تۈركىيەدىكى نورۇزۇم

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 251 views

0
  تۇنجى نورۇزنى يۇرتۇمدا بۈگۈنگىچە مەۋجۇدلۇقۇمغا سەۋەپ بولغان تۇيغۇلارنىڭ تۇنجى ئەۋجىدە ئۆتكۈزگەنىدىم. نورۇزدا ھاياجانلىرىمنى ئاڭلىتارغا كىشىم بارتى، ئاڭلىتالىغۇدەك جۈرئەت، قۇدرەت يوقتى. سىرىتقا تاشالمىغان ھاياجان ئىچىمگە تىنىپ قەلىب قورغانلىرىمنى شۇ چاغدىن باشلاپ مۇستەھكەملىگەن بولۇشى مۇمكىن.نورۇزۇمىزغا مەرھۇم تارىخچىمىز كەلگەن، بىز بىلەن ساماغا چۈشكەنىدى. يۇرتۇمدىكى تۇن......

قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 198 views

0
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بۇنچە دىققەت قىلغانلىرىمغا قاراپ ”بۇلار بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قانچىلىك تەربىيەلەپ كېتىۋاتقاندۇ“ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۈزىتىش، ھىس قىلىش باشقا گەپ، شۇلاردىن بايدىلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ ئىكەن. بىز بال......

يەسلىدىكى ”تەجرىبە“، ”تەتقىقات“ ۋە ئەدەپ

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 175 views

0
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز    ”سازاڭ ئوت يەيدۇ“ ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ گەپنىڭ نېمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى بىلىشكە قىزىقتىم. سوراشتۇرسام بالىلارغا كۈندە بىر قېتىم تەبىئەت بىلىملىرى چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇ تەربىيە مەكتەپنىڭ باغىچىسى (مەكتىپىمىزنىڭ باغچىسى بەك چوڭ، بىنالار ئورمانلار، چىملىقلار ئارىسىغا بېزەك ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ)، تەبىئەت مۇزىيى، تەبىئە......

يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 214 views

0
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز بىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، ”قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى…“ دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپن......

قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 165 views

0
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بال......

مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 220 views

2
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز  ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيى......

مەن ”قەشقەرلىك“

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 374 views

2
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز  قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاخچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ”بىز غۇلجۇلۇقلار“ دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايىسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماقلىرىدا بىر خىسل......

ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 190 views

0
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز” كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەر......

31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 160 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار چەتئەلدىكى ھىكايە غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا ......

30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 186 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە......

29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 164 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار -سۆيگۈ قەپىزىدىن ئەقىل قوندىقىغا «ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش م......

28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 305 views

2
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار 1.غەلىبە نەدىن باشلانغان؟ - ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە بىر قانچە يىل بۇرۇن ”ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە“ دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدى......

27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 157 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار 1. ئامېرىكىدا كىم  “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟ ئۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا  “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكى......

26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 158 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم.  ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيد......

25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم

ۋاقتى151 كۈنبۇرۇن | ئاپتور : Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يىزىلغان ۋاقتى:2011يىل 08 ئاي 26 كۈنى | : 178 views

0
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار 1. بازارىمىز بىر، مازارىمىز بىر -نېمىشقا يىغىلىپ قالدۇق؟ ئامېرىكىغا كەلمەستە يازغۇچى مالىك كېۋىرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە يازغان خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئېدىم. بۇ قىز ئەسلى ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ نىيويوركتىكى قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا كىرخانا ئاچىدىكەندۇق. قىز پاجىيەگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆ......