يۇرت كۈيلىرى
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/24 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 406 قېتىم

يۇرت كۈيلىرى

(چاتما شېئىر)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

خوتەن

جۈپ كۆزۈمنىڭ قاراقى سەندە ،

نۇرسىز دىلنىڭ چىراغى سەندە.

جامالىڭنى كۈندەك يورۇتقان،

قاشتېشىنىڭ پىراقى سەندە.

 

گىلەم،ئەتلەس بايلىق كانىڭدۇر،

ئىككى قاش①تا ئاققان قانىڭدۇر.

يەتتە ئىقلىم ساڭا ھەۋەستە،

يۈكسېلىشلەر بەلگە-شانىڭدۇر.

 

يېرىڭ مۇنبەت تاشلارمۇ ئۈنەر،

يۈرىكىڭدە چىن ۋاپا تۈنەر.

لەبزى ھالال ئىشچانلىرىڭغا،

شۆھرەت تونى ياپتى كۈچ-ھۆنەر.

 

تەختىڭ ئىككى قاشنىڭ ئارىسى،

بەختىڭ<<ئىلچا>>جاننىڭ پارىسى.

سېنى گۈلگە پۈركەشكە ئەنە،

چاپتۇردى ئات ئەلنىڭ ۋارىسى.

 

سىياقىڭدا مەردانە تەن بار،

نەدە سەندەك گۈزەل ۋەتەن بار؟

بۇ ساداغا جاۋاب يەنە شۇ:

<<دۇنيادا بىر،بىرلا خوتەن بار>>.

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

① ئىككى قاش __ يۇرۇڭقاش،قاراقاش دەريالىرىنى كۆرسېتىدۇ.

گۇما تەۋسىپى

گۇما ھەرگىز گۇمانلىق ئەمەس،

ساب ھاۋالىق، بورانلىق ئەمەس.

ئادەملىرى ساددا-مۇلايىم،

قەلبى سۈزۈك، تۇمانلىق ئەمەس.

 

سورالسا گەر گۇما نېمەڭ؟دەپ،

ئىككىلەنمەي يۈرىكىم دەيمەن.

ۋەتەن ئىشقى ماڭا تۇتىيا،

جېنىم كەبى بەك ئەزىزلەيمەن.

 

ۋەتەنسىزگە شاھ سايلانغىچە،

ۋەتەنلىككە بولىمەن مالاي.

ۋەتەنسىزلىك يۈرەكسىزلىكتۇر،

تىترەپ يۈرەر مىنۇتتا تالاي.

 

گۇمان قالسۇن گۇمىدا قانداق①،

دانالىرىم شاھانە تۇرسا.

قانچە سىرلىق تۈگۈچمۇ ھەتتا،

چۇۋۇلىدۇ بىر نەزەر ئۇرسا.

 

گۇمىلىق بول گۇمىدا تۇرما②،

دېسەڭ زېنھار قوبۇل ئەتمەيمەن.

گۇما ماڭا بەختلىك ۋەتەن،

ئۇندىن كېچىپ يىراق كەتمەيمەن.

 

يۈرىكى يوق سەيياھ بولغۇچە،

يۈرەك بىلەن ۋەتەندە قالاي.

مۆھتاج بولساڭ يۈرەككە كەلگىن،

مەن ۋەتەننى قەلبىڭگە سالاي…

2008-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

كۆكتېرەك

كۆكتېرك-دېمەكلىك يېشىللىق ئەسلى،

ياز تۈگۈل،ھوزۇرلۇق ھەتتا قىش پەسلى.

تۇغۇلدۇم بۇ يەردە،ئۇ ماڭا بولدى،

ئانامدەك مېھرىبان ئىللىق بىر يەسلى.

 

پەرۋازغا ئىنتىلسەم ئۇچۇردى كۆكتە،

دېمەستىن بىر قېتىم:<<بۇ ماڭا يۈكتە!>>.

يىقىلسام يۆلىدى ئىرىنمەي، بىراق-

چەيلىدى گەر ماڭا قوپسا كىم ئۆكتە.

 

شوخلۇقۇم دەۋرىسە ئاڭا ئەركىلەپ،

كۈلكەمگە كۈي قوشتى مېنى پەپىلەپ.

جان تەندە چېچەكلەپ تۇرسىلا ئەبەد،

پەرىزدۇر مەن ئۇنى تۇرۇش پەتىلەپ.

 

يېتىلدىم ياپ-يېشىل باغلاردا تاقلاپ،

ئانا يۇرت مېھرىنى قەلبىمدە ساقلاپ.

مۇبادا شەنىگە يازسام يۈز داستان،

بولمايدۇ ئەجرىنى يەنىلا ئاقلاپ.

 

كۆكتېرەك-كۆكلەمگە تولغان ماكانىم،

دۇنيانى مېۋىگە تولدۇرغان كانىم.

ئۈزۈمى،ياڭىقى ھەمدە ئۈرۈكى،

بىمارنىڭ داۋاسى،مېنىڭ ئارمانىم.

 

كۆكتېرەك-دېگەندە كۆكتە پەرۋازىم،

قۇشلارغا ئۆگىتەر ئۇسسۇل-سەرۋازىم.

قۇتلۇق بىر ماكاننىڭ ئوغلانى بولغاچ،

پەخىرلىك تۇيغۇدا ياڭرايدۇ سازىم.

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

كۆكئوتاغ

كۆكئوتاغ مەھەللەم كىمخاپ يېپىنغان،

بولغانمەن بۇ يەردە ھاياتقا زوقمەن.

كېچە ئاي،كۈندۈزى قۇياش تىۋىنغان،

ماكاندا تۇغۇلغاچ خۇشالمەن- شوقمەن.

 

بۇ يەردىن سۇ ئىچكەن قۇشقاچلار ھەتتا،

كەتسىمۇ مەككىگە قايتىپ كېلىدۇ.

ئادىمى شۇنچىلىك زىرەككى- پەتتاھ،

مېھنەتنى سۆيىدۇ، شەرەپ بىلىدۇ.

 

بىر ئىشقا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەيدۇ،

بەردىمۇ لەبزىدىن زېنھار يانمايدۇ.

ۋىجدانسىز ئادەمگە قۇچاق كەرمەيدۇ،

چىن دوستقا ئاشىنا مۇتلەق قانمايدۇ.

 

ئاغرىققا ئاتايدۇ ساغلام تېنىنى،

نە ئىشىم خەق بىلەن دېگۈسى كەلمەس.

يوقسۇلدىن ئايىماس تاپقان نېنىنى،

بىخىلدەك پىنھاندا يىگۈسى كەلمەس.

 

ئەجدادى قالدۇرغان ئېسىل ئۇدۇمنى،

قەدىرلەپ كۆتىرەر بېشىغا ئېلىپ.

پەخىرلىك ئىلكىدە تېپىپ خۇدۇمنى،

ئورناتتىم قەلبىمگە گىر،مىزان قىلىپ.

 

سورىساڭ مەھەللەم نامىنى ئەگەر،

كۆكتېرەك باغرىدا كۆكئوتاغ دەيمەن.

قىشۇ- ياز ھىد چاچار پۇرىقى ئەنبەر،

شېئىرغا خۇرۇچنى شۇ يەردىن يەيمەن.

2006-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى،گۇما- كۆكئوتاغ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)