يات تىلدا شىئېر يازغىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: مۇنازىرە | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 1,002 views°
مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئوقۇرمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيەتنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمانلا قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتە. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي. 1. يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. چۈنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتىلىشىچە تىل ئىنساننىڭ سول مىڭىسىدىكى بروكا رايۇنى ۋە ۋېرنىكا رايۇنىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بروكا رايۇنى گرامماتىكىنى(قوشۇمچە، باغلىغۇچى، ئۇلانما، يۈكلىمە)، ۋېرنىكا رايونى سۆزنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يات تىلنى كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ مىڭىسىدىكى يۇقارقى ئىككى رايۇنغا شۇ تىل ياكى تىللار يېقىن ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، كىچىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر شۇ تىللارنى تەڭلا قوللۇنۇپ تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ، قوللۇنۇلۇشتا بىر تىل يەنە بىرسىگە ۋاستە بولمايدۇ، ۋە ياكى بىرسى بىرسىگە تايىنىپ قالمايدۇ دېگەن سۆز . شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىمكانىيىتى بار. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ رېتىمىنى ئېگىلىگەن بولىدۇ. بۇ رېتىمنى بىز گرامماتىكىدا ئنتوناتسىيە ياكى جۈملە ئۇرغۇسى دەيمىز. يات تىلنى مۇنداق كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مىڭىسىگە ئورۇنلاشقان تىلللاردىكى يۇقارقى ئەۋزەللىك سەۋەبىدىن يات تىلنىڭ ئىنتوناتسىيە ياكى رېتىمنى تەبىئى قوللىنالايدۇ. شىئېر رېتىم سەنئىتى بولغاچقا كىچىكىدىن يات تىل ئۆگەنگەنلەر شۇ تىل ياكى تىللاردىكى رېتىمنى ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش راۋانلىقتا ئىشلىتىپ شىئېىر يازالىشى مۇمكىن.. 2. يا تىلنى ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگىلىگەنلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سول مىڭىسىنىڭ يۇقارقى ئىككى رايۇنىدا تىللار يىراقراق جايلاشقان، تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزدا بۇ ئىككى تىل بىر بىرىگە بېقىنىدۇ. ئانا تىل يات تىلنى بېقىندۇرۇپ ئۆز قېلىپىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ سۆزلۈك، گرامماتىكا قىسىمنى ھەر قانچە ئوبدان ئۆگەنسىمۇ رېتىمىنى ئېگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭايات تىلدا شىئېر يازالىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىق مەزگىلدە چەت تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ كاللىسىدىكى ۋېرنىكا رايۇنى يات تىلنىڭ گرامماتىكىغا مەنسۇپ ئۇچۇرلىرىنىمۇ سۆزلۈك قاتارىدا ساقلىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆگەنگۈچى ئۇزاق مەشىق قىلىش ئارقىقىلا يات تىلدىكى بۇ گرامماتىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۆزلۈك رايۇنىدىن گرامماتىكا رايۇنىغا يۆتىكىيەلەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يات تىل ئۆگەنگەندە قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەسلىكىمىزنىڭ ۋە ”سۇدەك“ سۆزلىيەلمەسىكىمىزنىڭ سىرى. چۈنكى كاللىمىز ئۇنى خاتا يارگە ساقلىۋالغان ۋە گرامماتىكىنى سۆزلۈك سۈپىتىدە بىر تەرپ قىلىۋەتكەن. تىلدىكى رېتىمنى قۇراشتۇرىدىغان گرامماتىكنى راۋان قوللىنالمايۋاتقان ئۆگەنگۈچى شىئېرنى ئەلۋەتتە توقىيالمايدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ تۇقۇيالمايدۇ. مەن يۇقاردا دېگەنلىرىمگە تاگۇرنى مىسال قىلىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئۇيغۇرغا ئەڭ تونۇش قوشنا ئەل شائىرى بېنگال تىللىق شائىر تاگۇر شىئېرنى ئاۋال بېنگالىچە يېزىپ ئاندىن ئىنگىلىزچىگە نەسىر شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇزغانىكەن. بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تاگۇرنىڭ مەشھۇر نەسىرلىرى دەل شۇ بېنگالچە شىئېرنىڭ ئېنگىلىزچە نەسىرلەشتۈرىلىشىدۇر، .شۇڭا يا تىلدا تىرىشسىلا نەسىرى ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، ھەم مۇنداق يازغانلارنىڭ مىسالى كۇرمىڭ، ئەمما شىئېر يازغانلارنىڭ مىسلى ئاز. بولۇپمۇ يات تىلنى ياشلىقىدا ئېگىلەپ شۇ تىلدا شىئېر يېزىپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاز بوسا كېرەك.
شىئېر ئەمەس شېئىر دېيىلەتتى.
يۇلغۇندا تەكشۈرگەن ئىدىم ئىككىلىسى ئىملا خاتالىقسىز بولۇپ چىىقتىيا….
Yo, that’s what’s up truhtfully.
It’s great to read something that’s both enjoyable and provides prgaamtdisc solutions.
مەن ئۇنى كۆرمىدىم ھەم كۆرمەي، لېكىن شېئىر دەپ ئېلىۋاتىمىز.
يەنە بىر تەكلىپ: «ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە ھى ھى ھى!|» دىكى «ھى ھى ھى » نى ئېلىۋىتىلى.
http://yolyar.com/html/blog/index.htm
بۇنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىڭىز كەلمەپتۇدە ، ھى ھى ھى ~! ئېلىۋەتتىم .
Wow, your post makes mine look febele. More power to you!
chrome دا تور بەت نورمال كورۇنمىدى. خەتلەر بەك قالايمىقان.قاندقا خەت نۇسخىسى ئىشلەتكەن.
ئەلپىدا خەت نۇسخىسى
Last one to uitlzie this is a rotten egg!
Geez, that’s unbeilevalbe. Kudos and such.
ئىشلەتكىنىمىز ئەلپىدا خەت نۇسخىسى ئىدى، تەكشۈرۈپ باقىلى.
It’s wodnuerfl to have you on our side, haha!
Well put, sir, well put. I’ll creatilny make note of that.