نەۋايى غەزەللىرىگە تەخمىسلەر
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/30 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 395 قېتىم

نەۋايى غەزەللىرىگە تەخمىسلەر

ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

(1)

بىر نىگاھىدىن سەنەمنىڭ كىردى مىڭ ئارمان ماڭا.
قىسسە سۆزلەيدۇ ئىشىقتىن يەر ماڭا، ئاسمان ماڭا.
جان بىرۇر جادۇ كۆزىدىن ياغدۇرۇپ پەيكان ماڭا.
لەبلەرىنى تىشلەدى پىنھان باقىب جانان ماڭا.
قەسدى جان قىلدى يەنە ئول بېۋەفا پىنھان ماڭا.

كىردى، چىققايمۇ جېنىمدىن ئەمدى ئۆلگەنگە قەدەر،
چىققۇسى، ئۇ چىقمايىن تېرەمگە جان پاتماي ئەگەر.
نازى بىخۇدنى نەپەستىن ئايرىدى قىلماي ھەزەر.
ۋەھ نە خۇشتۇر بولسا غافىل مەن ئاڭا قىلسام نەزەر،
چۈنكى تىك باققۇنچە يوقتۇر باشىغە ئىمكان ماڭا.

بەلكى، پۈتمىشتىن ئىشق ئىنسانغا بولدى موپتۇلا،
نائىلى قىلدى بۈيۈكلۈك بابىنىڭ ئادەم، ھەۋۋا…
ئۇشبۇ تەقلىتتە كۆڭۈلنىڭ قەسرىگە چۈشتى لاۋا،
ۋەھ نېتەيكىم قەسدى جانىم قىلدى ئول شۇخى بەلا،
ئاھ كىم بولدى يەنا شۇخى بەلايى جان ماڭا.

ئىزدىبان ۋەسلىن شامالدەك سەرسان يۈرەرمەن ئالدىدا،
سۇ بولۇپ ئاقارمە يا پىنھان كۆيەرمەن ئالدىدا،
ھىجرىدە مىڭ جان بولارمەن يا ئۆلۈرمەن ئالدىدا،
تەلبەلەردەك گاھ يىغلاپ، گاھ كۈلۈرمەن ئالدىدا،
بىر قىيا باققايمۇ دەپ ئول غۇنچەئى خەندان ماڭا.

قەستى ئالەمگە مېنى مەنزۇر قىلماقنى تىلەر.
ئاشىقى ئەيلەپ جاھان مەشھۇر قىلماقنى تىلەر.
ئوت بىرىپ روھىمغا ھەم مەغرۇر قىلماقنى تىلەر.
چۈن ئانىڭ كۆڭلى مەنى مەخجۇر قىلماقنى تىلەر،
ئەي نەۋايى مۇنىسى جاندۇر غەمى ھىجران ماڭا.

★★★★★
ئەسلى غەزەل مىرسۇلتان ئوسمانۇف نەشىرگە تەييارلىغان «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يېڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى»دىن ئېلىندى.

(2)

ئەتتى ئول مەستۇرىنىڭ مۇڭ-جىلۋىسى مەپتۇن مېنى،
ئەتمىدى غەمدىن خالاس ھىچ پىر ئوقۇپ ئەپسۇن مېنى،
زۇلفى جان دارى دېسەم، ئۇ دەر ئىمىش مەلئۇن مېنى،
ۋەھ، نىچە دەۋران جەفاسى ئەيلەگەي مەھزۇن مېنى،
ساقىيا بىر دەۋر ئاياغى بىرلە قىل مەجنۇن مېنى.

زەردىگۇش زەرداپقا قالدىم سەن يارنى سۆيگەچ ئاھىكىم،
شەھرى غەم شاھى سانالدىم شەۋقىڭدە كۆيگەچ ئاھىكىم،
نە نىشان جانغا ئەجەلدىن جەۋرىڭگە كۆنگەچ ئاھىكىم،
بىخۇد ئۇلمىشمەن مەيى لەئىڭنى كورگەچ، ئاھىكىم،
قىلدى مەسىت ئاغزىمە يەتمەي ئول لەبى مەيگون مېنى.

زاتى چىن، ئەھلى كەرەملەر ئەيلىگەي باغرىڭنى خۇن،
ئەرگە چىن ئاشىق ئاتالماق ئەزلىدىن قالغان يۇسۇن،
قۇش بولۇپ قەھرىمدە پەرۋاز ئەيلىبان قەلبىمگە قون،
لەھزە-لەھزە ئۇيلە كىم جەۋرىڭنى ھۆسىن ئەيلەر فۇزۇن،
شەۋق ئارا ھەم ئىشقىڭ ئەيلەر دەمبەدەم ئەفزۇن مېنى.

ئىچمەيىن بولدۇم كەيىپ بىر قەترە ئىشقىڭ سۇيىدىن،
قان يۇتۇپ قالمىش چېمەن ھىدلاپ چىرايىڭ بۇيىدىن،
ئاھ پەلەك تاپتىڭ نېمە ئىزدەپ ئىۋەن يار خۇيىدىن،
ئىلتە ئالۇر بىر قۇيۇن جىسمىم خەسىن ئۇل كويىدىن،
رەنجە بولما قىلغالى ئاۋارە ئەي گەردۇن مېنى.

بىر نەزەرىڭ بائىسىدىن قۇترىغاي ئاشىق ئىلى،
سەبرى تاشقاي بۇرجىدىن پەرۋازى ئاسمان ئەتكىلى،
جانىدىن كەچكەي جامالىڭ سايىسىگە يەتكەلى،
مۇژدەئى ۋەسلى ھەيات ئۇلغاي دىدىم تا مىڭ ۋەلى،
خەتتى بىھۇش ئەيلابان، قەتل ئەيلەدى مەزمۇن مېنى.

دىل نىھان چەكتى ئەلەم، بەختىم موئەللەقتە نىسار،
قاندى تۇنلەر ئۇيقىسىغا قالدى ئاھ ئاشىق بىدار،
مەيلىكىم جانىم تەسەددۇق ئەيلىسەم، بەرسەڭ دىدار،
مەندە موغ دەيرى ھەۋاسى غالىبۇ سىزدە خۇمار،
مەيغە ئەي ئۇششاقى مۇفلىس ئەيلەڭىز مەرھۇن مېنى.

كەل ئىشق ئەييامىدا بەر ھەملە باغرىم دېغى كىن،
ئۆزگىسى سەيلانە ئەتمەس سەن مىسلى سۆيگۈ بىغى كىن،
مەنزۇرى قىلدى ۋىسالغا بەخشەندە بەرى چىغى كىن،
ئەي، نەۋايى ۋەسل ئارا ئوق كاشى سۇرسە تېغى كىن.
فۇرقەتىدە ئاقىۋەت ئولتۇرگىسىدۇر چۇن مېنى.

★★★★★
ئەسلى غەزەل تىيىپچان ئىليۇپ نەشىرگە تەييارلىغان ئەلىشىر ناۋايىنىڭ«غەزەللەر»توپلىمىدىن ئىلىنغان.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)