ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى؟

ۋاقتى1058 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: مۇنازىرە | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 8,544 views°

يازما بەت ئىلانى

 

”ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ“ مازۇلۇق خاتىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىمگە ئوخشىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىدە كىمگە ئوخشۇتۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى… ھەققىدە ئويلىنىشلاردا بولدۇق. بىز مىللىتىمىزنى كىمنىڭ قانداق ئوخشىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما خەقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئۇيغۇرلۇقنى تاللاش ئەركىمىز بولۇشى كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز، خەق بىزنى كىمگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشاشقا مايىل بولماسلىق، رىياللىقتىكى بىقوۋۇللۇقنى ئەجدادلارنىڭ سىماسىدىن ئىزدىمەسلىك، ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆزەتمەسلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر شەيئىلەرنى، ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئويلاشقاندا ئوخشىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان شەيئى كۆپ ئۇچراديغان شەيئىگە، قىسمەن بىلىنگەن ھادىسە تولۇق بىلىنگەن ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا مەملىكىتىمىزدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەبكە ئوخشىتىلىشى، مەسۇم يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ تالىبانغا ئوخشىتىلىشى بىز ساقلىنالايدىغان ئىش ئەمەس. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنداق نامۇۋاپىق، توغرىسى خەتەرلىك ئوخشۇتۇشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى. توغرا، ئوخشۇتۇش بىزنى شەيئىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەمما ماھىيىتىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كىملەرنىڭدۇر ئارزۇسىدىكى قىياپىتىمىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە، ماھىيىتىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە بىز ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىمىز. بىز بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىمىزگە ناتونۇش شەيئىنى باشقا تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىمىز، يەنە بىر بولسا باشقا بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىمىز. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە ئوخشالغۇچىنى بىلمسەك ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسەك كۇپايە، ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مەھمۇد كاشغەرى ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولغاچقا سېلىشتۇرۇشتا خەقنى ئۆلچەم قىلىۋېلىش خاتالىقىنى سادىر قىلمىغان. ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇر نەۋايى قەلىمىدە پارىسلارغا سېلىشتۇرۇلغان. پارىسچە ئەسەرلىرى بىلەن پارىسلارغا ئۇيغۇر تۈركچە ئەسەرلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان ئەلشىربەگنىڭ تۈركچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان پارىس شائىرى ئابدۇراخمان جامى ”بۇ ئەسەرلىرىڭنى ھېلىمۇ ياخشى تۈركچە يېزىپسەن، ئەگەر پارىسچە يازغان بولساڭ پارىس ئەدىپلەر چوققا ئىگىلىنىپ بولۇپتۇ دەپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتەركەن“ دېگەن مەنىدە نەزمە يازغانىكەن. نەۋايى پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىمىزنى سېلىشتۇرۇپ شۇ دەۋردىكى ئەرەبچە ھەسەل تىل، پارىسچە شەكەر تىل دېگەنگە قارشى ئۇيغۇرچە سەنئەت تىلىدۇر دېگەن قاراشنى دەلىللەپ چىققان. نەۋايىدىن كېيىن ئۇيغۇرنى باشقا بىر مىللەتكە سېلىشتۇرغاننى كۆرمىدۇق. مەنچە ئىلى سۇلتانلىقى چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىگە يەم بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ”ئورۇس ھارۋىسى دەيدۇ، ئالدى چاقى پەس ئىكەن…“، ”يەتتە سۇغا كۆچ دەيدۇ، بارار يېرىمىز قۇملۇق. راست گېپىنى ئېيتمايدۇ، كۆزى كۆك بېشى يۇڭلۇق.“ دېگەن قوشاقلاردىن بىز خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرۇپ باققانلىقىدىن خەۋەر تاپىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە مۇكەممەلرەك بىر ئەسەر يوق. رۇس ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئەقلى سېلىشتۇرما بولغانلىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بىرەر زىيالىنىمۇ كۆرمەيمىز. مەنچە ئۇ دەۋردە ئەقلى سېلىشتۇرمىغا قارىغاندا مايىللىق، بىپەرۋالىق ياكى ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت تۇيغۇلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس. سىرىتقا كېچىكىپ ئېچىلغان ئىشىكلىرىمىزدىن چىقماق ۋە كىرمەك كۆپ كىشىگە نىسىپ بولمىغاچقا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى چىگرا سىرتىدىكىلەرگە سېلىشتۇرىشى بەكمۇ كېچىكىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە، يەھۇدىلارغا، سىگانلارغا ۋە ئىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنى تۈركىيە تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان ئەسەر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى. مەسىلەن، ”يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام“. ئۇيغۇرنى يۇقارقى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغان بايانلار، پاراڭلار، سۆھبەتلەر دائىم قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن كەلپىنلىك ئاغىنىلىرىم ”بىز دېگەن ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىلىرى“ دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ خەقتە يوق ناخشا-ئۇسۇلى كۆزىگە جىن كۆرۈنىدىغان بەزى ئىنكارچى ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇرنى سىگانلارغا ئوخشىتىشىدۇ. ئۇستاز تەكلىماكانىينىڭ “ ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق“ دېگەن يازمىسىدا ئۇيغۇر ھىندىئانلارغا ئوخشىتىلىپ ئاگاھلاندۇرلىدۇ. يۇقاردا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك سېلىشتۇرۇش شەيئىلەرنى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، ئەمما سېلىشتۇرغۇچى ئىككىلا شەيئىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا سېلىشتۇرۇلغان ئىككى شەيئى ئوخشاش شارائىت، ئوخشاش ئۆلچەمدە ئوخشاش مەقسەد ئۈچۈن سېلىشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنىمىنى سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئۆتكۈر بالىلارنى يەسلىدىن، باشلانغۇچتىن، تولۇقسىزدىن خەنزۇچە مەكتەپكە، ياكى قوش تىل سىنىپىغا تاللىۋېلىپ بۇلارنى شاللىنىپ قالغانلار ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ، ئۇيغۇرچە سىنىپ بىلەن سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ. مەنچە مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇشتۇر. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئامىل مەدەنىيەت ( توغرىسى كۈلتۈر، ھەزارەت) تۇر. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق مىللەتتە خاس كۈلتۈر بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ”كۆزىگە سىغمايدىغان“ ئادەتلەرمۇ بولىدۇ. بۇلارنى يىغىپ مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەيمىز. بىر خەلق توغرا دەپ قارىغان ئىش، راھەتلىنىپ تۇرغان ئۆي، كۆنگەن خۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ خەلقنىڭ كۈلتۈرى ھىساپلىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئىلغان قالاقلىق، زامانىيلىق، گېرىلىك بولمايدۇ. بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە مەزكۇر خەلقنىڭ ئەزالىرىلا ھۆكۈم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئاق كۆك دېيىشى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. مەدەنىيەتلەرنى ئىلغار، قالاق دەپ ئايرىش مۇستەملىكىچىكلنىڭ قالدۇقى خالاس. شۇڭا مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق. 1. ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟ مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز، قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى. ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەرەپتارلىرى يېڭىلسە ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم. ماڭا بۇلار ئىللەت تۇيۇلمىدى. پەقەت دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇرلار قىزىل ئاي مەيدانىغا قېچىپ كەلگەندەكلا ھىس قىلدىم. تۈركىيىدە ئون يىللاپ تۇرغان بۇرادەرلەرگىمۇ ھېلىقى ئانا-بالىنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنىشى ئۇچرىماپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرمۇ ھىچ قاچان ئايىغىغا يۇققان لاينى سۈرتمىگۈدەك ھالدا ئەمەس. دېمەك ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان بىر كۆرۈنۈشنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئۇيغۇرغا باھا بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئەڭ مەشھۇر مىسالى سۈيقاشنى ئاۋازلىق ئىچىش مەسىلىسى. بۇ بىر ئەيىپ سانىلىدىغان ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرنىڭ خەققە ئاڭلانغۇدەك شالاپشىتىپ تاماق يەيدىغان ئادىتىمۇ يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى تاماق يىگەندە قەتئى ئاۋاز چىقارماسلىقا تىرىشىدۇ. تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىش ئەمەس پاراڭ سېلىشمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان مىللەتنى شالاپلىتىپ تاماق يەيسەن دەپ ئەيىپلەشمۇ ئىشمۇ؟ شۇندىن كېيىن چەتئەلگە يېڭى چىققانلارغا بۇرۇن چىققانلارنىڭ قەستەن ياكى چاخچاق قىلىپ ”تاماقنى ئاۋاز چىقارماي تۈزۈك يە“ دېيىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ تۈركىيلىكلەرنى بىزگە ئۆلچەم قىلىپ تىكلەپ قويغان. سېلىشتۇرمىدا تۈركلەر ئۆلچەم بولۇپ قالغاچقا ئاپتۇرچە بىزنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمزنىڭ ھەممىسى ئەيىپىمىز بولۇپ قالغان. ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى ئىلغار مەدەنىيەت ۋە قالاق مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەپ ئايرىشنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق ئۆلچەمنىڭ يوقلىقىنى ئويلاشمىغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەختەم ئۆمەرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بىز ئالغان تەربىيە ۋە كۈندىلىك تەشۋىقات كۈلتۈرلەرنى زامانىۋىي ياكى ئەمەس دەپ قارمۇ قارشى قۇتۇپقا ئايرىيدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا تۈركلەر ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىت، سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي سەۋىيە پەقەت ئويلۇشۇلمىغان. بۇ خۇددى پىيادە يولۇچىنى ئايرۇپىلاندىكى سەپەرچىگە سېلىشتۇرغانلىق بولۇپ نەتىجە سېلىشتۇرغۇچنىڭ خاھىشىغا باقىدۇ، ئەلۋەتتە. ماددىي، سىياسى شارائىتلىرىنى ئويلاشمىغاندا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت تۈركلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدەك سۆزمەن، خوتەن ئۇيغۇرلىرىدەك پۇختا، غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدەك مەغرۇر، كۇچا ئۇيغۇرلىرىدەك مۇلايىم، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدەك سىلىق سۆز، ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىدەك چىۋەر، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدەك باغىرى يۇمشاق، كورلا ئۇيغۇرلىرىدەك سېخى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدەك پىداكار. تەڭرىتاغ باغرىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن كەلگەن، ھەتتا بەزلىرى ساۋاتسىز ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيەدە ئەختەم ئۆمەر تىلغا ئالغان ”ئىللەت“ لىرى سەۋەبلىك يامان كۈنگە قالغىنى، ياكى چېنىپ شاللنىپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە تېرە زاۋۇتى، مىق زاۋۇتى، ئويۇنچۇق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يەرلىك تۈركلەرگە خىزمەت بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن ئەگە ئۇنۋېرىستىتى، غازى ئۇنۋېرىستىتى، ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتى، ھاجەتتەپە ئۇنۋېرىستىتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق ئۇنۋېرىستىتلاردا پروفېسسور بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسىس تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىدا موھىم خىزمەتلەردە بولماقتا. ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسىن كېيىن مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ گە ئوخشاش خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ژورناللار تونۇلدى. ھالبۇكى شۇندىن كېيىن خەلقىمىز خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۆز ئىللەتلىرى سەۋەبلىك بولۇۋاتقاندەك، ياتنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەشنى تەبىئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم مىللەتنى قورقماي تىللىيالايدىغان، ئوپىراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. شەخسنىڭ ئاجىزلىقىنى مىللەتكە دۆڭگەش تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلاندى. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇيغۇرنىڭ نوقسانى ساناش ئادەتكە ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى غۇرۇرىغا دەز كەتتى. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەدە تۈركلەرنىڭ بىر گەپنى تولا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ، ”سانا نە؟“. بۇ تۈركلەر ئەڭ كۆپ دەيدىغان گەپ. بۇنى ئۇلار سېلىشتۇرۇلغاندا كۆزۈڭگە قاراپ تۇرۇپ دەيدۇ، ”بەن تۈركۈم، ئۇ يۈزدەن بۆيلە ياپىيورۇم، سانا نە“. مەنىسى مەن تۈركمەن، شۇڭا بۇنداق قىلىمەن، ساڭا نېمە (گەپنىڭ تېگىدىكى مەنە، سېنى كىم ھۆكۈمچى قىلدى؟)

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 23نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ئالىمجان مۇنداق دىدى:2011-يىل 27-ئاۋغۇست 09:20 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇ يەرنى تېپىۋېلىپ بەك ياخشى ئىش بولدى ! لېكىنزە توربەتتىكى خەتلەر بەكلا كۆرۈمسىز چىقىۋالدى ، خەت نۇسخىسى قايسىغا تەڭشەلگەنلىكىنى دەپ بېرەمسىز ؟

    • Mr.Fan مۇنداق دىدى:2011-يىل 27-ئاۋغۇست 09:45 جاۋاب

      خەت نۇسخىسى ئەلپىدا يۇنىكود سىستېم !

      • Ving مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 05:08 جاۋاب

        This atircle keeps it real, no doubt.

        • Nikki مۇنداق دىدى:2012-يىل 17-يانۋار 00:23 جاۋاب

          We’ve arirved at the end of the line and I have what I need!

        • Trudy مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 06:00 جاۋاب

          This is what we need – an isinght to make everyone think

    • Latoya مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 16:33 جاۋاب

      Begun, the great intreent education has.

      • Kailey مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 22:51 جاۋاب

        Umm, are you relaly just giving this info out for nothing?

      • Vianca مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 02:33 جاۋاب

        What a joy to find such clear thniinkg. Thanks for posting!

  • ھەۋاسكار مۇنداق دىدى:2011-يىل 30-ئاۋغۇست 13:28 جاۋاب

    :?:

    • Demelza مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 20:41 جاۋاب

      Grade A stuff. I’m unquesitnoably in your debt.

      • Infinity مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 14:53 جاۋاب

        It’s wonedfrul to have you on our side, haha!

      • Puss مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 06:52 جاۋاب

        Action rqeriues knowledge, and now I can act!

        • Tessica مۇنداق دىدى:2012-يىل 28-يانۋار 16:43 جاۋاب

          I just hope whoever wretis these keeps writing more!

  • ھەۋاسكار مۇنداق دىدى:2011-يىل 30-ئاۋغۇست 14:04 جاۋاب

    ئەسسالۇمۇ ئەلەيكۇم! گۈلەن ئەپەندى، ئالدى بىلەن بۇ تور بىتىڭىزنىڭ يىڭى كۆز ئاچقىننى قۇتلۇقلايمەن.
    ئەسىرىنىڭىزنى ئۇقۇپ بۇلۇپ، بىر نەرسىنى ئويلاپ قالدىم، ئەگەر سىز تۈركىيەدە 6 ئاي تۇرمىغان بولسىڭىز يەنىلا مۇشۇنداق ئوي-پىكىرىڭزنى يازالامتىڭىز؟ ئەختەم.ئۈمەر ئاكىغا ئۇچۇرغان ئىش ماڭا ئۇچۇرمىدى، باشقىلارغىمۇ ئۇچۇرمىدى دەپ ئۈتۈپسىز، سىزنىڭچە بۇ ئويدۇرمىمۇ ياكى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىشمۇ؟ توغرا، ئەختەم.ئۈمەر ئاكا مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى كۆرسۈتۈپ بىرىشكە باشلىغان يازغۇچلارنىڭ بىرى.سىز ‹ھالبۇكى شۇندىن كېيىن خەلقىمىز خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۆز ئىللەتلىرى سەۋەبلىك بولۇۋاتقاندەك، ياتنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەشنى تەبىئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم مىللەتنى قورقماي تىللىيالايدىغان، ئوپىراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. شەخسنىڭ ئاجىزلىقىنى مىللەتكە دۆڭگەش تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلاندى. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇيغۇرنىڭ نوقسانى ساناش ئادەتكە ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى غۇرۇرىغا دەز كەتتى.›دىگەنلەرنى يىزىپسىز، مىنىڭچە بۇ بىر قىسمى ئەھۋال دەپ ئويلايمەن، يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ يەردىكى خۇلاسىڭىزدە ئەقلى ئەمەس بەلكى ھىسياتى خۇلاسىسىڭىز ئاساسى ئۇرۇندا بۇلۇپ قالغاندەك. ئەڭ ئاخىرقى جۇملىڭىز ‹ مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەدە تۈركلەرنىڭ بىر گەپنى تولا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ…› مىنى تۇلۇمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. بىز ھىچكىمنىڭ قانداق نەرسىگە دىققەت قىلىشى كىرەكلىگىنى بەلگىلىيەلمەيمىز. يەنە كىلىپ، تارىختا ئاللىبۇرۇن بۇلۇپ ئوتكەن ۋەقەلەرنى خالىغانچە ئانداق بولغان بۇلۇشى مۇمكىن، مۇنداق بولغان بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئۆز ئالدىمىزغا خۇلاسە چىقارساق يەڭگىلتەكلىك قىلغان بوپ قالىمىز. سىزنىڭ تەپەككۇرىڭنىز بۇيىچە، ئالدى بىلەن سىزمۇ ئۆزىڭىزنى 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئاشۇ تارىخى دەۋىرلەرگە قۇيۇپ تەپەككۇر قىلىلپ بىقىڭ.
    خۇلاسەم، ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن، بۇ ئەسىرىڭىز ماڭا ‹باشلىنىشنى ياخشى باشلاپ ئاخىرلىششىنى ياخشى ئۈزمىگەن › تەسىرنى بەردى.

    روزى ھىيتىڭزغا مۇبارەك بولسۇن!!! تىخۇمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىپ ھەۋاسكاردىن.
    ئامان بۇلۇڭ!
    2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

    • Carrie مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 22:41 جاۋاب

      What a great resuocre this text is.

      • Marsue مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 21:05 جاۋاب

        Yup, that slhoud defo do the trick!

      • Cheyanna مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 05:06 جاۋاب

        Thanks for introducing a little rationality into this dabete.

  • ئەسىر مۇنداق دىدى:2012-يىل 20-ئىيۇن 07:38 جاۋاب

    ئاڭلىسام تېمىغا ئىنكاس يېزىشمۇ ئەخلاق جۈملىسىدىن ئىكەن، شۇڭا ئىنكاس يېزىپ قويدۇم :mrgreen:
    ئامانلىق تىلەيمەن گۈلەن ئەپەندى!

  • yultuz مۇنداق دىدى:2012-يىل 17-ئاۋغۇست 05:33 جاۋاب

    Different people, different experiences, different positions— different points of view.

  • ۋارىس مۇنداق دىدى:2012-يىل 19-ئۆكتەبىر 23:09 جاۋاب

    ياخشىمۇسىز گۈلەن ئەپەندى ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم پەخىرلەندىم ! قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن !

  • ئەرمەن مۇنداق دىدى:2013-يىل 17-ئاپرېل 13:34 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .گۈلەن ئەپەندى،سىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرڭىزنى ئۇقۇپ چىقتىم،تەسراتىم ئاساسەن ئامرىكا ،تۈركىيەگە سېلىشتۇرۇش.مەن دەيمەن ،بىز چۇقۇم ئۈزمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ پىكىر قىلشىمىز كىرەكمۇ؟سىز ئامرىكىغا سېلىشتۇرسىڭىز،ئەسەت سۇلايمان شىۋىتسىيەگە سېلىشتۇرسا،يەنە بىرى ئەرەپلەرگە سېلىشتۇرسا،يەنە بىرى يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرسا ….،كىم نەگە بارسا كىمنى كۈزەتسە شۇنىڭغا سېلىشتۇرسا بىز شۇ ئارقىلىق ئۆزمىزنى تۇنۇپ يىتەلەمدۇق؟بىز ئۈزمىزنىڭ يۇلنى تاپالامدۇق؟

  • قۇرباننسا مۇنداق دىدى:2013-يىل 12-ئىيۇن 14:44 جاۋاب

    ئۆزىمزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ھوھىم ئەمەس ،ئەڭ ھوھمى بىزنڭ ئۆزىمزنى قانداق تونۇشىمز ۋە قانداق يول تۇتشىمز.بىر مىللەتىنڭ ھەممە ئادەتلىرنڭ خاتا بۇلشى ناتايىن ،بىزمۇ بەزدە باشقىلارنڭ ئارتۇقچىلىقنى قۇبۇل كىلشىمز كىرەك.

  • مۇستاپا مۇنداق دىدى:2013-يىل 2-ئۆكتەبىر 14:09 جاۋاب

    يۇقىرىدا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن . ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئىلغار ئىدىيەلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانداقلىقىمىزنى بىلىمىز . ھېچنىمىگە سېلىشتۇرماي قارىسىغا ھېسسى بىلىش بىلەنلا ئۆزىمىزنى قانداق بىلەلەيمىز ؟

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|