يالىڭاچلىقنىڭ غەرپچە يۈزى ۋە ئۇيغۇرچە سۆزى

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 870 views°

يازما بەت ئىلانى

1.       بوسوغىدىكى خىياللار: نېمە ئۈچۈن يالىڭاچلىق مۇنازىرىسىگە بەنت بولۇپ قالدۇق؟

يوقسۇل داستىخان ۋە تۆشۈك قالغان گەپ

جوڭگۇدىكى  ئېچىۋېتىش يالغۇز 30 يىلغا يېقىن تاقالغان سودا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت ۋە تەخنىكا ئىشىكلىرىنىڭلا  ئېچىلىشى بىلەن ئەمەس ئەڭ موھىمى بوغۇلغان ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خاراكتىرلەندى. چوڭ موھىتتىكى بۇنداق ئېچلىش 30 يىلدىن بېرى ئۆز ھاۋاسىنى بېيجىڭغىلا ئېچىلغان دەرىزىلەردىن يېڭىلاپ كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ھەممە تەرەپتىن ئېچىلىش مەجبۇرىيىتىگە موپتىلا قىلدى. نەتىجىدە ئېچلىش ھىچقانداق ئەندىزىسىز، تەييارلىقسىز، تەشەببۇسكارلىقسىز باشلاندى. خەنزۇ جەمئىيىتى ۋە ئىدىلوگىيىسى ئېچىلىشتا بىزدەك تەييارلىقسىز قالغان ئەمەس. نۇر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ھەققدىكى مۇنازىرە، شاڭگاڭ ياراتقان تەرەققىيات ئەندىزىسى خەنزۇ زىيالىلىرىنىڭ تەييارلىقىغا بۇرۇنلا ئۇل سېلىپ بولغان. شۇ سەۋەپتىن خەنزۇ مۇتەپەككۇرلىرى زامانىۋىلىققا قانداق قاراش، ئەنئەنە بىلەن يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋېتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، تۈۋرۈك ئەقىدىدە قانداق چىڭ تۇرۇش، قانداق قەدىرىيەتلەرنى نۇرلارندۇرۇش ۋە نېمىلەردىن ۋاز كېچىش مەسىلىلىرىدە  تەپەككۇر مىۋىلىرىنى داستىخانغا تارتىپ بولالىغان. شۇڭا ئۇلار رىياللىقنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا، تەرەققىياتنىڭ ئىمكان، ئىمتىھان ۋە خىرىسلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا بەك تەمتىرەپ قالغان ئەمەس. شۇڭا ھازىرقى قۇدرەت  بىر توپ سىياسىي سەرخىلنىڭلا نەتىجىسى ئەمەس.بىزدىچۇ؟ بىزنىڭ زىيالىلىرىىمىزچۇ؟ تەرەققىياتتا شاڭگاڭدەك ئەندىزىسى يوق، تەپەككۇرىغا يارىشا تۈزۈك خامىنى يوق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋە ئىدولوگىيەسىنى كۆپسانلىقلارغا سېلىشتۇرۇش تەنتەكلىك ۋە ئىلمىيسىزلىك. ئەمما بۇ يەردە بىزنىڭ جوڭگۇدا باشلانغان بۈيۈك ئۆزگۈرۈشكە تەييارلىقسىز يۈزلىنىپ قالغىنىمىزنى رۇشەنلەشتۈتش ئۈچۈن مۇشۇنداق سېلىشتۇرما قىلماي بولمىدى.  ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تەپەككۇر سەرخىللىرىنىڭ ئېچىلىشقا، بازارغا، ۋە بازارغا كىرىپ قالغان ھەممە قەدەرىيەتلىرىمىزگە قانداق مۇئامىلەدە بولۇش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئۇنداق قاراشلار مەلۇم نەزەرىيەگە تايىنىپ يېزىلغان بىر كىتاپ ھالىتىدە دۇنياغا  كەلمىگەنىكەن، بىز تەپەككۇر داستىخېنىمىزنى غورىگۈل قالدىدېمەي ئامالىمىز يوق. زىيالىلىرىمىزدا چوڭ موھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ئۆزگەرتكۈچىلەرنى ، پۇرسەت ۋە رىقابەتلەرنى ئەقلىي تەھلىل قىلغان تەپەككۇر ھاسىلاتلىرى  يېتەرلىك بولىمغاچقا، بولغان تەغدىردىمۇ ياپتا گەپ، ئەدەبىي تىل بىلەن يېزىلغاچقا بىز ئۆزىمزىنى،  رىياللىقىمىزنى ۋە رىقابەتچىمىزنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىشتىن ئىشنىڭ بېشىدىلا  مەھرۇم قالدۇق. تەپەككۇر قېلىپلىرىغا لايىقلاشقان شەكىدە ئۆزىمزىنى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتىمىز ھازىرغىچە تەسەررۇپىمىزدا ئەمەس.  شۇ سەۋەپتىن تەپەككۇر كىرزىسىگە پاتتۇق. مۇنازىرە سورۇنلىرىمىزنى قاپلىغان ئىنساننىڭ مىللىي تۈركۈم كىملىكى بىلەن خۇسۇسى دىنىي كىملىكى ئوتتۇرىسىدكى مۇنازىرە، مىللي يەرلىك  مەدەنىيەت بىلەن دۇنياۋىي ئىستىمالچىلىق مەدەنىيىتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇنازىرە، كۆنۈككەن تىل، قېلىپلاشقان مەزمۇن، ئادەتلەنگەن شەكىلگە تايانغان ئەدەبىيات بىلەن يېڭىچە ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە، ئۇيغۇر سەنئەتىنىڭ ئەمەلي قىممىتى بىلەن سەنئەتلىك قىممىتى ھەققدىكى مۇنازىرە … قاتارلىقلاردا چوڭقۇرلۇق ئاز بولدى. سەۋەبى بىز غورىگۈل تەپەككۇر داستىخىنىغا داخىل بولۇپ چوڭ بولغان بولغاچ، بىلىدىغىنىمزمۇ، ھەزىم قىلالايدىغىنىمىزمۇ شۇنچىلىك ئېدى.   دېمەك ئىسلاھات، ئىشىكلىرىمىزنى چەكتى، مىھمان بولۇپ بىلمىگەن ياتمۇ كەلدى، تۇققان ئۆزمۇ كەلدى. يا ئۆي ئېگىسى ”باي، زەردار بولساممۇ مەن شۇ، يوقسۇل يالاڭتۆش بولساممۇ مەن شۇ“ دەپ قورقماي ئىشىك ئاچالمىدى. داستىخاندىن تۈزۈك نىسىۋە ئالالمىغان ئۆيدىكى  ناتىۋانلارنىڭ كۈچى پەقەت بىر بىرسىگە بىز دېگەن ئۇنداق ئۇلۇغ ھۆكۈمدارتۇق، تارىختا بۇنداق بۈيۈك بايتۇق، ئۇنداق ئۇلۇغ ئالىمتۇق دېيىشكە ئاران يەتتى. لېكىن ئۇلۇغلۇق قانداق بولىدۇ،  قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ھۆكۈمدرالىقنىڭ ئۇلى نېمە، قانداق بولىدۇ، پەن نېمە، پەنچىللىك دېگەندەك كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇنمىدى، ئۇنداقكەن بۇ ھەقتىكى ئۆلچەملەر مىڭىگە يېقىن يولىمىدى. مۇشۇنداق ئەقلى قايىللىق ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ھاياجانلىق سۆيگۈ ۋە ئىپتىخار، قانداق تېز بازار تېپىپ ھۆكۈرەتكەن بولسا شۇنچە تېز خېرىدارسىز قېلىپ ئاھسىنىشقا ئورۇن بوشاتتى. ھېلى ھەم  داستىخاننىڭ قۇرۇقلىقىنى،غورىگۈللىكىنى بۇ مىھماندوست خەلق ھىچكىمگە بىلدۈرمەي ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئىشىكنى سىپايە چەككەن تۇغقانلار ئۆز كويىغا راۋان بولدى  ئىشىكلەر، جالاقلاپ ئېچىلدى، سەن كىم؟ ئۆيگە يالىڭاچمۇ كىرىدى، ئاچمۇ كىرىدى، بۇزۇقمۇ كىردى، تۈزۈكمۇ كىرىدى.  گەپ بولۇنمىدى ئەمەس، ئەمما ئىشىك چېكىلگەندە تېشىلگەن گەپلەر گەپ پېتى قالدى، غەيۋەت پېتى قالدى، تۆشۈك پېتى قالدى. بۈگۈن بىز شۇ تۆشۈك گەپتىن ماراپ باقايلى غەرپنىڭ يالىڭاچلىقىنىڭ يۈزى قانداقكىن، ئۇيغۇرنىڭ گۈزەللىك ياراتقان سۆزى قانداقكىن.

2.      يالىڭاچلىقنىڭ غەرپچە جەلپكار يۈزى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇياتچان سۆزى

يالىڭاچ بەدەنگە، تەن گۈزەللىكىىگە مەھلىيالىق دېڭىزنى، دېڭىزچىلىقنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان غەرپ مەدەنىيىتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرىپى. ئامېرىكىدا دېڭىزدىن شۇنچە يېراق ياشايىدىغان كانزاسلىقلارمۇ ئۆيلىرىدە قولۋاق ساقلايدىكەن، ئىشىك ئالدىلىرىغا، گۈللۈكلىرىگە يالىڭاچ پەرىلەرنىڭ بولۇپمۇ يۇيىنىۋاتقان يالىڭاچ ساھىپجامالنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورنۇتىۋالىدىكەن. بۇنداق ھەيكەللەر ھەر خىل قىياپەتتە ھەر خىل چوڭلۇقتا بولۇپ نەگە قويسا ماسلاشقىدەك ھالەتتە ياسالغان ئىكەن، ياۋرۇپادىكى ئاممىۋىي سورۇنلارغا تىكلەنگەن يالىڭاچ لەۋەنلەرنىڭ ھەيكەللەرنى دېمىسەكمۇ جاھانغا ئايان. . غەرپ مەدەنىيىتىدە گۈزەللىك تولىمۇ كونكىرىت بولىدۇ. غەرپتە گۈزەللىك قارىسا كۆرگىلى، تۇتسا ھىس قىلغىلى بولىدىغان شەكلى بار نەرسە. شۇڭا غەرپلىكلەر رەسساملىقنى، ھەيكەلتاراشلىقنى راۋاجلاندۇرغان. غەرىپلىكلەردە يالىڭاچ ئاپتاپقا قاقلىنىش، يالىڭاچ چېنىقىش، يالىڭاچ دالا سەيلىسى قىلىش قاتارلىقلار نورمال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى. غەرپلىكلەر گۈزەللىكنىڭ تۇتقىلى، تەسۋىرلىگىلى ، سىزغىلى، ياراتقىلى بولىدىغان پائالىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەچكە ئاشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسى بولغان گۈزەللىك ئىلمى- ئىستىتىكىنى مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان. غەرپلىكلەر ھەتتا گۈزەللىكنىڭ سانلىق ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ چىققان، مەسىلەن، مەشھۇر ئالتۇندەك بۆلۈش نوقتىسى قارىشى دەل گۈزەللىكنىڭ ماددىي ئۆلچىمى ھەققىدىكى قاراش. شۇڭا غەرپتە رەسساملارنىڭ ئادەم ئاناتومىيىسى ھەققىدىكى بىلمى شۇ پەننىڭ كەسپ ئەھلىدىن قېلىشمايدىكەن.  چۈنكى غەرپلىكلەرچە  گۈزەللىك شەكىلدە، شەكىلنى ياراتقان سىزىقتا، شۇنداقلا شەكىللەرنى تەشكىللىگەن قورۇلمىدا. مۇشۇ مەندىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ گۈزەللىكى، ئۇنىڭ تېنىدىكى ھەر بىر ئۈگىسىدە ۋە بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىكى ماسلىقىدا، نەپسلىكىدە. غەرپلىكلەر بىزدەك تىل سەنئىتىدە ئىپادىلىنىپ ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئاقىدىغان مەنەۋىي گۈزەللىكنىڭ قۇدرىتىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ.

غەرپلىكلەرنىڭ سۇغا زىيادە ئامراقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىققا نەقەدەر خۇشتارلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ئامىل. بۇلار ئادەتتە سۇغا چۈشۈپ يالىڭاچ ئاپتاپقا قاقلىنالمىغان ياز ئايلىرىنى تولىمۇ ئېغىر كۈنلىرى قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ. 

غەرپ دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشقان بەدەن گۈزەللىكى كۇلۇبى، مودىل مۇسابىقىسى، گىمناستىكا يارىشمالىرى ئەمەلىيەتتە بەدەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش سورۇنىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەس. شۇڭا غەرپتە چېنىقىش ھەممە ئادەمنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە ئايلانغان. مەقسەت بەدەننىڭ گۈزەللكىنى ساقلاش، نامايان قىلىش. .ئامېرىكىدا  يازدا ئوغۇللار مايكا كېيىپ چېنىققان ساغلام بىلەكلىرىنى تومپايتىپ كېرىلىپ يۈرسە، قىزلارئۈزلۈكسىز چېنىقىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان جەلپكار ئۇسقىنىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئاچسا مۇۋاپىق يەرلىرىنىڭ ھەممىنى ئېچىپ مەغرۇر يۈرىشىدۇ.

ئۇيغۇردىكى گۈزەللىك چۈشەنچىسى  بىرخىل تۇيغۇ، مەنە، تەسەۋۋۇر گۈزەللكىدۇر.  تەسەۋۋۇردىكى گۈزەللەكنى بەرپا قىلىدىغان سەۋەپ تىل، بۇ سەۋەپنىڭ نەتىجىسى پەقەت يۈرەكتە ئەكسىنى، كۆلەڭگىسىنى  تاپىدۇ. بۇنداق كۆلەڭگە ھەركىمنىڭ قەلبىدە ھەرخىل بولىدۇ. شۇڭامىكىن گۈزەللىك ھەققىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان پىرىنسىپ بىزدە ئەمەس غەرپتە پەيدا بولغان. ئۇيغۇرنىڭ چۈشەنچىسدە گۈزەللىك شەيئىنىڭ پۈتۈنلىكىدە، مۇكەممەللىكىدە،غايىپلىقىدا(كۆرۈنمەسلىكىدە)، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ەگۈزەللىكنى تەشكىل قىلىدىغان كونكىرىت ئامىللار ھەققىدىكى ئىزدىنىش بىزدە ئانچە ئۇمۇلاشمىغان، كۈچلۈك ئاناتومىيە بىلىمى تەلەپ قىلىدىغان يالىڭاچ رەسىم سەنئىتى ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغان. بەزىلەر بەلكىم كۈسەن كىمىرلىرىنى مىسال قىلىپ  قارىشىمنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر يازغانلىرىمغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز مىڭ ئۆي رەسىم سەنئىتىدىكى  يالىڭاچلىق  بىلەن غەرپ رەسساملىرىنىڭ قەلىمىدىكى، ھەيكەللىرىدىكى يالىڭاچىلىق، مۇددىئا، ۋاستە ۋە مەقسەد قاتارلىق تەرەپلەردىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. مىڭ ئۆيدىكى يالىڭاچلىق ئاياللارنىڭ تېنى ئىنساننى گۇناھقا باشلايدىغان ئېزىتقۇ، دېگەن بۇددىزىم چۈشەنچىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇددىست رەسساملارنىڭ مەقسدى، مالائىكە مۇئەككەلىرىنىڭ ئاشۇنداق ۋەھشى ئېزىتقۇلارغىمۇ پەرۋا قىلمايۋاتقانلىرىنى سىزىش ئارقىلىق مەبۇدلىرىنىڭ بارچە گۇناھقا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئالدانمايدىغان ئىلاھىي پەزىلەتلىرىنى ئايان قىلىش.  يەنە بەزىلەر قىيا رەسىملىرىنى مىسالغا ئېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق بىر مىسال دەي، سىز ئاۋال كېسەك تامغا ھىچ بىر بوياق ئىشلەتمەي بىر كېيىم كەيگەن ئادەمنى سىزىپ بېقىڭ، ئاندىن 7-8 مىڭ يىل بۇرۇنقى قىيا تاش رەسىملىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كىيم كەيگەن كەيمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىڭ. تاشقا شەكىل چىقىرىش شۇنچە تەس تۇرسا كېيىم كېچەكنى قانداق سىزىپ چىقارغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاشۇ تاشقا ئىز سالالايدىغان مىتاللار تېخى تولۇق بايقالمىغان ئۇ تەيپىنەم زامانىدا. شۇڭا ئۇيغۇرلار تەسۋىرى سەنئەتتە ئىنساننىڭ شەكىل گۈزەللىكىگە مەنسۇپ يالىڭاچ بەدەن سىزمىچىلىقىغا بەك خۇشتار بولغان ئەمەىس.  بۇنىڭ ئەكسىچە بىزدە بىناكارلىق، نەققاشلىق، كەشتىچىلىك، ەگۈلباسمىچىلىق، نەپىس ھۈنەرۋەنچىلىك، زىننەتچىلىك تەرەققىي قىلغان. بۇ يەردەئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىكنى كۈزىتىش، مەنىۋىي ھاياجانغا ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا شۇ  ئىچكى گۈزەللىكنى تاشقىلاشتۇرۇشتىكى ۋاستە ۋە مۇددىئانىڭ پەرقلىق بولۇشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. مۇشۇ يەردە بىر مىسال ئالاي، ئۇيغۇرلار قىزلارنىڭ قامىتىنى ئىلىپتەك تۈز، مەجنۇن تالدەك نازۇك، دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ تەسۋىرلەردىن غەرپلىكلەر سىزىپ، يېزىپ ھارمايدىغان ئىككى دومباق بىر جومباق دېگەندەك ئامىللارنى تاپقىلى بولمايدۇ. غەرپلىكلەر ئىلىپتەك قىزلارنى ئەمەس قىز ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەگرى بۈگرى يەرلەرنى مەدھىيەلەيدۇ.

 

ھەرگىز بويۇن قىسماي شۇنى دەيمىزكى،  ئۇيغۇرنىڭ گۈزەللىكنى شەكىلدە ئەمەس مەنادا، تەركىپتە ئەمەس تاكامۇللۇقتا، زاھىردا (كۆرۈنگەن) ئەمەس باتىندا(كۆرۈنمىگەن)، ئاشكارىدا ئەمەس پىنھاندا، ئوبىكتىپ شەيئىدە ئەمەس مەزكۇر شەيئىنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئوبرازىدا دەپ تونۇشى بۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى، مىللىيلىكىدۇر. يازغۇچىلار ئۇزۇنراق ھىكايەتنى قىسسە دېمەي رومان دەۋاتقان بۇ زاماندا بىر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ يالىڭاچلىقنى سىزىشى خۇددى يازغۇچىنىڭ بوۋىسىنىڭ قىسسىسى تەسىرىدە ئەمەس ئەمەس غەرپ رومانىرىنىڭ زەرەتلىشىدە  جىنسىي تەسۋىرگە كۈچەپ رومان يازغىنغىدەكلا بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە سەنئەتننىڭ مىللىي بولىدىغانلىقىنى، مىللىي مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەن ئالساق بىر مىللەت ئەقىلگە ئۇيغۇن دەپ قارىغان نەرسىنىڭ ئىنكارلىق بولمايدىغنانلىقى  رۇشەندۇر.

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 3نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • پەرى_قىز مۇنداق دىدى:2011-يىل 28-ئاۋغۇست 11:33 جاۋاب

    گۈلەن ئەپەندى ؛
    تىمىڭىزنىڭ ئاساسىي مەركىزىي نۇقتىسىدا سىز ،يالىڭاچلىقنىمۇ توغرا چۈشۈنۈش كىرەك دىمەكچىمۇ ؟ياكى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئارىسىدا مودا بولۇۋاتقان قارىسىغا يالىڭاچ يۈرۋالدىغانلار بىلەن غەربتىكى يالىڭاچ يۈردىغانلارنى سىلىشتۇرۇپ ئۆتتىڭىزمۇ ؟

    تازا چۈشۈنەلمىدىم ؟ :?: دەرسلىرىڭىزدە بۇنداق بەك چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى ئاز قىلاتىڭىز ،لىكىن بۇ يازمىڭىزنى ھەزىم قىلماق سەل تەس ئىكەن .

    ئىغىر كۆرمەي ،مەزكۇر يازمىڭىزدا بىلدۈرمەكچى بولغان ،مەركىزىي نۇقتىنى قىسقىغىنە شەرھىيلەپ بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت !

    • Kaylyn مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 11:51 جاۋاب

      That’s more than ssenible! That’s a great post!

  • Duncan Anderson مۇنداق دىدى:2012-يىل 4-يانۋار 15:55 جاۋاب

    I’ve learned some important things as a result of your post. I’d personally also like to mention that there is a situation in which you will have a loan and don’t need a cosigner such as a Government Student Support Loan. But when you are getting that loan through a common finance company then you need to be willing to have a cosigner ready to help you. The lenders will probably base that decision on the few aspects but the greatest will be your credit score. There are some loan merchants that will additionally look at your work history and make a decision based on this but in almost all cases it will depend on your scores.

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|