ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى

ۋاقتى1024 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 1,631 views°

يازما بەت ئىلانى

ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

”ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ“ مازۇلۇق خاتىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىمگە ئوخشىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىدە كىمگە ئوخشۇتۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى… ھەققىدە ئويلىنىشلاردا بولغانىدۇق. بىز مىللىتىمىزنى كىمنىڭ قانداق ئوخشىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما خەقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئۇيغۇرلۇقنى تاللاش ئەركىمىز بولۇشى كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز، خەق بىزنى كىمگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشاشقا مايىل بولماسلىق، رىياللىقتىكى بىقوۋۇللۇقنى ئەجدادلارنىڭ سىماسىدىن ئىزدىمەسلىك، ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆزەتمەسلىكتۇر.
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئويلاشقاندا ئوخشىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان شەيئى كۆپ ئۇچراديغان شەيئىگە، قىسمەن بىلىنگەن ھادىسە تولۇق بىلىنگەن ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا خەنسۇلاردا مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەبكە ئوخشىتىلىشى، مەسۇم يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ تالىبانغا ئوخشىتىلىشى بىز ساقلىنالايدىغان ئىش ئەمەس. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنداق نامۇۋاپىق، ھەتتا خەتەرلىك ئوخشۇتۇشلارنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى. توغرا، بىز باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق ئوخشۇتۇشلىرىدىن خالى بولالمايمىز، ئەمما ئەسلىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كىملەرنىڭدۇر ئارزۇسىدىكى قىياپىتىمىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە ماھىيىتىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە كىشىلەر ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىىدۇ. كىشىلەر بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىگە ناتونۇش شەيئىنى تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۆزى پىششىق بىلگەن شەيئىنى يەنە بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىدۇ. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە ئوخشالغۇچىنى بىلمسە ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسىلا كۇپايە. ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مەھمۇد كاشغەرى ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى بولغاچقا سېلىشتۇرۇشتا خەقنى ئۆلچەم قىلىۋالمىغان. ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇر نەۋايى قەلىمىدە پارىسلارغا سېلىشتۇرۇلغان. نەۋايى پارىسچە ئەسەرلىرى بىلەن پارىسلارغا ئۇيغۇر تۈركچە ئەسەرلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر ئەدىپ ئېدى. ئەلشىربەگنىڭ تۈركچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان پارىس شائىرى ئابدۇراخمان جامى ”بۇ ئەسەرلىرىڭنى ھېلىمۇ ياخشى تۈركچە يېزىپسەن، ئەگەر پارىسچە يازغان بولساڭ پارىس ئەدىپلەر چوققا ئىگىلىنىپ بولۇپتۇ دەپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتەركەن“ دېگەن مەنىدە نەزمە يازغانىكەن. نەۋايى پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىمىزنى سېلىشتۇرۇپ شۇ دەۋردىكى ئەرەبچە ھەسەل تىل، پارىسچە شەكەر تىل دېگەنگە قارشى ئۇيغۇرچە سەنئەت تىلىدۇر دېگەن قاراشنى دەلىللەپ چىققان. نەۋايىدىن كېيىن ئۇيغۇرنى باشقا بىر مىللەتكە سېلىشتۇرغاننى كۆرمىدۇق. مەنچە ئىلى سۇلتانلىقى چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىگە يەم بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ”ئورۇس ھارۋىسى دەيدۇ، ئالدى چاقى پەس ئىكەن…“، ”يەتتە سۇغا كۆچ دەيدۇ، بارار يېرىمىز قۇملۇق. راست گېپىنى ئېيتمايدۇ، كۆزى كۆك بېشى يۇڭلۇق.“ دېگەن قوشاقلاردىن بىز خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرۇپ باققانلىقىدىن خەۋەر تاپىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە مۇكەممەلرەك بىر ئەسەر يوق. رۇس ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئەقلى سېلىشتۇرما بولغانلىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بىرەر زىيالىنىمۇ كۆرمەيمىز. مەنچە ئۇ دەۋردە ئەقلى سېلىشتۇرمىغا قارىغاندا مايىللىق، بىپەرۋالىق ياكى ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت تۇيغۇلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

تاقاق ئىشىكلىرىمىزدىن چىقماق ۋە كىرمەك كۆپ كىشىگە نىسىپ بولمىغاچقا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى چىگرا سىرتىدىكىلەرگە سېلىشتۇرىشى بەكمۇ كېچىكىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە، يەھۇدىلارغا، سىگانلارغا ۋە ھىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنى تۈركىيە تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان ئەسەر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى. مەسىلەن، ”يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام“. ئۇيغۇرنى يۇقارقى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغان بايانلار، پاراڭلار، سۆھبەتلەر دائىم قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن كەلپىنلىك ئاغىنىلىرىم ”بىز دېگەن ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىلىرى“ دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ خەقتە يوق ناخشا-ئۇسۇلى كۆزىگە جىن كۆرۈنىدىغان بەزى ئىنكارچى ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ئۇستاز تەكلىماكانىينىڭ “ ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق“ دېگەن يازمىسىدا ئۇيغۇر ھىندىئانلارغا سېلىشتۇرىلىدۇ. يۇقاردا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك سېلىشتۇرۇش شەيئىلەرنى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، ئەمما سېلىشتۇرغۇچى ئىككىلا شەيئىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا سېلىشتۇرۇلغان ئىككى شەيئى ئوخشاش شارائىت، ئوخشاش ئۆلچەمدە ئوخشاش مەقسەد ئۈچۈن سېلىشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنىمىنى سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئۆتكۈر بالىلارنى يەسلىدىن، باشلانغۇچتىن، تولۇقسىزدىن خەنزۇچە مەكتەپكە، ياكى قوش تىل سىنىپىغا تاللىۋېلىپ بۇلارنى شاللىنىپ قالغانلار ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ، ئۇيغۇرچە سىنىپ بىلەن سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ.
مەنچە مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى سېلىشتۇرۇشتۇر. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئامىل مەدەنىيەت ( توغرىسى كۈلتۈر، ھەزارەت) تۇر. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق مىللەتتە خاس كۈلتۈر بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ”كۆزىگە سىغمايدىغان“ ئادەتلەرمۇ بولىدۇ. بۇلارنى يىغىپ مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەيمىز. بىر خەلق توغرا دەپ قارىغان ئىش، سۆيۈنۈپ سۆزلىگەن تىل، راھەتلىنىپ تۇرغان ئۆي، كۆنگەن خۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ خەلقنىڭ كۈلتۈرى ھىساپلىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئىلغارلىق- قالاقلىق، زامانىۋىيلىق- گېرىلىك پەرقى بولمايدۇ. بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە مەزكۇر خەلقنىڭ ئەزالىرىلا ھۆكۈم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئاق كۆك دېيىشى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. مەدەنىيەتلەرنى ئىلغار، قالاق دەپ ئايرىش مۇستەملىكىچىكلنىڭ قالدۇقى خالاس. مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق.

ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟

مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز، قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى.

ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۇماندىسى يېڭىلگەن مەستانىلارنىڭ ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم. ماڭا بۇلار ئىللەت تۇيۇلمىدى. پەقەت دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەدىكى قىزىل ئاي مەيدانىغا قېچىپ كەلگەندەكلا ھىس قىلدىم. تۈركىيىدە ئون يىللاپ تۇرغان بۇرادەرلەرگىمۇ ھېلىقى ئانا-بالىنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنىشى ئۇچرىماپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرمۇ ھىچ قاچان ئايىغىغا يۇققان لاينى سۈرتمىگۈدەك ھالدا ئەمەس. دېمەك، ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان بىر كۆرۈنۈشنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئۇيغۇرغا باھا بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئەڭ مەشھۇر مىسالى سۈيقاشنى ئاۋازلىق ئىچىش مەسىلىسى. بۇ بىر ئەيىپ سانىلىدىغان ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرنىڭ خەققە ئاڭلانغۇدەك شالاپشىتىپ تاماق يەيدىغان ئادىتىمۇ يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى تاماق يىگەندە قەتئى ئاۋاز چىقارماسلىقا تىرىشىدۇ. تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىش ئەمەس پاراڭ سېلىشمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان مىللەتنى شالاپلىتىپ تاماق يەيسەن دەپ ئەيىپلەشمۇ ئىشمۇ؟ ئەختەم ئۆمەرنىڭ خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەلگە يېڭى چىققانلارغا بۇرۇن چىققانلارنىڭ قەستەن ياكى چاخچاق قىلىپ ”تاماقنى ئاۋاز چىقارماي تۈزۈك يە“ دېيىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.
ئەختەم ئۆمەر ساياھەت خاتىرىسىدە تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇلارنى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان. سېلىشتۇرمىدا تۈركىيە تۈركلەرى ئۆلچەم بولۇپ قالغاچقا ئاپتۇرچە بىزنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمزنىڭ ھەممىسى ئەيىپىمىز بولۇپ قالغان. ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى ئىلغار مەدەنىيەت ۋە قالاق مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەپ ئايرىشنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق ئۆلچەمنىڭ يوقلىقىنى ئويلاشمىغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەختەم ئۆمەرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بىز ئالغان تەربىيە ۋە كۈندىلىك تەشۋىقات كۈلتۈرلەرنى زامانىۋىي ياكى ئەمەس دەپ قارمۇ قارشى قۇتۇپقا ئايرىيدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا تۈركلەر ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىت، سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي سەۋىيە پەقەت ئويلۇشۇلمىغان. بۇ خۇددى پىيادە يولۇچىنى ئايرۇپىلاندىكى سەپەرچىگە سېلىشتۇرغانلىق بولۇپ نەتىجە سېلىشتۇرغۇچنىڭ خاھىشىغا باقىدۇ، ئەلۋەتتە. ماددىي، سىياسى شارائىتلىرىنى ئويلاشمىغاندا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت تۈركلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدەك سۆزمەن، خوتەن ئۇيغۇرلىرىدەك پۇختا، غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدەك مەغرۇر، كۇچا ئۇيغۇرلىرىدەك مۇلايىم، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدەك سىلىق سۆز، ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىدەك چىۋەر، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدەك باغىرى يۇمشاق، كورلا ئۇيغۇرلىرىدەك سېخى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدەك پىداكار، چۆچەك ئۇيغۇرلىرىدەك خۇشخۇي، ئالتاي ئۇيغۇرلىرىدەك قەيسەر. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تەڭرىتاغ باغرىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن كەلگەن، ھەتتا بەزلىرى ساۋاتسىز ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەختەم ئۆمەر تىلغا ئالغان ”ئىللەت“ لىرى سەۋەبلىك يامان كۈنگە قالغىنى، ياكى چېنىپ، شاللنىپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە تېرە زاۋۇتى، مىق زاۋۇتى، ئويۇنچۇق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يەرلىك تۈرككە خىزمەت بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن ئەگە ئۇنۋېرىستىتى، غازى ئۇنۋېرىستىتى، ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتى، ھاجەتتەپە ئۇنۋېرىستىتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق ئۇنۋېرىستىتلاردا پروفېسسور بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسىس تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىدا موھىم خىزمەتلەردە بولماقتا.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۈركىيە-ئۇيغۇر سېلىشتۇرمىسىن كېيىن مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ گە ئوخشاش خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ژورناللار تونۇلدى. ھالبۇكى، شۇندىن كېيىن خەلقىمىز ھاياتتىكى دىشۋارچىلىقلىرىنى ئۆزىدىكى ئىللەتتىن كۆرىدىغان، ياتنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەشنى تەبىئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم مىللەتنى قورقماي تىللىيالايدىغان، ئوپىراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. شەخسنىڭ ئاجىزلىقىنى مىللەتكە دۆڭگەش تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلاندى. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇيغۇرنىڭ نوقسانى ساناش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى غۇرۇرىغا دەز كەتتى. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەدە تۈركلەرنىڭ بىر گەپنى تولا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ، ئۇ بولسىمۇ ”سانا نە؟“. بۇ تۈركلەر ئەڭ كۆپ دەيدىغان گەپ. بۇنى ئۇلار سېلىشتۇرۇلغاندا كۆزۈڭگە قاراپ تۇرۇپ دەيدۇ. ”بەن تۈركۈم، ئۇ يۈزدەن بۆيلە ياپىيورۇم، سانا نە“. مەنىسى مەن تۈركمەن، شۇڭا بۇنداق قىلىمەن، ساڭا نېمە كەپتۇ، (ئىشىڭنى قىل).

سىگان كىم؟ ئۇيغۇر كىم؟
ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۇتقۇسى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ماكانسىزلىق. ئۇلارچە سىگانلارنىڭ ماكانسىزلىقىغا ۋە بىچارەلىكىگە ئۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلىقى سەۋەپ بولغانمىش. مەن تۈركىيەدە سىگانلارنى كۆرگەن. تۈركىيەدە سىگانلارنى چەنگەنە دەيدۇ. تۈركىيەدە سىگانلارنىڭ مەشھۇر ناخشىچىلىرى بار. كۆزىتىشىمچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كوچىلاردا پال سالىدىكەن، ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپىدىكەن، ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تېرىپ ساتىدىكەن، ئىنتايىن ئاز بىر قىسم ئاياللىرى نومۇسىنى ساتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى قانداقتۇر ئۇسۇلغا مەستانىلىقىدىن ئەمەس جان بېقىش ئۈچۈن ئىكەن. سىگانلارنىڭ ماكانسىزلىقى چارەسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تاللىۋالغان ياشاش شەكلى ئىكەن. پەقەت بىزدىكى ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرغانلار ماكانسىزلىق بىلەن بىچارەلىكنى، ئۇسسۇل ئويناش بىلەن خار-زەبۇنلۇقنى باغلىۋالغان. سىگانلارنى ئارىمىزدىن بەزىلەر ماكانسىز دەپ ئېچىنغان بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر يەرگە باغلىنىپ قالمايدىغان چەكلىمىسىز ھۆر كىشىلەر بولالىغىنىدىن پەخىرلىنىدىكەن. ناخشا ئۇسۇلغا تايىنىپ يۇرتمۇ يۇرت، دۆلەتمۇ دۆلەت كېزىپ يۈرگىنىدىن غۇرۇرلىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇسسۇل خەقنىڭ دېپىغا ئوينالمىسا خۇرلۇق ھىس قىلىش بىھاجەت. ماكانسىزلىق-ۋەتەنسىزلىك قوغلانغانلىقتىن، بويسۇنغانلىقتىن، باسقۇنچىلىقتىن، تارتقۇزۇپ قويغانلىقتىن بولمىسا نومۇسلۇق رەۋىشتە چۈشىنىشنىڭ ئورنى يوق.
ئۇيغۇرنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بىلەن سىگاننىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى پەرقلىق مەقسەت ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇر ئۇسسۇلنى كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن، غەلىبە تەنتەنىسى ئۈچۈن، جەڭگىۋارلىق ،جەسۇرلۇق ۋە نازاكەتنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئوينايدۇ. سىگان ئۈچۈن ئۇسسۇل بىر تۇرمۇش يولىدۇر. سىگان ئۈچۈن ماكانسىزلىق-ۋەتەنسىزلىك ھىچ نېمە ئەمەس، ئۇھسىنىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكى، مۇقەددەس مىراستۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن تەيەممۇم قىلىدىغان توپراق، ئىبادەت قىلىدىغان جايىنامازدۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن ئانا، ئىپپەت، جانان، ئىماندۇركى ۋەتەندىن كەچكەن ئۇيغۇر مەڭگۈ ئۆگەي، يېتىم، جانسىز، ئىمانسىز، ئىپپەتسىزدۇر. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئىپپەت ئۈچۈن شەھىد بولغان نازۇگۇمنى ئۇنۇتمايدۇ. نازۇگۇمنىڭ ياتتىن قوغۇدۇغىنى ئۆزىنىڭ ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ، ۋەتەننىڭ ئىپپىتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر سىگانلارنىڭ ۋەتەنسىزلىك-ماكانسىزلىقىغا ئېچىنىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، ناخشا ئۇسسۇلنى سىگانلارنىڭ ماكانسىز- ۋەتەنسىز قېلىشىغا ۋە غورىگۈل ھالىتىگە سەۋەپ دەپ چۈشىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرغا بىر قاراڭغۇ كەلگۈسىدىن بىشارەت بەرمەكچى بولۇش پىلنى قىل كۆرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ئۇسسۇلنى سېتىش ئۈچۈن ئەمەس شاتلىق ئۈچۈن ئوينايدۇ. ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار، گۈزەللىككە تەشنا، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ۋە تۇرمۇشنى بېزەشنىڭ ئۇستىسى بولغاچقا سەئۇدىغا كۆچكەن ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن بىرمۇ تىلەمچى چىقمىغان. تۈركىيەگە كۆچكەن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن ئۇسسۇل سېتىپ جان باققانلار چىقمىغان، موڭغۇلىيەگە كۆچكەن نەچچە مىڭ ئۇيغۇردىن بىرمۇ جىنايەتچى چىقمىغان. شۇڭا ئۇيغۇر جانىجان ۋەتەن ئۈچۈن شېھىد بولىدۇكى مەڭگۈ ئۇسسۇل ئويناپ سىگان بولمايدۇ.

تەلەيلىك يەھۇدى ۋە كۈلپەتلىك ئۇيغۇر
1. يەھۇدى قىزغىنلىقىنىڭ سەۋەبى
ئۇيغۇر بىلەن مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتە ئالاقىدە بولغان، بىز تىلىنى بىلىدىغان مىللەت زىيالىلىرىدىن يەھۇدىلارغا زوقلانمايدىغىنى، نەپرەتلەنمەيدىغىنى يوق. شېكىسپىرنىڭ ”ۋىنتسىيە سودىگىرى“ ناملىق ئەسىرى نەپرەتكە مىسال بولسا، خەنسۇ زىيالىلىرى يازغان ”يەھۇدىلارنىڭ سىرى“ ناملىق كىتاپ زوقلۇنۇشنىڭ مىۋىسى-سەمەرىسىدۇر. بولۇپمۇ خەنسۇلارنىڭ زوقلىنىشىنى بىر مۇشتاقلىق دېمەي بولمايدۇ. مىسالەن، ئۇيغۇرچىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان يەھۇدىلار ھەققىدىكى كىتاپلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. ئەگەر يەھۇدى تېمىسى بازارلىق بولمىغان، خەنسۇ زىيالىلىرى بۇ تېمىدا بازار ئاچمىغان بولسا ئۇنچە جىق كىتاپ يېزىلمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدى قىزغىنلىقى بىزنى ئوراپ تۇرغان چوڭ موھىت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەن جوڭگۇدىكى ۋە ئۇيغۇردىكى يەھۇدى قىزغىنلىقىنى يەنە ئىنساننىڭ بايلىق، ھوقۇق ۋە شۆھرەت ھېرىسمەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن. چۈنكى تەلەيلىك يەھۇدىلار دۇنيادا پەننىڭ چوقىسىنى، ھوقۇقنىڭ پەللىسىنى، بايلىق-خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلىگەنلەردۇر. ئۇيغۇردىكى يەھۇدى قىزغىنلىقىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل ئۇلارنىڭ نەچچە ئەسىر ۋەتەنسىز خارلىنىش، يېرىمدىن كۆپرەك ئاھالىسىنى قۇربان بېرىش بەدىلىگە مېلى بارلار مال جېنى بارلار جانلىرىنى قۇربان قىلىپ ۋەتىنىنى قۇرۇپ چىقالىغانلىقىدۇر.
2. يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇلغۇسىز ئۇيغۇرلار
يەھۇدىلارغا ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشىگە ئۇيغۇن ئەمەس. تارىخى كەچۈرمىش جەھەتتە يەھۇدىلار يەنىلا تەلەيلىك مىللەت. بۇ تەرىپىنى ئۇيغۇرنىڭ كۈلپەتلىرىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. مەن يەھۇدىلارنىڭ ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئاپەت ئەمەس ئامەت دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سۈرگۈندە ياۋرۇپاغا ماكانلاشقان. ياۋرۇپادا رۇياپقا چىققان ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا ئويغۇنىشى، سانائەت ئىنقىلابى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيىتىگە پەلەمپەي بولغان ھەرىكەتلەرگە يەھۇدىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ بەزەن ۋەتىنىدىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ تۇران-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىنىڭ نېرىسىغا سۈرۈلمىگەن. يەھۇدىلارغا نىسىپ بولغان ياۋرۇپادا تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ئۇيغۇرغا كەلمىگەن. ئامەتلىك يەھۇدىلارنىڭ ۋەتەن قۇرۇش-تىرىلىش ھەرىكىتىگە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى يەھۇدىلار ئەمەس ياۋرۇپا ياھۇدىلىرى رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ زامانلاردا ياۋرۇپادىن يىراق ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئايىغى چىقماس بىقسىغان كۆلگە ئايلىنىپ بولغان ئېدى. يەھۇدىلارنى ئورتاق ئويغاتقان، ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھىس قىلدۇرغان مىللەت بويىچە قىرىلىش كەچمىشى ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا سىياسى سەھنىسىدىكى دۆلەتلىك يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇش ئادىللىق ئەمەس. ئۇيغۇرنى يەھۇدىلارغا ئەمەس پەلەستىنلىكلەرگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەن ئامېرىكىدا ۋە تۈركىيەدە كۆرگەن پەلەستىنلىكلەردىكى خاتىرجەملىك، ئىشەنچ، بايلىق ۋە مەردانىلىقنى تېلۋىزور ئالىدىدا مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرگە خېرىدار بولۇپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇرنى يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇش رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇر ئەمەلىيەتتە ھەقىقى يەھۇدىلارغا ئەمەس مەتبۇئات ۋە باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا رىۋايەتكە ئايلانغان يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇلماقتا. ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىسرائىلىيەدىكى بىر قانچە ئۇنۋېرىستىتقا ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم. مەقسىدىم نوپۇسى ئون مىليۇنغا بارمايدىغان يەھۇدىلارنىڭ ئۈچ يۈز مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەپنى ۋە بارلىق ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلارنى قان يىغلىتالىشىدىكى ”سىر“ نى بىلىپ چۈشىنىش، مۇۋاپىق ئەندىزىلەر بولسا پايدىلىنىش ئېدى. تەلەيسىزلىكتىن بارالمىدىم. ئامېرىكىغا كېلىپ يەھۇدىلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. قارىسام ئۇلارنىڭ باشقا ئامېرىكىلىقلاردىن ھىچ بىر پەرقى يوقكەن. بىر يەھۇدى قىز مەكتىپىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە كەسپىدە ئوقۇدى. باشقىلار مەدھىيەلىگەن يەھۇدىلاردىكى ئەقىل ئۇ قىزدا يوقتەك ئېدى. دەرسلەردىن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆتەلمەي يوقاپ كەتتى. ئوقۇش جەريانىدا بىر يەھۇدى چوكان بىلەن ئۈچ-تۆرت دەرسنى بىللە ئاڭلىدىميۇ، مەندەك ئۇيغۇردىن چىچەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچ يېرىنى بايقىيالمىدىم. بىر يەھۇدى پروپېسسوردىن دەرسمۇ ئاڭلاپ باقتىم، ئامېرىكىغا كەلمەستە نەزىرىمدىكى خىسلەتلىك يەھۇدىنىڭ بۇ ئەزاسى بىر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدىلا ئېسىمدە قالدى. قىسقىچە دېسەك، يەھۇدىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىكى سىر ئۇلاردا بىزگە نائېنىق بولغان ئالاھىدە بىر خىسلەتنىڭ بولغانلىقى ئەمەس. بەلكى ياۋۇرۇپانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغۇتۇلغان ماشنىسىغا ئۇزاقتىن بېرى رولچى ۋە يولۇچى بولۇپ تۇرغانلىقىدا. ئۆلسىمۇ ئىتىقادى ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدە.

ئۇيغۇرلار ھىندىيان ئەمەس
ئۇيغۇر بىر مىللەتنى ھىندىيان بولسا بىر مىللەتلەر تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ. سېلىشتۇرۇشتا بىر شەيئى يەنە بىر شەيئىگە سېلىشتۇرۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر شەيئى بىر تۈركۈم شەيئىگە سېلىشتۇرۇلمايدۇ. ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇۋاتقانلار ئۇيغۇرنىڭ بىر مىللەت ھىندىيانلارنىڭ بولسا كولۇمبۇ ئامېرىكىنى بايقاشتىن بۇرۇن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدا ياشاپ كەلگەن 300 دىن ئارتۇق يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاتا ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىندىيان دېگەن مىللەت مەۋجۇد ئەمەس. كولۇمبۇ ھىندىستانغا بارماقچى بولۇپ يولغا چىقىپ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا كېلىپ قالغان ۋە شۇ يەرلىك ئاھالىنى ھىندىيانلار (ھىندىلار) دەپ ئاتاپ قويغان. بىز دەۋاتقان ھىندىيانلار ئۆزىنى يەرلىك ئامېرىكىلىقلار دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىدىمۇ ئۇلار يەرلىك ئامېرىكىلىق ياكى يەرلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
تارىخ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ تارىخىغا يېزىلغانلا ئەمەس دۇنيا تارىخىنى يازغانلاردۇر. بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن يەرشارىنىڭ يۇمۇلاق خەرىتىسىنى سىزىپ قالدۇرغانلىقى، شىمالى ۋە جەنۇبى قۇتۇپنى خەرىتىگە كىرگۈزگەنلىكى، تۇنجى بولۇپ ياپۇنىيىنى دۇنيا خەرىتىسگە سىزغانلىقى، ئۇيغۇرنىڭ بايقالغۇچى ئەمەس بايقىغۇچى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. نەۋايىنىڭ ”تارىخى مۇلكى ئەجەم“ (ئەرەب بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى)، مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ “ تارىخى رەشىدى“، موللا مۇسا سايرامىنىڭ “ تارىخى ھەمىدى“ قاتارلىق ئەسەرلەر دۇنيانى مۇپەسسەل شەرھىيىلىگەن. يەرلىك ئامېرىكىلىقلار بۇ نوقتىدا ئۇيغۇردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى باشقىلارنىڭ بايقىشىغا، يېزىشىغا مۇھتاج بولۇپ دۇنيا تارىخىدىن 1492-يىلغىچە چەتتە قالغان.
ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەتكە ھالقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن بۇددىزىم، خىرىستىيان، ئىسلام قاتارلىق دىنلار بىلەن ۋاقتىدا ئۇچراشقان. ماركىسىزىم، ھۆررىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك قاتارلىق زامانىۋىي دۇنيادا يايغىن ئىدولوگىيەلەردىن خەۋەردار بولغان. بۇ ساھەلەردە توشقان زىيالى ۋە ئەربابلىرىنى يېتىشتۇرەلىگەن مىللەت. ئۇيغۇرلار دۇنيا سىياسىي ھاياتىغا ئۇزاق ۋە يېقىنقى تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى بىلەن ئاكتىپ قاتناشقان بۈگۈنكى زامان مىللىتى. بۇ جەھەتلەردە يەرلىك ئامېرىكىلىقلاردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە يەرلىك ئامېرىكىلىقلار قۇرغان بىرەر مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىمۇ بىزگە بىلىنگەن يوق.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مائارىپ سېستىمىسنى ياراتقان ۋە بۈگۈنگە قەدەر يېڭىلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مائارىپى ۋە ئىدولوگىيىسىگە 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇردىن چىققان بايلار ۋە زىيالىلار ئۇل سالغان. ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەرنىڭ بۇنداق ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى يوق.
ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىغا يېزىلغان بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش جەڭگاھلىرىدا ۋە بۈگۈنكى ئاڧغانىستان، پاكىستان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان، دۇنيادىكى كاتتا سىياسىي كۈچلەرنىڭ كوزۇرىغا ۋە رەقىبىگە ئايلىنالىغان مىللەت. بۇنداق تارىخى ۋەقەلەرگە قاتناشقانلا ئەمەس شاھىد بولغان مىللەتلەرمۇ دۇنيادا ساناقلىق. يەرلىك ئامېرىكىلىقلار بۇ جەھەتتە تېخى دىققەتتىن يىراق.
ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا مەقسەدسىز سېلىشتۇرۇۋاتقان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئۇيغۇرنى ھاراقكەشلىكتە ھىندىيانلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋاتقانلاردۇر. ئۇلار ھىندىيان قەبىلىلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى ھاراققىلا باغلاپ باشقا سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئامىللارنى تەھلىل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئىچىشۋازلىقنى ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى دەپ قاراپ، ھاراقكەشلىكنىڭ بارغانچە قورشاپ كېلىۋاتقان چوڭ موھىتنىڭ رىغبىتىگە، زاماننىڭ تەقەززاسىغا، زاماندارلارنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن شەكىللەنگەنلىكىنى بىلمەيۋاتىدۇ، ياكى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا مەقسەدلىك سېلىشتۇرۇۋاتقانلار مۇستەملىكىچىكىك ۋە ڧاشىزىم ئىدولوگىيىسىگە قۇل بولغان، مەپتۇن بولغان، ۋە ياكى تەرغىپ قىلىۋاتقانلاردۇر.
ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇش بۇندىن كېيىن يەنە داۋام قىلىشى مۇمكىن. سېلىشتۇرۇش نەتىجىسى بەزىدە سەلبى ۋە بەزىدە ئىجابى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇنداق سېلىشتۇرۇشلارغا ئىلمىي، ئەقلىي ۋە تەمكىن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. سېلىشتۇرغۇچىلارنىڭ مەقسىدىنى بىلىش مەنچە ئەڭ موھىم. مىسالەن، ئۇيغۇرنى سىگانغا مەقسەدلىك سېلىشتۇرۇۋاتقانلار ئۇيغۇرنىڭ تۇپراقلىرىنى پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن سەھنىگە، ئۇيغۇرنى ئۇسسۇلچىغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلاردۇر. ئۇيغۇرنى ھىندىيانغا سېلىشتۇرغانلار ئۇشبۇ سەھنىگە تاماششابىنلىق تاماسىدا يۈرگەنلەردۇر. زىيالىلىرىمىز ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەقسەدكە، ئۇسۇلغا ۋە شارائىت، ئۆلچەملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|