ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئامېرىكىچە كەچۈرمىشلىرى

ۋاقتى63 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 11ئاي 22كۈنى | : 612 views°

يازما بەت ئىلانى

ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئامېرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى

  1. ئىسمىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پىشكەللىكلىرى

جوڭگۇدا تولا خاتا ياكى چالا يېزىلىپ ئاۋارە قىلغان ئىسىمىم ئامېرىكىغا كېلىپمۇ مېنى خېلى مالال قىلدى. مەكتەپكە كەلسەم ئوقۇغۇچلىق كارتامدىن ئىككىسى چىقىپ قاپتۇ. بىرسى ئاتا-ئانام قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمىمغا يەنە بىرى پاسپورتۇمدىكى خەنسۇچە ئىسمىمغا. بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بىردەمدە ئوڭشىۋەتتىم. جۇڭگۇدىكىدەك ئاۋۋال مەھەللە كومىتىتىدىن، ئىدارەمدىن، ساقچىخانىدىن ئىسپات ئالىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسىمۇ بولمىدى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى مەكتەپتىكىلەر كارتامغا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى ئەمەس خەنسۇچە ئىسمىنىڭ پىنيىچە يېزىلىشىنى كومپىيوتىردا بېسىپ بەردى. بۇنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ ”مېنى كەچۈر، مېنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئىسمىڭنى يېزىپ بەرگىم بار. ئۇيغۇرچە ئىسمىڭ ھەم قىسقا، ھەم ئېنگىلىزچىدە تەلەپپۇز قىلىشقا قولاي، ئەمما بىز يەنىلا سېنىڭ پاسپورتۇڭدىكى ئىسمىڭنى ئاساس قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تونۇيدىغىنىمىز سېنىڭ پاسپورتتىكى كىملىكىڭ“ دەپ مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇۋالدى. پاسپورتۇمغا قارىدىم. پاسپورتتىكى جوڭگۇلۇق دېگەن خەت چەتئەللەردە خەنسۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. پاسپورتتىكى ئىسم-پامىلەم خەنسۇلارنىڭ پامىلىسى ئالدىدا  ئۆز ئىسمى كەينىدە بولىدىغان قائىدىسى بويىچە يېزىلغان ئېدى. ئەسلى كىملىكىمدە دادامنىڭ ئىسمى ئۆز ئىسمىمنىڭ كەينىدە بولغاچقا بۇنى خەنسۇلارنىڭ پامىلە+ئىسىم قائىدىسىگە سالسا ئۆزەمنىڭ ئىسمى پامىلەم دادامنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئىسمىم بولۇپ قالاتتى. مەندەك ئەرلەرگىغۇ مەيلى قىز-ئاياللارغا بۇ تولىمۇ بىئەپ بولاتتى. يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىسمى پامىلىسى، دادىسىنىڭ ئىسمى ئۆز ئىسمى بولۇپ قالاتتى. بۇنداق بولغاندا قىز بالىغا دادىسىنىڭ يەنى ئەركىشىنىڭ ئىسمى قويۇلۇپ قالاتتى. خەنسۇلارنىڭ پامىلە+ئىسىم قائىدىسى بويىچە بىجىرىلگەن پاسپورتۇمغا ئاساسلانغاندا مەن ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ئېدىم. ئېنگىلىز تىلىدا چاينىيىز (جوڭگۇلۇق) دېگەن خەنسۇ ۋە خەنسۇچە دېگەن ئىككى مەنىدە كېلەتتى. شۇ سەۋەپتىن جوڭگۇلۇق دېسىلا چەتئەلىكلەر ھەممىمىزنىڭ مىللىتىنى خەنسۇ، تىلىنى خەنسۇچە دەپ چۈشىنەتتى. شۇڭا ھەرەمگە بارغان بىر قىسىم ھاجىلارنىڭ ”ئەرەبىستاندا خەنسۇچە بىلمەيمەن دېسەك جوڭگۇلۇق تۇرۇپ خەنسۇچە بىلمەمسەن دەپ بەك ھەيران قالىدىكەن“ دېيىشكىنى بەرھەق. چۈنكى سەئۇدىلىق ئەرەبلەرنىڭ تىلىدا ۋە نەزىرىدە سىنىي (جوڭگۇلۇق) دېگەن بۇ سۆز ھەم خەنسۇ ھەمدە خەنسۇچە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خەنسۇچە ئۇقمايمەن، دېگەنلىك ئەرەبلەرگە ”مېنىڭ تىلىم يوق“ دېگەندەكلا بىلىنىدۇ. بۇ شۇندقكەن، ئەرەبلەر ھەيران قالسا ئەمەس، ھەيران قالمىسا ئەجەبلەنسەك بولىدۇ. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، بىز چەتئەلدە جوڭگۇدىكى ئايرىم مىللەتلىك ئورنىمىزنى ھەرقانچە تونۇشتۇرساقمۇ، خەقنىڭ تىلىدا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆزنىڭ خەنسۇ ۋە خەنسۇچە دېگەن مەنىسى بولغاچقا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ قالىدىكەن.  چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلىدا جوڭگۇلۇق بىلەن خەنسۇچە دېگەن بىر سۆزدە! بۇنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ رۇس، ئەرەب، پارىس، ئېنگىلىز…قاتارلىق تىللاردا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆز خەنسۇ ۋە خەنسۇ تىلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

 پاسپورتۇمدىكى ئۇچۇر بويىچە مەن خەنسۇ، تىلىم خەنسۇچە  ئېدى، ئۇنىڭدا مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمغا دائىر ھىچقانداق ئۇچۇر يېزىلمىغان ئېدى. ئىسمىم خەنسۇچە ۋە پىيىنچە ئىككى خىل يېزىلغان. ئاتا-ئانام ۋە باشقا ماڭا مېھىرلىكلىرىم سۆيۈپ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ چاقىرىدىغان بىر چىرايلىق، ئىخچام ئۇيغۇرچە ئىسمىم يېزىلمىغان ئېدى. جوڭگۇدا ئىشلەتكەن كىملىكىمدە ئۇيغۇرچە ئىسمىم بار، لېكىن مەيلى بانكىدا، دوختۇرخانىدا، سوتتا، پوچتىدا، ساقچىدا … ئىش قىلىپ ھىچ يەردە بۇ ئىسمىم قوللۇنۇلمايتتى، ئۇنى ھىچ بىر گراڧىگە، جەدىۋەلگە، كىنىشكىگە تولدۇرۇپ باقمىغان ئېدىم. ئۇنىڭ كىملىك كارتامنى بېزەشتىن باشقا زادى نېمە رولى بارلىقىنى بەلكىم تارقاتقانلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.

تۇنجى مەۋسۈم ئاخىرىدا بىر دەرستىن نەتىجەم يوق چىقىپ قاپتۇ. سەۋەبىنى سورۇسام دەرسكە كەلگەن ۋە ئىمتىھان بەرگەنلەر قاتارىدا ئىسمىم يوق بولغانلىقتىن ئىكەن. مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشتۈم، يەنە شۇ ئىسمىمنىڭ چاتىقى. مەن دەرسكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمزا قويىدىغان يوقلىمىغا ئىمزا قويغاندا، ئىمتىھاندا ئىسمىمنى يازغاندا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يېزىپتىمەن. مەكتەپنىڭ نەتىجە توشقۇزىدىغان سېستىمىسى مېنىڭ خەنسۇچە پىيىن بىلەن يېزىلغان ئايىڧۇ دېگەن خەنسۇچە ئىسمىمنى، ئابۇدۇۋەيلى دېگەن خەنسۇچە پامىلەمنىلا تونۇيدىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسمىم پاسپورتۇمدا يوق بولغاچقا تونۇمايدىكەن. شۇندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئارىسىدا ئىسمىمنىڭ پىشكەللىكلىرى قىزىقارلىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى ۋە ھەرقانداق چاغدا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يازسام ئۆزلىرى تېپىپ توغرىلىۋالىدىغان بولۇشتى. ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىسمىمنى جاھىللارچە ئۇيغۇرچە يازدىم. بۇ جاھىللىقىم ۋە يۇقارقى ۋەقە سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ئىسمىمدىكى سىر ئەسرارلاردىن خەۋەر تېپىپ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىمنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار كۆپەيدى. ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان مەۋسۈمدە  بىر مۇئەللىم ئۇيغۇرچىنى تىلشۇناسلىق مىتودلىرى دېگەن دەرسىنىڭ تەتقىقىقات ئوبىكتى قىلىپ تاللىدى. مەن شۇ ئوقۇتقۇچىغا ھەمكارلىشىپ بىر مەۋسۈم بەش ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇرچە دەرس بەردىم. شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ھازىر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قىزىقىپ ئىزچىل ئۇيغۇرچە ئۆگنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئىسمىمنىڭ ئامېرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى پۈتۈنلەي پاجىيەلىك بولدى دېيەلمەيمەن. ئىسمىمدىكى خاتالىقلارنى ئاقلاش، ئاتا-ئانام قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى جاھىللارچە قوللۇنۇش ۋە قوغۇداش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ۋە ئۆزۈم تەۋە توپنى بىلدۈرۈش، ئىتىراپ قىلغۇزۇش مەقسىدىگە يەتتىم.

  1. ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ ئامېرىكىچە ھىكايىسى

بىر دوستۇم ئايالىنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانلىقىنى دېگەندەك قىلغان. بىر كۈنى تېلىپۇن قىلسام كۆزەيگەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى. ئادىتىم بويىچە ئىسمىنى سورۇسام شىرىن قويۇپتۇ. يا شىرىنئاي ئەمەس، يا شىرىنگۈل ئەمەس شىرىنلا ئىكەن.

-بۇ ئىسىمنىڭ بىر يېرى كەممۇ نېمە؟ دېدىم قىزىقسىنىپ.

-ئاچىسى مۇشۇنداق بولسۇن دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇيغۇرچە ئىسىم قويايمۇ دېگەن لېكىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاغزى كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىزىمنىڭ باشقا ئامېرىكىلىقلاردىن ئىسمى سەۋەبلىك بەك پەرقلىنىپ قېلىشىنى، ئامېركىلىقلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى باشقا پىلانىتتىن كەلگەندەك يات ھىس قىلىشىنى خالىمىدىم، ئۆزەڭ بىلىسەن جوڭگۇدا ئىسمىمىز سەۋەبلىك نېمە ئاۋارىچىلىقلارنى تارتمىدۇق،  دەپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن تالىشىشنى خالىمىدىم. ئەمەلىيەتتە يىلىغا مىليۇنلاپ كۆچمەنگە ماكان بولۇۋاتقان ئامېرىكىدا تەلەپپۇزى ئېنگىلىز تىللىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىغان ئىسىم قۇمدەك ئېدى. شۇلارنىڭ ھىچ قايسى ئۆزىنى تاشقى پىلانىتىدىن كەلگەندەك ھىس قىلماي ئۇشبۇ ئاغىنەمنىڭ قىزى شۇنداق ئويلاپ قالارمۇ؟ ئامېرىكىدا ئىسىم سەۋەبلىك ھىچ كىم كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچرىمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭ قىزى دىشۋارغا قالارمۇ؟ جوڭگۇدا ئۆزى تارتقان مالاللىق سەۋەبلىك ئامېرىكىدا تۇغۇلغان قىزىغا ئامېرىكىلىققا ياقىدىغان ئىسىم قويىمەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئاللىقاچان قويۇلۇپ بولغان ئىسىم، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىككە كەلگەن ئاتقا باشقا گەپ قىلمىدىم. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا ياشايدىغان بۇ دوستۇمنىڭ قەلبىدىكى  ئىسىم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى سەۋەبلىك جوڭگۇدا دۇچ كەلگەن ئاۋارچىلىقلاردىن كەلگەن. مۇساپىر ئۇيغۇر دۇنيانىڭ قەيىرىگە بارمىسۇن جوڭگۇدا قورقۇپ كۆنگەن دىشۋارچىلىقتىن قورقىدۇ، قاچقاندىن قاچىدۇ، ئەنسىرىگەندىن ئەنسىرەيدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە جوڭگۇدا قورقۇنچاقلىرى شۇ يەردىمۇ يەنىلا قورقۇنچاق، جوڭگۇدا چىقىشماسلىرى يەنىلا چىقىشماس، جوڭگۇدا كۆرەلمەسلىرى شۇ يەردىمۇ كۆرەلمەس… ئۇلارنىڭ تېنى چەتئەلدە بولغان بىلەن مىجەز خۇلقى،  تەپەككۇرى ئاللىقاجوڭگۇچىلىشىپ بولغان. ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا دۇچ كېلىۋاتقان ئىسىم دىشۋارچىلىقى سەۋەبىدىن ۋەتەندىكى بەزەنلەردە خەنسۇچىغا ماسلاشتۇرىمىز دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتىن بۇرۇن خەنسۇچىسىنى ئاۋۋال ئويلىشىدىغان، خەنسۇچە خەت سانى قىسقا بولغان ئىسىملارنى ئويلىشىدىغان، خەنسۇلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى ئويلىشىدىغان، نوپۇسقا ئولتۇرغۇزغاندا ئۇزۇن بولۇپ كېتىشتىن قورقۇپ ئۆز ئىسمىنى پەرزەنتىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇپ يازمايدىغان، ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇزۇن كۆرۈپ بالىلىرىغا قويمايدىغان ئىشلار بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتاتمامدۇ؟ ئەگەر مۇشۇلارنى ئامېرىكىغا چىقىرىپ قويسا جوڭگۇدىكى قىلىقلىرىنى داۋام قىلماي قالامدۇ؟

 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزۈم ئۈلپەت بولغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ۋەتەندە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن بىزدىكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. مەن كۆرگەن ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى بىر بولسا بەك قىسقا، يەنە بىر بولسا ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى ئىسپانچە ياكى باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغا يېقىنراق ئىسىملاردىن تاللىنىپتۇ. مەسىلەن، بىر دوستىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى رەنا بولۇپ ئىسپانچە خانىش دېگەن مەنىدە ئىكەن، يەنە بىرىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بەيكىر ئىكەن، ئېنگىلىزچە مەنىسى ناۋاي. ئاتىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىكى بەكرى دېگەن ئىسىمغا يېقىنكەن. بىر دوستىمىزنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ئىكەن. مەن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرچىلاپ يۈسۈپجان دەپ تاشلىغىنىمدا ئاتايىن تۈزۈتىش بەردى. سەۋەبىنى سورۇمىدىم، پەرىزىمچە يۈسۈپ دېگەن ئىسىم ئەسلى ئىبرايچە (يەھۇدىچە) ئىسىم بولۇپ ئامېرىكىدا خېلى كەڭرى قوللۇنىلىدۇ، ئەمما ئېنگىلىزچىدە جوسىڧ ئېيتىلىدۇ.  يۈسۈپجان دەپ قويسام جوسىڧ دېگەن ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ. دوستىمىزنىڭ قەلبىدىكى مېنى يۈسۈپجان دېگۈزمەيۋاتقان سەۋەپ بالىسىنىڭ يۈسۈپجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەمەس جوسىڧ ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بولۇشىغا بولغان مايىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

 

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن1نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ئەلكۇد مۇنداق دىدى:2012-يىل 14-يانۋار 12:49 جاۋاب

    دىيارىمىزدا بەزىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە،ياكى ئاڭلىغاندا پەقەت «جۇڭگوچىلىق…»دەپلا تۈگۈشۈدۇ….

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|