پىچىرلاپ يىغلايدۇ تاڭلار سۈبھىدە
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/10/26 | ئىنكاس: 3 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,800 قېتىم

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

پىچىرلاپ يىغلايدۇ تاڭلار سۈبھىدە

(شائىر ئوسمانجان ساۋۇتقا مەرسىيە)

چېچىلدى گۈل توزۇپ،گۈلزار باغرى قان،

بۇلبۇللار ناۋاسىز،غۇرۇرى پايخان.

 

پىچىرلاپ يىغلايدۇ تاڭلار سۈبھىدە،

تەخىرسىز سۆكۈلۈپ ھەسرەتتە مىڭ جان.

 

مىسراغا يەم بولدى ئوسمانجان ساۋۇت،

شېئىرنىڭ كۆڭلىگە تاشلاپ سۇئال-ئان.

 

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە پىغان،

تەسەللى بېرىشكە بارمۇ مېھرىبان؟!

 

ئۇ سۆيگەن ۋەتەنگە كۆمۈلدى تېنى،

توزانلار باش قويدى ئاڭا يانمۇ-يان.

 

مۇسىبەت نۇتقىنى سۆزلەيدۇ گۈللەر،

تەبىرنى نەۋايى ئەيلىگەي بايان.

 

تاڭ بىلەن سۆزلىشىش سائېتى كەلدى،

ئەي خۇشخۇي،قەلبىڭ ئاچ،جابدۇن-تەييارلان!

2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى(شەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئوسمانجان ساۋۇت قازا قىلىدىما ؟ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولسۇن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چ ب 08:02
    • ھەسرەتلىك سەپەر

      __ ئوسمانجان ساۋۇت خاتىرىسىگە

      قاسىم سىدىق

      بىر ئۇمۇر گۆللەرنى كۈيلەپ ياشىدىڭ،
      كەتتىڭ گۆللەر سولغان بۇ ئايدا.
      بىلمىدىم ياشاي دىدىڭمۇ ئاخىر،
      گۆللىرى سولاشماس بىرجايدا….

      بەلكىم ،سېغىنغانسەن بوتا كۇزۇڭنى،
      بەلكىم چىللىغاندۇ سېنى ئەشۇ گۆل.
      يۇقاتتىمغۇ سەپىرىڭدىن ئۇزۇمنى،
      سېنى ئەگىشىپ كەتتى بۇ كۇڭۆل.

      2013.10.22

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چ ك 15:47
    • مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!(ئامىن)

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چ ب 05:21

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)