قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى

ۋاقتى61 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 55 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز

بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بار كۆرپىچەكتە ئولتۇرىدىكەن، ۋە شۇ كۈنكى ئىسمى شۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىكەن. مەن بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن ھايۋانلارنى ئاسراش تەربىيىسى بەرگەنلىك بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشكەن. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. دېمەك بۇلار يەسلىدىن باشلاپ چىنىقىشنى ئادەت قىلدۇرىدىكەن. قىزىمغا ئۇسسۇل ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ (بۇلار ئەمەلىيەتتە بالىلار مائارىپى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى) ھەرىكەتلىرىدىكى ئەۋرىشىملىك مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كېلىدۇ. بىز ھىسسىياتىمىزنى گەپ بىلەنلا ئەمەس ھەركىتىمىز بىلەنمۇ ئىپادىلەشكە قادىر مىللەت. ئەمما چېنىقىش ئادىتى ئومۇملاشمىغاچقىمۇ ئۇسۇلغا ماھىر بولغىنىمىز بىلەن قاتتىق تېنىمىز چىرايىمىزدىكى ئەۋرىشىم خۇلقلىرىمىزغا خوپ كەلمەيدىكەن. ئۇنداق دېسەم ”ئەجداتلىرىمىز چىنىقمايمۇ ئەۋرشىم بەدەندىن قۇرۇق قالماپتىكەن“ دېيىلىشى مۇمكىن. ئۇ زامانلاردا بەدەننىڭ ھەرىكىتى جىق بولغىيدى. ھازىر زامان ئۆزگەردى، شۇڭا زامانغا ماس چىنىقىش ئۇسۇللىرىغا ئادەتلەنگەن غەرپلىكلەردىن ئۆگەنسەك يامان بولمايدۇ. چىنىقىش ۋە ناخشا ئۇسسۇل تامام بولغاندىن كېيىن ناشتا قىلىش باشلىنىدىكەن. ئوقۇتۇقۇچىسى تاماقلارنى شىرەگە تىزىپ بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ غىزالىنىدىكەن. ھەممە بالا شەربەت، پۇرچاق، سۈت، مىۋە، بولكا قاتارلىقلاردىن بەلگىلىك مىقداردا يەيدىكەن. ئەگەر بىرەر تاماققا قۇلى يەتمەي ئالالماي قالسا چوقۇم“ ئىلتىپات قىلسىڭىز“ دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى كېرەككەن. بولمىسا ئوقۇتۇقۇچىسى بالىدىن شۇ سۆز چىقمىغىچە تەلەپنى قاندۇرمايدىكەن. ئارىدا كىم باشقىلارنىڭ قاچىسىغا چاڭ سالسا ئاۋۋال بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدىكەن، يەنە داۋام قىلسا كۆتۈرۈپلا يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ئەگەر بالىلار ئويناش جەريانىدا باشقىلارغا قائىدىسىزلىك قىلسىمۇ دوستلىرىدىن ئايرىپ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ماڭا ناشتىدا بالىلار تېخى قوشۇق تەگكۈزمىگەن تاماقلارنى قارىتىپ تۇرۇپ تۆكىۋەتكىنى پەقەت ياقمىدى. مەن ئۇيغۇردىكى ”نېمىنى ئىسراپ قىلسا كېيىن شۇنىڭ خارلىقىغا قالىدۇ، قىساسىنى تارتىدۇ“ دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان بولغاچ بۇلارنىڭ ھەرقانداق چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي ئۇلارنىڭكىنى خاتا دېگەندە چىڭ تۇردۇم ۋە قىزىمغا بۇ ھەقتە ئالاھىدە چۈشەنچە بەردىم. قىزىمنى يەسلىگە بېرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرتسەك تېنىدىكى كېرەكلىك ماددىلار تولۇق چىققانىدى. ئەمما ئايالىم كالتىسى ئېلىپ ئۈچۈرۈشتە چىڭ تۇردى. دېمىسىمۇ ۋەتەندە دائىم تەكشۈرتسەك كالتىسى، سىنىك دېگەنلەر ئەزەلدىن تولۇق چىقمايدىغان قىزىمنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپلا نورمال دەپ قارىلىشى بىزنى گۇمانغا سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەسلىدىكى بالىلار دوختۇردىن بالىمىزغا كالتىسى يىگۈزمەكچى بولغىنىمىزنى، قانداق كالتىسى يىگۈزسەك بولىدىغانلىقىنى سورۇدۇق. دوختۇر، ”بالاڭلار سۈت ئىچەمدۇ؟“ دەپ سورىدى، ۋە بىزگە سۈت ئىچىۋاتقان بالىغا كالتىسى بېرىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بىز يەنە قايىل بولماي بىر دورىخانىغا باردۇق. ئۇ دورىخانىمۇ تۇخۇم بىلەن سۈت ئىچەلەيدىغان بالىغا كالتىسى بېرىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالدى. بىزگە قىزىمىزدا كالتىسى كەم ئەمەسلىكىگە ئىشەنمەسلىكتىن باشقا ئامال قالمىدى. ئەمما ”كالتىسى كەملىك“ سەۋەبىدىن ئۈچ يىل ئۇدا كالتىسى ئىچكەن قىزىمىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ بىر ئايمۇ بولماي ھەممە جەھەتتە ساغلام چىقىشى بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.

قىزىم بىر كۈنى ياۋا گۈللەردىن دەستە تىزىپ، يوپۇرماقلاردىن ئادەم، ھايۋان ۋە تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ شەكىللىرىنى ياساپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. يەنە بىركۈنى بىر بالمۇز چوكىسىدىن رەسىم رامكىسى ياساپ ئىچىگە ئۆز رەسىمىنى بىر ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. دىققەت قىلسام  ھەر ھەپتە بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى، غازاڭلاردىن ياسىغان گۈللىرى، قەغەزلەردىن قىيغان تۈرلۈك شەكىللىرى، كېرەكسىز پوتۇلكىلاردىن ياسىغان ”تۇرمۇش بويۇملىرى“ قاتارلىقلارنى يەسلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ تاختايغا چاپلاپ كۆرگەزمە قىلىدىكەن. دەسلەپتە مەن نەچچە ئايغىچە ئۇقماي قىزىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىگە تاللاندى دەپ خوشال يۈرۈپتىمەن. تېخى قىزىمنى ئەقىللىقتىن ئەقىللىققە چىقىرىپ ماختاپ بەرمىگەن ئادەم قالماپتۇ. كېيىن سورىسام يەسلىدە بالىلارنى بۇنداق دەرىجىگە ئايرىمايدىكەن. كۆرگەزمە قىلىنغان ئىجادىيەتلەر يەسلىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئىكەن. يەسلى ئوقۇتۇقۇچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بالىلارنى كىچىكىدىن باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، ئورتاق ئۇتۇق كەيپىياتىدا چوۇڭ قىلىش ئىلمىيلىك ئىكەن. ئەگەر تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار بۇنداق كۆرگەزمە ئارقىلىق دەرىجىگە تۇرغۇزۇلسا بالىلار ئۆزىنى ئاشۇ دەرىجىلەرگە بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىۋېلىپ  ئالغا ئىلگىرلەيدىغان قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|