ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھالاۋىتى

ۋاقتى117 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 349 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھالاۋىتى
-“ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئىچكىرىدە ئىشلەيدىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرچىنى راۋان بىلىدىغان گې ڧەمىلىلىك بىر خىزمەتدېشىمىز بولىدىغان. ئۇ ئۆزىنى ماڭا خەنسۇ دەپ تونۇشتۇرغاچقا شۇنداق بىلەتتىم. بىر قېتىم ئۇنۋېرىستىتىمىزدە خەن بولمىغان مىللەتلەردىن ئەمەلدارلارنى رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاش يولغا قويۇلدى. كۈتۈلمىگەندە ئارىمىزدىن ئۇ سۆزگە چىقىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرماسمۇ تاس قالدىم قاھقاھلاپ كۈلۈپ تاشلىغىلى. مەندەك ھەيران قالغۇچىلارنىڭ چىقىشىنى ئۇ بۇرۇنلا پەملىگەنمۇ قانداق مىللىتى دېگەن يەرگە ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان كىملىكىنى ئاتايىن ئىشتىراكچىلارغا كۆرسەتتى. شۇندىن كېيىن ئۇ نەپلىك يەرلەردە ئۆزىنى ئۇيغۇر، نەپسىز ئەھۋالدا خەنسۇ دەپ يۈرۈۋەردى. ئىچكىرىدە تۇرۇش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەلگە قويۇلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرىلىدىغانلىقى، ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر بولغاچقىلا ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە يول قويۇلىغانلىقىنى، ئۇغرىلارنىڭ ئۇيغۇر بولغاچقىلا باشقۇرۇقسىز قالىدىغانلىقىنى…كۆرۈپ ئازاپلىناتتىم. شۇ چاغدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلۇقنىڭ كاساپىتىگە كىملەر قېلىۋاتدۇ؟ ھالاۋېتىنى، ھوزۇرىنى كىملەر سۈرىۋاتىدۇ؟ دېگەن ماۋزۇ كاللامغا كىرىۋالغان ئېدى. ئامېرىكىغا كېلىپ كىشىنىڭ مىللىتى ياكى نەسەبى سەۋەبلىك ھىچ قانداق ئەۋزەللىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم ۋە يۇقارقى ماۋزۇنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. 2009-يىل تومۇزدىكى ۋەقە سەۋەبلىك تېلىڧون، تور تاقىلىپ ئاتا-ئانام ۋە يۈرەك باغىرلىرىمدىن 10 ئايغىچە خەۋەر ئالالماي، ئۇيغۇرلۇقنىڭ تالاپىتىگە قۇلاققىچە پاتتىم. شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھالاۋىتىنى بەخۇدەك سۈرۈۋاتقان ئىككى ساختا ئۇيغۇر بالا ھەققىدىكى ئۇچۇر يۈرۈكۈمنى ئەزدى.
دېيىلىشىچە، بىر قانچە يىللار ئىلگىىرى ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ئەر ئايال جۇڭگۇغا ساياھەتكە كېلىپ ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرىدە ئوغۇرلۇققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ. سوراشتۇرۇش نەتىجىسە بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئوغۇرلانغان يەنە بىر قىسمىنىڭ نامراتلىق، يېتىملىك، ساھىپسىزلىق سەۋەبىدىن ئالدانغان بالىلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىدىن ئىككىنى بېقىۋېلىش ئويى تۇغۇلۇپتۇ. بىر مۇنچە مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ ئۇيغۇر بالىدىن ئىككىنى بېقىۋېلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىپتۇ. ئاقسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇلارغا ئۈچ ياش ۋە بەش ياش ئەتراپىدىكى ئىككى ”ئۇيغۇر“ بالىنى تونۇشتۇرۇپ قوشۇپ قويۇپتۇ. بالىلار ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانا بۇلارنىڭ ئانا تىلىىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلماقچى بولۇپ ئېلان بېرىپتۇ. ماڭا بۇ ئىشنى دەپ بەرگۈچى تۈرك قىز ئەسىن (شامال مەنىسىدە) گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن دوستلۇشۇپ ئۇيغۇر تۈركچىسىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغانىكەن. ئۇ بۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇلاقاتىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنى باشلاپتۇ. ئەسىن شۇنچە ئۆگىتىپمۇ بۇ بالىلارنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا كەلتۈرەلمەي بالىلارنىڭ مىللىتىدىن گۇمانسىراپ قاپتۇ. بىر كۈنى دەرس ئۆتكىلى كەلسە ئىككى بالا تەڭلا ”گۈن“ (خەنسۇچە يوقال مەنىسىدە) دەپ ۋارقىراۋاتقۇدەك، خەنسۇچە بىلىدىغان ئەسىنگە بۇ سۆز بەكمۇ ئېغىر كەپتۇ-يۇ چاندۇرماي قاراپ تۇرۇپتۇ. بالىلار ئۇنى بىلمىدى دەپ تونۇپ خەنسۇچە تازا تىللىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى بالىلارنىڭ ئانىسىغا باشقا بىر تۈستە خەۋەر قىلىپ قويۇپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشتىن ئىستىپا بېرىپتۇ. ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ئاڭلىماپتۇ، ئىستىپانىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرمەپتۇ.
-نېمىگە سەۋەبنى دېمىدىڭ؟ دەپ سورۇدۇم نارازى بولغاندەك. (ئامېرىكىدا تۈرك قىز ئوغۇللار سەن دېيىشىمىز)
-ئۇ ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئىشىنىدىكەن. ئىسمىنىمۇ ئۇيغۇر1، ئۇيغۇر 2 دەپ قويۇپ بولۇپتۇ. سەنچە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەمەس دېسەم، شۇ مەسۇم ئاتا ئانىنىڭ قەلبى زىدىلەنمەسمۇ؟ ئىككى ئۇيغۇر يېتىم بالىنى بېقىۋالىمىز دەپ ئۇلار ئۈچ يىل جاپا تارتىپتۇ. ئامېرىكىدىن ئاقسۇغا نەچچە قېتىم بېرىپتۇ. ئويلاپ باقمامسەن، نەچچە يىل جاپا تارتىپ قىلغان ئىشىنىڭ قۇرۇق ئاۋارچىلىق بولغانلىقىنى بىلسە ئۇلار بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟
ئەسىن شەرقى ساھىلدىكى بىر شىتاتتىن مەن تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەرگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن. مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلكىمنى ئاڭلاپ ئاتايىن كۆرۈشكىلى كىرىپتۇ. ماڭا يۇقارقى خەۋەرگە قوشۇپ گۇاڭجۇ كوچىلىرىدىكى نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى دەپ بەردى ۋە سۆزىنى داۋام قىلالماي يىغلاپ كەتتى. “ ئابى، بىز ھىچ بولمىسا ئاشۇ ئامېرىكىلىقلاردەك پۇرسەتكىمۇ ئىگە ئەمەس، ئۇيغۇر نامراتلىرىغا، يېتىملىرىگە، نارەسىدەلەرگە ساھىپ چىقالمايمىز، يارىدەم قولۇمىزنى سۇنغۇمىز بار، يەتكۈزەلمەيمىز. قانداق قىلىمىز ئابى، قولىمىزدىن دۇئادىن باشقىسى كەلمەيۋاتىدۇ“. چارەسىزلىك يۈرەكلەرنى يەنە قاناتتى. چارەسىزلىك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قوي كۆزلىرىدەك گۈزەل، مەسۇم، ئىلتىجالىق كۆزلەر ئالدىددىكى چارەسىزلىك ئەرلىك غۇرۇرۇمنى، مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ قىممىتىنى بىر تىيىنغا چىقىرىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تالاغا چىقىپ كەتتىم. نەگە باراي، نەگىمۇ بارالايتتىم. تېنىملا ئامېرىكىدا، قەشقەر كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ؛ يېتىملار نان دەپ يىغلايدۇ، بىمارلار جان دەپ يىغلايدۇ، باغلاقتىكى نۇزۇگۇم ”ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ“ دەپ نالە قىلىدۇ. مەن يا نانسىزغا نان ياقالمايمەن، يا نىمجانغا قان بېرەلمەيمەن، قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئالدىمدىكى مۇنۇ تۈرك قىزىدەك قىزلارنىڭ دەردلىك نىداسى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۈن قېتىپ ياش تۆكۈش…
دوستۇم ئەرقاننىڭ نامازشامغا توۋلىغان مۇڭلۇق ئەزىنى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. نامازدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھالاۋىتى تېتىۋاتقان ھېلىقى ئىككى تەلەيلىك خەنسۇ بالىغا ئۇزاق دۇئا قىلدىم. ئۇ ئىككى بالىغىلا ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ ئۆچمەس ئارمانلىرىدەك كۈۋەجەپ تۇرغان نىڧىت كانلاردىن، ئۇيغۇرنىڭ كەڭرى قۇچىقىدەك دالا باغلاردىن، ئۇيغۇرنىڭ يىمىرىلمەس گەۋدىسىدەك غازىيانە تاغلاردىن رىزىقلىنىۋاتقان، ھوزۇرلىنىۋاتقان بارلىق ئىنسان ئەۋلادىغا ئاللاھتىن ئىنساپ، ئادالەت ۋە قانائەت تىلىدىم.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|