ئامېرىكىچە ھايات ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلۈم

ۋاقتى967 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 11ئاي 25كۈنى | : 6,741 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكىچە ھايات ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلۈم
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى
2005-يىلى 24- دىكابىردا تۈركىيەگە چۈشكەن تۇنجى كۈنۈم گوللاندىيەمۇ ياكى دانىيەمۇ بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈۋالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم ئېيچىشىپ كەتكەن ئېدى. شۇ بىچارە مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئاتا-ئانىسىغا ئانا تىلىدا قالدۇرىدىغان ۋەسىيەتلىرى بار بولغىيدى. ئېنى سىڭىللىرىدىن كۈتىدىغان ئارمانلىرى بار بولغىيدى. ھىچ بولمىسا ئاتا بوۋىسى قان كېچىپ قوغۇدىغان، تەر تۆكۈپ گۈللەتكەن ئانا تۇپراقتا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇسىنى باشلىغۇسى، ئانا توپراققا باغرىنى يېقىپ مەڭگۈلۈك ئەللەيلەر بىلەن ئارام تاپقۇسى بار بولغىيدى. مانا ئەمدى ۋەتەنسىز غېرىپ ئۇيغۇرنىڭ جەسىدى يات تۇپراقلاردا نىشانسىز توپا دۆۋىسىگە ئايلاندى. بۇ ئىشنىڭ قەلبىمدىكى زىلزىلىسى پات-پات يېڭىلىنىپ ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك تېلىپۇن ۋە تور ئون ئايغا يېقىن تاقالدى. ۋەتەن بىلەن ئالاقە كېسىلگەن ئون ئاي ئىچىدە يۇقارقى ئۆلۈم تولا ئېسىمگە كېلىۋېلىپ كۆپ قىينىدى. ئۆزۈمنى ھېلىقى مەرھۇم ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتىنى ئويلاشتىن خالى قىلالمىدىم. شۇ كۈنلەردە مەن ھاياتىمدىكى سۆيۈملۈك ۋە كۆيۈملۈك كىشىلىرىمنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغاندەك تۇيغۇدا ئۆرتىنىپلا ياشىدىم. چۈشلىرىمدە سۆيۈملۈك كىشىلىرىم غايىپ بولاتتى ۋە كۆز ئالدىمدا جەسەت بولۇپ نامايان بولاتتى. سۆيۈملۈكلىرىم غايىپ بولۇپ چۈشىگەن كۈنلىرىمدە كەيپىياتىم يامان ئەمەس بولاتتى، ئۆلۈپ كېتىپ چۈشىگەن كۈنۈمدە كارىۋاتتىن قوپقۇممۇ كەلمەيتتى. شۇ چاغلاردىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم پەقەت ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش، ئۆزىنى بىر كۆرۈۋېلىشلا ئېدى.
شۇنداق كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى بىر شەھەردە يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلىۋالغانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇ خەۋەر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئويغاتتىمۇ قانداق ھال ئەھۋال سوراپ ئۇرۇلىدىغان تېلىپۇنلار شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى سايراپ تۇرىدىغان بولدى. بىر ئۇيغۇر ھەمشىرىمىز ھەتتا يەنە بىر دوستىمىزغا تېلىپۇن قىلىپ ”بەكرەك ئاغرىپ قالسام سىز بار شەھەردە ياتاقتا ياتاي، ئۆلۈپ تارتىپ قالسام ئۇيغۇرچە دەپىن قىلىدىغان ئادەم چىقماي قالمىسۇن“ دەپتۇ. شۇنداق تېلىپۇنلاردىن ھېلىقى ئۆلىۋالغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر مۇنداق پاراڭلار بولۇپ ئۆتتى.
-بۇ بالىنى تونۇيدىغانلار يوق ئىكەن. بۇ بالا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشمايدىكەندۇق. ئۇيغۇرلار ئىشىمغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ئالدى كەينىمدە گەپ قىلىدۇ، دەپ ئارىلاشماپتىكەندۇق، دېمىسىمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز بىلەن بولماي ھەدىسىلا خەقنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ يۈرىمىز.
-ئۇيغۇر خەقتە ئىشپىيۇن تولا، ئارىلاشسام بالاغا قالىمەن، مەن بۇ يەردە قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشسام ۋەتەندە ئاتا- ئانام ئۇرۇق تۇغقانلىرىمنى پالاكەت باسىدۇ، دەپ ئارىلاشماپتىكەن. دېمىسىمۇ توغرا، بۇ ئىككى توكتوك ئۇيغۇرلار نېمە قىلالايدۇ. سىڭگەن نېنىنى يىمەي. ھەممىسى يالغان، ھەممىسى پۇل ئۈچۈن… نەدە بەك سەكرىگەن ئادەمدىن چىقىۋاتىدۇ مۇشۇ ئىشپىيۇنلۇق دېگەن. ئۇيغۇردا زادى ئىشپىيۇن تولا. ئىھتىيات قىلمىسا بالاغا قالىدىغان گەپ. سەنمۇ شۇڭا ھىچ كىمگە، ھىچ قانداق يەردە كۆپ ئارىلاشما. ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەردە باشقىلارغا مەيدانىڭنى ئاشكارلىما، ئۇيغۇردا ئىشپىيۇن جىق بالاغا قالىسەن.
-ئاڭلىشىمچە بۇ بالا ئۇيغۇلار ئىتتىپاق ئەمەسكەن، ئامېرىكىغا كەلگەنلەر ئۆزگىرەپ كېتىپتۇ، ئۇيغۇرچە ئۆرپ ئادەتنى بىلمەيدىكەن، مېنى ئارىغا ئالمىدى. ئۇيغۇلار مېنى ئىزدىمىدى، يالغۇز قويدى، دەپ قاقشاپ بېرىپتىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرغا ئارىلاشمىغاندۇر. دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلار گۇمانخور، بىر-بىرىمىزنى ئىشىمىز بولمىسا ئىزدىمەيمىز.
- مۇسۇلمانلار بىر بىرىگە سالامنى چىرايلىق قىلغان بىلەن ھورۇن، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان ئەمەس،ئالىي مەكتەپلەردىكى تەجرىبىخانىلاردا شۇڭا خەنسۇلار، ھىندىلار، كورىيانلار كۆپ. خەنسۇ دېگەن زادى يامان، ئۆز ئىشىغا پۇختا، مۇناسىۋەتكە قابىل…دەپ خەنسۇلار بىلەنلا ئارىلىشىپ ئۇيغۇردىنلا ئەمەس باشقا مۇسۇلمانلاردىمۇ قېچىپ يۈرۈپتىكەن…
بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىنى مەن باشقىلاردىن ئاڭلىدىم. قانچە پىرسەنت راست، قانچە پىرسەنت يالغان بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇردىن قېچىپ يالغۇز ياشىشى، ئۇيغۇرلىقىدىن سۆيۈنەلمەي، ئامېرىكىلىقتەك تېخى ياشاپ بولالماي قايمۇقۇپ يۈرىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەندىكى قوۋم قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئون ئايغا يېقىن ئۈزىلىشى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. نەتىجىدە ئۇ ياتاقتا ئۈن تىنسىز ئۆلۈپ قالغان بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن ئېدى.
ئۇيغۇرغا ئەيىپ قويۇپ ئارىلاشمىغانلار ھەققىدە مەن تۈركىيەدىمۇ ئاڭلىغان. ئامېرىكىغا كېلىپمۇ تۈرك ئاغىنىلەردىن ئۇيغۇردىن زېرىككەن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇ قىز مەكتەپكە كېلىپ ئاۋال ئۆزىنى تۈرك دەپ تونۇشتۇرۇپ تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىپتۇ. تۈركيەلىك بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر دېگەنلىك تۈرك دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم بولغاچقا دەسلەپ ئۇنىڭ ئۆزىنى تۈرك دېيىشىدىن غەلىتىلىك ھىس قىلماپتۇ. ئەمما بۇ قىزنىڭ ”مەن ئۇيغۇر ئەمەس تۈرك“ دېگىنىگە قاراپ ئەجەپلىنىپ قاپتۇ. ئۇ قىزنىڭ “ ئاتا بوۋام تۈركىيەدىن تەڭرىتاغ بويلىرىغا كۆچۈپ كەلگەنىكەن شۇڭا مەن ئۇيغۇر ئەمەس تۈرك“ دېگىنىگە جاۋابەن تۈرك ئاغىنىلەر ”بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز تەڭرىتاغ بويلىرىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەنىكەن شۇڭا بىزمۇ ئەسلى ئۇيغۇر“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالاقە ئۇزارغانچە بۇ قىزنىڭ ئىتىقاد، تازىلىق، مۇئامىلە ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتىكى ئۇيغۇر ئەخلاقىغا يات قىلىقلىرى تۈركلەرگە ياقماي مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز يا تۈركلەرنىڭ قېشىدا تۈرك بولالماي، يا شۇ شىتاتتىكى ئۈچ ئۇيغۇرغا قېتىلىپ ئۇيغۇر بولالماي شەرقى قىرغاقتىكى خەنسۇلار كۆپرەك شەھەرگە كېتىپ قاپتۇ.
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئەيىپ ئارتىپ ئارىلاشمىغان ئۇيغۇر بالىلار، دانىيەدە ئۆلۈۋالغان ئۇيغۇر ياش ۋەياكى ئامېرىكىغا كېلىپ تۈرك بولۇۋالغان ئۇيغۇر قىزى …بۇلارنىڭ ھەممىسى خەقنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بويىچە ياشىيالماي، ئۇيغۇرلۇقتىن تېخى ھوزۇر ئالالماي ئىسەنكىرەپ قالغانلاردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 23-24 ياشلار ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە خەنسۇچە ئوقۇغان ياكى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ كىچىكلا ئىچكىرىدە ئوقۇغان. بۇلاردا ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئەجدادلارنىڭ ھاياتنىڭ خىرىس ۋە ئىمتىھانلىرى، رىياللىقتىكى تەھدىت ۋە ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە قالدۇرغان ئۇدۇم ۋە تەجرىبىلىرى ئانا تىل ئارقىلىق بۇلارنىڭ قەلبىگە ئورۇنلاشمىغان. ئۇلار ئۆز ئائىلىسىدە، مەھەللىسىدە ۋە مەكتىپىدىكى ئۇيغۇرچە موھىت ئارقىلىق قەلبىگە قۇيىلىدىغان ھاياتتىكى تىزگىن ۋە تىزگىنسىزلىك ھەققىدىكى ئۆلچەملەردىن مۇستەسنا قالغان. بۇنداق بالىلارنىڭ ھالى خۇددى ئاتا-ئانىلىق يېتىملەرگە ئوخشايدۇ. يا ياتنىڭ بالىسى بولالمايدۇ، يا ئۆز باغىرلىرىنىڭ قوينىدا يايرىيالمايدۇ. بۇلار بالا ۋاقتىدا مېھرى مۇھەببەتكە تولۇق قانمىغانلىقى سەۋەبلىك دائىملىق يېتىملىك دەردىنى تارتىدۇ، ھەمىشە روھىي تەسەللىگە مۇھتاج بولىدۇ.بۇنداق چوڭ بولغان بالىلار قابىلىيەت رىقابىتىدە ھىچكىمدىن قېلىشمايدۇيۇ، ئۆزى تەۋە توپتىن ئايرىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزاقلىشىپ مۇستەقىل ياشاشقا، ھىسسىيات رىقابىتىگە دۇچ كەلگەندە كەيپىياتىنى تەڭشەپ، تۇيغۇلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ بولالماي گۇناھلىق ھالاكەت يولىنى تاللايدۇ.
شۇنداق قىلىپ يات تۇپراقتا يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسى غېرىپلىققا مەھكۇم بولدى. ئامېرىكىغا تەلپۈنۈپ ئامېرىكىچە ياشىيالمىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆزى ئارىلاشمىغان، قاچقان، گۇمانلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا دەپىن قىلىندى. ئۇيغۇرلار ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزدى. رازىلىق ئالغاندىن كېيىن پۇل يىغىش قىلىپ يەرلىك سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرنىڭ دەپىن قائىدىسى بويىچە يەرلىكىگە قويدى. ھېلىقى تۈرك بولۇۋېلىپ ئۇيغۇردىن قاچقان قىزمۇ بەلكىم بۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندۇ.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 19نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • بوغلان مۇنداق دىدى:2011-يىل 27-نويابىر 06:11 جاۋاب

    تۆۋە …
    ۋەتەنسىزلىكنىڭ، يات مىللەتلەر ئىچىدىكى يىتىملىكنىڭ دەردىنى، شۇ ھېسياتنى مەن ياكى ماڭا ئوخشاش باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلار چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن …
    ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئېچىنىمەن.

    يازمىڭىز بەك ياقتى. بۇرۇنراق كىرمەپتىمەن بلوگىڭىزغا. بلوگىڭىز دوستانە ئۇلانمىغا قېتىلدى.

    • Pokey مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 04:00 جاۋاب

      Deadly accurtae answer. You’ve hit the bullseye!

  • خەنجەر مۇنداق دىدى:2011-يىل 28-نويابىر 09:11 جاۋاب

    مۇشۇ ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلارنى ئايرىم بىر سەھىپە قىلىپ قويغان بولسىڭىز ياكى باشتىكىدەك تېمىلارغا نۇمۇر سېلىپ ماڭغان بولسىڭىز بوپتىكەن. :razz:

    • Hayle مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 11:29 جاۋاب

      A little rationality lifts the quality of the debate here. Thanks for cnotrbiuntig!

    • Rose مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 06:49 جاۋاب

      Your answer shows real inetlligence.

      • Jailen مۇنداق دىدى:2012-يىل 28-يانۋار 06:41 جاۋاب

        Your articles are for when it absolutely, posiitvely, needs to be understood overnight.

      • Tailynn مۇنداق دىدى:2012-يىل 30-يانۋار 04:52 جاۋاب

        Wow, your post makes mine look febele. More power to you!

  • يۇلغۇن مۇنداق دىدى:2011-يىل 10-دېكابىر 02:00 جاۋاب

    مەن «ئامېركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»دىگەن ماقالىنى توپلاۋاتقان ھەم ئوقۇۋاتقان ئىدىم، مەن گاڭڭىراپلا قالدىم ، زادى چەتئەللەردە ياشىماسلىق كېرەكمۇ؟ئانا ۋەتەن دەپلا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەكلا ياشاش لازىممۇ؟ بىز كۆرمىگەنلەر ھەقىقەتەن مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى بىلمەيمىز؟ زادى چەتئەلنىڭ ياخشى تەرەپلىرى قانچىلىك ؟ يىتەرسىزلىكىچۇ؟ مۇشۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ۋەتەندىكى چەتئەلدە ئوقۇش،تىجارەت قىلىش، كۆچمەن بولۇش ئارزۇسىدا يۇرىۋاتقانلارغا تەپسىلى مەلۇمات بىرىلسە بولاتتى. مۇشۇنداق چەتئەلدىكى كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان تۇرمۇش تىمىلىرىنى ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ كويىدىكەن.

    • Ally مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 19:37 جاۋاب

      Clear, infoarimtve, simple. Could I send you some e-hugs?

  • قۇمجان مۇنداق دىدى:2011-يىل 16-دېكابىر 22:13 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئابدۇۋەلى ئاكا !
    مەن يازمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ، سىزدىن پەخىرلىنىمەن.
    مەنمۇ ياۋروپا مائارىپ تەربىيەسىنى ئىلىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى . مەن ئويلايمەن پەقەت بىزدە توغرا بولغان ئۆزلۈك قارىشى دۇنيا سىياسىيسىغا بولغان ئاساسى چۈشەنچە ۋە مەسئۇلىيەت ئىڭى بولىدىكەن ئارمانلىرىمىزنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ دۇنيانىڭ نەرىگە بارساق بولىۋىرىدكەن، قينچىلىق ھامان مەۋجۇت بولىدىكەن ئەمما بىز يىتىلدۈرگەن جاپاغا تىز پۈكمەسلىك روھى ئالدىدا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن دەپ قارسىاقمۇ بولىدىكەن. ئارىمىزدىكى باشقىلارغا باھا بىكىتىش كىسىلى بىزنىڭ سەگەك زىيالىلار تەرىپىدىن ھامان يوقىتىلىدۇ.

    • Liza مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 16:56 جاۋاب

      Great insight! That’s the answer we’ve been lokoing for.

    • Kayleen مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 07:05 جاۋاب

      My hat is off to your asttue command over this topic-bravo!

      • Leaidan مۇنداق دىدى:2012-يىل 27-يانۋار 16:50 جاۋاب

        Ho ho, who wuloda thunk it, right?

      • Frenchy مۇنداق دىدى:2012-يىل 30-يانۋار 04:30 جاۋاب

        This website makes thngis hella easy.

  • ئەلكۇد مۇنداق دىدى:2012-يىل 14-يانۋار 12:31 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەليكۇم ئابدۇۋەلى ئايۇپ،يازمىلېرىڭىزنى خېلىدىن بېرى توپلاپ كېلىۋاتاتتىم،توپلام قىلىپ خىزمەتداشلېرىمنىڭ ئوقۇپ بېرىشىغا بەرگۈم بار.ئەمىلىيەتتىمۇ توردا ئۆزەم ئۆزەم ياخشى دەپ قارىغان بارلىق يازمىلارنى شۇنداق بېسىپ چىقىرىپ خىزمەتدااشلېرىم ۋە ئەل- ئاغىنىلېرىمنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا بېرىش ئويۇم بار ئىدى،ئاخىرى ئايالىمنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم،ئەتە-ئۆگۈن چىقىپ خەت بېسىش ماشىنىسىدىن بىرنى ئالماقچى بولۇۋاتىمىز.ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!

    • Suzyn مۇنداق دىدى:2012-يىل 28-يانۋار 18:41 جاۋاب

      That’s not even 10 mnuites well spent!

  • Diandra مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 19:11 جاۋاب

    I told my grandmhtoer how you helped. She said, ”bake them a cake!“

  • Lyndee مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 04:31 جاۋاب

    Back in sochol, I’m doing so much learning.

  • بوغلان مۇنداق دىدى:2012-يىل 11-فېۋرال 06:15 جاۋاب

    قانداق ئەھۋالىڭىز ئابدۇۋەلى ئەپەندى.
    بلوگىڭىزدىكى يازمىلار سەرخىل، ئەمما سىز بلوگىڭىزدىكى سپەملەرنى توسمىدىڭىزمۇ قانداق؟ ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردا ئەخلەتلەر كۆپتكەن، Akismet قىستۇرمىسىنى ئىشلەتسىڭىز توسالايتىڭىز، Torhumar دا مۇشۇ ھەقتە يازما باتى

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|