ئەخلاق قەسىدىسى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/02 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 584 قېتىم

ئەخلاق  قەسىدىسى

(مۇخەممەس)

 

ئوسمان  ھوشۇر (بارى)

 

پەزلۇ ئەجدادتىن مىراسىم بايلىقىم شەرمىي ئەدەپ ،

مەن يىتىلدىم سەندە يايراپ يايلىقىم شەرمىي ئەدەپ ،

خۇشپۇراق گۈلگۈن چېچەك گۈلزارلىقىم شەرمىي ئەدەپ

سەن شەجەرەم ئۆرنىكىم سەن تارىخىم شەرمىي ئەدەپ ،

نە كېرەك نام زەرۇ ـ تىللا بارلىقىم شەرمىي ئەدەپ .

 

بولدى ئادەملىككە ئەخلاق بەلگۇ نىشان ئەندىزى،

بولدى مىللەت ئەل باراقسان شەرمىي ئەخلاق  يىلتىزى،

ياشنىدى ئەخلاقتا ئادەم ئەل،ۋەتەن ئوغۇل ـ قىزى ،

خۇددى يۇلتۇزدەك چاراقلار ئاتىلارنىڭ ھەر سۆزى،

بوۋىلاردىن ئىپتىخارلىق يارلىقىم شەرمىي ئەدەپ.

 

شەرمىي ئار بىرلە ئۆمۈرنىڭ باغلىرى زىننەت تاپار،

كىم ئەدەپنىڭ تۇتسا پىشىن بويلىرىغا گۈل ياپار،

ئار ـ ئەدەپنىڭ دۇلدۇلىغا مىنسە مەنزىلگاھ چاپار ،

شەرمىي ئاردىن ئەلگە غەلبە دىلبىرى قۇچاق  ئاچار ،

نە  كېرەك شاھانە تاج سۇلتانلىقىم شەرمىي  ئەدەپ .

 

بولمىسا شەرمىي ھايا گەر نە كېرەك ماھى تابان ؟

خۇشپۇراقسىز گۈلگە ئوخشاش قىلسىمۇ جىلۋە جانان ،

بولمىسا شەرمىي غورورى چاقنىيالماس شاھ جاھان ،

قىل ھەزەر تەركىي ئەدەپلىك بەك يامان ئۇ بەك  يامان !

بارچە رەنالار گۈلى چىرايلىقىم شەرمىي ئەدەپ.

 

تەركىي ھۆرمەت تەركىي ئەخلاق بىھايادۇر،بىھايا !

« قىل ھەزەر»دەپ ئېيىتتى ئەجداد،ئېيتتى دانالار  بايا،

تەركى ئەخلاق كىر ـ مەرەزدۇر تاپمىغاي ئەسلا داۋا

تەركى ئەخلاقنىڭ بېغىدا ئۇرمىغاي بۇلبۇل ناۋا،

كۆز نۇرۇمسەن كىرپىكىم ھەم قاشلىقىم شەرمىي ئەدەپ

 

مەن ئېلىپ ئۆرنەك بوۋامدىن ئىز بېسىپ چىقتىم مانا،

بۇ ئۆمۈر ئاچقاي چېچەك زەپ گەر رىزا بولسا ئانا،

ئەرزىگەي ئۇستاز ئىزىنى ئۆپسە شاگىرت گەر يانا،

ئار ـ ئەدەپ كۆكلەم باھارى تەنگە بولغاي ساپ داۋا،

رەڭ تاپار جۇلا ئۇرۇپ زەپ ياشلىقىم شەرمىي ئەدەپ.

 

ئۇشبۇ ئەخلاق بىرلە ئادەملىكنى تاپتىم باشقىدىن ،

مەن قىسىپ شەرمىي گۈلىن مەنزىلگە چاپتىم  باشقىدىن،

ئەشۇ ئەجداد ئىزلىرىغا چاچقۇ چاچتىم باشقىدىن،

شەرمىي ـ ئاردىن گۈل ـ چېچەكلەر ئەلگە ياپتىم  باشقىدىن،

دىل رەبايىم،چىن ۋاپارىم تاتلىقىم  شەرمىي ئەدەپ.

 

چاچمىسا ئەخلاق گۈلى ھىد باغ دېمە،چىمەن دېمە ،

بولمىغاندەك قان تومۇردا روھ نىمە ئۇ تەن نىمە؟

بولمىسا گەر ماچتىسى رۇس سۇغا چۆككەي زور كېمە ،

قېشى يوق دەريا سۈيى ئاقماس راۋان،قىلما تەمە،

بولمىساڭ سەن جىلۋىلەنمەس شادلىقىم شەرمىي  ئەدەپ.

 

شۇ خىتابىم  قىز ئوغۇللار ئار ئەدەپتىن چەتنىمە !

شەرمىي ئار قىممەت گۈھەر بىل بۇ سەدەپتىن  چەتنىمە!

بىل ئۇلۇغ ئۇستاز ئاتاڭنى ئۇشبۇ گەپتىن چەتنىمە !

ماڭ ئەدەپ كارۋانى بول سەن ئۇشبۇ سەپتىن  چەتنىمە !

سەن يېشىل بوستان ھاۋايىم،تاللىقىم شەرمىي  ئەدەپ.

 

كۈلسە ئەخلاقتىن كۈلەر دىل گۈلگۈلۈستان  يۇرتىمىز ،

شەرمىي ئاردىن خۇشپۇراقلىق بۆك ـ باراقسان يۇرتىمىز،

شەرمىي ئاردا تەڭ چېچەكلەپ كۈلدى ھەر ئان  يۇرتىمىز،

ياشنىدى ئەخلاق ـ ھايادا،ئارزۇ ـ ئارمان يۇرتىمىز،

سەن چىرايلىق گۈلئۇزارىم ئامرىقىم شەرمىي ئەدەپ.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)