قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كۈنلىرى

ۋاقتى71 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 11ئاي 14كۈنى | : 260 views°

يازما بەت ئىلانى

قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كۈنلىرى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
”قىزىم، ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىز“نىڭ داۋامى
قىزىمنىڭ يوقاتقانلىرى
قىزىم ئامېرىكىدا ”مېنى ھەممە ئادەملەر ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا ئىتلارمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ“، ”ھەممە ئادەمگە ئىشىنىشكە بولىدۇ“، ”ھەممە ئادەم بىر بىرىگە كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىپ ئۆتىدۇ“، ”بازاردىن ئالغان كۆكتات، مىۋىلەرنى يۇماي يىيىشكە بولىدۇ“ دەپ كۆنگەنىكەن. بېيجىڭغا چۈشۈپلا بۇ ھەقتە باشقىچە چۈشەنچىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرىشىپ قېلىپمۇ سالاملاشماسلىقى ۋە ئۇنى ئەركىلەتمەسلىكى بولۇپتۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەندىكى كۈنلەر ئۇزۇرىغانچە كوچىلاردىكى تونىمىغانلارنىڭ سالامسىزلىقىدىن تەدىرىجى ”مېنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ“ دېگەن ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى. چوڭلاردىن تولا ئەمەلگە ئاشماس ۋەدىلەرنى ئاڭلاپ قىزىم ”ھەممە ئادەمگە ئىشىنىشكە بولىدۇ“ دېگەن ئىشەنچتىن ئىككىنچى بولۇپ مەھرۇم قالدى. يۈزمۇ-يۈز كېلىپ قېلىپمۇ سالاملاشمايدىغان ئادەملەرنى جىق كۆرۈپ دەسلەپكىدەك كۆرگەنلا كىشىگە سالام قىلىپ كۈلۈمسىرىمەيدىغان بولدى. ھەممە ئادەمگە قىزغىن پاراڭ قىلىپ بېرىدىغان خۇلقلىرىدىنمۇ قالدى. دەسلەپتە خېمىيەلىك دورىلارىنىڭ پۇرىقى ئىچىگىچە ئۆتۈپ كەتكەن مىۋە ۋە كۆكتاتلارنى پۇراپلا بىلىپ قالاتتى. كېيىىن تەدىرىجى بۇلارنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالدى.
ئامېرىكىدىكى مەھەللىمىزدە بىر بوشلۇق بولىدىغان. كىچىكلەر ئۆيلىرىدە ئويناپ زېرىككەن ئويۇنچۇقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويۇشاتتى. ئويۇنچۇقلارنى خالىغانلار ئېلىپ كەتسە بولاتتى لېكىن ئالغۇچى ئالغانلىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئويۇنچۇق قويۇپ قويۇشى كېرەك ئېدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر كۆرۈنمەس قائىدە بولۇپ ھېچكىم ئۇ يەرگە كىم نېمە قويۇپ نېمە ئالدى دېگەنگە كۆزەتچىلىكتە تۇرمايتتى. بۇ يەردە بىر كۆرۈنمەس خالىسلىق ۋە ھالاللىق ھۆكۈمران ئېدى. مەن شۇنچە تۇرۇپ ئۇ يەرنىڭ ئويۇنچۇقسىز قۇرۇقدىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇنداق كۆرۈنمەس خالىسلىق چوڭلارنىڭ ھەركىتىدىمۇ داۋام قىلاتتى. مەسىلەن، بىزنىڭ مەھەللىدىكى كىيىم يۇيىدىغان ئۆيدە (ئامېرىكىدا ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن كىيىم يۇيىدىغان زاللار بولىدۇ. كىشىلەر تەڭگە تاشلاپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ بىراقلا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ) شۇنداق بىر بوشلۇق بار ئېدى. ھەممە ئادەم ئوقۇپ بولغان كىتاب، ئىشلەتمەيدىغان ئۆي جاھازلىرى، كىيمەيدىغان كىيىم ۋە باشقا تۈرلۈك لازىملىقلارنى قويۇپ قوياتتى. لازىملار ئېلىپ كېتىپ ئىشلەتسە بولاتتى. قىزىم ئامېرىكىدا ھەرخىل ئويۇنچۇقلار دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇ بوشلۇقنى بەك ياخشى كۆرەتتى. دائىم ئويۇنچۇقلىرىنى يەڭگۈشلەپ تۇراتتى. قىزىم ۋەتەنگە كەلگەندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ زېرىكتى ۋە ئامېرىكىدىكى خۇيى بويىچە بىر يەر تېپىپ قويۇپ قويماقچى بولدى. يامان يېرى ۋەتەندە ئۇنداق ئادەت يوق بولغاچ بىز ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇنى خالىسلىققا، ھىچكىم كۆرمىگەن ئەھۋالدىمۇ بىر نەرسىلەرنىڭ يۈتمەيدىغانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمەس مېھىر ۋە ھەمكارلىقنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ تەربىيىلەشكە بىر سورۇن ھازىر قىلالمىدۇق. ئۇنىڭ ئادەملەرگە، جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى تىكلىيەلمىدۇق. ئەنسىرەيدىغىنىم ئۆزى ياشاۋاتقان موھىتتىن ئىللىقلىق، ھوزۇر، خاتىرجەملىك ھىس قىلالمىغان قىزىمنىڭ ئۆزىگە، كىشىلەرگە، دۇنياغا ۋە تەبىئەتكە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنەلمەسلىكى. قىزىم ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەندە مەندىن ئۇ يەردىكى ئويۇنچۇقلارنى نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ”قىزىم ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھ بار، شۇڭا ئۇلار ھىچ كىم كۆرمىسىمۇ قەلبىدىكى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بىر بىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالمايدۇ“ دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. ئەمدى ھېلى قويغان نەرسىگە پەخەس بولمىسىلا يوقاپ كېتىدىغان موھىتتا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك؟
قىزىمنىڭ شىكايەتلىرى
قىزىم ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاققا قالماي تەڭقۇرلىرىنىڭ بەزى قىلىقلىرىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قوبۇل قىلالمىغىنى دوستلىرىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى سورۇماي ئوينىشى، زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشى بولدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتلەشمەسلىكى، بىر ئويۇنچۇقنى بىللە ئوينىماسلىقى، دائىم كۈچلۈكلەرنىڭ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بۇزۇۋېتىشى، باشقىلار ئۈستىدىن توختىماي ئاتا ئانىسىغا ئەرز قىلىشلىرى…قاتارلىقلار ئۇنى كۆپ بىئارام قىلغان بولدى. ئۇنىڭ دائىملىق سۇئاللىرى“ نېمىشقا ئويۇنچۇقۇمنى سورۇماي ئالىدۇ؟“، ”نېمىشقا بەش مىنۇت ئويناپ بېرەي دېمەيدۇ؟“، ”بۇلار نېمىشقا نۆۋەتلەشمەيدۇ؟“، ”بۇلار نېمىشقا ئويۇنچۇقلىرىمنى تارتىۋالىدۇ؟“، ”بۇلار نېمىشقا مېنى ئۇرىدۇ؟“، ”بۇلار نېمىشقا ماڭا ۋارقىرايدۇ؟“، ”ئاتا-ئانىلار نېمىشقا خاتا قىلسا بالىلىرىدىن كەچۈرۈم سورۇمايدۇ؟ نېمىشقا چوڭلار دائىم يالغان ۋەدە بېرىدۇ؟“. ”ئەسكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ساقچى بولامدۇ؟ نېمىشقا ئۇلار ***لارنى تەكشۈرمەي بىزنىلا تەكشۈرەيدۇ، بىزگىلا ۋارقىرايدۇ؟“. بۇ سۇئاللارنىڭ بەزىلىرىگە چۈشەنچە بەردىم، لېكىن كۆپىنچىسىگە جاۋاپ بېرەلمىدىم. ئۇنىڭ ھەيران قالغان ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئاللىقچان كىشىلەرگە نورمال تۇيۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى، غەزەپلەنمەيتتى.
بىر كۈنى قاراپ تۇرسام بىر بالا قىزىمنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقنى ئېلىپلا قاچتى. قىزىم ھەيران قالغان ھالدا تۇرۇپلا قالدى. شۇنچە دەۋەتلىرىمگە قارىماي زورلۇق بىلەن قايتتۇرۇۋېلىشقا پېتىنالمىدى. ئارىدا قىزىم پەيتىنى تېپىپ ئويۇنچۇقىنى قايتتۇرىۋىلىشقا تەمشىلىۋېدى، پاسلا قىلىپ بىر تەستەك يىدى. ئۆمچىيىپ يىغلاۋاتقان قىزىمغا قاراپ نېمە دېيىشنى ئۇقالماي قالدىم. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن ”دادىسى تۇرسىمۇ خەقتىن تاياق يىگىنىنى، ئۇرىڭە سىزمۇ، دادىڭىز بولغاندىكىن قورقماي“ دەپ قالدى. قىزىم بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدى. چۈشەنمەسلىك قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسىدە ئەمەس ئۇنىڭ ياشىغان جەمئىيىتىدە كىشىلەر بىر كۈچ (دۆلەت، ئارمىيە، ھوقۇق، بايلىق، ۋە سان جەھەتتىكى ئەۋزەللىك) تىن مەدەت ئېلىپ باشقىلارنى خالىغانچە بوزەك قىلمايتتى، باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىمايتتى. شۇڭا ئۇ دادىسى بولغاندا باشقىلارنى بوزەك قىلسا، ئۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دادىسى بولۇش بولماسلىقنىڭ ئۇنىڭ بىرسىنى ئۇرالاش ئۇرالماسلىقى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئالغان جەمئىيەت ۋە يەسلى تەربىيىسىدە يۆلەنچۈكى بولسا بىرخىل يۆلەنچۈكى بولمىسا بىرخىل خۇي چىقىرىش، يۆلەنچۈكى بارلار ئەزىزلىنىپ، ئەۋزەللىكتىن مەھرۇملار پەس كۆرۈلۈش، باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش دېگەندەك ئىشلار يوق ئېدى. بىر كۈنى قىزىم ”دادا، نېمىشقا بۇ يەردە بالىلار دائىم دادىسى ياكى ئاپىسى كەلسىلا ئادەمنى باشقۇرىدۇ، بوزەك قىلىدۇ؟“ دەپ سوراپ قالدى. ”ئۇلار خاتا قىلىپتۇ بالام، سىز مەن بولساممۇ، بولمىساممۇ باشقىلارنى بوزەك قىلماڭ. ئۇرماڭ، تىللىماڭ. ئادەمنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، تىللاشقا بولمايدۇ“ دېدىم. سەۋەبىنى سورۇۋېدى، ”ئاللاھ ئادەملەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئادەم تاياق يىسە، تىل ئىشىتسا ئاللاھ خاپا بولۇپ قالىدۇ. سىزنىڭ ئادەملەرنى رەنجىتكىنىڭىز ئاللاھنى رەنجىتكەنلىك بىلەن ئوخشاش“. قىزىمغا كىچىكىدىن قىلسا بولمايدىغان بەزى ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرسەك ئاڭقارغىدەك ياشتا بولمىغىنى ئۈچۈن ”خۇدايىم خاپا بولۇپ قالىدۇ“ دەپ ئۆگەتكەنىدۇق.
بالىلار قولىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلار تارتىۋالسا قانداق قىلىشى كېرەك، باشقىلار ئۇرسا قانداق قىلىش كېرەك، بالىلارنى بۇنداق ھالدا مۇداپىيەگە كۆندۈرىمىزمۇ ياكى ھۇجۇمغىمۇ …دېگەنلەر ھەققىدە قەشقەردە قىلغان لېكسىيەمدە مۇنازىرە بولدى. ئىشتىراكچىلارنىڭ بەزىلىرى ”باشقىلارنى ئۇرما، لېكىن سېنى ئۇرسا سەنمۇ تازا قوي. خەقنىڭ بىر نەرسىسىنى تارتىۋالما، ئەگەر سېنىڭكىنى تارتىۋالماقچى بولسا ھەرگىز بەرمە. خەققە ھەرگىز بوزەك بولما، بىرنى دېسە ئىككىنى دە.“ دېگەنلەرنى دائىم دەيدىكەن ۋە بۇنى توغرا دەپ قارايدىكەن. بۇنداق تۇتۇملارنىڭ كەينىدە چوڭلارنىڭ كەچۈرمىشى ۋە ئىددىيىسى ياتىدۇ. چوڭلار بۇنداق دەۋاتقاندا ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە، كىشىلەرگە ۋە ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى-تۇتۇمىنى بالىلارغا تېڭىۋاتقان بولىدۇ. بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىدىغان، قىلىقلىرىنى كۆزەتكەنلەرگە مەلۇمكى، بالىلاردا بىر-بىرىنى بوزەك قىلىش دېگەن ئاڭ بولمايدۇ. بالىلار بىر بىرىنىڭ نەرسىسىنى تارتىۋالاي، بوزەك قىلىۋالاي، ئۇرۇۋالاي دېگەن مەقسەتتە نۇقسانلىق قىلىقلارنى قىلمايدۇ. بالىلار پەقەت بىلمىگەنلىكتىن، قىزىق تۇيۇلۇپ ۋە بىخەستەلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. بىز چوڭلار دائىم بوزەك قىلىنىش، مەھرۇم قېلىش، خورلىنىش قاتارلىق قىسمەتلەرگە كۆپ دۇچار بولغىنىمىز ئۈچۈن سەبىي بالىلارنىڭ ئاڭسىز قىلىقلىرىنى چوڭلارغا خاس كەچۈرمىشلىرىمىزگە باغلاپ چۈشىنىۋېلىپ بالىمىزنى بوزەك بولماسلىق ھەققىدە ئارتۇقچە ئاگاھلاندۇرۇپ كېتىمىز. موما بوۋىلىرىمىز پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە نۇرغۇن ئەندىزىلەرنى ياراتقان. بۇ ئەندىزىلەر كىتاب بولۇپ يېزىلمىغان بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كۈچىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئېدى. زامان ئالماشقان، بازار ئالماشقان، ئۆي ئالماشقان، مەكتەپ ئالماشقاندىن بۇيان ئەجدادلاردىن قالغان تۈرلۈك ئەنئەنەلەر يا دەرسلىكتىن ئورۇن ئېلىپ مەكتەپكە كىرەلمىدى، يا مەسجىدلىك مەھەللىلەر يوقۇلۇپ كوچىدا كۇچىنى كۆرسىتەلمىدى. ئىشخانىدا، بازاردا ئاققىنى خەقنىڭ، بۇلۇڭدا ياتقىنى بىزنىڭ بولغاچ ئۇدۇملىرىمىز جەمئىيىتىمىزدە مودا بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىماي غەرپنىڭ كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. ۋاھالەنكى، ئۇ كىتاپلاردىكى غايە بىلەن بىزنىڭ ياشاۋاتقان موھىتىمىز، جەمئىيەتتىكى تۈزۈم ماسلاشمىغاچ كىتاپلاردىكى پايدىلىق كۆرسەتمىلەرنى قوللانغىلى بولمايدىغان، قوللىنىپ تەربىيىلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ بالىلار موھىتتىن باشقىچە تەسىر ئېلىپ يات سەنەمگە دەسسەيدىغان ئىشلار كېلىپ چىقتى. ئۆچىرەتتە تۇرسا زىيان تارتىدىغان قەشقەردە بالىلارنى نۆۋەتلىشىش ئادىتى بىلەن تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ. تارتىۋالمىسا تارتقۇزۇپ قويىدىغان جەمئىيەتتە ئورتاقلىشىشىنى ئۆگەتمەك تەرس. قائىدە، قانۇن دېگەنلەر ساندىكى، پۇلدىكى، ھوقۇقتىكى ئەۋزەللىكلەر ئالدىدا تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان جەمئىيەتتە بالىلارنى قائىدىلىك، پىرىنسىپچان، تەرتىپلىك چوڭ قىلغىلى بولمايدۇ. قەلبىمىزنى ئەينەك دېسەك بىزنىڭ مىجەزىمىزدە ئەكىس ئەتكىنى جەمئىيەتنىڭ شولسى. سۈلھى سالا، كۆڭۈل يەتكۈزۈش، قېرىنداشلىق، نەسەپ ۋە باشقا كىشىلەر پايدىلىنالايدىغان ھەرخىل ئەۋزەللىكلەر مۇكاپات ۋە جازا، توغرا ۋە خاتا، ھەقىقەت ۋە سەپسەتە، گۇناھ ۋە ساۋاپ دېگەنلەردىكى مۇتلەق پىرىنسىپ ۋە ھۆكۈمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدىغان جەمئىيەتتە بىز بالىمىزنى ئۆزىمز يېتەلمىگەن پەللىلەرنى كۆزلەپ تەربىيىلەپ چىقالمايمىز. چۈنكى بىز بالىلىرىمىزنىڭ قانداق شارائىتتا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى كىتابلاردىن ئوقۇۋالغان بىلەن ئۆزىمىز شۇنداق قىلالمايمىز، ئۈلگە بولالمايمىز.

قىزىمنىڭ گۆدەكلەردىن پەرقى
قىزىمنىڭ تەڭقۇرلىرىدىن پەرقلىق بىر قانچە ئىشى تۇققانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈپتۇ. بىرى سەبىرچانلىقى ۋە نۆۋەتلىك ۋە تەرتىپلىكى. كىچىكلەرگىمۇ چوڭلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى. تۇغقانلارنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇ بىر يەرگە بارسا ئالدىغا قويۇلغان تاماقلارنىلا يەيدىكەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكنى تالاشمايدىكەن. باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى تالاشمايدىكەن، باشقا بالىلار ئويۇنچىقىنى تارتىۋالسا باشقا ئويۇنچۇق تېپىپ ئويناۋرىدىكەن. باشقا بالىلاردەك ئانىسىغا ئەرز قىلىپ يىغلىمايدىكەن. بەلكىم بۇ ئامېرىكىدا ھەر ئادەمنىڭ تامىقىنىڭ ئايرىم بولىدىغانلىقى، داستىخاندا ھەممىگە ئورتاق تاماقلار قويۇلغان تەقدىردە ھەممە ئادەمنىڭ نۆۋەت بىلەن ئايلاندۇرۇپ بۆلۈپ يەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. يەنە بىرى ئۇنىڭ ھەمكارلىق، ماسلىشىش ئىقتىدارى. بىر كۈنى قىزىم تۇغقانلار بىلەن ئوپالغا مىھمانغا كەتكەنتى. مېھماندارچىلىقتا مەسئۇدە قولىنى يۇيۇپ لۆڭگىنى قولىغا ئېلىشىغا يەنە بىر بالا كېلىپ لۆڭگىنى تالىشىپتۇ، ئۇ لۆڭگىنىڭ قولىدىكى ئۇچىنى تالاشقۇچىغا بېرىپ يەنە بىر ئۇچىغا سۈرتۈپتۇ. ئارىدا يەنە بىر بالا كېلىپ ھېلىقى بالىدىن لۆڭگىنىڭ ئۇچىنى تالىشىپتۇ. قىزىم قولىدىكى لۆڭگىنىڭ ئۇچىنى كېيىنكى بالىغا بېرىپ ئۆزى ئوتتۇرىسىغا سۈرتۈپتۇ. بۇنىڭدىن ئامېرىكا يەسلىلىرىدىكى ھەمكارلىشىپ ئويناشقا ماس لايىھەلەنگەن ئويۇنچۇق ۋە باشقا ئەسلەھەلەرنىڭ قىزىمدا ھەمكارلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى بايقىدىم. تۇغقانلارنىڭ دېيىشىچە قىزىم كىچىكلەرنى بوزەك قىلمايدىكەن. چوڭ بولامدۇ، كىچىك بولامدۇ كىم خاتا قىلسا دەرھال قارشى چىقىدىكەن. مەنچە ئۇ ياش بىلەن نوپۇز ، نەسەپ بىلەن نوپۇز، پۇل بىلەن نوپۇز، سان بىلەن كۈچ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغان جەمئىيەتكە تېخى يېقىندا كەلگەچكە شۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن. قىزىمدىكى بۇنداق قاپ يۈرەكلىك ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
قىزىمنىڭ مەن بايقىغان باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىدىغان يەرلىرى تۆۋەندىكىچە.
بىرىنجى، قىزىم چېقىمچى ئەمەسكەن.
مەن ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىم بىلەن تەڭقۇر بالىلارنى سېلىشتۇرۇپ قىزىمنىڭ ئۇلاردەك ئەرزخور (توغرىسى چېقىمچى) ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەيران قالغىنىم، مەيلى مېھماندارچىلىققا باراي، مەيلى گۆدەكلەر ئېنگىلىز تىلى سىنىپىدا ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆزىتەي بىر بىرى ئۈستىدىن دادخورلۇق ئېيتىپ كېلىدىغانلار، باشقىلارنىڭ قىلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلار، باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ يارىدەم تەلەپ قىلىپ كېلىدىغانلار دائىم چىقىپ تۇراتتى. مەن گۆدەكلەر ئېنگىلىز تىلى سىنىپىدىكى بالىلارغا ”خاتالىقنى كۆرسەڭ ئۆزەڭ توس، باشقىلار سېنى ئۇرسا ئۆزەڭ چەكلە ۋە كەچۈرۈم سوراتقۇز“ دېگەن شەكىلدە ئىككى ئايدىن بېرى تەربىيە بېرىپ كېلىۋاتىمىز، ئايرىپ قويۇش، ئويۇنچۇقلاردىن مەھرۇم قويۇش قاتارلىق جازالارنى بېرىپ باقتۇق. لېكىن بۇنىڭ ئۈنىمى بەك كۆڭۈلسىز بولۇۋاتىدۇ . قىزىم شۇ بالىلار بىلەن بىللە تۇرغىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇمۇ ”دوكىلات“ قىلىشقا باشلىدى. خۇداغا، شۈكۈر، دوكىلات قېتىم سانى باشقا بالىلارنىڭ يۈزدىن بېرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. مەن بۇ ئادەتنى بالىلارنىڭ چوڭلاردىن يۇقتۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئادەمنى قانۇن، دەستۇر، نىزام ئەمەس ئادەم ياكى بىر گورۇھ ئادەم باشقۇرىدىغان جەمئىيەتتە ئەرزخورلۇق،چېقىمچىلىق، دادخورلۇق ئەۋج ئالىدۇ. ئەگەر ئادەملەر بويسۇنۇشقا تېگىشلىك، ھەممە ئادەمگە رۇشەن بىر دەستۇر بولسا ئېدى، كىشىلەر شۇ دەستۇرغا تايىنىپ بىر بىرىنىڭ خۇي پەيلىگە ھۆكۈم قىلغان بولاتتى. ياخشى يامان، توغرا خاتانى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەممۇ، ھۆكۈم قىلىدىغان، توسىدىغان ھوقۇقمۇ ئادەمدە بولغاچ كىشىلەر نوپۇز ئىگىسىگە چېقىش، سۇخەنچىلىك قىلىش ئارقىلىق ياخشى يامان مەقسەدلىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەر رىياللىقتىن نىزام بويىچە ئېرىشىشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىككە يالغۇز ئېرىشەلمگەچكە ئەمەلداردىن يۆلەك تېپىشقا، ئۆلىمادىن پىر تۇتۇشقا، مۇناسىۋەت باغلاشقا، نەسەپ سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە توختىماي سورۇنلارغا قاتراپ بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. مەندە تەربىيىلىنىۋاتقان گودەكلەردە چېقىمچىلىقنىڭ تۈگمەسىلىكى ئۇلار تېخى تۆت ياش ئەتراپىدا تۇرۇپ ئاللىقاچان نوپۇزنىڭ قولى بىلەن خەقنى باپلاش، نوپۇز ئىگىلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بويسۇندۇدۇرش، ھەر قانداق ئىشتا نوپۇزنى سۈيىئىستىمال قىلىش، ھەققانىيەتنى قوغداشنى نوپۇزسىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىققا ئوخشاش چوڭلارچە تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۈندۈرمىلىرىنى ھازىرلاپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىككىنچى، قىزىم باشقىلارنى يالغان قورقۇتالمايدىكەن.
بىر كۈنى قىزىم يىغلاپ كەتتى. نېمە بولغىنىنى سورۇسام باشقا بىر بالا ۋارقىراپ يىغلىتىۋېتىپتۇ. ۋارقىرىغان بالىدىن سوروسام ”كېيىن ئويۇنچۇقۇمنى ئېلىۋالمىسۇن، مېنى بوزەك قىلمىسۇن دەپ قورقۇتۇپ قوياي دەپ ۋارقىرىغانىدىم“ دەيدۇ. قىزىمغا ئوخشاش ئۇسۇلدا باشقىلارنى قورقۇتۇشنى ئۆگەتكەن بولساممۇ قاملاشتۇرالمىدى. كىچىككىنە بالىنىڭ باشقىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق كەلگۈسى مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتىنى يارىتىۋاتقانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەسلى گۆدەكلەردە قورقۇنچ دېگەن تۇيغۇ بولمايدۇ. بىز چوڭلار بىر بولسا ئەنسىز چىرقىراپ، ياكى غەزەپلىك ۋارقىراپ ۋە ياكى كۆرۈنمەس بىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق ۋە ئاقىۋەتنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئارقىلىق بالىلاردا قورقۇنچ پەيدا قىلىمىز. مەن ئاتا-ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇرقۇتۇشنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۆيدە دادىنىڭ بالىلارغا ئانچە چىراي ئاچماي، سۈرلۈك، سالاپەتلىك ۋە قۇرقۇنچلۇق تۈستە رول ئېلىشىنىڭ بالىلارنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە موھىملىقىنى تەكىتلەشكىنىنى ئاڭلىدىم. ھىچ قانداق پىرىنسىپقا كۆتۈرمىگەندىمۇ بۇ يەردە مەن قوبۇل قىلالمايدىغان ئىككى تەرەپ بار. بىرى ساختىلىق، يەنە بىرى ئىلمىيسىزلىك. مەنچە باشقىلارنى تاقابىل تۇرۇش نىشانى ئەمەس ھەمكارلىق نىشانى دەپ چۈشىنىش بۇنداق ساختىلىق قىلىشتىن ئەۋزەل. يەنە بىرى قورقۇتۇشنىڭ تەربىيىدە ئىجابىي رولىنى تېخى پەن ئىسپاتلاپ چىققان يوق. مەن باشتا دېگەندەك بىزنىڭ قەلبىمىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. مىجەزىمىزدە ئەكىس ئەتكىنى جەمئىيەتنىڭ شولىسىدۇر. كوچىلاردىكى ژاندارمىلار، بىرونىۋىكلار، تەكشۈرۈشلەر بىزگە قورقۇنچنىڭ باشقۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە دەرس بەرمەيۋاتىدۇ دەپ كىم جەزىم قىلالايدۇ. پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا قورقۇنچ ئەقىلنى كېسىدۇ. قورقۇنچتا ئادەم ئىجادىي تەپەككۇر قىلالمايدۇ، پەقەت قولىدىن كېلىدىغىنى كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتنى قارىسىغا دوراش بولىدۇ. بۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇرپان ژورنىلىنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى بىر سانىغا بسېىلغان ”ئۇيغۇرلار مايمۇنغا ئوخشايدۇ“ دېگەن يازما كەچتى. مىھماندارچىلىقلاردا ئانىلارنىڭ ”ۋاي ئۇنى قىلما ئۇنداق بولىسەن، ۋاي بۇنى قىلما بۇنداق بولىسەن“ دېيىشىپ بالىلىرىنىڭ كەينىدە پەرۋانە بولۇشلىرى. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر بالا ئۈچۈن پۈتۈن ئۇرۇق جەمەتنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىشى، بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا ئانىلارنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا قاتارلىشىپ تۇرۇپ كېتىشلىرى، (بۇنداق قاتارغا تىزىلىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئىچىدە قىزىق يېرى بالىسى خەنسۇچىدا ئوقۇيدىغانلار مۇتلەق كۆپ، قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئالدى بەكلا خىلۋەت) ، … قاتارلىقلار ئەنسىزلىكنىڭ جەمئىيەتلەشكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە. مەكتەپلەردە پەرزەنتلىرىنىڭ خەنسۇچە ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرنى ئۇقالمايۋاتقانلىقىغا، جىيەنىمدەك بالىلارنىڭ ”خانىم تىللايدۇ“ دەپ يىغلاپ، چۈشكۈرگەندىن كېيىن دېيىلىدىغان ”ئەلھەمدۇلىللاھ“ دېيىشنى ئۆگەنمەسلىكىگە ، مۇسىبەتلىك بولغان ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ياغلىق ئارتىشىنىڭمۇ چەكلىنىشىگە، تۇتۇش بۇيرۇقىدىن باشقا سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى، دوختۇرنىڭ دىئاگونۇزى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشنامىلىرى خەنسۇچە بىر خەت بىلمەيدىغان ئاۋام ئۇيغۇرغا خەنسۇچە يەتكۈزىلىشىگە ئۈنسىز سۈكۈت قىلىشلار تەھدىت ۋە قورقۇنچنىڭ باشقۇرۇشتىكى غايەت زور نەتىجىسىنى نامايىش قىلىپ تۇراتتى. قىزىم يالغاندىن بىرسىنى قورقۇتۇپ، ۋەھىمە سېلىپ ئىھتىماللىقتىكى زەخمەت، زەربە ۋە زىياندىن ساقلىنىشنى تېخى ئۆگەنمەپتۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئۇنىڭ داۋاملىق شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەن يۇقارقى جەھەتلەردە قىزىمنىڭ قۇرداشلىرىدىن پەرقلىنىپ قالغىنىنى بايقىدىم ئەمما قۇرداشلىرىنى قىزىمدەك بولسىكەن، ياكى قىزىمنى قۇرداشلىرىدەك بولمىسىكەن دېمەيمەن. نېمە دېسەم، بۇلار مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلار ئەمەس. مەيلى نېمە ئامال قىلاي قىزىم ئۇيغۇر قورققاندىن قورقىدۇ، سۆيگەننى سۆيىدۇ، قاقشىغاندىن قاقشايدۇ، نەپرەتلەنگەندىن نەپرەتلىنىدۇ. ھەم مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بۇنداق بولمىسا مەن بىلەن تۇيغۇ ئورتاقلىقىغا ئىگە بولالمايدۇ، قىسقىسى ئۇيغۇر بولالمايدۇ.

قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلىرى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىمغا ئادىتىمىز بويىچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىشنى داۋام قىلدۇق. قىزىق يېرى، قىزىم ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەرنىڭ دۆلىتى بولغان ئامېرىكىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ياۋرۇپا كىلاسسىك چۆچەكلىرىنى قەشقەرگە كېلىپ ئاڭلاپ مەپتۇن بولۇپ كەتتى. بىزدىكى بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان ئۇيغۇرچە رەسىملىك كىتاپلار بىر بولسا خەنسۇ چۆچەكلىرىنىڭ تەرجىمىسى، يەنە بىر بولسا خەنسۇچە نەشىر قىلىنغان ياۋرۇپا چۆچەكلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئىكەن. ئامېرىكىدا قىزىمغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتۇق، ئۆيدە بارىمۇ شۇ بولغاچقا قىزىممۇ بەزىدە ئامالسىز، بەزىدە بىزنىڭ ئويۇن چىقىرىپ قىزىقتۇرىشىمىز بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايتتى. دەسلەپتە قىزىم ئۇيغۇرچىنى تاللىسا ئۇيغۇرچە ئېنگىلىزچىنى تاللىسا ئېنگىلىزچە كىتاپ ئۇقۇپ بېرىپتۇق. بىر كۈنى قارىسام ”ئۇيغۇر“ دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلالماي يۈرىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچىلا چۆچەك ئېيتىپ بېرىدىغان بولغانىدۇق. قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن قىزىمغا ياۋرۇپا چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. بالام ئۇزۇنغا قالماي ئوتىمەن دېگەن كارتۇنغا خۇشتار بولدى. بىز بۇرۇن ئۆگەتكەن نۇزۇگۇمنىڭ باتۇرلىقى، سادىر پالۋاننىڭ پاراسىتى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ ئورنىنى ”دوڭگۇ ئەپەندى“ ، ”قار مەلىكە“ دېگەندەك چۆچەكلەر ئىگىلەشكە باشلىدى.
ئامېرىكىدا چوڭراق تۈرلى ماللار ماگىزىنلىرىدا كىتابلار بولۇپمۇ بالىلار كىتابلىرى بولاتتى. ھەتتا دوراخانىلاردىمۇ كىتاپ سېتىلاتتى. ھۆكۈمەت ئايرىم مەبلەغ ئاجرىتامدۇ قانداق بالىلار كىتابلىرى بەك ئەرزان ئېدى. مەھەللىمىزدىكى كۈتۈپخانىدا بالىلار بۆلۈمىدىن بالىلار خالىغان كىتاپلارنى تاللاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇسا بولاتتى. بالىلار بۆلۈمىدە ئويۇنچۇقلار، قونچاقلار ۋە ھەرخىل توپلار بولاتتى. بالىلاركىتاپ ئوقۇپ زېرىككەندە توپ ۋە باشقا ئويۇنچۇق ئوينايتتى. ۋەتەنگە كېلىپ بۇلارنى سۈرۈشتۈردۈم، ناھىيىمىزدىكى سېلىنغىنىغا تېخى ئون نەچچە يىل بولغان كۈتۈپخانا چېقىلىپتۇ، يېڭىسى ھازىرغىچە پۈتمەپتۇ. كىتاپخانا كىچىك بىر بۇلۇڭدىن دۇككانچاق ئېلىپ جايلىشىپتۇ. دېمەك 300مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بىر ناھىيىدە كۈتۈپخانا يوق بولدى دېگەن گەپ. تورخانا، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا نامىدىكى قىمارخانا…قاتارلىق ئىنسانغا چىركىنلىك ئۆگىتىدىغان سورۇنلار داغدام ئوچۇق. موھىت شۇ تۇرسا بالىلارنى قانداقمۇ ئىلىمگە ھەۋەسكار، بايقاشقا تەشنا، ئىجادىيەتكە خۇشتار قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولىدۇ.
ۋەتەندە بالامغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش جەريانىدا بىر قانچە نوقتا كۆزۈمگە چېلىقتى. بىرى كىتابلار بالىلارغا يېشىغا نامۇناسىپ ئىددىيە يۈكلەيدىكەن. قولۇمدا ”دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى نوقتىلىق كىتاپ تۈرى“ بولغان ”دۇنياۋىي مەشھۇر شەخسلەر مەجمۇئەسى- ئۇلۇغ يۇنان ئالمى ئارخىمىد“ دېگەن كىتاب تۇرۇپتۇ. كىتابنىڭ بىرىنجى بېتى مۇنداق باشلانغان “ 2000 يىللار ئىلگىرى ياۋرۇپا جەمئىيىتى تېخى ئىپتىدائىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتاتتى، دۇنيانىڭ باشقا كۆپ جايلىرىمۇ “ ياۋايى ئادەملەر“ نىڭ ماكانى ئېدى. پەقەت جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى قاتارلىق ئاز بىر قىسىم رايۇنلارلا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغانىدى“ . بۇ بايانلار بىرىنجىدىن خاتا، چۈنكى يۇنان يەنى گرىتسىيە ياۋرۇپاغا مەنسۇپ، مەزكۇر كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان ئارخىمىدنىڭ لەيلىتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىلا ياۋرۇپانىڭ ئاتالمىش ”ئىپتىدائى جەمئىيەت“ باسقۇچىدا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئارخىمىدنى تونۇشتۇرغان كىتابنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ جەمئىيىتى ۋە توپرىقىنى كەمسىتىدىغان ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلىشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ. كىتابتا دېيىلگەن ئىپتىدائىي جەمئىيەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ ماركىس-ياۋرۇپالىق ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيادا ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن جۇڭگۇدىن باشقا يۇنان، ئىران، تۇران (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلىرى)، ھىندىستان، بابىلۇن، مىسىر قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى تۇرسا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپلا باشقىلارنى كەمسىندۇرۇش سەبىيلەرنى خاتا بىلىم بىلەن زەھەرلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ يەردە ئاستىرىتتىن تەرغىپ قىلىنىۋاتقىنى مىللەتچىلىك. يەنى دۇنيادا جۇڭگۇ ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن، ئەڭ مەرىپەتلىك خەلق ئەزەلدىن جۇڭگۇلۇقلار ئېدى…ۋاھاكازالار. ساۋادى چالا بۇچۇق چىققان گۆدەكلەرگە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسى، مېھىرلىك ئىنسانلار جەمئىيىتى، سېھىرلىك غايىپ مەۋجۇدات ھەققىدە تەلىم بەرمەي نەدە مېزى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئاشقۇن مىللەتچىلىك-پاشىزىمنىڭ مەپكۇرىسىنى سىڭدۈرمەكچى بولۇش ئىددىيە زوراۋانلىقىدۇر. يەنە بىرى ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىدا گۆدەكلەرنىڭ يېشىغا ئۇيغۇنسىز سۆزلەر، سۆرەلمە جۈملىلەر كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. مەسىلەن يۇقارقى بالىلار كىتابىدىكى ”ئىپتىدائىي جەمئىيەت“، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت“ دېگەنلەرنى بالىلار چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقارقى جۈملىمۇ پايتىمىدەك ئۇزۇن بولۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بېرىپ بولغىچە بالىمىز بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. مەن تۆرت ياشلىق بىر بالىنىڭ ”ئېزىپ قاپتۇ“ دېگەن سۆزنى چۈشىنەلمىگەنلىكىگە شاھىد بولدۇم. مېنىڭ قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپقا ئەدەبىيات دەرسى بېرىۋاتقان دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۇ بىر سائەتنىڭ كامىدا ئۈچتەن بىرىنى تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈشكە سەرپ قىلىدىكەن. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قانچە ياشتا قانچىلىك سۆز ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بولمىغاچقتا كىتاب تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغاندا ئۆلچەم يوق. ئۈچىنجىسى بالىلار كىتابلىرى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ماسلاشمايدىكەن. بالىلار كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنغاندا تۈركىيە قاتارلىق مەدەنىيەتتە بىزگە تۇققان ئەللەرنىڭ كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنمىغاچقا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كىتابقا ھېرىسمەن قىلىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى بىر بالا ”سېھىرلىك چىراق“ دېگەن كىتابقا سىزىلغان يېرىم يالىڭاچ ئايالنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قالدى. كىتابنى قولىدىن دەرھال ئېلىپ يىغىۋەتتىم. ئەتىسى دىققەت قىلسام بۇ ئىشنى دوستىغا دەپ كۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنداق يالىڭاچ كىيىملىكلەر بار جەمئىيەتتە بۇ ئىش بالىلارغا غەلىتە تۇيۇلمىغان بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە چوڭ بولۇۋاتقان بالا بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ھەم قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى بولىشى كېرەك. ئۈچىنجى بىر تەرەپ، بالىلار كىتابلىرى دەپ نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنى بالىلارغا پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ئاتايىن پۇل خەجلەپ بالىلار كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز چوڭلارغا خاس مەزمۇنغا رەسىم كىرىشتۈرۈپلا بالىلار كىتابى دەپ بازارغا ساپتۇ.
ئوينىسا ”بۇزۇلۇپ“ كېتىدىغان بالىلار
ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ۋە يەسلى مائارىپىدا ھەممە نەرسىنىڭ ئويۇن تەرىقىسىدە بالىلارنى قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىتىلىدىغانلىقى ئاتا- ئانىلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئامېرىكىدىكى بالىلار كۈتۈپخانىسىدا كىتابتىن باشقا ئويۇچۇقلارنىڭ بولۇشىنى سۆھبەتداشلىرىم قوبۇل قىلالمىدى. ئۇلارچە كۈتۈپخانىلاردا ئويۇنچۇق بولسا بالىلار دىققىتىنى يىغىپ كىتاپ ئوقۇمايدىكەن. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئويناش پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ئۇقۇمكەن. ئۇلارغا بالىلارنىڭ 13 ياشلارغىچە نېمىنىڭ زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە موھىملىق ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىنى قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا، ئوينىيالىغاچقا، سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلىيالىغاچقا ئۆگىنىشكە كىرىشەلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇنداق دېگەن بىلەن مەكتەپتە قورقۇتۇش، ئالداش، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆگىتىش ئاساس قىلىنغاچقا ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئۆگىتىشتە بالىنىڭ قىزىقىشىنى، ئارزۇسىنى، مىجەزىنى ئاساس قىلىش دېگەندەك گەپلەر پەقەت دېيىلگەن يەردىلا قالىدىكەن. بالىلارغا ئوينۇتۇش ئارقىلىقمۇ ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشەببۇسلار تازا قۇلاققا ياقمايدىكەن. بىزنىڭ كۇرۇسقا بالىلىرىنى ئەكىلىپ بەرگەنلەر ”بالىمىز شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئويناپ، بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن، شۇڭا سىلىدىن بىرنەرسە ئۆگەنسۇن“ دېگەنلەرنى دائىم تەكرارلايدۇ. بالىلار ئوينىسا بۇزۇلامدۇ، نېمە ئوينىسا بەكرەك بۇزۇلىدۇ، ئۇنداقتا بالىلار نېمە ئويناش كېرەك، ياكى پەقەت ئوينماسلىقى كېرەكمۇ دېگەنلەر توغرىدا ئېنىق چۈشەنچە ئازكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئويۇنىدىن زېرىكىشىدىكى سەۋەپ بىرى مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس يەر ۋە ئەسلەھە، جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان ئورگان بولمىغانلىقى بولسا كېرەك. يەنە بىرى يەسلىدىن تارتىپ مەكتەپلەرگىچە بالىلارغا نېمە ئۆگىنىش توغرىلىق توختىماي بېسىم قىلىپ ۋەز ئېيتقان بىلەن قانداق ئۆگىنىش، قانداق ئويناش ھەققىدە تەلىم بەرمىگەچكە بالىلار ئاتا ئانىلارنى رازى قىلىدىغان، ساغلام ئويۇنلارنى ئوينىيالمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. كىشىلەرنىڭ ”بالىلار بىكارچىلىقتا، ئويناپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دەپ قارىشىدا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن نۇسقا ئالغان چوڭلارغا خاس تەجرىبىسىمۇ رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بوۋايلاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇن بولغاچقا بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا مۇنداق بىر ”پاكىت“ كەلتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە ناھىيىمىزنىڭ گۇاڭدوڭلۇق شۇجىسى ئامېرىكىدا ئوقۇغانمىش. دۇنيانىڭ جىق يەرلىرىنى كەزگەنمىش. ئامېرىكىدا كوچىلاردا بىكار ئادەملەر يوقمىش. شۇڭا ئامېرىكا تەرەققىي قىلغانمىش. بۇ سېكىرتار ناھىيىمىزگە كەلگەندىن كېيىن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كوچىلارغا چىقىۋالغان ”بىكارچى“ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىي قىلماسلىق سەۋەبىنى تاپقانمىش ۋە ”مەن كۆرگەن مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ھورۇنكەن“ دېگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنمىش. مەن ئۇ گەپلەرنى دېگۈچىگە ھەيران قالمىدىم. مېنىڭ ھەيرانلىقىم ئاشۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ ”زادى، بىزدەك ھورۇن خەق يوق“ دەپ بېشىنى ئىغاڭلىتىۋاتقان بوۋايلارغا تۇتتى. ئۇلارغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسى ئامېرىكىدا “ دېگەن يازمامدىكى ”مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت“ دېگەن مەزمۇننى سۆزلەپ بەردىم. قىزىق يېرى ئۇلار گېپىمنى ”زادى بىزدەك ئىشچان مىللەت يوق“ دەپ تەستىقلاشمىدى. ئۇلار گۇاڭدوڭلۇق شۇجىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نوپۇزلۇق باھا بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە مايىل ئېدى. گۇاڭدوڭلۇق شۇجى ۋە مەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا بىر ئورتاقلىق بار ئېدى. ئىككىلىسى باشقۇرغۇچى، ئىككىلىسى ئوبىكتىنى بىكار قويۇشنى خالىمايدۇ، ئوبىكتىنىڭ بىكارچىلىقىدىن خەۋپسىرەيدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ئەرك-خاھىشى بولىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئىككىلىسى ئۆزىنى قۇتقازغۇچى، توغرا يولغا باشلىغۇچى ئوبىكتىنى بولسا ھىچ نېمە بىلمەيدىغان قۇتقازمىسا ئېزىپ كېتىدىغان مەخلۇق دەپ قارايدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ھورۇنلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئىككىلىسى باشقۇرۇشتا يا پەنگە ئىشەنمەيدۇ يا قانۇنغا تايانمايدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاقلىقى قانداق شەكىللەنگەن، كىم كىمگە ئۆگەتكەن بۇ ماڭا نامەلۇم.

”ئەخلەت“ يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم

بالام تۆرت يېرىم ياشتىن ئاشقاندا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ باشقا تەڭقۇر بالىلاردەك ئۆزى پۇل خەجلەشنى ئۇقماسلىقى ھەيرانلىق قوزغىدى. ئامېرىكىدا 13 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مۇستەقىل بىر يەرلەرگە چىقىشى، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشى قانۇنسىز ھىساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ئاتا ئانىسى بولمىغان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ نەرسىلەرنى ئەمەس ھەرقانداق نەر سە سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنى بىر خەتنە تويدا بالامنىڭ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر خەنسۇچە ماركىدىكى مۇزقايماقنى يەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. دەرھال قىزىمغا يەۋاتقان نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى ئاڭلاتتىم. قىزىم “ بۇ يەردىكى دادا، ئاپىلارنىڭ ھەممىسى يىدى. يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇدى. شۇلار يىگەننى يىسەممۇ ھالال بولمامدۇ“ دەپ ئىتىراز بىلدۈردى. ”ياق بالام، ئۇلار بىلمەي يەپتۇ. سەن يىسەڭ بولمايدۇ“ دېسەم ئۆمچەرەپ تۇرۇپ ئاران تاشلىۋەتتى. شۇندىن كېيىن بالىلارنىڭ يىمەكلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. بۇنداق يىمەكلىكلەرنىڭ بەزىسىگە ھەتتا ئۇيغۇرچە ”مۇسۇلمانچە“ دەپ خەت يېزىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن ئىچكىرىدە شۇنچە تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ باقمىغان خەنسۇچە يىمەكلىك ماركىلىرى ھەممە ماگىزىنلاردىن تېپىلىدىكەن. ھېلىقى گۆشتىن باشقا يىيىلىۋاتقان، سېتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ھالال ياكى ئەمەسلىكىگە يا ئالغۇچى قارىمايدىكەن، يا ساتقۇچى ئەسكەرتمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر باشلانغۇچنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. بالىلار رىشاتكىنىڭ يوچىقىدىن ماگىزىنچى ئايىسى سۇنۇپ بەرگەن تۆۋىنى يىگىرمە تىيىن يۇقىرى بىر سوملۇق ”يىمەكلىك“ لەرنى يىيىشكە باشلاپتۇ. بىزنىڭ بالىلار ئېنگىلىز تىلى سىنىپىمىزدىمۇ بالىلار كەتكەندىن كېيىن تارتمىلارنىڭ ”يىمەكلىك“ ئورالمىلىرىغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمەن. قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ باقتىم، ئازايدى، لېكىن تۈگىمىدى. كوچىلاردا مەنبەسى سورالماي يىيىلىۋاتقان خېمىر كاۋاپ، دۇڧۇ كاۋاپ…قاتارلىقلارنى تالىشىپ يەۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ بۇ ئايرىماي يىيىش كەلكۈنى ئالدىدا ئۆزەمنى تولىمۇ ئاجىز ھىس قىلدىم. بالامنى ئۆيدىغۇ چىڭ تۇتارمەن، لېكىن دائىم كەينىدىن يۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ-دە. كۆپىنچە بالىلار يەۋاتقان نەرسىلەرنى مەن يىمە دېگەنگە بالام يىمەي قالامدۇ.
بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە كۆندۈرىۋاتقان يەنە بىر سەۋەب نامۇۋاپىق گۆللەش، ناباپ مېھرىبالىق ۋە خاتا مۇكاپات. ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى يىغىدىن پەس قىلىش، دېگەنلىرىگە كۆندۈرۈش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ پۇلنى ۋاستە قىلىدىكەن. كۆزىتىشىمگە قارىغاندا ئاتا ئانىلار بالىلىرى يەسلىگە بارغىلى ئۇنىمىسا، تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئىشلىمىسە، دەرس نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە دەرھال پۇل بىلەن جۆندەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى ئەڭ سۈپەتسىز ماقال ”ئالداشقا بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقۋاشنى“ ئىكەن. بالىلار يەۋاتقان يىگىرمە تىيىنلىق ”ئال مېنى“ ماركىلىق سېغىز، يەنە قانداقتۇر بىر ماركىلاردىكى ئەخلەتلەر ئاتا ئانىسىدىن قەغىش قىلىپ پۇل ئالغان بالىلارنىڭ دائىملىق تاللىشىكەن. مەن بۇنداق چاغلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىچىك بالىلارغا ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ بېرىلىدىغان خەجلىك پۇلنى ئويلاپ قالىمەن. ئامېرىكىدا بالىلارغا يېىشغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ھەر ئايدا بەلگىلىك مىقداردىكى خەجلىك بېرىلىدۇ. ئاتا ئانىلار بالىلىرى بۇنى بىر قېتىمدا خەجلىۋەتسىمۇ، يىل بويى يىغىپ چوڭراق بىر نەرسە ئالسىمۇ گەپ قىلمايدۇ. ئەگەر يىغىپ چوڭراق بىر نەسە ئالماقچى بولسا مۇكاپات قىلىپ پۇل قوشۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلار كىچىكىدىن پىلانلىق پۇل خەجلەشنى، تىجەشلىك بولۇشنى، ئۆز پۇلىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى، مۇستەقىل ھىسابات قىلشىنى ئۆگىنىدۇ. مەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى پۇل بىلەن گۆللەۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە بالامنىڭ قاراۋاتقىنىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ كېتىمەن. قىزىممۇ ھازىر تاغا ھاممىلىرىنىڭ پۇل بىلەن مېھرىۋانلىق كۆرسىتىشلىرى، پۇللۇق ئەركىلىتىشلىرىگە كۆنۈپ قالغىلىۋاتىدۇ. مەن يېشىغا ماس خەجلىك بەرگەن بىلەن باشقا بەرگەنلەرنى بەرمە دېگىلى، قىزىمنىڭ كىم بەرگەن پۇلغا نېمە ئالغىنىنى مەن بىلىپ بولالمايمەن-دە! بىزدىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆمەك دەيدىغان نەرسىمىز بولىدىغان. بۇ ئەنئەنىگە مەن ئاكا سىڭىللىرىمدىن بالا تەربىيىلەشتە ۋارىسلىق قىلغانلارنى كۆرمىدىم. بۇلارنى خىيال قىلىپ قىزىمنى ”ئەخلەت“ يىيىشتىن توساش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇل تىجەپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئېلىشنى ئۆگىتەيمىكىن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىمغا كۆمەك قىلىپ بېرىشنى ئويلاشسام بولغۇدەك دەپ قالدىم. گەرچە بالىلارنى ”ئەخلەت“ يىيىشتىن توسۇشنىڭ جان ھالقىسىنىڭ ئەخلات ساتقۇچى ۋە ئىشلىگۈچىنى يىغىشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بۇنىڭغا چارەسىزمەن. شۇڭا ھەممە نەرسىدىن پەخەس بولۇش مۆمىن پۇقرانىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا بۇ ئىشتىمۇ ئۆزەم چارە قىلمىسام بالامنىڭ روھى بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|