سودىگەرنىڭ ئۈچ قىزى
(ئۆزبېك خەلق چۆچىكى)
بىر سودىگەرنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىكەن.چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مەلىكە،ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى زەينەپ، كەنجىسىنىڭ ئىسمى ھەنىپە ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرىدىن گۈزەل قىزلار ئىكەن.لېكىن ھەممىدىن ئەدەبلىكراقى ھەنىپە ئىكەن.بىر كۈنى سودىگەر ئۇزاق سەپەرگە ماڭىدىغان بولۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: -«قىزلىرىم،-دەپتۇ ئۇ،-مەن ئۇزاق بىر سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا تۇرىمەن. مەن ئۇ سەپەردىن تەخمىنەن 140 كېچە- كۈندۈزدە كېلىشىم مۇمكىن.شۇڭا سىلەر مەن كەلگىچە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشماي ئەپ ئۆتۈڭلار،مەن قايىتقىنىمدا ئىنشا ئاللاھ سىلەرگە سوۋغا-سالام ئالغاچ كېلىمەن.قېنى كۆڭلۈڭلاردىكىنى ئېيتىڭلار، سىلەرگە نېمە سوۋغا ئالغاچ كېلەي!»،-دەپ سوراپتۇ.
دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان قىزلاردىن مەلىكە:
-دادىجان ماڭا قىممەت باھالىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر ئالغاچ كېلىڭ،-دەپتۇ.
ئىككىنچى قىزى زەينەپ:
-دادىجان ماڭا چىرايلىق كىيىملەر ئالغاچ كېلىڭ،-دەپ تاپىلاپتۇ.بىراق كەنجى قىزى ھەنىپە بولسا،دادىسىدىن ياخشىراق كىتاپ ئالغاچ كېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن سودىگەر قىزلىرىنىڭ تاپشۇرمىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ،قىزلار بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
ئارىدىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،ئايلار ئۆتۈپتۇ،دېگەندەك 140 كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن سودىگەر ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.دادىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالغان مەلىكە يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، دادىسىدىن ھاردۇق سوراشنىڭ ئورنىغا ئۆزى تاپىلىغان سوۋغىلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلاپتۇ:
-دادىجان،ماڭا ۋەدە قىلغان سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟
دادا ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەكەلگەن سوۋغىلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆيىگە كىرىشىگە ئىككىنچى قىزى زەينەپ يۈگۈرەپ كېلىپ سوۋغىلارنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.بىراق،كەنجى قىزى ھەنىپە بولسا دادىسىنى كۆرۈشى بىلەن:«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادىجان سەپەردىن ھېرىپ-چارچىماي،خاتىرجەم كەلدىڭىزمۇ؟»،- دەپ ئەھۋال سوراپتۇ ۋە دادىسىنىڭ قولىنى يۇيۇشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ قولىغا سۇ بېرىپ،خۇددى ئەزىز مېھمان كەبى ئاستىغا كۆرپە سېلىپ،ئالدىغا داستىخان يېيىپ نازۇ-نىمەتلەرنى كەلتۈرۈپتۇ. سودىگەر بولسا ھەنىپەنىڭ كۆرسەتكەن مەرھەمىتىدىن سۆيۈنۈپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىپتۇ ۋە غىزادىن كېيىن ھەنىپەدىن سوراپتۇ:
-قىزىم،نېمە ئۈچۈن مەن ساڭا ئەھدە قىلغان سوۋغىلارنى سۈرۈشتۈرمەيسەن؟
ھەنىپە دادىسىنىڭ بۇ سۇئالىغا قارىتا جاۋاپ بېرىپ دەپتۇ:
-دادىجان سىز ھاردۇقىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ،سوۋغىلارنى بولسا كېيىن بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەنىپەنىڭ دادىسىغا قىلغان بۇنداق خۇش مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ تۇرغان ئاچىلىرى مەلىكە بىلەن زەينەپ ناھايىتىمۇ خىجىلچىلىق ئىچىدە قاپتۇ.
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25