مۇكەممەل جەمئىيەت ۋە كەمتۈك ئىنسان

ۋاقتى54 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 12ئاي 01كۈنى | : 531 views°

يازما بەت ئىلانى

مۇكەممەل جەمئىيەت ۋە كەمتۈك ئىنسان
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“نىڭ داۋامى

ئامېرىكا زادى قانداق يەر؟ مەن ئۇشبۇ ئەدەبىي خاتىرەمدە يېزىۋاتقاندەك ھەممە ئىشقا تەرتىپ ئورنۇتۇلغان، ئىنساننىڭ ھەممە خۇي پەيلى مۇئەييەن بىر ئەخلاق قېلىپىغا چۈشكەن، ئادەمنىڭ ئىتىقادى، ھۆرمىتى، ھۆرلۈكى، ھاياتى، پاراغىتى كاپالەتلەندۈرۈلگەن، قانۇننىڭ ئادالىتى خۇددى بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسەۋۋۇر قىلغالدەك بارچە مەۋجۇداتقا باراۋەر باشپاناھ بولغان خىيالدىكى مۇكەممەل جەمئىيەتمۇ ياكى كىشىلىرى تاجاۋۇزچىلىققا خۇمار، بايلىرى دۇنيانى قارماللىغان، ئەسكەرلىرى ۋەھشىلىككە مايىل، ھۆكۈمىتى باشقىلارنىڭ ”ئىچكى ئىشلىرى“غا ئارىلىشىۋالىدىغان بارلىق ئىبلىسلىق- شەيتانلىقلارنىڭ بەزمىخانىسىمۇ؟ مەن ئامېرىكىدىكى ھاياتىمنى، ئويلىغانلىرىمنى يېزىشتا ھىچ قاچان بۇ قاراشلارنىڭ بىرىنى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىۋالغان ئەمەس. مەن پەقەت كۆرگەنلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن يازدىم. مەن بۇ مەسىلىدە ھىچ قايسى قاراشنىڭ تەشەببۇسچىسى ئەمەس. ئەسەرلىرىمگە قاراپ مېنى ئۇچى، بۇچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋالغانلار ”…بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، بايرىقى رۇشەن ھالدا …گە قارشى تۇرۇش، ئىددىيىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەممە ئىشتا…ئىزىمنى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىش“ قاتارلىق ئىددىيىۋىي سىياسىي تەربىيىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مەھسۇلاتلىرىدۇر. ئىددىيەلەر رىقابىتى بولمىغان، پەرقلىق ئىددىيەلەرگە ئەركىن سورۇن ھازىرلارنمغان جەمئىيەتتە كىشىلەر دائىم مەلۇم ئىددىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكى بولمىسا جاھان قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇلارغا كېلىۋالىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىدىن باشقىلارنىمۇ ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر ئىددىيىنىڭ قۇماندانلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ھىچ نېمىنى ئالدىن پەرەز قىلىمىغان ئاساستا، ئۆزۈم ئامېرىكىدا كۆرگەن ھەقىقى ئىشلار بىلەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئامېرىكىنى سېلىشتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى دۇنيا رىياللىقى بىلەن مەن كۆرگەن دۇنيانىڭ ھەقىقى يۈزىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم ئۇيغۇرلارغا دۇنيا، خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا خەلقلىرى ھەققىدىكى مۇنداق رەڭگارەڭ چۈشەنچىلەر نەدىن كەلگەن؟ ئۇيغۇر بۇلارنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلغان؟ قوبۇل قىلىشتا ئەينەن قوبۇل قىلغانمۇ ياكى ئۆز ئىشتاھاسىغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرگەنمۇ؟ ئۆزلەشتۈرسە قانداق ئۆزلەشتۈرگەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرگەن؟…قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۆۋەندە يازىدىغىنىممۇ ئامېرىكا ھەققىدىكى باشقىلارنىڭ باھالارى ۋە مېنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرىم.
مەن ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى باھالىرىغا دىققەت قىلدىم ۋە بايقىغانلىرىمنى ”قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرتمۇ“، ”قارغىلىقتىكى <ئامېرىكا>“ دېگەن ماۋزۇلاردا بايان قىلدىم. بۇندىن باشقا دىققىتىم ئامېرىكىدا تۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى باھالىرىغا چۈشتى. بۇلار ئامېرىكىغا بالىلىرىنى يوقلاپ بارغان بوۋاي-مومايلار ئېدى. بىر پىنسىيىگە چىققان ئاپپاي ئامېرىكىغا بېرىپ بالىلىرىنى يوقلاپ كەلگەنىكەن. مېنىڭ ئامېرىكىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگىنىمنى ئاڭلاپ تاڭ قالدى. ئامېرىكا ھەققىدە سورىغانلىرىمغا ”ۋاي بالام نېمىسىنى دەيسىز، ئامېرىكىنىڭ ساقچىسىدىن تارتىپ تازىلىقچىسىغىچە ھەممىسى سىلىق سىپايىكەن. ئامېرىكىدا تاماقتىن تارتىپ كىيىمگىچە ھەممە نەرسە سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك ئىكەن. ئىشقىلىپ قاراڭ، ئامېرىكىدا ھاۋامۇ ياخشى، ئادەملەرمۇ ياخشى ئىكەن، بىزگە موھىمى مۇشۇلارلىغۇ!“ دەپ ئامېرىكىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ سۆزلەپلا كەتتى. يەنە بىر دوستۇمنىڭ دادىسى ئامېرىكىدا بىر قانچە ئاي تۇرغاندىن كېيىن تونۇشلىرىغا ”موھىتنىڭ، تۈزۈمنىڭ، ئادەملىرىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ، ئامېرىكا دېگەن قايتا تۇغۇلىۋالسا ئەرزىگۈدەك يەرئىكەن.“ دەپتۇ. بۇلارنىڭ گېپىدىكى بىر ئورتاق نوقتا ئامېرىكىدا تەبىئىي موھىت (ھاۋا) بىلەن ئىجتىمائىي موھىت (تۈزۈم، كىشىلەر) نىڭ ياخشىلىقى. مەن بۇ پىشقەدەملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا قايىل قالدىم. ئۇلار ئامېرىكىدا ھاۋا ۋە ئادەمنىڭ ياخشىلىقىنى دېيىش ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر جەمئىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ. راست، ئامېرىكىنى ياخشى قىلغان نەرسە قانۇننىڭ ۋە تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىكى. مۇكەممەل تۈزۈم ئىنسان روھىدىكى ئاجىزلىقلارنى، گۇناھلىق خاھىشلارنى ياخشىلىق قېلىپىغا سېلىپ، تۈزەپ ساغلام ئىجتىمائىي موھىتنى بەرپا قىلالايدۇ. مۇكەممەل جەمئىيەتتىكى مۇقەددەس قانۇن ۋە توغرا قېلىپقا سېلىنغان ئىنسان روھىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىلا بولىدىكەن تەبىئىي موھىتمۇ مۇناسىپ قوغۇداشقا ئېرىشىدۇ.
ئامېرىكىدا ھاۋانىڭ- موھىتنىڭ ياخشىلىقىغىغۇ قىل سىغمايدۇ، ئەممە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياخشىمۇ؟ مۇكەممەل تۈزۈم ھەممە ئىنساننىڭ قىلىقلىرىنى توغرا يولغا سېلىپ بولالامدۇ؟ ياق. مەكتىپىمىزدىكى بىر كۇتۇپخانا كېچەيۇ كۈندۈز تاقالمايتتى. بىر جۈمە كۈنى كەچتە چىقسام مۇلازىم سىتۇدېنت ”يېرىم سائەتتىن كېيىن تاقايمىز، شۇڭا بىنادىن ئايرىلىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز“ دەپ قالدى. ئاتايىن كەلگەن ۋاقتىمغا ئاچچىقىم كېلىپ ھارغىن، نارازى قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيۈمگە قايتتىم. نەچچە يۈز ئادەم سىغىدىغان بارلىق ئەسلەھەلىرى تولۇق كۈتۈپخانىدا پەقەت ئۈچ تۆتەيلەنلا بار ئېدۇق. ئىككىنجى جۈمە كۈنى كەچتە يەنە شۇ مۇلازىم قىز ئوخشاش گەپنى تەكرارلىدى. كۈتۈپخانىدىكى بەش ئالتەيلەننىڭ كۆپىنچىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەنمىز. قارىسام ھەممىسى كېتىش تەييارلىقىغا چۈشتى. پەقەت مەن دائىم ئوخشاش ئورۇندا ئولتۇرغىنىنى كۆرىدىغان بىر ئامېرىكىلىقلا جايىدىن مېدىرلىمىدى. ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ قىمىر قىلماي ماقالەمنى يېزىشقا داۋام قىلدىم. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرسەم ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ھېلىقى بىزنى قوغلىغان مۇلازىم قىزغا ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ. ”مەن مىڭ تەستە تاپقان پۇلۇم بىلەن بۇ يەردە ئوقۇيمەن، سەنلەر كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا كىنو كۆرۈپ كۈتۈپخانىدا نۆۋەتچى بولۇۋاتىمەن دېگەن باھانە بىلەن سائىتىگە 13 دوللار ھەق ئېلىشىسەن. نېمە بىزنى قوغلايسەن. سەن بىزنى بىلمەيدۇ دەمسەن. سەن يېرىم سائەت بۇرۇن تاقاپ كەتكەن بىلەن بىر سائەتنىڭ پۇلىنى ئالىسەن، سەنچە بۇ توغرىمۇ؟“ ھېلىقى قىز شەلپەردەك قىزىرىپ باشقا گەپ قىلالمىدى. ئەسلىدە بۇ قىز يېرىم سائەت بۇرۇن ”ئىشتىن چۈشىمەن“ دېگەننى باھانە قىلىپ كۈتۈپخانىدىكىلەرنى قوغلايدىكەن. كېيىنكى نۆۋەتتە كېلىدىغان مۇلازىم سىتۇدېنت ئىشقا كېلىپ ”كۈتۈپخانىدا ئادەم يوق“ دېگەننى باھانە قىلىپ قايتىپ كېتىدىكەن. مۇئاشنى بولسا ئىككىلىسى تىيىننى كەم قىلماي ئېلىۋېرىدىكەن. شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن ھېلىقى قىز ستۇدېنت مۇلازىملىقتىن قالدۇرۇلغان بولسا كېرەك، كۈتۈپخانىدا قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. ئەگەر مۇشۇنداق خاتالىق سادىر قىلغانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بەلگىلمە بولمىغان بولسا ياكى شۇنداق بەلگىلىمە بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل ئىجرا قىلىدىغان باشقۇرغۇچىلار بولمىغان بولسا ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە قاقشىتىدىغان ئىشلا ئادەتكە ئايلانغان، قاقشاتقۇچى خادىملار كۆپەيگەن بولاتتى.
بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت بايراملىرىنى تەتقىق قىلماقچى بولۇپتۇ. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇنىڭ قەشقەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا يارىدەملەشتىم. خوتەنگە بارماقچى بولغىنىدا دوستلىرىمغا تېلىپۇن قىلىپ ئايلىنىدىغان يەرلىرىگىچە ئورۇنلاشتۇردۇم. ماڭا قەشقەردىن يازغان خېتىدە خوتەندىكى ئۇ دوستۇمدىن بەك رازى بولغىنىنى، بىللە جىق يەرلەرگە بارغىنىنى، نۇرغۇن سۈرەتكە چۈشكىنىنى يېزىپتۇ. ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدىغان چاغدا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن بىر نەرسە ئالغاچ كەلسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغانىدىم. قىزىق يېرى ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلالمايلا كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان خوتەندىكى دوستۇمنى كۆرمىگىلى ئون يىلدىن ئاشقانىدى. ئىككى قېتىم شۇ دوستۇمنىڭ رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى سوراپ خەت يازدىم، ھىچ بىر جاۋاپ يازمىدى. ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمىگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىمەن دەپ قەشقەردە ئۈچ ئاي تۇرمىغان بولسا ئېدى، ئۇنىڭ 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك ئون ئايغا يېقىن ئالاقەم ئۈزۈلگەن ئاتا-ئانامنىڭ، كۆيۈملۈكلىرىمنىڭ بىرەر يادنامىسىنى ئېلىپ كەلمىگىنىدىن ئاغرىنمىغان بولاتتىم. ئۇنىڭ مۇنداق دوستۇمنىڭ رەسىمىنى يا ئەۋەتىپ بەرمەي، يا ئەۋەتمەيمەن دېمەي يوقاپ كېتشى ئامېرىكىلىق ئەمەس ھەرقانداق مىللەت كىشىسى ئۈچۈن غەلىتىلىك. ئامېرىكىدا بىرى ئادەتتە خەت يازسا جاۋاپ يازمىغانلىق ”سەن بىلەن ئالاقە قىلغۇم يوق“ دېگەن مەنىنى بىشارەتلەيدۇ. مەقسىدى ھاسىل بولۇشتىن بۇرۇن ماڭا كەم دېگەندە 50 پارچىدىن ئارتۇق خەت يازغان بىرىنىڭ ئىشى تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ خېتىمنى جاۋاپسىز قويۇشى غەلىتىلىك ئەلۋەتتە. ئامېرىكىدا بۇنى باشقىلاردىن پايدىلىنىش دەيدۇ. مەن بۇ خىلدىكى ھىكايىلەرنى باشقالاردىنمۇ ئاڭلىدىم. مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق باشقىلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى، سەمىمىيلىكىنى، يارىدەمسۆيەرلىكىنى سۈيىئىستىمال قىلالىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ چىچەنلىكى دەپ چۈشىنىشى ۋە باشقىلارنىڭ يۇقارقى خىسلەتلىرىنى ساددىلىق دەپ مەسخىرە قىلىشى بولدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب بىرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، مائارىپى ۋە پەن تەتقىقاتىدىكى نوپۇزى بەزى ئامېرىكىلىقلاردا ھاكاۋۇرلۇق پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى دۇنيا ئىشلىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ يېتەكچى ئورنى باشقىلارنىڭ ئامېركىلىقلارنى چوڭ بىلىدىغان قىلىپ قويغان، نەتىجىدە ئامېرىكىلىقلار خەقنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىگىشلىك مۇلازىمەتتەك ھىس قىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
بىر قېتىملىق زىياپەتتە بىر ئۇيغۇر ئانىمىز مەكتىپىمىزدىكى ئامېرىكىلىق بىر پروپېسسور ئايالغا ”ئامېرىكىلىقلار بەك سەمىمىي ئىكەن“ دېدى. مەن بىر نېمە دەي دەپ بولغىچە ھېلىقى ئايال ”ياق، ئامېرىكىلىقلارمۇ يالغان ئېيتىدۇ، لېكىن چاندۇرمايدۇ. پەقەت جوڭگۇدىكىگە ئوخشاش كىچىكتىن چوڭغىچە ھەممە ئىشقا يالغاننى قوشمايدۇ! ئامېرىكىلىقلار چانمىغۇدەكلا يېرى بولسا يالغاندىن پايدىلىنىدۇ.“ دېدى. مەن ئامېرىكىدا بۇنداق يالغانچىلىقلارنى خېلى كۆردۈم. بىر دەرستە ئامېرىكىلىق ئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىشىپ بىر تېما ئۈستىدە ئىزدەندۇق. مەن مۇلاقات قىلىش، تەكشۈرۈش، ماتىرىيال توپلاشقا مەسئۇل بولدۇم. يەنە بىر قىز مۇلاقات سۇئاللىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولدى. ئۈچىنجى بالا مۇلاقات قىلىنغان ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، مەن تەكشۈرگەن ماتىرىياللارنى رەتلەشكە مەسئۇل بولدى. مەن تەكشۈرۈش ۋە مۇلاقاتنى ھېلىقى ئامېرىكىلىق قىز بىلەن مەسلەھەتلىشىپ تەييارلىدىم ۋە دېگەن ۋاقىتتا تۈگىتىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم. شۇ تاپشۇرغانچە قولۇمغا ئۇلاردىن رەتلەنگەن، يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئالالمىدىم. ساقلا، ساقلا ئاخىرى ماقالە تاپشۇرىدىغانغا تۆرت كۈن قالغاندا ماتىرىياللارنى ئالدىم. بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ماقالەمنى يېزىپ بولالمايتتىم، ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ ئىشنى دەرس ئوقۇتقۇچۇمغا دېدىم، لېكىن قولۇمدا ھىچ بىر يازما ئىسپات بولمىغاچقا گېپىمنى ئىسپاتلىيالمىدىم. ئاخىرى ئۈچ كېچە ئۇخلىماي دېگۈدەك ئىشلەپ ماقالىنى تۈگەتتىم، ئەمما يېتەرلىك ۋاقىت بولمىغاچقا ياخشى يازالمىدىم. ئەڭ يامان يېرى ئاتايىن توپلىغان ماتىرىياللىرىمنى تۈزۈك ئىشلىتەلمىدىم، قايىل قىلارلىق تەھلىل قىلالمىدىم. ماقالىمىزنى سىنىپتا مۇلاھىزە قىلغاندا ماتىرىيالغا دائىر ھىچ ئىش قىلمىغان ھېلىقى ئىككىسى خۇددى شۇ ماتىرىياللارنى ئۆزى توپلىغاندەك ماتىرىيال توپلاش جەريانىدا ئۇنى قىلدۇق، بۇنى قىلدۇق دەپ مېنىڭ دەپ بەرگەنلىرىمنى ئۆزىنىڭكىدەك قىلىپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇلار نېمىشقا يالغان ئېيتىدۇ؟ چۈنكى قولۇمدا مېنىڭ ئىشلارنى ۋاقتىدا قىلغانلىقىم، ئۇلارنىڭ قىلمىغانلىقى، ماتىرىياللارنى مېنىڭ توپلىغانلىقىم ئۇلارنىڭ پەقەت رەتلەپ، يېزىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچ نەرسە يوق.
مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پىلانىغا توغرا كەلسە باشقىلارنى قەدىرلەپ ۋاي دەيدىغان ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن خۇددى ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەك ۋاز كېچىدىغان، مەلۇم مەقسەدنى ۋاستە قىلىپ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىدىغان، مەقسىدىگە يەتكەن ياكى يېتەلمىگەن ھامان ئالاقىنى كېسىدىغان كىشىلەرنى خېلى كۆردۈم. مەسىلەن، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا دىن تارقىتىشنى نىشان قىلغان بەزى ئامېرىكىلىقلاردا بۇ ئىش بەكرەك يايغىنكەن. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم پروپېسسورلاردا ئوقۇغۇچىلىرىدىن ماتىريال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ تەتقىقاتى تاماملانغاندىن كېيىن بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن. مەنچە مۇنداق باشقىلارنى ئۆز مەقسىدى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەممە يەردە بار. جوڭگۇدا باشقىلارغا مەقسەدلىك يېقىنلاشماقچى بولسا ئاۋۋال شۇ كىشى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى ياكى يۇرتداشلىق- خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولغان بىرىنى تاپىدۇ، ئاندىن مېھمان قىلىدۇ ياكى بىر مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ ئاخىرىدا مەقسىدىنى ئوچۇقلايدۇ. ئامېرىكىدىمۇ مۇنداق مەنپەئەت سودىسى بار. پەرقلىنىدىغان يېرى ئامېركىلىقلار ھىچ كىمنى ۋاستە قىلماي يەكمۇ يەك سودىلىشىدۇ. بىزدەك ئاۋۋال مېھمان قىلىپ ئاندىن مەقسىدىنى ئېيتماستىن ئاۋۋال مەقسىدىنى ئېيتىپ، ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئارزۇسىغا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن بەك رازى بولۇپ كەتسە مېھمان قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئامېرىكىدا بۇ خىل كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئاشكارە ھالدا ”سودا“ دەپ ئاتايدۇ، جوڭگۇدىكىدەك بۇنى دوستلۇق دەپ ئاتاپ پەدەزلىمەيدۇ، دوستلۇق نامىدا مەنپەئەت ئويۇنلىرى ئويناپ يۈرمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ مەلۇم مەنپەئەتلەر ئۈچۈن“ دوستلۇق“ نى سۈيئىستىمال قىلىشى جوڭگۇدىكىدەك ئومۇملاشمىغان. شۇڭا جوڭگۇدىكى ”بىر دوستۇڭ كۆپەيسە بىر يولۇڭ كۆپىيەر“ دېگەن ماقال ئامېرىكىدا غەلىتە ئاڭلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ھەممە ئىش يولى بىلەن، قائىدىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا ئالاقە تورى قۇرىشى ۇە بۇ تورنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت، پۇل ۋە زېھنىنى سەرىپ قىلىشى ئاز كۆرۈلىدۇ.
ئامېرىكىلىقلارنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئامېرىكىنىڭ تۈزۈمدىكى مۇكەممەللىكى ئىنساننىڭ مەنىۋىي كەمتۈكلۈكلىرىنى پۈتۈنلەپ كېتەلىدىمۇ؟ مۇكەممەل قانۇن، پاراۋان تۇرمۇش، خاتىرىجەم ھايات ئامېرىكىلىقلارنى مەمنۇن قىلالىدىمۇ؟ پەندىكى مۇۋەپپەقىيەت، مائارىپتىكى ئىلغارلىق، تۈرلۈك تاماششا سورۇنلىرى، ئىقتىسادتىكى تەرەققىيات ئىنساننىڭ پۈتمەس ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرالىدىمۇ؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساخاۋەتچىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئىئانىنىڭ باجغا ھېساپلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ خالىسلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يىللىق باج قايتتۇرۇش (ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ بىر يىلدا تۆلىگەن بېجى يىل ئاخىرىدا مەلۇم نىسبەتتە قايتتۇرۇپ بېرىلىدۇ) جەدىۋىلىدە جامائەت ۋە شەخسلەر ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلغانلارنىڭ بەلگىلىك قايتتۇرۇلغان باج سوممىسىدىن مەنپەتلىنىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىكى پىدايىلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن پىدايىلىق قىلغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ قىلمىغانلارغا قارىغاندا ئاسان بولىدىغانلىقىنى، ئىشقا ئالغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىكى سەمىمىيلىكنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق يالغانچىلىقنىڭ ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ھەرقانداق بالىنىڭ 18 ياشقا كىرگۈچە دۆلەتنىڭ ھەقسىز يىمەكلىك، مائارىپ ۋە باشقا پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىكى راھەتپەرەسلىكنى، خاتىرىجەملىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن 60 ياشتىن ئاشقان ھەر بىر پۇقرانىڭ مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پىنسىيە مۇئاشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، 60 تىيىنغا ئون ئىككى تۇخۇم كېلىدىغان بۇ دۆلەتتە يالغۇز جانغا بۇ پۇلنىڭ يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كېرەك. دېمەك ئامېرىكىدا تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر بوۋاي، مومايلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئامېرىكىلىقلار يۇقارقى شارائىتلار تۈپەيلى ياخشى بولۇشقا كۆنۈپ قالغانلاردۇر. ۋاھالەنكى ئادەمنى پەزىلەتكە كۆندۈرىدىغان مۇكەممەل تۈزۈملۈك جەمئىيەتتىكى يۇقارقى شارائىتلار ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى پۈتۈنلەي تولۇقلاپ، ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ مەمنۇنىيەتكە ئېرىشتۈرگەن يوق. شۇڭا ئامېرىكىدىكى چېكەرمەنلىك، ئىچەرمەنلىك، ئىسراپخورلۇق، راھەتپەرەسلىك، ھورۇنلۇق قاتارلىق ئىجتىمائىي كېسەللىكلەر ئاجىز ئىنساننىڭ قەلبىنى چىركىنلەشتۈرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|