى.

«بىرنى بىر دەيمىز» دىگەن ئەھلى خوتەن ئەجدادلىرى،
چىن ھەقىقەتمۇ جاھاندا بىر بولۇر، يوق تەڭدىشى.

شۇ ھەقىقەتكە يېتىشنى ئارزۇ ۋە ئارمان قىلىپ،
ئۇچۇدۇ ئالەم ئارا پەرۋاز قىلىپ پىكرىم قۇشى.

ئاقىبەت چىققاي ۋۇجۇدقا كۆزلىگەن ھەققانىيەت،
قانچىلىك كاج بولسىمۇ بۇ شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى.

ھەق ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئۆتكەن ئىكەن سادىر بوۋام،
بولدى قۇربان ئۇشبۇ يولدا قانچە قاينام ئۆركىشى

ئاھ، بۇلاردەك مىڭلىغان، مىليونلىغانلار ئۆتتىغۇ!
بول شۇلارنىڭ تا ئەزەلدىن – تا ئەبەتلىك يولدىشى.

چىن ھەقىقەت دوستلىرى دائىم ئاڭا ۋارىس بولۇر،
بول ئۇلارنىڭ ئەڭ سۇباتلىق جەڭگىۋار مەسلەكدىشى.

بۇ ھەقىقەت، بۇ نەسىھەت بىر كىشىگە خاس ئەمەس،
چىن ئەمەل قىلسۇن ئەزىزى ئاڭا خاھ ئەر، خاھ چىشى.
★★★★★
1978-يىلى يېزىلغان
★★★★★

مەنبە: كەتمەنباي بلوگى

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)