ئامېرىكىدا دىيانەت

ۋاقتى88 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 181 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكىدا دىيانەت
-“ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئامېرىكىنىڭ پۇلىدا ”خۇداغا ئىشىنىمىز“ دېگەن خەت بولغاندىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىن زالىغىمۇ يۇقارقى خەت ئويۇلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ھەر قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىنجىلغا قولىنى قويۇپ قەسەم قىلىدۇ. سوتلاردا گۇۋاھچىلارمۇ ئىنجىلغا قولىنى قويۇپ شاھىدلىقىنىڭ چىنلىقىغا ئەنت ئىچىشىدۇ. ئامېرىكا تارىخىدا دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلغان بىرەر كىشىنىڭ دۆلەت رەھبىرى ئەمەس پارلامىنت ئەزاسى بولالىغانلىقى ھەققىدىمۇ خاتىرە يوق. ”ماي گۈلى“ ناملىق پاراخوتقا چىقىپ دىنى ئەركىنلىك ئىزدەپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقان ئەڭ دەسلەپكى ئەنگىلىيە كۆچمەنلىرى ۋە كېيىنچە باشقا ياۋۇرپا دۆلەتلىرىدىكى تۈرلۈك دىنى ۋە سىياسى زىيانكەشلىكتن قېچىپ ئامېرىكىغا يەرلەشكەن كۆچمەنلەر ھازىرقى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئاساسى ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان. شۇڭا ئامېرىكىدا ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي خەلقنىڭمۇ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. ئامېرىكىدا خىرىسىتىيان دىنىدىن شاخلانغان كاتولىك، پروۋىسلاۋىيە، پروتېستانت، مورمىن، جوھو ۋىتنىس قاتارلىق مەزھەپلەر بار. بۇلارنىڭ چىركاۋ ۋە مەكتەپلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت قىلىدۇ. بۇندىن باشقا بۇددا دىنى، باھايى دىنى ۋى شىك دىنى مۇخلىسلىرىمۇ مەۋجۇد. ئامېرىكىدا ئىسلام خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئامېرىكىدىكى تۇنجى مۇسۇلمانلار ئەنگىلىيىلىك قول سودىگەرلىرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاڧرىقىدىن كۆچۈرۈلگەنىكەن. (ھازىر مىڭ بىر جاپادا ئىختىيارى كۆچۈپ كەلمەكتە) ئامېرىكا پىرىزدېنتلىرى تارىختا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىپتارلىق زىياپەت بەرگەنىكەن. ھازىرمۇ ئامرىكا پرىزدېنتلىرى ھەر يىلى ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى ۋە مۇسۇلمان دېپلۇماتىيە خادىملىرىغا ئىپتارلىق زىياپەت بېرىدۇ. بۇنداق زىياپەتلەرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقانىكەن. ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار رەسمى رەقەملەرگە كۆرە يەتتە مىليۇندىن ئارتۇق دەپ ئاڭلىدىم. ھازىر ئىسلام ئامېرىكىدا ئەڭ تىز كېڭىيىۋاتقان دىن سانىلىدۇ. سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىلىق لاتىنىي ئاياللارلا 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكىدا ئىسلامنىڭ بۇ قەدەر تېز زورىيىشىغا سەۋەپلەر بىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ب د ت نىڭ تەستىقى بىلەن ئىراق ۋە ئاڧغانىستانغا كىرىشى ئىكەن. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يۇقارقى مۇسۇلمان رايۇنلىرىغا كىرىشى ئامېرىكىلىقلارنى ئىسلام بىلەن بىۋاستە ئۇچرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى، ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، دوستلىرى مۇسۇلمانلىقنى تاللىغان. يەنە بىر سەۋەپ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىلىقلاردا ئىسلامنى چۈشىنىش قىزغىنلىقى قوزغالغان. نەتىجىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ۋە دەستۇرىغا دائىر كىتاپلارنى يازىدىغان، ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. بۇمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى تېزلەتكەن. 2010- يىلى كانزاس شەھرىدىكى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ئاق تەنلىك قىزدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ ئاڧرىقىدىكى مۇسۇلمان دۆلىتى موروكوغا ساياھەتكە بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن، ساغلام ھايات يولىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغانىكەن. مەن ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرىستىتتىكى جامەدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىلىقلار پات پات ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ رامازان مەزگىلىدە مۇسۇلمان بولغۇچىلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولىدۇ. ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەللەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلەر، يەنە بىر مەنبەسى ھەر قايسى ئەللەردىن ئامېرىكىدىكى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بۇ يەردە قالغان ياكى ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار. باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ كىنىيەلىك مۇسۇلمان دادىسى دەل يۇقارقى سەۋەب بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنىڭ بىرىدۇر.
1. ئامېرىكىلىق بۇددىستلار
2009- يىلى يازنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسدىن ئاپتۇبۇس بىلەن ئاۋال شەرقىگە ئاندىن جەنۇبىغا بېرىپ ئىككى ھەپتىلىك ساياھەتتە بولدۇم. ئاپتۇبوستا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ قىز مېنىڭ تېبەتكە قوشنا بىر يەردىن كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇ بۇددىست بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى كەلگۈسىدە جىقراق پۇل تېپىپ تېبەتنى ساياھەت قىلىش ئىكەن. يول بويى مەندىن تېبەتكە دائىر سۇئاللارنى سوراپ كەلدى. 2010-يىلى يازدا ئورىگاندا يىغىنغا قاتنىشىۋېتىپ بىر گۆش يىمەس بۇددىست قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى سورۇندا بىر چىۋىن بەكلا ئىچىمنى سىقتى. ئۆلتۈرىۋېتەي دەپ شۇنداق شاپىلىقمىنى كۆتۈرۈشۈمنى بىلەرمەن، سورۇندىكى باشقا ئامېرىكىلىقلار چۇرقىراپ كېتىشتى. ئۇلارچە چىۋىنمۇ خۇدا ياراتقان جانلىقكەن، ئۆلتۈرسەم بولمايمىش. كۆزۈمگە سورۇندىكى ھەممە ئامېرىكىلىقلار بۇددسىتتەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭغا قارىغاندا ئامېرىكىدا بۇددىست بولمىسىمۇ لېكىن شۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى توغرا دەپ قارىغۇچىلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ. چۈنكى ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە ئاشخانىلاردا گۆش يىمەسلەر ئۈچۈن مەخسۇس يىمەكلىك تەييارلىنىدىكەن. مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدىمۇ گوش يىمەسلەرنىڭ تاماق ئالىدىغان يېرى ئايرىم. قاراپ باقسام تاماق ئېلىش ئۈچۈن تىزىلغان ئوقۇغۇچىلار دائىم ئۈزۈلمەيدۇ. ئامېرىكىدىكى گۆش يىمەسلەر ھەتتا گۆشلۈك تائاملارنىڭ گۆشىنى ئېلىۋەتسىمۇ پۇرىقى قالدى, دەپ يىگىلى ئۇنىمايدىكەن. تۇخۇمنىمۇ يىمەيدىكەن، سۈتمۇ ئىچمەيدىكەن.
2. مەسجىد سېلىش خۇدا بەرگەن ھوقۇق
دېموكراتىيە دېسە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھەممە ئىش كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى، رازىلىقى بىلەن بولىدىغان جەمئىيەت كېلىدۇ. مەنمۇ باشقىلارغا ئاددىيلا قېلىپ شۇنداق چۈشەندۈرەتتىم. ئامېرىكىدا ئاڭلىغان بىر خەۋەر مېنىڭ قارىشىمنىڭ خاتاسىنى تۈزەتتى. ئامېرىكىنىڭ بىر شەھرىدە ئاز بىر بۆلۈك مۇسۇلمان مەسجىد سېلىش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. شەھەر باشلىقى بۇ ئىشنى شۇ شەھەردىكى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلىشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ شەھەر يەرلىك مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ئاز، ئاھالىسى ئىچىدە دىنسىزلىق يايغىن بىر شەھەر ئىكەن. ئەگەر ئاۋازغا قويۇلسا مەسجىد سېلىشنىڭ قوللاشقا ئېرىشمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار شەھەر باشلىقىنىڭ قارارىنى قانۇنسىز دەپ قاراپ شەھەرلىك سوتقا ئەرز سۇنۇپتۇ. سوت ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىغا ئاساسلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىد سېلىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاۋازغا قويۇشنى رەت قىلىپتۇ. ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىغا تايانغاندا كىشىلەرنىڭ نەدە ياشىشى، نەچچە پەرزەنتلىك بولۇشى، قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلىشى، ئۆز سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى خۇدا ئاتا قىلغان مۇقەددەس كىشىلىك ھوقۇق بولغاچقا بۇنى ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن چەكلەشكە بولمايدىكەن. نەتىجىدە ئۇزاققا قالماي ئۇ شەھەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدى بەرپا بولۇپتۇ.
3. ئەسلى ئامېرىكىلىقلار (ئىندىيانلار) تەڭرىنىڭ دۈشمىنى
ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى بىلەن ئەسلى ئامېركىلىقلار (ئىندىيانلار) ئارىسىدا ھاياتلىق مەنبەلىرىنى تالىشىش كۆرىشى ئەۋج ئالغان چاغلاردا بىر قىسىم خرىسىتىيان ئۆلىمالىرى يەرلىكلەرنى “ ئۇلار دىنسىزلار، تەڭرىنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر“ دەپ پەتىۋا چىقارغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى ئىندىيانلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ دىنى ئىجازىتىگە ئېرىشىپتۇ. ئەسلى ئامېركىلىقلارنىڭ ”تەڭرىنىڭ دۈشمىنى“ سانىلىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ تاۋاپخانىلىرى كۆيدۈرۈلۈپتۇ، كىتاپلىرى نابۇت قىلىنىپتۇ، شەھەرلىرى بەربات قىلىنىپتۇ. بىر قىسىم ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزىدە ئەسلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەھەللىلىرى ۋەيران قىلىنمىسا ئۇلار شۇ مەھەللىلەردە تاۋاپخانىسىغا يىغىلىپ دىنلىرىنى داۋام قىلىۋالىدىكەن، تىللىرىنى ساقلاپ قالىدىكەن، قەدىمى ئىمارەتلەرنى سالغان ئەجداتلىرىدىن پەخىرلىنىپ مىللىي تۇيغۇلىرى كۈچىيىپ كېتىدىكەن. چېقىش، ۋەيران قىلىشلار نەتىجىسىدە ئەسلى ئامېرىكىقلارغا ئىككىلا يول قالغان بىرى يىراق چۆللەرگە سەپەر قىلىش، يەنە بىرى شەھەرلەرگە كىرىپ ياۋرۇپاچە ھاياتقا سىڭىپ كېتىش ئىكەن. ئەسلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاق تەنلىكلەر ئىندىيان شەھەرلىرى خارابىسىغا بەرپا قىلغان يېڭى شەھەرلەردىن يىراققا قاچقانلىرى ئىكەن. ھازىر ئامېرىكىدا خېلى كۆپ بازار ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىسمى ھىندىيانچە بولسىمۇ ئادەتتە بىرمۇ ھىندىياننى تاپقىلى بولمايدىكەن. مەسىلەن، كانزاس شەھرىنىڭ ئىسمى كانزا ئىندىيانلىرىنىڭ تىلىدىن كەلگەن بولسىمۇ مەن ئىككى يىل تۇرۇپ بىرمۇ ئىندىياننى كۆرمۈدۈم. بۈگۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىيانلارغا ۋاشىڭتوندا ئەلچىخانا تەسىس قىلىش، ئۆز رايۇنلىرىدا ئۆز قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىپتۇ، تارىخى خاتالىقى ئۈچۈن ھىندىيانلارغا مىيارتلاپ تۆلەم بېرىپتۇ، ۋەھالەنكى بۇلارنىڭ ھىچ قايسى بىتەلەي ھىندىيانلارنىڭ يوقالغان تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|