كۈچ ئەگمىگەننى،سۆز ئېگەر
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/03/01 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 185 قېتىم

ئۆزبېك خەلق ماقال-تەمسىللىرى

ئېيتار سۆزنى ئېيت،

ئېيىتماس سۆزدىن قايىت.

ئېيتىلغان سۆز-ئېتىلغان ئوق.

ئاچچىق سۇئال بېرىپ،شىرىن جاۋاب كۈتمە.

ئاچچىق تىل-زەھىرى ئىلان،چۈچۈك تىلغا-جان قۇربان.

بىمارغا شىرىن سۆز كېرەك،ئەقىلسىزغا كۆز.

بىر شىرىن سۆز ئەم بولۇر،مىڭ كۆڭۈللۈك يارىغا.

بىر ياخشى سۆز ئەستىن چىقماس،بىر يامان سۆز.

بىراۋنىڭ ئۆزى غار،بىراۋنىڭ سۆزى.

سۆز ئىگىسىنى تاپار.

سۆزى سۆزگە ئوخشىماس،ئاغزى سۆزدىن توختىماس.

گېپى سېسىقنىڭ ئۆزى سېسىق.

گېپى توڭنىڭ ئۆزى توڭ.

گەپنى گەپدان ئاچار،يامان گەپتىن ياخشى قاچار.

گەپنىڭ ئازى ياخشى،قىزنىڭ نازى.

دۇئا بىلەن ئەل كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر.

دۇئا ئالغان ئاماندۇر،قارغىش ئالغان ياماندۇر.

ياخشى گەپ جان ئوزۇقى،يامان گەپ باش قوزۇقى.

يامان گەپ تاياقتىن يامان.

يامان گەپنىڭ ئايىغى ئالتە.

يامان سۆزلەپ سوۋۇتما،جان ئاغرىقنى ئاۋۇتما.

ياماننىڭ تىلى بار،ياخشىنىڭ دىلى بار.

سىلىق سۆز شېكەر،سوغۇق سۆز زەھەر.

ئىسسىق كىيىم تەننى ئىللىتار،سىلىق سۆز جاننى.

يول قويغان خەزىنىگە يولۇقار،

سۆز قويغان بالاغا(يولۇقار).

كىشىنىڭ ئۆزى يەتمىگەن يەرگە،سۆزى يېتەر.

كۈچ ئەگمىگەننى،سۆز ئېگەر.

كۆزدىن كۆزۈڭ تويسا،سۆزدىن كۆڭلۈڭ تويار.

كۆڭۈلسىز سۆزنىڭ كېچىككىنى ياخشى.

كۆپ گەپ-ئېشەككە يۈك.

تاتلىق سۆزدىن قۇلاق چارچىماس.

مىڭ چىچەننى بىر ئەزمە يېڭەر.

ئادەم سۆزى بىلەن سىنىلار،ئاش تۇزى بىلەن.

ئادەم سۆزلىشىپ تونۇشار،ھايۋان ھىدلىشىپ.

ئالىم سۆزى ئاز،ئاز بولغاچ ھەم ساز.

ئارقىدىكى گەپ،ئېغىلدىكى تىزەك.

ئوچۇق تىل ئاش يىدۈرەر،

ئاچچىق تىل تاش(يىدۈرەر)

ئاق دېگىنى ئالقىش،قارا دېگىنى قارغىش.

پىچىر-پىچىردىن ئوت چىقار.

پۇلۇڭ بولمىسا بولمىسۇن،شىرىن سۆزۈڭ بولسۇن.

سۆيدۈرگەنمۇ تىل،بەزدۈرگەنمۇ تىل.

سەل ئېرىقنى بۇزار،يامان سۆز دىلنى.

سۆز نەيزىدىن ئۆتكۈر.

سۆز ئاجىزى بولغۇچە،كۆز ئاجىزى بول.

سۆزدىن سۆزنىڭ پەرقى بار،ئوتتۇز ئىككى نەرقى بار.

سۆزنىڭ ئانىسى قۇلاق،سۇنىڭ ئانىسى بۇلاق.

تائام لەززىتى ئۆزىدە،ئادەم لەززىتى سۆزىدە.

تىل ئەقىل بېزىكى.

تىلى شىرىننىڭ دوستى كۆپ.

تىلىڭدا بولسا بالىڭ،كۈلۈپ تۇرار ئىقبالىڭ.

ئۇزۇن تىل باشقا توقماق،بويۇنغا سىرتماق.

پىل كۆتەرمىگەننى،تىل كۆتىرەر.

چىن سۆز مۇتۆبەر،ياخشى سۆز مۇختىسەر.

ئەر بايلىقى يولدا،سۆز بايلىقى تىلدا.

ئەر سۆزى-ئەل سۆزى.

ياخشى سۆز بىلەن ئىلان ئىنىدىن چىقار،

يامان سۆز بىلەن پىچاق قېنىدىن چىقار.

ياخشى گەپكە قۇلاق سال،يامان گەپكە ئۇلاق سال.

ياخشى نەقىل،تومۇرى ئەقىل.

ياخشىنىڭ ئاغزىدا ئاش،ياماننىڭ ئاغزىدا تاش.

ياخشى سۆز يۈرەك يېغى،يامان سۆز يۈرەك دېغى.

ياخشى سۆزگە ئۇچار قۇشلار ئەل بولار،

يامان سۆزگە پاشا كۈچى پىل بولار.

ياخشىنىڭ سۆزى تاشنى ئىرىتەر،

ياماننىڭ سۆزى باشنى چىرىتەر.

ئۆز ئەقلىڭ ئەقىلدۇر،ئەلنىڭ ئەقلى نەقىلدۇر.

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)