ئۇلۇغلانغان رەسىم، ئۇنتۇلغان روھ

ۋاقتى932 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Mr.Fan | سەھىپە: دىلبايان | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 12ئاي 30كۈنى | : 7,063 views°

يازما بەت ئىلانى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز ئون يىللىق خاتىرىسىگە

ئۇلۇغلانغان رەسىم، زىكىرسىز ئىسىم
بۇ يىل ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1932) ۋە مەمتىلى ئەپەندى (1901-1937 ) تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز ئون يىللىق خاتىرە يىلى. بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇردا قانداق خاتىرىلىنىدىغانلىقى ئىزچىل دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، مۇبارەك يۈز ئون يىل ئاياقلىشىشقا ساناقلىقلا كۈنلەر قالغان بۇ دەملەردە ھىچ يەردىن ئۈنلۈكرەك بىر سادا چىقمىدى. ئونلاپ دادىلارنىڭ نەزرىسىگە چاقىرىلدىم، ئەمما بۇ ئىككى شەھىدنىڭ يۈز ئون يىللىقى ئۈچۈن ھىچ كىم نەزىرگە تەكلىپ قىلمىدى. ئىككى ئۈچ لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلدىم، ئەپسۇسكى بۇ ئىككى پىداكارنىڭ ئۇيغۇرغا ئاتىغان ئىسسىق جانلىرىغا ھىچ يەردە سۈكۈتتە تۇرۇلمىدى، تەزىيە بىلدۈرۈلمىدى. يا ئۇيغۇر ئاۋامنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىنىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنمىدى، يا ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ يوسۇنى بويىچە بىرەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلمىدى. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن مېلى ۋە جېنىنى پىدا قىلغان بۇ ئىككى نامدار شەھىدنىڭ نامى تۈمەنلىگەن نامسىز شەھىدلەرنىڭكىدەك تىللاردا زىكىرسىز، دىللاردا پىكىرسىز قالدى.ئۇنداقتا شەھىدلەر ئۇنتۇلدىمۇ؟ توردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىگە دائىر يۈزلىگەن ماقالە ۋە باشقا مەلۇماتلارنى تاپتىم، رەسىم دېسەم رەسىم، شىئېر دېسەم شىېر چىقتى. ئوقۇي دېسەممۇ بار، ئاڭلاي دېسەممۇ بار. ئېسىمگە بۇ ئىككى مۇبارەك شەھدنىڭ شىئېرلىرىنى قۇرمۇ قۇر كۆچۈرۈپ چىققان ئەينى چاغلار كەلدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئىككەيلەن بىزدىن يىراق ئېدى. ئەسەرلىرىمۇ بۈگۈنكىدەك بىخەتەر، تولۇق ۋە ئاسان تېپىلمايتتى. دېمەك ھازىر ئۇلار بىزگە بۇرۇنقىدىن جىق يېقىنلىشىپتۇ. ئۇلار كۆز ئالدىمىزدا، يېنىمىزدىلا بار ئىكەن. ئىشخانىلاردىن، مېھمانخانىلاردىن، كىتاپخانىلاردىن، ساتىراچخانىلاردىن، ئاشخانىلاردىن، رېستۇرانلاردىن بۇ ئىككى ئۇلۇغنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇنتۇلماپتۇ. ئۇنتۇلمىغانىكەن، نېمىشقا خاتىرلەنمەيدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئېسىمگە قەشقەردە تاكسىسىغا ئاللاھ دېگەن ئەرەبچە خەتنى ساڭگىلىتىۋالغان تاكسىچىلار كەلدى. ماڭا شۇنداق تاكسىچىدىن ئۈچ تۆرتى “ئاللاھ رازى بولسۇن تاماكا چەكمىسىڭىز” دېگىنىم ئۈچۈن قوپاللىق قىلغانىدى. ئاللاھ دېگەن خەتنى ئېسىۋېلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىغا ئەمەل قىلمىغان تاكسىچى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەزمىلىرىنى چاپلىۋېلىپ ئۇلارنىڭ يۈز ئون يىللىقىنى خاتىرىلەشكە سۇسلۇق قىلغان، خۇپسەنلىك قىلغان تەتقىقاتچىنىڭ، ئالدامچىلىق قىلغان تاپاۋەتچىنىڭ نېمە پەرقى؟ مەيلى ئېسىلغان رەسىم، شىئېر ياكى ساڭگىلتىلغان كۆرۈملۈك بولسۇن ھەممىسى بەلگە، شەكىل خالاس. ئۇنداق كىشىلەردە ئۇلۇغلانغىنى، ئۇنتۇلمىغىنى پەقەت رەسىم، يالغۇز ئېقى قەغەز قارسى سىياھ خەت. بۇنداق رەسىم ۋە خەتلەرنىڭ ئۇلۇغلىنىشىغا بىر مەنپەئەتكە باغلانغان مەقسەد يوشۇرۇنغان. ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىتىقادلىق كۆرۈنۈپ تاپاۋەتنى كەڭەيتىش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە غۇرۇرلۇق ئىكەن دېگەن تەسىرنى قالدۇرۇپ نوپۇز قازىنىش، مەنپەئەت ئۈندۈرۈشتۇر . بۇنداق ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ رەسىمىنى چاپلاش لېكىن نامىنى زىكىر قىلماسلىق، شىئېرىنى ئېسىش بىراق مەنىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەسلىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش مەركەز قىلىنغان، ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋەتى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇلىغا ئايلانغان جەمئىيەت رىياللىقىنىڭ مەھسۇلى ۋە شۇنداق جەمئىيەتتىكى مودا كەيپىياتتۇر. ئەلۋەتتە، تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقمۇ بار. جەمئىيىتىمىزدە ئومۇملاشقان ھەرقانداق ئىش ۋە ھادىسىنىڭ نەپسى خاھىشىمىزغا، تۇرمۇشىمىزغا ئەپلىك تەرىپىنى ياكى ئارزۇيىمىزغا نەپلىك تەرىپىنىلا موھىم بىلىش بىزنى جوڭگۇچە زامانىۋىي بۇددىزىمغا سۆرەۋاتىدۇ.
ئۇلار ھىچكىمنىڭ دادىسى ئەمەس ئېدى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى ئەپەندى تۇغۇلغان يۈز ئون يىللىق خاتىرە پەيتلىرىنىڭ ئۈن- تىنسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۆيدە ئاكام بىلەن ئەپسۇسلىنىشتۇق. تۇيۇقسىز ئاكام سوراپ قالدى،
-ئۇلارنىڭ بالىسى يوق بولغىيمىدى؟
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بالىسى يوق. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەدىبە ئىسىملىك بىر قىزىنى غۇلجىدا ھايات ئىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم، دېدىم. شۇئان ئېسىمگە ئۆزىنى “مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جىيەن قىزى” دېگەن بىر ئايال كەلدى. ئۇ ئايال خەنزۇۋان بولۇپ بىر قۇربان ھېيىتتا خەنسۇچە ناخشا كېچىلىكى كۆرۈپ ئولتۇرغىنىغا ئەجەپلەنگىنىمدىن تاڭ قالغانىدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچە مىنكاۋخەنچە ناخشا بولمىسا چۈشىنەلمەيدىكەن. ئارىمىزدىكى بۇ سۆھبەتتىن تۇيۇقسىز بۇ ئىككى شەھىدنىڭ خاتىرلەنمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم. شۇنداق، ئۇلارنىڭ بالىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شىئېرلىرىنى چۈشەنگىدەك ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى يوق، ئاتا بوۋىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك جاسارىتى كەم بولۇشى مۇمكىن ئېدى. شۇنداق، ئۇلار ھىچكىمنىڭ دادىسى ئەمەس ئېدى. شۇڭا ھىچكىم ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرمىدى. ھىچكىم ئۇلار ئۈچۈن داش قازان ئېسىپ نەزرە قىلمىدى. ھىچكىم ئۇلارنىڭ يۈزئون يىللىقى ئۈچۈن تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تەلەپ تەقدىم پروگراممىسىدا ناخشا تەلەپ قىلمىدى. بىز دېگەن ئۇقۇمنىڭ ۋەزنى بارغانچە ئېغىر كېلىۋاتقان، بىز دېگەن ئۇقۇم ئاڭلاتقان مەنا بارغانچە سۇسلاشتۇرۇلۇۋاتقان، بىز دېگەن ئۇقۇمدا چىڭ تۇرۇش كىشىگە تۈمەن تۈرلۈك پىشكەللىكلەرنى ئارتىپ قويۇۋاتقان، بىزنىڭ دېگەندىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق بارغانچە تەرس كېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە مەنلىك سەۋداسىدا يۈرگەن ئاۋارەلەرنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىتەلەينىڭ يادىغا يەتسۇن ئۇ ئىككى شەھىد! يەر، سۇ، توپراق، ھاۋا، مەسجىد، مەقبەرە، مەدەندىن تارتىپ تىل، دىن ئۆرۈپ-ئادەت، غۇرۇر، شەرەپ، نومۇسلارغىچە ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ تۇرسا، بۇ ھالدا مەننىڭ-شەخسنىڭ ئۇ ئىككى پىداكاردا نېمە مەسئۇلىيىتى، نېمە ئىشى بار؟ ھۆكۈمەتنىڭ تىل يېزىق كومىتىتى تۇرسا تىل ھەققىدە ئويلۇنۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسلام جەمئىيىتى تۇرسا نېمە قىلىسەن دىن ھەققىدە تەبلىغ ئېيتىپ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەر قايسى ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئىدارىسىغا مەنسۇپ؟ شۇنداق، ئۇ ئىككى زات ھىچ قايسى ئىدارنىڭ پىسىيونىرى، ھىچ قايسى بالىنىڭ ھامىسى ئەمەس ئېدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرلەنمەسلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمايتتى.
ئۇلار بۈگۈنگە يېقىن ئېدى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى قەھرىماننىڭ پات- پات خاتىرىلەنمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىنىڭ بۈگۈنكى قىياپەت، قىسمەت ۋە قىسماقلارغا بەكرەك تاقىلىدىغانلىقى، يېقىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاسادىپى تېلۋىزورلارغا قاراپ قالسام ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ خاتىرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن. مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار بىر قانچە يىلدا بىر يادلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل ئۇنۋاندىكى نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ تېلۋىزور ئىكرانىدا قوۋزىنى تولدۇرۇپ دەۋاتقان ئەجدادلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مۇۋەپپەقيىەتلىرى مېنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئەمما كۆزۈمنى تېلۋىزور ئىكرانىدىن خەنسۇچە مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى خەنسۇچە دەرسلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جىيەنىمنىڭ چارەسىزلىك، گاڭگىراش چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە، خەنسۇچە ماتىماتىكا مەسىلىلىرىنىڭ بېرىلىشىنى چۈشىنەلمەي قىينىلىۋاتقان بىچارە ھالىتىگە يۆتكىگىنىمدە ھېلىلا ئويغانغان پەخىرلىنىشنىڭ ئورنىغا كىرزىس تۇيغۇسى ئالمىشىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مەھەللىسىدە قۇرغان ھۆرىيەت مەكتىپى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئارتۇچنى مەكەز قىلغان مائارىپچىلىق ھەرىكىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە مەكتەپ قۇرماي خەنسۇچە شۆتاڭ قۇرغان بولسا قەتلە قىلىنماستى، بەلكى بۈگۈن ئۇلارنى خاتىرلىيەلمەيۋاتقان داڭلىقلارنىڭ ئاغزىدا قوش تىللىق مائارىپقا ئاساس سالغۇچىلار بولۇپ رەسىملىرى مەكتەپلەرگە ئېسىلاتتى. كۆز ئادىمدىكى ئۇلۇغلارنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق يېقىندىكىلەرنى قويۇپ ھەدىسە قەدىمكىلەرنى مەدىھىيەلەشلىرىگە بىر خۇپسەنلىك ئارىلاشقاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم. مەنچە مۇنداق قەدىمكىگە سېغىنىپ يېقىندىكىگە كۆز يۇمۇش كېسىلىدە رىياللىققا يۈزلىنەلمەسىلىك، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەشتىن قېچىش خاھىشى مەۋجۇد. ئىسىملىرى پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قەدىمكى ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدىن بىۋاستە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۈگۈننىڭ دەردى، دادۇ پەريادى ۋە دىشۋارلىرى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا قانداقلا تەھلىل قىلسا، زامان نېمىگە تەقەززا بولسا شۇ يوسۇندا چۈشەندۈرسە بولىدۇ. دېمەك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ خاتىرلەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ يازغانلىرى بۈگۈنكى تىلىمىزغا، ھالىمىزغا ۋە قايغۇمىزغا يېقىن ئېدى. ئۇلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنىگە يۈزلىنىش كېرەك. ئاۋامغا بۈگۈن تارىخقا ئوخشاش قاراڭغۇ ئەمەس شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ مۇئاشلىق ۋە مۇئاشسىز زىيالىلىرىغا بۈگۈن ھەققىدە سۆزلەش، يېزىش، مۇنازىرە قىلىش ئانچە بىخەتەر ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەردەك بۈگۈنگە يېقىنلارنى خاتىرلەشنىڭ ئورنىغا ئەسەرلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچ كىم ئوقۇپ باقمىغان ياكى ئوقۇسىمۇ تولۇق چۈشىنەلمەيدىغان قەدىمكىلەرنى خاتىرلەشنى تاللىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەر بىر دەۋردە ياشىغان، ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ئوخشىمىغان بۆلىكىدە ئوخشاش نىشان ئۈچۈن قولىغا قەلەم ۋە قورال ئالغان شائىرلار ئېدى. ئۇلار غايىلىرىنى شىئېرلىرىدا يازغان ۋە شۇ غايە ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئېدى. ئۇلارنىڭ شىئېرلىرى كىتاب قۇرلىرىغا سىياھ بىلەن ئەمەس خەلقنىڭ قەلبىگە قان بىلەن يېزىلغان. بۈگۈنكى كىتاب قىلىپ چىقىرىلغان شىئېرلار خەلقنىڭ ئاغزىدىن توپلانغان ئېدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ “ئاچىل” دېگەن شىئېرى 30 يىللاردىكى قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ مارشى بولغان بولسا، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ “ئىستىقلال مارشى” قەشقەر كوچىلىرىنى، ئارتۇچ باغلىرىنى ۋە خوتەن تاغلىرىنى تىترەتكەن ئېدى. ئەگەر شۇ تىترىگەن تاغلارنىڭ لەرزى قەلبلەردە بولسا ئېدى شەھىدلەرنىڭ روھى ئالدىدا بۇنچە بىچارىلىك ئاشكارىلانمايتتى. ئەگەر شۇ قۇمۇل تاغلىرىدىن، تۇرپان باغلىرىدىن ياڭرىغان ئاچىل مارشى ئېچىلماس كۆزلەرنى ئاچالىغان بولسا ئېدى، رىياللىق روھىمىزنى بۈگۈنكى زۇلمەتكە مۇپتىلا قىلمايتتى. شەھىدلەرنىڭ رەسىملىرى ئالدىمىزدا، شىئېرلىرى كىتابلىرىمىزدا، لېكىن ئۇلارنى خاتىرلىيەلمىدۇق، ئۈنىمىزنى قويۇپ بېرىپ شىئېرلىرىغا خىتاب قىلالمىدۇق، مارشلىرىغا سەپ تۈزەلمىدۇق. شەھىدلەرنىڭ رەسىمى، كىتابى ئالدىمىزدا، لېكىن شەھىدلىك روھى ئۇنتۇلدى. ئۇلارنىڭ شەھىدلىك روھىغا توپ توپ بولۇپ دۇئا قىلىش ئۇنتۇلدى، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق جاسارىتىنى ئەۋلادلارغا تاراتقۇلاردا يەتكۈزۈش ئۇنتۇلدى، ئۇلارنىڭ مەرىپەت مەشئىلىنى داۋام قىلىش ئۇنتۇلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىغا يۈزلىنىش رەسىمىنى ئېسىشتىن تەرس كەلدى، بىز دەپ ياشاشتىن مەن دەپ ياشاش نەپسى خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن كەلدى. تارخىتىن سۆز ئېچىش رىيالىققا جاۋاپ بېرىشتىن بىخەتەر تۇيۇلدى.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 19نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • تۇغيار مۇنداق دىدى:2011-يىل 30-دېكابىر 20:10 جاۋاب

    ئاخىرى بىر ماقالە يازدىڭىز

    • Cheyenne مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 11:30 جاۋاب

      A pleasingly ratoianl answer. Good to hear from you.

    • Bobs مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 03:27 جاۋاب

      I am forever indtbeed to you for this information.

  • ھۈجەيرە مۇنداق دىدى:2011-يىل 31-دېكابىر 01:51 جاۋاب

    بۇ ئىككى گىگانىتنىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە بەكرەك ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن كىشلەرئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش،ئەسەرلىرى توغرىسدا مۇھاكىمە قىلىش،ئۇلار ئۈچۈن ئاتاپ نەزر قىلىشتىن باش تارتىشنىڭ سەۋەبى بوپقاغان بولشى ياكى باشقا ………. لار بولشى مۇمكىن.

    • Taron مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 06:32 جاۋاب

      I feel so much happier now I undernstad all this. Thanks!

    • Rosie مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 01:51 جاۋاب

      Thanks for being on point and on taegrt!

  • قۇمجان مۇنداق دىدى:2011-يىل 31-دېكابىر 18:10 جاۋاب

    دەل ۋاقتىدا يىزىلغان ماقالە بولدى بۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ نۆۋەتتە بىزگە كەم بولىۋاتقان ئىلغار روھلىرىنى قىزىپ چىقىپ ياشلىرىمىزنىڭ مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇش بىزگە يىڭى غەلبىلەرنى ئاتا قىلغۇسى!!

    • Kathy مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 21:11 جاۋاب

      It’s always a relief when someone with obvious expertise aswners. Thanks!

    • Della مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 06:09 جاۋاب

      Last one to utilize this is a rtoetn egg!

      • Jobeth مۇنداق دىدى:2012-يىل 27-يانۋار 12:19 جاۋاب

        God, I feel like I sohlud be takin notes! Great work

      • Makaila مۇنداق دىدى:2012-يىل 30-يانۋار 03:07 جاۋاب

        Holy concise data btaamn. Lol!

  • نۇرقۇت مۇنداق دىدى:2012-يىل 1-يانۋار 19:00 جاۋاب

    گەپنىڭ تۇتقۇسى يېزىلىپتۇ. «يېقىندىكى موللام بار موللام» ئېدىيىسى بىزدە بەك ئېغىر دەپ ئويلايمەن. بىزدە ئۆز دەۋرىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارى قىلىنمايدۇ، يېقىنقى دەۋردىكىلەرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدا سانىلىدۇ. بەلكىم يەنە نەچچە يۈز يىللار ئۆتۈپ بۇ زاتلىرىمىزنىڭ 1000 يىللىقى بولغاندا كېيىنكى ئەۋلادلار بىز ئۈچۈن خاتىرىلىشى مۇمكىن.
    ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىزدە ئىدىيە جەھەتتىن بولغىنىش بەك ئېغىر بولىۋاتىدۇ. يات مەدەنىيەتنىڭ سېڭىشىشى ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆز دەۋرىدىمىزدىكى داڭلىقلىرىمىز دۇنيادىن كەتسە جىمجىت داغدۇغۇسىز كېتىۋاتىدۇ، ئەمما بىزدىن نەچچە كۈنلۈك يىراقتىكى بىزنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىغان بىر قىسىم يات داڭلىقلار ئۈچۈن ھازا ئېچىپ ئۈلگۈردۇق…

    • Mattie مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 05:37 جاۋاب

      Alakazaam-information found, problem solved, thkans!

  • Janess مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 05:13 جاۋاب

    I could watch Schindler’s List and still be happy after rdeiang this.

  • Jonetta مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 03:55 جاۋاب

    That hits the taergt perfectly. Thanks!

  • قارابەگ مۇنداق دىدى:2012-يىل 21-يانۋار 06:56 جاۋاب

    مەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى كۆزلەپ ئەلكۈيى مۇنبىرىنى ئارىلاپ يۈرگەن ئىكەنمەن. مانا ھازىر بلوگىڭىزنى كۆرۈپ چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. ئالدى بىلەن بلوگىڭزنى تەبرىكلەيمەن قېرىدىشىم. ئايرىم بىلوگ قۇرۇپ توغرا قىلىپسىز. ئەلكۈيى مۇنبىرى ئىنكاس ئۆچۈرۈپ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. موھىمى شەخسى بىلوگدا ناباپ ئادەملەرنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    سىز ئامىرىكا، تۈركىيە، ئەرەپ ئەللىرى، بولۇپمۇ دىمىكىراتىيە ۋە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تەنقىتلىمەسلىك نتوغرىسىدا ئاز بولمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىپ كۆزىمىزنى ئاچقان ئىدىڭىز. بەزى چاغلاردا ئانچە-مۇنچە تالىشىپمۇ قالغان ئىدۇق. ئەمدىكى سىزدىن ئىلتىماسىم: ئۆتكۈر پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.

  • تىلەك مۇنداق دىدى:2012-يىل 7-فېۋرال 08:58 جاۋاب

    سىز ئاشۇ تاكسىچىلارغا تاماكا چەكمەڭ دىگىنىڭىزدە، بىر خىل ھاكاۋۇر تەلەپپۇزدا :«ئۇنداقتا چۈشۈپ باشقا بىر ماشىنىغا چىقىۋالامسىز» دىگەن بولغۇيتى ھە………..ئىست نادانسىزلىق………..

  • يالغۇز مۇنداق دىدى:2012-يىل 13-فېۋرال 09:38 جاۋاب

    سويۇندىم………..

  • ئارىسلان مۇنداق دىدى:2012-يىل 7-مارت 13:53 جاۋاب

    ياخشى ماقالىلارنى ئايىما ڭ . سىزگە رەھمەت .

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|