سىدام قەشقەر ۋە زامانىۋىيلىق

ۋاقتى117 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 984 views°

يازما بەت ئىلانى

3. سىدام قەشقەر ۋە زامانىۋىيلىق

سىيىت نوچى تۇغۇلغان كوزىچى يار بېشى مەھەللىسى قەشقەردە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ بىرى. بۇ مەھەللىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، يەنى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەلەپپۇزىدىكى دىبو ئېلىش ئاجايىپ خېرىدارلىق. بىر ئوقۇغۇچۇم ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرلەرگە باشلاپ بېرىپ تۇرىدىكەن. بىر قارامايلىق ئۇيغۇر ساياھەتچىنىڭ ”قەشقەر تېخىچە تەرەققىي قىلماپتۇ، مۇشۇنداق ئەبجەق مەھەللىلەر ھېلىمۇ باركەن“ دېگىنى ئوقۇغۇچۇمنى تولىمۇ ھەيراق قالدۇرۇپتۇ. شۇ زامان 2010-يىلى بېيجىڭدىكى بىر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بىر ئۇيغۇر رەھبەرنىڭ غەرپلىك مۇخبىرلارغا ”سىلەر قەشقەردىكى ئاشۇ كونا مەھەللىلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەپ قارامسىلەر؟“ دەپ چالۋاقاپ كەتكىنى ئېسىمگە كەلدى. تەرەققىياتنى سەرەڭگە قېپىدەك خەق سالغان بىنادىن تىلەش شۇ مۇئاۋىن شۇجىنىڭ كاللىسىدىن باشلانغان بولغىيمىدى؟ بەلكىم كۈندە رادىيو، گېزىت، تېلۋىزور ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلەردە ھويلىلىق ئۆيلەردىن بىناغا چىققاننى، ئېتىزنى تاشلاپ پارنىك قىلغاننى، يۇرتنى تاشلاپ ئىچكىرىگە چىققاننى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى دەپ تەشۋىق قىلىش كىشىلەرنى ئاشۇلارنىلا زامانىۋىيلىق دەيدىغان ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ قەشقەردە مەندىن “ ئامېرىكا زامانىۋىيمۇ، تەرەققىي قىلغانمۇ؟“ دەپ سورۇغانلار ئامېرىكىدىكى بىنالارنىڭ قەشقەردىكىدىن ئېگىز ياكى پاكارلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشتى.
كوزىچى يار بېشىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى سەينادا يېرىم يالىڭاچ بولۇۋېلىپ رەسىم سىزىدىغان بىر خەنسۇ رەسسام دائىم دىققىتىمنى تارتاتتى. بىر كۈنى بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم. رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى سىدام سىزما قىلىپ سىزغىلى تۇرۇپتۇ. –نېمىشقا ماي بوياق قىلىپ سىزمايسەن؟
- بۇ يەردە ماي بوياق قىلىپ سىزغۇدەك رەڭدىن ئەسەر يوق. بەكمۇ مەنىسىز.
- ئۇنداقتا نېمىگە سىزىسەن؟
- ساياھەتچىلەر ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن.
- بۇرۇن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى سىزىپ باققانمۇ؟
- دۆڭكۆۋرۈكنى سىزغان، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، مەنزىرىسى سىدام، خۇنۇك، جانسىز ئىسكىلىتتەك. خەنسۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن كادىردەك قىلىسەن. كىيىنىشىڭگە قارىغاندا بۇ يەرلىك ئەمەسكەنسەن. قارا، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ھورۇن، قوپال، نادان. ئۇلارنىڭ كاللىسىنى كونا ئىددىيىلەر چىرماپ كەتكەن. بولۇپمۇ مەندەك ۋە سەندەك تەبىئەتمۇ، جەمئىيەتمۇ ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە سۈزۈك، ئوچۇق، ئەركىن ئازادە، تاۋارلاشقان ئىچكىرىدىكى شەھەردە ياشاپ باققان ئادەمگە قەشقەرنىڭ مەنزىرىسىدىن تارتىپ ئادەملىرىگىچە تولىمۇ سىدام، سۆرەلمە، خۇنۇك كۆرۈنىدۇ. غەرپلىكلەرنىڭ بۇ جىن تەككەن يەرگە نېمىگە كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. پاكىستانغا بارسا بولمىدىمۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايۇنىدىكى تېرورچىلاردىن نېمە پەرقى. دىنىمۇ، چىرايىمۇ شۇ ۋەھشى تېرورچىلرنىڭ دەل ئۆزى. بۇ يەردە ھەممە نەرسە بېكىك، يوشۇرۇن، خۇراپىي خۇددى ئاياللارنىڭ بەدىنىدەك، يۈزىدەك. سەن خېلى ئوقۇغاندەك قىلىسەن، قارا، ئاياللىرى تاۋارغا ئايلانمىغان جەمئىيەت ھەقىقى مەنىدىكى زامانىۋىي جەمئىيەت ئەمەس. قاچان قەشقەردە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خۇپىيانە قالغان گۈزەللىكى تاۋارغا ئايلىنىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا باشلايدىكەن قەشقەرگە رەڭ كىرىشكە باشلايدۇ. شۇ چاغدا قەشقەرنى شاڭخەينى سىزغاندەك رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن پۈركەنگەن رەڭلىك قىلىپ سىزىمەن. يەنە ھىچ نېمە بولمىغاندەك چاندۇرماي ھېجىيىپ ئاڭلاۋېرىشكە بېتىم كۆتۈرمىدى. بىر بىرلەپ رەددىيە بېرىشكە باشلىۋېدىم رەسسام يېنىمدىن نېرى كەتتى.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 9نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ئېلېكترون مۇنداق دىدى:2011-يىل 1-ئۆكتەبىر 05:10 جاۋاب

    :twisted:

    • Micheal مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 11:31 جاۋاب

      Great artilce but it didn’t have everything—I didn’t find the kitchen sink!

  • Mr.Fan مۇنداق دىدى:2011-يىل 2-ئۆكتەبىر 15:03 جاۋاب

    ئادەم يوق يەرگە ئاپىرىپ تازا سالىدىغان گۇيكەن ماۋۇ…! ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدى :?:

    • Berlynn مۇنداق دىدى:2011-يىل 10-نويابىر 00:32 جاۋاب

      Too many compliments too liltte space, thanks!

  • غوجى مۇنداق دىدى:2011-يىل 8-ئۆكتەبىر 12:45 جاۋاب

    بەزىلەر ‹مەدەنىيەت ›نىڭ نىمىلىكنى بىلمەيدۇ . مەن مەرھۇم رەھبىر ىمىز سەيپىدىن ئەزىزنى ئەسلەپ قلدىم شۇ كىشى مەدەنىيەتنى خىلىلا قوغداپ قالغان .ھازىر رەھبەر لەرنىڭ مە دنىيەت ئىڭى يوق دىيەرلككەن . كوزىچى يار بىشننى ‹ قەشقەردىكى ئاشۇ كونا مەھەللىلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەپ قارامسىلەر؟› ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەدنيىتى قەيەردە ؟ ئىگز بىنالار دىمۇ ؟ :?: :mad: :?: :twisted: ھلېقى خەنسۇ قەشقەرنى خەلقىنى قانداقمۇ چۇشەنسۇن ؟!

    • Sagi مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 23:25 جاۋاب

      I’m not ealisy impressed. . . but that’s impressing me! :)

  • Lyndee مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 06:50 جاۋاب

    If you’re reiandg this, you’re all set, pardner!

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|