قاراقاش قاشنى ئاتادۇر
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/03/02 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 284 قېتىم

20090311131229847

نەۋرۇزنامە 

(قاراقاشلىق قەلەمكەشلەرگە نەۋرۇزلۇق مۇشائىرە)

ئابدۇلئەھەد قادىرى(نىمجان) 

«قاراقاش قاشنى ئاتادۇر كەتكىلى قويماي مېنى»(1)،
چۈنكى تامغان بۇندا مەن يۇرت ئوغلىنىڭ كىندىك قېنى،
مەن كۆرۈپ بولدۇم خۇشال نەۋرۇزدا يۇرتۇم چىھرىنى،
نەزمە قاتتىم زىكرى ئەيلەپ دوست-بۇرادەر مىھرىنى،
قاينىسۇن ئەييامى نەۋرۇز پەيتى دوستلۇق تەلقىنى…!

مۇھەممەت ئىمىن قۇربان گە: 

مۇھتەرەم ئۇستاز قاچانكى قولغا قەلەم ئالدىڭىز،
مەن كەبى كۈرمىڭ ھەۋەسكار قەلبىگە ئوت سالدىڭىز،
ئەل-ۋەتەن يۇرت ئىشقىنى يۈرەككە مەھكەم تاڭدىڭىز،
ھەر قەدەمدە قالدۇرۇپ ئىز بىزنى باشلاپ ماڭدىڭىز،
نېمە دەرت يەتتى، نىچۈك ئەمدى جىمىپلا قالدىڭىز؟

مۇھەممەت ئىمىن نۇرى غا: 

ئۇزاقتىن بۇ ئانا يۇرتنىڭ ئىجاد بوستانىدا سىز بار،
گاھى ئالقىش، گاھى تۆھمەت «پالان-پۇستان» ىدا سىز بار،
ئايانكى تەلۋە مەشرەپنىڭ گۈلەخ-گۈلخانىدا سىز بار،
پەقىرنىڭ ئەسلىمە، كەچمىش غەزەل-داستانىدا سىز بار،
ئىجاتتىن ئۆزگە سىز، بىزگە دەڭا بۇ پانىيدا نىم بار؟

ئايمۇھەممەت ساھىبى گە:

بىلىمەن يوقتۇر قەلەمدىن ئۆزگە سىرداش-يارىڭىز،
ۋەسلىگە يەتكۈزدى ئاخىر سىزنى شۇ دىلدارىڭىز،
نېمە ئارمان، قۇچسا شۆھرەت مەنىلىك ئىش-كارىڭىز،
بولغۇسى ئەلگە تەۋەررۈك يازمىڭىز، ئەشئارىڭىز،
تېخىمۇ جەۋلانغا كەلسۇن شۇ قەلەم تۇلپارىڭىز!…

جاپپار رېھىمى گە:

ياش ئىدۇق، بىر چاغدا ئۆتكەن دوست بولۇپ مەكتەپتە بىز،
قولغا تەڭ ئالغان قەلەمنى بىر نىيەت-مەقسەتتە بىز،
ئەمدى كىردى چاچقا ئاق، ئوتلۇق ئىجاد مېھنەتتە بىز،
تۇرمىساق ھېساب ئەمەس ئاخىرغىچە بۇ سەپتە بىز،
قېنى ئال، دوستۇم قەلەمنى قالمايلى پىنھان چەتتە بىز.

ئەنۋەر ھىدايەت كە:

يۈرسىڭىزمۇ گاھى ئامبار، گاھى ئۆستەڭ بۇيىدا،
يۈردىڭىز ئوتتەك يېنىپ بىر يار-جاناننىڭ كويىدا،
يار-جانانكى، بولدىڭىز پەرۋانە شېئىر ئىشقىدا،
يازمىڭىزدىن ئاڭلىتىپ ئالەمگە ئوتلۇق كۈي-سادا،
قالدۇرۇڭ شائىر ئىنىم ئىز، شېئىرىيەت بوستانىدا!

ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارغا :

كەسپىڭىز باغۋەن، بىراق ئىجاتتا ئونۋان ئالدىڭىز،
ھەرنەپەس ئىلھام قىزىنى يۈرەككە مەزمۇت تاڭدىڭىز،
نەزمىدىن ئاتلاپ نەسىرگە نەرە تارتىپ ماڭدىڭىز،
ۋەزنى تاغدەك ئوي-پىكىردىن دىلغا بىر ئوت سالدىڭىز،
ئەمدى سىزدىن ھېچ سادا يوق، نەدە ئۇخلاپ قالدىڭىز؟

غۇجى ئابدۇللا ناسىر گە:

سىز قەلەمنى خېلى بالدۇر سالغانتىڭىز بەيگىگە،
يىتىمىز تەڭ دىيىشكەنغۇ، بىز ئاداققى پەللىگە،
ئەمدى مەنسەپ ھارۋىسىدا كەتتىڭىزمۇ سەيلىگە؟
ئىجات ئۆلمەس، ئەمما ئۆمۈر كۆنمەس ئىنسان مەيلىگە،
شۇڭا دوستۇم بىدار بولۇڭ، كىرمەي كۆڭۈل كەينىگە.

مەتتۇرسۇن سىدىق گە:

خۇددى دېھقاندەك يۇۋاش، كەمتەر پىداكار پەيلىڭىز،
ئىجتىھات بىرلە ياشاشقا تارتتى بەكرەك مەيلىڭىز،
قازغىلى ئەجدات ئىزىنى كۆيدۈرۈپ جان، كەلدىڭىز،
بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چېچىپ ھوسۇلنى ئوبدان ئالدىڭىز،
ئەمدى ھېرىپ قالدىڭىزمۇ ياكى چارچاپ قالدىڭىز…؟

ئەخمەتجان ئابدۇللا گە:

ئېشىپ كېتەر ئىكەن مۈڭگۈز بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن،
ئەل يۇرت بىزار قولغا قەلەم ئالالمىغان چولاقتىن،
قۇتقۇزدىڭىز چىن تۆمۈرنى ئۇزۇن يىللىق سولاقتىن،
ھوزۇر ئالدۇق شەربەت ئىچىپ سىز كولىغان بۇلاقتىن،
يېزىڭ ئىنىم، يازمىڭىزغا قوشۇپ ئۈندەش، سوراقتىن!

 ئادىل ئابدۇللا بەگيار غا: 

غايىۋانە ئەسرالىشىپ كەلدىم دوستۇم سىز بىلەن،
ياراتتىڭىز ئەجىر، تۆھپە ئەجدات ئاچقان ئىز بىلەن،
يېزىپ‹‹ باتۇر تەڭرىقۇت››(2)نى شۇنچە ئىسىل، ئۇز، بەلەن ،
مۇرادىڭىز بولدى ھاسىل ئىجات ئاتلىق قىز بىلەن،
ئەمدى قاچان دىدارلىشار يېڭى ئەسەر بىز بىلەن ؟!

مۇھەممەد تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار غا: 

كىم ئىشەنمەس سىزنى ئېزگۈ ئوي ـ خىيالغا باي دېسە ،
قولدا قەلەم، دىلدا ئەلەم،ياندا دىلدار ئاي دېسە،
يازمىڭىزنى چاڭقىغان دىللارغا شەربەت چاي دېسە،
جان ـ تېنىمگە ئوت تۇتاشقاي‹‹ چۈش باشلانغان جاي››(3) دېسە
تاشلىماڭ قەلەمنى دوستۇم ئەمدى بىركىم ‹ ھاي…!› دېسە.

ئابدۇلھىمىد ياسىن غا: 

مەرىپەت گۈلشەنىدە سايراپ ناۋالار قىلدىڭىز ،
ھەممىدىن ئەۋلات ئۈچۈن كۆيمەكنى ئەلا بىلدىڭىز ،
ھەم مۇھەببەت ئەھلى بىرلە بىر تىنىقتا تىندىڭىز(4) ،
يىغلىسا ئەل ياش تۆكۇپ،كۈلسە قاقاخلاپ كۈلدىڭىز ،
ئەمدى جىمغۇ ئېيتىڭا،نەلەردە پىنھان يۈردىڭىز…؟!

ياسىن ئابدۇقادىر غا:

سىزگە ھۆرمەت، ئېھتىرام!ئەي بالىلارنىڭ دىلكىشى،
نەۋرىلەرنىڭ غەمگۇزارى، ياش بۇغۇنلار سىردىشى ،
‹‹ رەسسام چاشقان››(5) ئېيتسا چۆچەك بەلكى يوقتۇر تەڭدېشى،
نېمە ئارمان،يازسا سىزدەك قەلەم تۇتقان ھەركىشى،
قالمىسكەن ئەمدى توختاپ شوخ قەلەمنىڭ تەۋرىشى!

تۇردى ئەھمەد گە: 

بىز تونۇشقان مەرىپەتنىڭ ئوچىغى ـ ئۈرۈمچىدە ،
سۆڭرى كەلدۇق مۇڭدۇشۇپ ئىلھام بىلەن تۈن كېچىدە،
ئۇندا خىزمەت، بۇندا تۇرمۇش،كۆيدۇق قىسمەت پېچىدە،
يازمىڭىز ئالقىشقا نائىل بولدى ئەل ـ يۇرت ئىچىدە،
ئەمدى ھاردۇق يەتتىمۇ ، يانپاشلىغانچە زىلچىدە …؟

توختى مۇھەممەد نۇرى مۇھەممەد كە:

‹‹ ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز››(6)،
دوست ئىدۇق، ئىلھام قىزىنىڭ قولىنى تۇتقاندا بىز ،
بارىكاللا دەپ چۇقان سالغان ئىدىم ، ئۇتقاندا سىز ،
ئېيتىڭا، تۈنەكتە ئۇخلامدۇ قەلەم تۇلپارىڭىز ،
ئەجىبا، بۇ بەيگىدە بەك كەم دىدارغۇ ئەمدى سىز …؟!

  ئايگۈل رۇزى غا: 

ئېتىڭىز گۈل،نەزمە ـ كۈي گۈلشەنىنىڭ بىر گۈلىسىز،
چاپتۇرۇپ تۇلپار قەلەمنى بەيگىدە تەڭ كېلىسىز ،
گاھى قىسقا، گاھ ئۇزۇن قۇرلارغا مارجان تىزىسىز،
كۈلدۈرۈپ گاھ، يىغلىتىپ گاھ ،بۇ كۆڭۈلنى ئۇتىسىز،
ئەجرىڭىزدىن ئەمدى ئەلگە نېمە سوغات تۇتىسىز…؟!
***
نەۋرۇز قىزى: بۈگۈن ئۇلۇغ خاسىيەتلىك كۈن،-دېدى،
نەزمە يېزىپ دوستلۇرۇڭغا تۇتقىن دەستە گۈل،-دېدى،
كۈلسۇن ئۇلار، سەنمۇ بىللە ئىچ-ئىچىڭدىن كۈل،-دېدى،
كۆڭلۈم مېنى مۇشائىرە بەزمىسىگە ئۈندىدى،
بۇندىن ئارتۇق ۋىچىرلاشقا مىنىڭ جېنىم ئونمىدى…!

2012-يىل مارت

ئىزاھات:

(1) بۇ بىر مىسرا ت. ئالماسنىڭ                         
(2) (3)ئاپتۇرنىڭ شۇناملىق رومانى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ 
(4)ئاپتۇرنىڭ ‹‹ مۇھەببەتنىڭ تىنىقى›› ناملىق ئەسىرى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ 
(5)ئاپتۇرنىڭ شۇناملىق بالىلار رومانى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ 
(6)بۇ بىر مىسرا ئابدۇرېھىم ئۆتكۇرنىڭ

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)