ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟

ۋاقتى1058 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: مۇنازىرە | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 7,574 views°

يازما بەت ئىلانى


- ”ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ كە باھا

مەرھۇم ئا. مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇردا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىلىملەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى  دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ”مىللەتلىك دەرىجىسى“ نى بېكىتكەن، “ ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىققان، توردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ماقالە نۇتۇقلىرىدا نەقىل قىلىنغان(ئە. سىدىق)، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقدىندۇر.

ئاپتۇر ماقالىسىنى ”مىلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ”پال“ ئاچىدىغان مىزان – ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىدۇر دەپ باشلايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالىدە ئۇنېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكى، قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، نېمىشقا مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ”پال“ ئاچالايدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ نېمە دېمەيدۇ. پەقەت “ بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەمىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى…“ دېگەن بايانلىرىدىن، بىر مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئائىلە-جەمئىيەت ئەھۋالى، مەنىۋىي-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ھالبۇكى بۇ بايانلار بىزگە ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئالىنغان ”ئىقتىدار ھالىتى، سۈپەت ئىقتىدارى، ئىجادىيەت كۈچى“ دېگەن ئۇقۇملارنىڭ زادى نېمىنى كۆرستىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن باشقىسى ئەمەس ئاشۇلارلا شۇنداق رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتۇلمىغان. مەنچە ماقالەنىڭ كىرىش قىسمى مۇنداق يېزىلسا بولاتتى. 1. ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟ ئۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى بۇ ئۆلچەمدە باھالىغاندا قانداق نەتىجە چىقىشى مۇمكىن؟ دۇنيادىكى قايسى مىللەتلەر بۇ خىل ئۆلچەم بويىچە باھالانغان، نەتىجىسى قانداق بولغان، ئۇيغۇرنى بۇ ئۆلچەمدە باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېمەك، ئاپتۇر ماقالىنىڭ بېشىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوچۇقلاش، پەرەز قىلىش باسقۇچلىرىنى تاماملىمىغان.

ئاپتۇر ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. ”ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.“ بۇ بۆلەكتىكى چاتاق كىرىش بۆلىكىدىكى مۇجىمەللىكنىڭ داۋامىدۇر. ئوخشۇتۇش بىلەن كۆنكىرىتلاشتۇرساق، ئاپتۇرتارازىنى ۋە  تارازىنىڭ چىكىتلىرىنى بىزگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ يۈكنى تارتىشقا باشلايدۇ.

مەن ئاپتۇرنىڭ مىللەتلەرنى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى بويىچە ئايرىش نەزەرىيەسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم، نەتىجىدە بۇنداق بىر نەزەرىيەنى تاپالمىدىم. ناۋادا ئاپتۇرنىڭ يازغانلىرى ئۆزىنىڭ تەلىماتى بولسا بۇنى ئىسپاتلىشى كېرەل ئېدى، لېكىن ماقالىدە ئىسپاتلاش جەريانى يوق ئىكەن. ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتۇر تىلغا ئالغان ئۇقۇملاردىن سىياسىي مىللەت(دۆلەت تەۋەلىكى) دېگەن ئوقۇم بىلەن ئېتنىك مىللەت(مەدەنىيەت تەۋەلىكى) دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بۇنى يەشسەك، جوڭگۇ توپرىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنى جوڭخۇئا مىللىتى دېسەك ( خەنسۇچىدا ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلىپ كەلگەن، بۇرۇن پەقەت تەرجىمانلار بۇ سۆزنى كۆپلۈك مەنىسىدە جوڭخۇئا مىللەتلىرى دەپ تەرجىمە قىلغان، ئەمما 2009-يىلدىن كېيىن بۇ تەرجىمە ئۆزگەردى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا كېيىن جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئالدىنقى تەرجىمىدە ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىرى، دېمەك يەنىلا ئايرىم مىللەت، كېيىنكى تەرجىمىدە مىللەتنىڭ بىرى يەنى جوڭخۇئا مىللىتى، خەنسۇچە ئەسلى مەنە كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى خەنسۇچە مەنىنى تەرجىمانلار ”جوڭخۇئا مىللىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش“، ”تۆت تونۇش تەربىيىسى“ قاتارلىقلاردىن كېيىن ئاڭقارغان بولۇشى مۇمكىن)، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مىللەت ئۇقۇمى سىياسىي مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەجدادى، تىلى، مەدەنىيىتى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەت بېكىتكەن مىللەتكە تەۋە بولۇش، سىياسىي مىللەتكە تەۋە بولۇش دېگەنلىكتۇر.  سىياسىي مىللەتتە تەكىتلىنىدىغىنى پۇقرانىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ئەمەس دۆلەت تەۋەلىكى (Seton Watson). ئېتنىك مىللەت ئۇقۇمىغا كەلسەك بۇنىڭدا تەكىتلىندىغىنى كىشىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ( تىل، تارىخ، ئەجداد، مىللىي خاراكتىر، مىللىي ئاڭ ئورتاقلىقى ئاساساسىدىكى گەۋدە)، دۆلەت تەۋەلىكى ئەمەس. دېمەك بۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگىنىمىزدە ئېتنىك مىللەت بولغان بولىمىز. جوڭخۇئا مىللىتى دېگىنىمىزدە سىياسي مىللەت بولغان بولىمىز. ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدە سىياسىي مىللەت، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئېتنىك مىللەت. جوڭگۇدىكى خەنسۇلار ئۆزىنىڭ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ھەم سىياسىي مىللەت ھەم ئىتنىك مىللەت. ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي مىللەت بىلەن ئېتنىك مىللەت بىر ئۇقۇم. ئەمما مالايسىيادىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى خەنسۇلارنىڭ  ئېتنىك مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ. خەنسۇ زىيالىلىرى خېلى بۇرۇنلار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن ئېدى. 2009- يىلدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئايرىلىشى گەۋدەلەندۈرۈلۈشكە باشلىدى. (مەن ”چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈر“ دېگەن تېمامدا مۇشۇنىڭغا يانداش مەسىلىلەرنى دەپ ئۆتتۈم).

ئاپتۇرنىڭ ”ئىجتىمائى مىللەت“ دېگەن ئۇقۇمنى نەدىن تاپقانلىقىنى بىلمىدىم. ماقالىدە بىرمۇ نەقىل يوق. مەنچە ئاپتۇر ”ئتنولوگىيلىك مىللەت“ دېگەننى ماقالىسىدە تىلغا ئالغاندەك ”تەبىئى مىللەت“ دەپ چۈشەنگەن بولغاچقا مەزكۇر سۆزنىڭ زىت سۆزى بولغان ئىجتىمائىي مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، ئا. مۇھەممەدئىمىن ماركىسىزىمچى زىيالى. ماركىس ”ئادەم بارلىق ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى“ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي مىللەت (ئىتنولوگىيەلىك مىللەت) دەپ قارىسا ماركىسىزىمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغانىكەن، ئىنسانلار توپى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئىي مىللەت ئەمەس ئىجتىمائىي مىللەت بولغان بولىدۇ.

ئاپتۇر ئىجتىمائىي مىللەت بىلەن تەبىئىي مىللەتنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، “ ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەن’ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت“. ئاپتۇرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى قارىشى باشتىكى قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرنى ئىجتىمائىي مىللەت ئەمەس دېيىشتىكى ئاساسى ”تۈركۈم ئېڭى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز، مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ئاڭسىز“، لېكىن ھىچ قايسىغا پاكىت كۆرسەتمىگەن. بۇ يەردىكى تۈركۈم ئېڭى دېگەن گەپنى مىللىي ئاڭ دەپ چۈشەنسەك ئاپتۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئاجىز دېگىنىگە دەلىل تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئاپتۇر ھىچ دەلىلسىز شۇنداق دېگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچلۈك. مەن بۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەلىللەيمەن. بىزدەكلا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە موڭغۇللاردا خەنسۇچە ئىسىم قويۇش كومىنىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇملىشىقا باشلىغان. موڭغۇللاردىن جوڭگۇنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان ۋۇلەنڧۇ خەنسۇچە ئىسىم قويغان. مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە موڭغۇللارغا دەر بەرگەن، موڭغۇلچە ئوقۇغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە 7،8 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى خەنسۇچە ئېدى. ئەمما ئۇيغۇردىن مەركەزدە ئەمەل تۇتقانلاردىن خەنسۇچە ئىسمى بار بىرسىمۇ يوق. باشقىسىنى قويۇپ مەدەنىيەت ئىزچىللىقىغا كەلسەك، مەدەنىيەتتىكى ئىزچىللىق ئەسلىدىلا كۆپىنچە ئاڭسىز داۋاملىشىدۇ. ھىچ قايسى مىللەت ئەزالىرى بىر يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزچىللاشتۇرايلى، بۇنى تاشلايلى دەپ مەسلەھەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن، ھىچقايسى ئۇيغۇر سوقا، جۇۋازدىن ئاڭلىق ۋاز كەچمىدى. زامان ئۆزگەرسە مەدەنىيەتتىكى بەزى ساھەلەردە ئىزچىللىق توختايدۇ.

ئاپتۇرنىڭ سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ دەلىلسىز گەپلەر بولۇپ تەپسىلى رەددىيە ئۈچۈن ئايرىم ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يازمىمىزنىڭ مەقسىدى ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى ئاپتۇر يەھۇدىلارنى سىياسىي مىللەت دېگەن. يەھۇدىلار ئەمەلىيەتتە ئاپتۇرنىڭ ئىتنولوگىيەلىك مىللەت ھەققىدىكى شەرتىگىمۇ توشمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجەكلىرىدىكى يەھۇدىلار شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ. تۈركىيەدە تۈركچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى، ئۆزبەكىستاندا ئۆزبېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى بار. ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئىرقىمۇ بىر بىرگە ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك يەھۇدى، ئاق تەنلىك يەھۇدى…ئەمەلىيەتتە يەھۇدىلارنى بىر مىللەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ئۇلارنىڭ دىنى ۋە شۇ دىنىغا باغلانغان مۇراسىملىرىدۇر. مەلۇم مەنىدە يەھۇدىلار بىر دىنى گورۇپپا، ئىقتىسادى گورۇھتۇر. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يوقالغان يەھۇدى تىلىنى ئۇلار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشتا يات تىل قوللانغان بىلەن چۈشەنمىگەن تەقدىردىمۇ تەۋراتنى يەھۇدى تىلىدا ئوقۇشنى ئىزچىل داۋام قىلغانىكەن.

خۇلاسەم شۇكى، مەزكۇر ماقالە ياخشى نىيەتتە يېزىلغان لېكىن ئىلمىي يېزىلمىغان ماقالىدۇر. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللەتنى ئۈچكە ئايرىش ئۇسۇلىدا تەييار ئىلمىي ئۇقۇملار ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، يوق ئۇقۇملار ياسالغان، دەلىللىرى يېتەرسىز، ھۆكۈملەر ئىسپاتسىز بولۇپ قالغان. ماقالىنىڭ خەتەرلىك يېرى بىلىپ بىلمەي مۇستەملىكىچىلكنىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىدۇر. ئاپتۇرنىڭ مىللەتنى  ئۈچكە ئايرىپ ئۇيغۇرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قويۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنتىقىسىدۇر. مۇستەملىكىچىكنىڭ تەلىماتىچە مىللەتلەر بىر بىرىدىن ئىلغار قالاقلىقى بويىچە دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇستەملىكە قىلغۇچى مىىلەت ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە مەنسۇپ بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە قىلالىشىنى ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقى بەلگىلىگەن. مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت قالاق دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكىك تەقدىرىگە رازى بولشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل تەربىيەنى ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن مۇستەملىكىلەنگۈچىگە سىڭدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ خىل دەرىجە پەرقىنى تەبىئىلىك دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مۇستەملىكىچىككە قارشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەتلەرنى بىرىنجى دۇنيا ئەللىرى، ئىككىنجى دۇنيا ئەللىرى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى دەپ دەرىجىگە ئايرىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى. ھازىر دۇنيادا ئىنساننى ۋە ئىنسانلارنى ھەرقانداق سەۋەپتىن دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ئىرقچىلىقتۇر، مۇستەنلىكىچىكتۇر، مەدەنىيەتسىزلىكتۇر.

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ھوسۇللۇق ئالىم، مىھنەتچان تەتقىقاتچى لېكىن ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىگە ئويلانمايلا ئەگىشىشنىڭ تۇغرا ئەمەسلىكى يۇقۇرىدىكى بايانلىرىمىزدىن مەلۇمدۇر.

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 24نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ھۈجەيرە مۇنداق دىدى:2011-يىل 12-سېنتەبىر 08:12 جاۋاب

    بىلوگىڭىزنىڭ ئچىلغانلىقنى تەبرىكلەيمەن :eek:

    • Elmira مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 23:40 جاۋاب

      There’s a sceert about your post. ICTYBTIHTKY

      • Rena مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 01:20 جاۋاب

        Nothing I could say would give you undue criedt for this story.

      • Doll مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 02:45 جاۋاب

        The voice of rationlatiy! Good to hear from you.

  • ھۈجەيرە مۇنداق دىدى:2011-يىل 12-سېنتەبىر 08:15 جاۋاب

    بىلوىڭىزنىڭ ئچىلغانلىقنى تەبرىكلەيمەن :eek: :eek:

    • Torie مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 12:51 جاۋاب

      I don’t even know what to say, this made tnhgis so much easier!

      • Eldora مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 18:02 جاۋاب

        We need a lot more isnihgts like this!

      • Latasha مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 07:53 جاۋاب

        Sharp thinking! Thanks for the awnesr.

        • Gloriana مۇنداق دىدى:2012-يىل 27-يانۋار 13:19 جاۋاب

          Stands back from the keybaord in amazement! Thanks!

        • Debra مۇنداق دىدى:2012-يىل 30-يانۋار 05:13 جاۋاب

          That’s more than snebisle! That’s a great post!

      • gkeridqpkk مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 09:37 جاۋاب

        pVxpQM jdogqrmpthny

        • Delores مۇنداق دىدى:2012-يىل 28-يانۋار 16:00 جاۋاب

          Me and this article, sttinig in a tree, L-E-A-R-N-I-N-G!

      • rhtvlyly مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 15:30 جاۋاب

        RuWxK6 , [url=http://jnmcxjpxcucr.com/]jnmcxjpxcucr[/url], [link=http://orijgdzhllyx.com/]orijgdzhllyx[/link], http://pbmovamqqhnw.com/

        • Sparky مۇنداق دىدى:2012-يىل 28-يانۋار 13:06 جاۋاب

          Stellar work there everyone. I’ll keep on redanig.

      • rhtvlyly مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 15:30 جاۋاب

        RuWxK6 , [url=http://jnmcxjpxcucr.com/]jnmcxjpxcucr[/url], [link=http://orijgdzhllyx.com/]orijgdzhllyx[/link], http://pbmovamqqhnw.com/

      • lwcynd مۇنداق دىدى:2012-يىل 22-يانۋار 10:07 جاۋاب

        NCgu3S , [url=http://udxnpwazwmey.com/]udxnpwazwmey[/url], [link=http://majcsujrfywy.com/]majcsujrfywy[/link], http://rugwqnenedjv.com/

  • تېۋىپ مۇنداق دىدى:2012-يىل 6-يانۋار 10:32 جاۋاب

    مەن پۇتۇن تىمىلىرىڭىزنى كۈڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇۋاتىمەن!!!!! :sad: :sad:

    • Tessie مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 12:53 جاۋاب

      This article is a home run, pure and smilpe!

    • Ellyanna مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 06:19 جاۋاب

      The voice of rtaoinailty! Good to hear from you.

      • Sugar مۇنداق دىدى:2012-يىل 27-يانۋار 14:00 جاۋاب

        A litlte rationality lifts the quality of the debate here. Thanks for contributing!

      • Betty مۇنداق دىدى:2012-يىل 30-يانۋار 05:33 جاۋاب

        Ho ho, who wodlua thunk it, right?

  • شاش ياش مۇنداق دىدى:2012-يىل 4-ئىيۇل 10:54 جاۋاب

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئارىفلىق يېشىغا يەتكەندە، يېڭى بىر ئىدىيەگە ئېگە بولغانلىقىنى، يەنى يۇرتى ئاتۇشتىكى بىر پىشقەدەمنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانلىقىنى بايان قىلىدىغان بىر ماقالىسى بولىدىغان، توغرا ھەممە كىشى خاتالىشىدۇ، ئەگەر پەقەت خاتالاشمايمەن دەيدىغان ئىش بولسا ئۇشبۇ ئالىملىرىمىز قەلەمنى تاشلاپ بىزدەك جىممىدە تۇرمۇش كەچۈرەر ئىدى، مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندەك بۇ ئالىمىمىزنىڭ يەنە باشقا ماقالىلىرىنىمۇ ئوقۇپ يازما يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، فارابىنىڭ كىملىكى توغرىدىسىكى، بالاساغۇننىڭ قەيەرلىكى توغرىسىدىكى مۇشۇ ساھە ئالىملىرىدا تالاشتا قالغان مەسىلىلەرگە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمى پاكىتلىق بەرگەن رەدىيەلىرىنى قايتا ئەسكە ئەپ ئۆتۈشنى لايىق دەپ قارايمەن.

  • بوستانىي مۇنداق دىدى:2013-يىل 3-فېۋرال 03:51 جاۋاب

    «گۈلەن تور خاتىرسى»ناملىق يېڭى بلوگنى قۇتلۇقلايمەن. مۇبارەك بولسۇن. گۈلەن ئەسەرلىرىنىڭ، تەپەككۇرىمىزنى جانلاندۇرۇشتا، ئىجادى رولى باردەپ قارايمەن. مۇشۇ خىلدىكى ئىجادىي ئەسەرلەر يازىلغان بلوگلاردىن، يەنە، «ئاكادېمىيە» تورى بار. «ئاكادېمىيە» دىدىكى ئەسەرلەرمۇ رەڭدار ھەم مەزمۇنى سەر خىل بولۇپ، ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

  • پۇلسار مۇنداق دىدى:2013-يىل 17-ئىيۇن 02:05 جاۋاب

    ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىلمىيلىكى باركەن. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|