ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامېرىكىلىق

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: دىلبايان | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 819 views°

يازما بەت ئىلانى

ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى

يېقىندا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن تېكساسلىق جەيسېننىڭ فەيىسبۇك(دوستلۇشۇش تورى) قا چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. رەسىمدە ئۇ ئۆزىنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ مىھمان قىلغان بىر توپقازاق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ كىينىشى ئامرىكىدىكى كېچىلىك كۇلۇپتا ئوينايدىغان قىزلاردىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىچە ئېدى. جەيسېن ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ دوستى بىلەن تونۇشىدىكەن. بىۋاستە تونۇشمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئىزدەشلىرىگە ئانچە كۆنۈك بولمىغان بۇ بۇرادەر تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئاق ھاراقنى ئۇ قىزلار بىلەن تەڭ ئىچەلمەي مەسخىرىگە قالغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەپتۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان قىزلارنىڭ ئوغۇلبالىچىلقنى ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆلچىگىنى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپتۇ. جەيسېننىڭ يېزىشىچە ئون نەچچە قىزنىڭ شۇ بىر قانچە كۈن خەجلىگەن پۇلىنى ئۇ نەق بىر يىل خەجلەيدىكەن.

ئۇخاتىرىسىنى مۇنداق داۋام قىلىپتۇ. “ بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەلىيىمىز كېلىپ ئاران ئىككەيلەن ئۈرۈمچىدىكى ئېكىس ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىندۇق. مەن سېرىق چاچلىق ئامېرىكىلىق، يەنە بىرەيلەن قارا چاچلىق شەرقى  ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئېدى. بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن قىزلارنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق. شەرقى ئاسىيا نەسىلىللىك ئامېرىكىلىق بۇرادەر تەلەيلىك چىقىپ بۇقورشاۋنىڭ سىرتىدا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئادەملەر بۇ يەردەكۆپكەن، شۇڭا ئۇنى ھېچكىم ئامېرىكىلىق دەپ ”ھۇجۇم“ غا ئۆتمىدى. مەن بۇ قورشاۋدىنقاچقانچە چىقالماي قالدىم. قازاق قىزلار كىرىدۇ، ساڭا قازاقچە ئۆگىتىمىز بۇ دېگەن دۆلەت تىلى، مۇشۇ تىلنى ئۆگەنسەڭ ئەس قاتىدۇ، خەنسۇچە ئۆگەنسەڭمۇ بىز تەييار دەپ،خەنسۇ قىزلار كىرىدۇ، نېمە قىلىسەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرتىلى ئىشلىمەيدۇ، بىزدىن بىراقلا خەنسۇچە ئۆگەن دەپ، ئۇيغۇرقىزلار كىرىدۇ، ھەقسىز ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ قويايلى دەپ…مېنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىم يوقاپلا كەتتى. كۈندە ئولتۇرۇش، كۈندە جىر، كۈندە تانسا، كۈندە دىبا (قىزىق يېرى ئۇدىبا سۆزىنىڭ يېنىغا كېچىلىك كۇلۇپ دەپ يېزىپ قويۇپتۇ). ماڭا ئەڭ غەلىتەتۇيۇلغىنى نەچچە سائەت يول مېڭىپ قارىمايدىن كەلگەن قازاق، ئۇيغۇر قىزلار بولدى. ئۇلارئۈرۈمچىگە مەخسۇس نەچچە مىڭ پۇللۇق كىيىم ئالغىلى كېلىدىكەن. ھەر كەلگەندە چوقۇم بەش يۇلتۇزدىن تۆۋەن مېھمانخانىدا تۇرمايدىكەن. مەن شىنجاڭدەك نامرات يەردە مۇنداق بايلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. دەسلەپتە ماڭا ئويۇندەك تۇيۇلۇپ كارىم بولمىدى. ئۇلاربىلەن ”بىخەتەر“ ئارىلىشىۋەردىم. بارا-بارا بۇنداق چەكلىمىسىز تۇرمۇشتىن زېرىكتىم.بۇنداق ھاياتنىڭ، بۇنداق قىزلارنىڭ تەمىدىن تويۇشقا باشلىدىم. كۆزۈمگە خەنسۇمۇ،قازاقمۇ، ئۇيغۇرمۇ ئوخشاش تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن شۇنىڭغا ھەيران  مېنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ ھارمايدىغان قىزلارنىڭ بۈگۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئەرتىسى بۇنىڭ بىلەن ئارىلاشسام نېمىشقا ئاچچىقى كەلمەيدىغاندۇ. قىزىق يېرى بۈگۈنى بىر دوستىنى باشلاپ كەلگەن قىز ئۇنى يولغا سالسام يەنە بىرىنى باشلاپ كېلىدۇ، مۇشۇنداقمۇ غەلىتىلىك بولامدۇ. ئۇلار بىلەن ئىچكەن ھاراقنى، تۈنىگەن كېچىلەرنى ئويلىسام قۇسقۇم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ساددىلىقىغا ھەيران قالىسەن. ئۇلارنىڭ بىرلا مەقسىدى بار،ماڭا خەنسۇچە، ئۇيغۇرچە ياكى  قازاقچە ئۆگەتمەكچى بولغان قىز مېنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ دەپ تاما قىلىدۇ. مەن سەل ئۇزاقراق ئارىلاشقانلىرىمغا دەپ قويدۇم،ئامېرىلىكلىقللارنىڭ بۇنداق ھىسسىياتنى سودىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۆچلىكىنى، بىلمىدىم ئۇلار راستىنلا چۈشەنمەمدۇ، ياكى چۈشەنسىمۇ ئۇلارنىڭ باشقا بىر خۇمارى بارمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.

مەن ئۈرۈمچىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ قارىمايغا بەش ئالتە قىېتىم چىقتىم. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى 80- يىللاردا چوڭ بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلاردىكى چەتئەل مەستانىلىقى بولدى. ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى مانچە بالام چەتئەلدەدېگەننى بەكمۇ ئۇرغۇلۇق قىلىپ مەغرۇر  سۆزلەيدىكەن، ئۇلارچە بۇ غەلىبىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. قىز ئۇغۇللار چەتئەللىكلەر(ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى چەتئەللىلەرياۋۇپالىقلار ياكى ياۋرۇپا چىرايدىكىلەرنى كۆرسىتىدىكەن) بىلەن بىللە ماڭغاننى ئالاھىدە بىرخىل سالاھىيەت ھىساپلايدىكەن. قىزىق يېرى ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا، پىرانسىيە، كانادا،ئاۋېستىرالىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە قىزغىنلىقى بار ئىكەن. بىردوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۈرۈمچى ۋە قارىمايدا يۇقارقى دۆلەتتىكى بىر يىگىت بىرەر قىزبىلەن تويلۇشۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتەلىسە قىزلار تويلۇق ئالمايدىكەن، قىزنى ئاتا ئانىسى كىرا قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدىكەن. مەنمۇ قەشقەرلىك بىر يىگىتنىڭ تويىغا قاتناشتىم،ئۇ ياپۇنىيەگە ئېلىپ چىقىش شەرتى بىلەن قىزغا تويلۇق بەرمەيدىغانغا پۈتۈشۈپتۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن قازاق بولسۇن بۇلار مۇسۇلمان، مەن ئىسلامدا تويلۇقنىڭ چوقۇم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىمەن. ئۇلارنى بۇ مۇقەدەس دىنى ئەھكاملىرىدىنمۇ تاندۇرۇپ چەتئەلگە تەلپۈندۈرىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكى ماڭا مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ تۇيۇلدى.“

مەن بۇنداق قىزلارنى تۈركىيەدىمۇ كۆرگەن. تۈركىيەدە بۇنداق قىزلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ئۆزگىچە. ۋەتەندىن توردا تونۇشقان يىگىتنى دەپ چىققان بۇ قىزلارنىڭ تەلىيى بارلىرى رەسمىي توي خېتى ئېلىپ قانۇنلۇق بىللە ياشايدۇ. يەنە بىر قىسمى نىكاھلىقلا بولۇپ قانۇنىي كاپالەتىسز ھاياتنى مەجبۇرى داۋام قىلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئىككىنچى نىكاھلىق  خوتۇن بولۇپ  قېقىلىپ سوقۇلىدۇ. ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كەتكەن بىر كىنو ئارتىسىنىڭ ئۇيغۇر گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلغان  قىزىنى ئەنقەرەدە ئىككىنچى خوتۇن ھالىتىدە ئۇچراتتىم. ئېرى بىرىنچى ئايالىنى تۇققان يوقلاشقا ۋەتەنگە يولغا سېلىۋېتىپ بۇ قىزنى ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىۋاپتۇ. بىرىنچى ئايالى قايتقاندىن كېيىن بۇ قىز ئىستانبولدىمۇ تۇرالماي ئەنقەرەگە يېنىپ كەپتۇ. مەن ئۇ ئارتىسنىڭ ئىتوت ۋە كىنولاردىكى رول ئېلىشىغا بەك قايىل بولغاچقا بۇ ئىشنى پەقەت ئۇنتالمىدىم. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بايقىدىمكى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن ئامېرىكىلىققا تېگىپ  كەلگىنى خېلى باركەن، ئامېرىكىلىق قىزدىن ئۇيغۇرغا ياتلىق بولغان بىرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانلار يوقكەن. بۇلتۇر پاكىستانلىق بىر كىشى بىلەن توي قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ پاكىستاندا ئۆيدىن تۆت نارەسىدە بىلەن قوغلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. مەن ياشىغان ئىچكىرىدكى شەھەردە بىز بىلەن يېقىن باردى كەلدى قىلىدىغان بەش ئايالنىڭ ئېرى خەنسۇ ئېدى. بۇنى ئاز دېگەندەك ئۇنۋېرىستىتتىكى ياغلىقلىق قىزلارنىڭ تۇڭگان قارىلىرىغا ئەگىشىپ، خەنزۇۋان قىزلارنىڭ خەنسۇ يىگىتلەرنى قولتۇقلاپ ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرمەي كېتىپ قالىدىغان ئىشلاغا شاھىد بولدۇم. ئۈرۈمچىگە قايتقان بىر تەتىلىدە ئايدەك چىرايىنى چەگكەن ياغلىقى نۇرلاندۇرىۋەتكەن  قىزلارنىڭ ئەرەبچە كۇرۇسلارغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەمما بىر داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىسىدىن ”ئۇ قىزلار ئەرەب دۆلەتلىرىگە ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئەرەبچە ئۆگىنىدىكەن“ دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (بۇ قاراشقا قوشۇلۇشقا ئاساسىم يوق). نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ قىزلىرىمىز نېمىشقا ياتنىڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟

1. ياتقا مايىل قىزلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى

مەن خەنچە ئوقۇغان بىر سىنىپقا ئىككى يىلغا يېقىن دەرس ئۆتكەن. شۇ سىنىپتىكى خەنسۇ يىگىتلىرىگە مايىل قىزلارنىڭ مۇنداق جاۋاپلارنى بەرگەنلىكى ئېسىمدە. ”ئۇيغۇر يىگىتلەر قوپال، قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ، خوتۇنىنى ئۇرالىغاننى ھەقىقى ئەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ، ھۆكۈمران بولۇۋالىدۇ، ئىددىيىسى خۇراپىي، نەزەر دائىرىسى كەڭ ئەمەس، ياۋايى…“

خەنسۇغا تەگكەن ئاسپىرانت قىزنىڭ ھىكايسى

”مەن قاغىلىقتىن، بىز تۆت ئاچا سىڭىل. مەندىن چوڭ ئۈچ ئاچام ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان. ئىككىسى بىردىن بالىسى بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتتى. بىرسى پەقەت ئىككى بالىسىنى دەپلا چىداپ ياشاۋاتىدۇ. ئېرى ئۆي ئىشلىرىغا قەتئى قاراشمايدۇ، ئىقتىسادنى ئېرى باشقۇرىدۇ، خالىغانچە بۇزۇپ چاچىدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاچامنى ئۇرىدۇ. خىزمەتنى ئاچاممۇ ئوخشاش قىلىدۇ، پۇلنى ئاچاممۇ ئوخشاش تاپىدۇ، لېكىن ئۆينىڭ بارلىق يۈكى پەقەت ئاچامغىلا قاراشلىق. ئاتا-ئاناممۇ بالىسى بار دەپ ئاجرىشىشقا قوشۇلمايدۇ. شۇڭا خەنسۇ بىلەن توي قىلىشىمغا ئاتا-ئاناممۇ رازى.“

ئۇ قىزغا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئاياللار ھەتتا خەنسۇغا تەگكەن بىر ئايالمۇ قوشۇلۇپ نەسىھەت قىلغانمىش، لېكىن كار قىلمىدى. مەن ئۇ قىز بىلەن خېلى جىق پاراڭلاشقان ئۇنىڭ ساپالىق بىر قىزلىقىنى بىلىمەن. ئارزۇلىرى شۇ ياشتىكى خېلى خېلى قىزلاردا يوق ئېدى. لېكىن ئالى مەكتەپتىن تارتىپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى تۈگەتىپ تويلاشقىچە يىگىتى بىلەن بىللە يېتىپ قوپۇپ يۈرۈشكەنمىش.

ئۇيغۇرغا تەگكەن ئايالنىڭ قارىشى

ياپۇنىيەنىڭ بىر تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدە كۆرسۈتۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايال ”ئۇيغۇرغا تەگسە مۇشۇنداق ھەم ئېتىزدا ئەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ، ئۆيگە كېلىپ ئەرنىڭ قوسقىنى بېقىپ، بالا بېقىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئەركىىشىنىڭ  ھۆددىسىدىن چىقىپ، قېينى ئانا قېينى ئاتىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ مۇشۇنداق قېرىپ كېتىدىغان گەپ، خەنسۇغا تەگسە سىزگە ئوخشاش ئاپئاق، چىرايلىق تۇرۇدىغان گەپ…“

2. ياتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى

ئۇيغۇر قىزغا ئاشىق بولغان خەنسۇ

مەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ھەققىدە قەشقەردە بىر تونۇش خەنسۇدىن سورۇدۇم. ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا شاپاشلاپ يۈرگىنىدىن خەۋىرىم بار ئېدى. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ”سىلەر ئۇيغۇرلار ئاياللىرىڭلارنى تەڭ كۆرمەيسىلەر. مېنىڭ بايقىغىنىم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېرىدىن ئاشقان تاماقنى يەيدىكەن، لېكىن ئۇيغۇر ئەرلىرى خوتۇنىدىن ئاشقان تاماقنى يىمەيدىكەن. ئۇيغۇر ئەرلىرى بىر يەرگە بارسا خوتۇنىغا دەپ قويمايدىكەن، لېكىن خوتۇنىنى بىسوراق ھىچ يەرگە چىققىلى قويمايدىكەن. ئۇيغۇر ئەرلىرى ئولتۇرۇشتا ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئاياللىرىنى پىۋا ئىچكىلىمۇ قويمايدۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەرلىرىلا باشقۇرمايدۇ، ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى تەڭ باشقۇرىدۇ.“

خەنسۇ زىيالىسىنىڭ چۈشەندۈرىشى

”ئۇيغۇر ئەرلىرى قوپال، بىر ئاز ياۋايى، خەنسۇ ئەرلىرى مۇلايىم، مەدەنىي. ئۇيغۇر ئاياللىرى چىرايلىق، ھەم چىرايلىق يۈرۈشكە ئالاھىدە ئامراق، ئۇيغۇر ئەرلىرىدە بۇنى قامدىغۇدەك يېتەرلىك پۇل ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىدەك مەدەنىيىلىك يوق. ئۇيغۇر ئەرلىرى خوتۇنىغا گېرىم بويۇملىرى ئېلىپ بەرگەننى نومۇس بىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى پەدەزگە ئامراق. مەن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ  ”خوتۇنۇڭغا ئوسما ئېلىپ بېرەرسەن“ دەپ تىللاشقىنىنى ئاڭلىغان. ئازاتلىق ئارمىيە خوتەنگە بارغاندا كوچىلارنى سۈپۈرۈپ، ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇپ، تېزەك تېرىپ، ئوت قالاپ يۈرگەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ‘خەنسۇغا تەگكەن خوتۇن خانىشتەك ياشايدىغان ئوخشايدۇ’ دەپ قالغانىكەن.“ بۇ كىشى ئۇيغۇرچە بىلىدۇ. ئىچكىرىدكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك مەلۇم ئالى مەكتەپتە پروففېسسور. يۇقارقىلاردىن باشقا چالا پۇلا يازمىلار ۋە كۆزىتىشلەردىن ئۇيغۇر قىزلىرى ”جوڭگۇدا كەم ئۇچرايدىغان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمان دىلبەرلەر“(م، ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىدكى رىستۇرانلاردا ئەرەبلەردەك كىندىكىنى ئېچىپ، يۈزىنى يېپىپ قورساق، كاسا ئاتىدىغان ئۇسۇلغا سېلىنىدۇ. ئېنىقكى بۇ ئەرەب رەققاسلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا، خەنسۇلار مۇسۇلمان دېسە ئەرەبلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردىدىغان، شۇ ياغلىق قاپاقنى ئۇيغۇرلارغا كەيدۈرىدىغان گەپكەن.) يىپەك يولىغا ئائىت بۇددىزىم رەسىملىرى ۋە مىڭ ئۆيلەردە تەسۋىرلەنگەن ھىندۇ-پارىس گۈزەللىرى“، مىڭ بىر كېچەدە تەسۋىرلەنگەندەك، ”سىرلىق قەسىرگە بەنت قىلىنغان ئەركىنلىككە تەشنا ساھىپجاماللار، ”، ”ھىسسىياتچان، ئىشرەتخور، ئوچۇق ( ھەتتا قوپالراق دېسەك ئىشتان بېغى بوش) ياۋا گۈللەر“. مەن بۇلارنى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا خەنسۇچە تورلاردىكى يازمىلاردىن ۋە پاراڭلاردىن بايقىغان. ئەمما ئۇزاققا قالماي، ئۇنداق مەزمۇندىكى تورلار ۋە مەزمۇنلار ئېچىلماس بولدى. مەن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن بىرقىسىم خەنسۇچە توربەتلەردە تەلۋىلەرنىڭ ”ئۇيغۇر جىنىسبازلىرى ۋە قىزلىرىنى زوراۋانلىق، ياۋايىلىق ۋە زۇلۇمدىن ئازات قىلايلى“ دېگەن شۇئارلارنى كۆرۈپ ئەجەپلەنمىدىم. بۇ پەقەت شەھۋانى تورلاردىكى ”شىنجاڭ(ئۇيغۇر) قىزلىرى“ ھەققىدىكى تېمىلاردا تولا دېيلگەن گەپلەرنىڭ ئازاراق سىلىقلاشتۇرۇلۇشى ئېدى. ئىچكىرىدىكى چاغلىرىمدا بىر خەنسۇ ئايال مۇئەللىم بىلەن ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ھەققىدە تېما ئىشلىدۇق. گەپ ماقاللاردىكى مەدەنىيەت ھەققدە سۆز بولۇۋېدى، ”ئۇيغۇر قىزلىرى خەنسۇ قىزلىرىدىن بەكرەك ئوچۇق، ئىشرەتخور، شىنجاڭ دېگەندە ئادەم ئاز يەر كەڭ بولغاچقا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتىگە دائىر تەقىپ ۋە توساقلار خەنسۇ جەمئىيىتىدىكىگە قارىغاندا ئاز…“ دەپ قالدى. يۇقارقى مەزمۇننى ئىسپاتلايدىغان ماقاللارنى تېپىپ بېرەرمىشمەن. مەن ئۇنىڭغا بۇ گېپىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بىللە يازغان ماقالىمىز نەشىردىن چىققاندا قارىسام يەنىلا ”ئۇيغۇر قىزلىرى كۆڭلىنى ئەرلەرگە بايان قىلالايدۇ، خەنسۇ قىزلىرىدىن كۆپ ئوچۇق“ دەپ يېزىپتۇ، ھىچ ئاساس كۆرسەتمەي. 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىدا ئون نەچچە يىل تۇرغان مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭمىڭ بىر خەنچە پروگراممىدا ”ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە يۈرەكلىك، ئوچۇق“ دەپ ئاتايىن دەپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن شەخسىي مەتبۇئاتى يوق. ئۇيغۇر ئاۋامنىڭ چىن ھالىتىنى پەدەزسىز، تەرەپسىز، ئالدىن بېكىتىلگەن پىلان مەقسەتسىز ئايان قىلغان  نوپۇزلۇق ھۆججەتلىك فىلىملەر تېخى بارلىققا كەلمىدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ھەققىدىكى يۇقارقى تەرەپباز، خىيالىي، بۇرمىلانغان، جىنسىيلەشتۈرۈلگەن، جىسىملاشتۇرۇلغان قاراشلار ئۇيغۇرقىزلىرىنىڭ ئۇسۇللۇق بەدىنى سەھنىدە ئومۇملاشقانچە تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ.

بۇلار مەن بۇرۇن كۆرۈشكەن كىشىلەر، ئوقۇغان يازمىلار ۋە ئاڭلىغان ئىشلارنىڭ ئېسىمدە قالغانلىرى. بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىش ئىستىكىم بولمىغاچقا ھازىرلىقسىز بولغاچ مۇشۇنچىلىك يازاي. ئامېرىكلىق ئەرلەرنىڭ بۇ مەسىلگە قانداق قارايدىغانقىنى بىلىشكە ئىمكانىم بولمىدى. جەيسېننىڭ ئېيتقانلىرى بىرەر ئېنىق مەسىلىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ناۋادا ئوقۇرمەنلەر بۇ تېمىغا زىيادە قىزىقسا ئىھتىياجغا قاراپ يەنە داۋاملىق كۈزۈتۈپ داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشىم مۇمكىن.

3. مەن قانداق يېشىمەن؟

ئومۇملاشتۇرغاندا يات ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر قىزلىرى ئېچىلمىغان بوزلۇق، تەرەققىياتقا، زامانىۋىيلىققا، مەدەنىيلەشتۈرۈشكە، ئازاد قىلىنىشقا مۇھتاج بىر كوللكتىپ. ئۇلار  خوراپىي، ياۋايى، زوراۋان، ھورۇن، نامرات ئەرلەرنىڭ قولىدا قول، ئويۇنچۇق بولماقتا. بۇ نۇقتلاردا ياتلارنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر قىزلار كۆرۈنمەس ۋە سانىغۇسىز بىر توپ ئەمەس، بەلكى كونكىرىت بىر جىسىم. يەنى ئىگىلىۋېلىنغان كونكىرىت بىر شەيئى. ئۇلار نائىنىق بىر توپنى كونكىرىت بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بۇ گەۋدە گۈزەل، جەلپكار، بېسىۋېلىغان، بۇ گەۋدە ئەڭ موھىمى ”ئايال“. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزلىرى قۇتقازغۇچى، ئىسلاھاتچى. ئۇيغۇر قىزلىرى زامانىۋىيلىققا مۇھتاج، قىزلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە تېنىدىن ”زامانىۋىيلىق“ قا ئېرىشىدۇ. ئوزلىرىچە ئۇلار مەدەنىي، باي، يۇقۇرى تەربىيەلىك تەبىقە، قىزلارنىڭ ئۇلارغا ئېرىشىشى مەدەنىيەتكە، سالاھىيەتكە، بايلىققا ئېرشىكىنى. قەشقەردە بىر ئۇيغۇر گۈزىلىگە بىر قانچە خەن خىزمەتدېشى ”سەن ئىچكىرىگە ھىچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىگە كەتكەن بولساڭ شىياڭگاڭلىق زەردارلارغا ئەرمەك بولغۇدەك پۇرسىتىڭ بار ئېىدى“ دېگەننى نەچچە قېتىم دەپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىش مۇمكىنكى ئۇلارچە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى زەردارغا مەنسۇپ. جامائەت پىكرىنى باشلىيالايدىغانلار بايلارۋە ئۇلارغا پاس چىقىرىپ جان باقىدىغان ئەمەلدار ۋە قەلەمدارلار. ئۇلار ساياھەتكە كېلىشىدۇ. مەقسىدى رىقابەت كەسكىن ، تۇرمۇش جىددىي ۋە ھەممە نەرسە تاۋارلاشقان جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىدىن قېچىش. ئىزدەيدىغىنى يۇقۇرى ئىستىماللىق قىممەت رايۇنىدا ئېرشەلمەيدىغان نىسبەتەن ئەرزان ”مۇلازىمەت“لەر، زامانىۋىيلىقتىن مۇستەسنا يوچۇن جەمئىيەت ۋە بۇ جەمئىيەتتىكى ”ئىپتىدائى“ كىشىلەر. يەنە بىرى ئۇلار ئۆزلىرىنى 21-ئەسىردىكى ئىلغار دەۋىرگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ زامان چېكىنى بۇزۇپ ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇشىنى ياشاۋاتقان كىشىلەرنى سەيلە قىلىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئالغا كەتكەنلىكىدىن ھوزۇرلانغۇسى كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ قېچىۋاتقىنى تەرەققىي ماكان ۋە ئۇچۇرلاشقان زامان. چىگراغا جايلاشقان، قويۇق ئىسلام مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان بۇ زېمىن ئۇلارنىڭ شىرىن خىياللىرىغا مەلھەم بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازانىڭ ئىچكىرىلىك زەردارلار تەرىپىدىن قويۇق ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنىشى دەل شۇ شىرىن چۈشنى رىياللاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ئەمدى جەيسېننىڭ يازمىسىدىكى چەتئەل خۇمارلىققا كەلسەك بۇ يەردە بىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۇقاردا دەپ ئۆتكەن زەردارلارنىڭ شىرىن چۈشىگە ماسلىشىۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرمەي قالمايمىز. قىزلىرىمىز زامانىۋىيلىققا، بايلىققا، ئىلغارلىققا تەلپۈنىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان خۇراپىي، قالاق، كونتروللۇق جەمئىيەتتىن تەرەققىي ماكانغا، يېڭى دەۋرگە قاچساق دەيدۇ. بايلىق ۋە تەرەققىياتتىن كەلگەنلەرمۇ تۇرۇۋاتقان تاۋارلاشقان ماكانى ۋە ماشنىلاشقان زامانىدىن قاچساق دەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسى قاتناش بىر قەدەر قولاي، ئۇچرۇشۇشقا بىخەتەر ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرىدىن بىر قەدەرخالى بولغان ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق ئارا بەلۋاغدا قوشۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوشۇلىشىنى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەدەنىيىتى قوللاپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، مەن تۇرغان شەھەردىكى خەنسۇلارنىڭ نەزەرىدە ”ئۇيغۇرلار ئېرىنىڭ پۇلىنى دەپ ئەگىشىپ كەلگەنلەر“. ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەرمۇ ”چەتئەللىك قىزلار ئامېرىكلىق بولۇش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ياتلىق بولىدۇ“دەپ قارايدۇ. شۇڭا رەسمىي توي قىلىشقا قارىغانداق مۇنداق سەييارە قۇشۇلۇش بەكرەك ئومۇملاشقان. بۇنىڭدا ۋاقىتلىق بولۇش، بەدەللىك بولۇش، مەخپىي بولۇش ئاساسلىق ئالاھىدىلىك. ئۇلار ئۆز مەدەنىيەتلىرىدە قوشۇلۇش ئەركىنلىكى ۋە ھالاۋىتىنى تولۇق سۈرەلمىگەچ ھەر ئىككىلا مەدەنىيەتكە تولۇق تەۋە بولمىغان بىر ئارا رايۇنغا مۇھتاج. ئۈرۈمچى، قارامايلار ئۇلار ئۈچۈن غايىۋىي ئارا بەلۋاغ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك، مەبلەغ سېلىش، ئېچىش تۈرلىرى بۇنداق بەلۋاغلارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە كەڭەيتمەكتە. بۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ خەقلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا تېخىمۇ ماسلىشىشقا مەجبۇر بولۇشىنى ياكى ئخىتىيار قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئىھتىياجغا قاراپ تاۋارنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى چوقۇم. ئۇيغۇر ئەرلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپلەر دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ، لېكىن شارائىت يارىتالمايدۇ. يات ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىھتىياجلىرىنى يېڭىلايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

خاتىمە ئورنىدا

بۇ بۆلەكنى يازماق ماڭا بەك تەرس كەلدى. ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشنى پەقەت خالىمايدىغىنىم ئۈچۈن نەچچە ۋاز كەچتىم. ئۇيغۇرلاردا ئالقىشلانغان ئادىل مىجتنىڭ ھېلىقى“ئۆلچەملىك“ ئەر ھەققىدىكى ئىتوتىنى كۆرۈپ جىق ئويلۇدۇم. ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۈگۈنكى ئائىلە كىرزىسى، ئەخلاق كىرزىسىنىڭ جاۋابىنى ئەجداتلارنىڭ يولىدىن ئىزدەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. نەزەرىيە جەھەتتىن تەبىئى شۇنداق بولاتتى. ئەمما شۇنى دېگۈم بار، بىز ياشاۋاتقان دەۋىر ئەجدادتلىرىمىز ياشىغان جىسمانى كۈچ دەۋرى ئەمەس. جىسمانى قۇۋۋەت ۋە ئەر ئاياللارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلغان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۆلچەملىك ئەر ۋە ئايال  ھەققىدىكى ئۇدۇملىرىمىز دەۋرىمىز رىياللىقىغا ماس كەلمەۋاتىدۇ، شۇڭا قوغۇدايمىز دېگەنچە يىمىرىلمەكتە. بۇنى بىر قانچە ئېتوت يېزىپ تۈزىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىز، دەرسخانىلىرىمىز، مۇنبەرلرىمىز ئەرلەرنىڭ قولىدا بولغاچقا ”بۇزۇلۇش“ دېگەن گەپ چىقسىلا ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارشى قۇتۇپ ئاياللار كېلىۋالىدۇ، بارچە گۇناھ ئاياللاغا دۆڭگىلىدۇ، مەنچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رىياللىقى ئەرلىك نۇقتىنەزەرنىڭ، ئەرلىك بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا ئاياللارنىڭ باشقا ماكان ۋە زامانغا ۋە شۇ قۇتۇپقا مەنسۇپ ياتلارغا تەلپۈنىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.

مەن 2005-يىلى بىر سىنىپقا دەرس ئۆتۈۋېتىپ مۇناسىۋەتلىك بىر تېكىستكە باغلاپ ئوغۇللاردىن “ خىزمىتى يوق بىر قىزغا ئۆيلىنەمسىز؟“ دەپ سوراپ باققانتىم. يىگىرمە نەچچە يىگىتتىن بىرسىمۇ مەن كۈتكەن “ مېنىڭ سۆيىدىغىنىم خىزمەت ئەمەس، ئىنسان“ دېگەن سۆزنى دېيەلمىدى. ”قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى“، ئاياللىرىمىز يالىڭاچلىنىپ كەتتى“ دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك قانينىتىپ سۆزلەۋاتقان سەللىلىك خاتىپ، گالىستۇكلۇق ئوقۇتقۇچى، پاينەكباش يازغۇچىلارغا دېگۈم كېلىدۇ، ئۇلارنى بۇزۇۋاتقان، يالىڭاچلاۋاتقان سەۋەبلەر زادى نېمە؟

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 4نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • مەلەك مۇنداق دىدى:2011-يىل 3-سېنتەبىر 23:28 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،خەنزۇغا تەككەن شۇ ئاسپىرانت كونا خىزمەتدىشىڭىز مۇشۇ يازمىنى كۆرسە نېمە دەپ قالار،نېمىشقا ھە دېسىلا چاۋىمىزنى چىتقا يايىدىغاندىمىز،كېسەلنى يوشۇرسىغۇ ئۆلۈم ئاشكارا ئەمما.
    بىر باغدىكى ئامۇتتىن،شىرىن ئامۇت ھەم سېسىق ئامۇتنىڭ تەڭ يىتىلىشى نورمال ئەھۋال بۇنى ئىستاتىسكىلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.بلوگىڭىزنى تەييار قىلىپ بەرگەن ئەلشاتقا دەڭ نۇرغۇن جايلارنى يېرىم-يارتا تاشلاپتۇ،ئۇيغۇرچە فونت ،ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىنكاس جەدىۋەل،جەدىۋەل،ئىنكاس دېگەن بىر قۇر ھاجەتسىز.
    ئىنكاس رايونىنىڭ ئارقا مەنزىرە رەسىمىگە يەنىلا ئۆزىنىڭ بلوگىنىڭ ئىلانلىرىنى چاپلاپ قويۇپتۇ.

    • Mr.Fan مۇنداق دىدى:2011-يىل 4-سېنتەبىر 04:16 جاۋاب

      بىلوگىمىز يېڭىدىن ئىلان قىلىدى ، نورمالسىز تەرەپلىرى تۈزۈتۈش باسقۇچىدا!

      • Betsey مۇنداق دىدى:2011-يىل 10-نويابىر 02:23 جاۋاب

        Infromtaoin is power and now I’m a !@#$ing dictator.

    • Tawny مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 08:48 جاۋاب

      A bit surprised it seems to smpile and yet useful.

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|