خىياللاردىكى قەشقەر ۋە قەشقەردىكى خىياللار

ۋاقتى27 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 131 views°

يازما بەت ئىلانى

1. خىياللاردىكى قەشقەر ۋە قەشقەردىكى خىياللار
ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىم. قادىر ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ سېغىنىشلىق كۆزلىرىنى قايتا كۆرۈشكە، ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى يەنە ھىدلاشقا، ئۇيغۇرنىڭ دولقۇنسىز سۆزلىرىنى يېڭىدىن ئاڭلاشقا نىسىپ قىلدى. ”ئەي ۋەتىنىم، يىگانەم، باغرىڭغا يىقىلغىلى كەلدىم، مېنى سېغىندىڭمۇ؟ بىلىمەن، گۈل تۇتۇپ ئالدىمغا چىقالمايسەن. مېنى قۇچاقلىرىڭنى كەڭ ئېچىپ باغاشلىيالمايسەن. چۈنكى سەن ماددىدا ئەمەس، ئاڭدا، بىلەكلەر ئارىسىدا ئەمەس يۈرەكلەر قېتىدا مەۋجۇد“ دېدىم قاياققا باشلىسا شۇ ياققا لايقىپ ئېقىۋاتقان تۈمەن دەرياسىغا قاراپ. بامداتتىن يېنىپ قەدىمى مەھەللىلەرنى ئارىلىدىم. نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا گۇۋاھ تەۋەرۈك كوچىلار خۇددى جۇل جۇل كىيىملىرى ئۇياتلىق يەرلىرىنى ياپالمىغان ئاجىز مومايدەك دۈگدەرەپ تۇراتتى. ئەسلىمىلىرىمدىكى قەشقەرنىڭ غايىۋىي گۈزەل سىماسىغا زەخمە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن پۈتە پۈتمەي چاك كەتكەن“ يېڭى“ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. خىيالىمدا بوۋىلارنىڭ قەدەمجايى، مومىلارنىڭ تەۋەرۈكلىرى، ئاتىلارنىڭ باغ-ۋارانلىرى ۋە ئانىلارنىڭ تۈكچە-يىڭنىسى بىر مەنىۋىي يىپقا باغلىنىپ“ ۋەتەن“ دېگەن خەتنى توقۇپ چىقىۋاتاتتى. رىياللىقنىڭ رەھىمسىز تۇمانلىرىدا بۇ خەت گاھىدا خىرە شىرە كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، بەزىدە مەن كىچىكىمدە داۋاملىق كەينىدىن قوغلاپ يېتىشەلمەيدىغان ماشىنىنىڭ نومۇرىدەك كۆرۈنمەي قالاتتى. قەشقەرنىڭ قىزغۇچ توپىسى كەچكۈزدە سارغايغان قىزىل گۈلگە ئوخشايتتى. گۈلۈم قەشقىرىم، ئامېرىكىدا سەجدىگە باش قويغانلىرىمدا ئاشۇ گۈلرەڭ قۇچاقلىرىڭغا باش قويۇشنى ئارمان قىلغانتىم، ھېيىتگاھتا سەجدىگە باش قويۇۋېتىپ بۇ ئارمانلىرىمنىڭ چىدىغۇسىز ئەۋجىدە ئاللاھقا نالە قىلدىم.
قەشقەرنىڭ قىزغۇچ توپراقلىرى قاننى، شېھىدلەرنى ئېسىمگە سالدى. ئەي قاندەك، گۈلدەك قىپ قىزىل توپراق، سەن ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھەدىيىسى، ئامانىتى، مەرھىمىتىسەن. سەن ئۇيغۇر ئۈچۈن يارالغان، ئاللاھ ئۇيغۇرنى ساڭا ئاشىق، پەرۋانە، پاسىبان ياراتقان. سەنسىز يۈرەكنىڭ سوققىنى يالغان، سەنسىز قاننىڭ ئاققىنى ساختا، سەنسىز كۈلكىلەر پەقەت كالپۇكنىڭ كۈلكىسى. ئۇيغۇر يا سېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇڭ ئۈچۈن ياشايدۇ، يا دەخلىسىزلىكىڭ ئۈچۈن ئۆلىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن ئابدۇقادىر داموللام شەھىد بولدى، مەمتىلى تەۋپىق
”ئەي ئانا يەر پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز،
سۆيگۈ مېھرىڭ ۋە سۈتۈڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئەل يوقالماي كەلدى سەندە، جەڭدە كۆكلەپ بەرق ئۇرۇپ،
قاينىغان قان، چاقنىغان تىغ، بولدى ھەردەم يارىمىز.“ دېگىنىچە كۆيۈپ كۈل بولدى. قۇتلۇق شەۋقى
”بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقىم بوينىدىن قۇللۇق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خاراپكەن ئەل-ۋەتەن كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.“ دەپ يازغىنىدا ئۆزىنىڭ دۈشمەن ئوقىغا يەم بولۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقىنى كۆڭلىگەن ئايان بولغان بولغىيمىدى؟ مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم ”قالدى نى نى ئارسلانلار دەشتى چۆلدە قەبرىسىز“ دېگىنىدە بەلكىم 1937-يىلى ياۋاغ تۇرمىسىدە كۆيدۈرۈلۈپ قەبرىسىز قالغان يۇقارقىدەك 300دىن ئارتۇق شەھىدنى دېگەن بولغىيدى. شەھىدلەر ئۆلمەيدۇ، ۋەتەنسىز تىرىكلەر جانلىق مۇردىلاردۇر.
مەن سېغىنغان قەشقەرخىيالىمدىلا قاپتۇ. كۆز ئالدىمدىكى قەشقەر ياتلىشىپتۇ. مەن كىچىكىمدىن كۆرۈپ چوڭ بولغان قەدىناس كوچىلار، يوللار، ئىمارەتلەر يوق. تونۇش سىدىلەر، مەجنۇن تاللار، ئۈجمىلەر، سۇۋادان تىرەكلەرنىڭ ئورنىغا شىئەندە بۇرۇندىن ئۆستۈرۈلىدىغان چىنارلار ئالماشقان. 18- ئەسىردە ئۆتكەن شائىر گۇمنام ”شەھرىنى ئۇنتار بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشغەر“ دەپ يازغانىكەن، شائىرنىڭ قەلىمىدە قەشقەرگە كەلگەن كىشى قەشقەرنىڭ جەلىپكارلىقىدىن سېھىرلىنىپ ئۆز شەھرىنى ئۇنتۇپ كېتەرمىشكەن. ھازىرقى قەشقەرگە ”دۇچار“ بولغان كۇلىلىق مۇساپىر بۇ يەرنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر شەھەر ئەمەس قەشقەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك. ھازىرقى قەشقەر مېنىڭ گۈلگۈن قەشقىرىم ئەمەس، ئەكسىچە ياتلىق قىلىش ئۈچۈندۇر ياساندۇرۇلغان كېلىنچەكتەك يوچۇن، سۈنئىي، يات. ئوچۇق ئاسمانغا قارىساملا كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ، قۇياش پارلاپ تۇرىدۇ-يۇ كۆكتە كۈلرەڭ تۇمان ئەلەڭگىيدۇ. ئاسمان دائىملا شۇنداق بەڭگىنىڭ يۈزىدەك نۇرسىز. نەگىلا بارما بۇرنۇڭغا ئاشخانا، دورىخانا، ساتىراچخانىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. يېڭىلانغان مىڭ يىللىق كوچىلار پەرداز قىلىپمۇ غېرىپلىقىنى يوشۇرالمىغان بەختسىز جۇۋاندەك مىسكىن كۆرۈنىدۇ. خانلىق مەدرىس يوق، ساچىيە مەدرىسى يوق، شەيخ سەئىدى، مۇسا جارۇللاھ ناماز ئوقۇغان مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخنىڭ شاھىدى بولغان مەسجىدلەر يوق، پەقەت ھېيتگاھنىڭ پەشتىقىغا“ دۇككان“ ئاچقان تىلەمچىلەرلا ئۆز جايىدا.
كۆزلۈرۈم ئادەملەرگە يۆتكەلدى. ماڭا مەن سېغىنغان ئەسلىمەمدىكى ئوردۇكەنت (پايىتەخت) قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىگە دەپىن قىلىنغادەك تۇيۇلدى. دوستلار بىلەن ئۇچراشتىم، بىر قىسىملىرى يوقاتقان، ئېرىشەلمىگەنلىرىنى بازاردىن ئىزدەۋاتقاندەك، يەنە بىرقىسمى شۇجىلاردىن، ئىشخانىلاردىن تاما قىلىۋاتاندەك، ئۈچىنجى بىر قىسمى جەينامازدىن تەسەللى ئىزدەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەن غەيرىتىنى بازاردا، تەقۋالىقىنى نامازدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ چىرايىدىن قەشقەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق يىقىلماس مەڭگۈ تېشىنى كۆرگەندەك بولدۇم. تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ھېيتگاھقا كىردىم. ئىسسىق ئۆتۈپ كەتتىمۇ قانداق بۇرنۇم قاناپ كەتتى. قاننى توختىتىمەن دېگەن ھەلەكچىلىكتە سائىتىمنى ئۇنتۇپ چىقىپتىمەن. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتۈپ ئېسىمگە كەلگەچكە تېپىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزدۈم. نەۋرە ئېنىم بېرىپ ئىزدەپ باقماقچى بولدى. ھەيران قالارلىقى ئون مىنۇت ئۆتمەي سائىتىمنى قايتتۇرۇپ كەپتۇ. باشقىلار تېپىۋېلىپ بىلەت كەسكۈچىگە بېرىپ قويۇپتۇ. شۇ چاغدىلا قاپىقى يامان بىلەت ساتقۇچى ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭ ماڭا ھېلىلا ئۇرۇشىدىغاندەك كۆرۈنگەن بىزارلىق قاپلىغان چىرايى خىيالمىدا باشقىچە نۇرلاندى. قەشقەردە كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن ئەكىسلەنگەن سەپرالىق، ھارغىنلىق، بىپەرۋالىق ۋە سوغۇقلۇق پەقەت قىشلىرى ئېرىق ئۆستەڭلەرنى قاپلىغان مۇزغا ئوخشايدۇ، توپا باسقان كۆرۈمسىز مۇزنىڭ ئاستىدا شىلدىرلاپ تۇرغان پاكىز يۈرەك بار. ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ باشقىلار ھەققىدىكى ھۆكۈمىمىز دائىم قىياپەتلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
قەشقەردە ماڭا ئەڭ جۇشقۇن كۆرۈنگىنى بالىلار بولدى. بالىلار تەرەققىيات مەركىزى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارىم غەمكىن كوچىلارنى چاڭ كەلتۈرۈپ ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئابدۇقادىر داموللام ”پەرزەنتلەرنى كەلگۈسى ئۈچۈن تەربىيەلەڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىغان زاماندا ياشىمايدۇ“ دېگەنىكەن. ۋاھالەنكى، بۇ گەپنى يەتكۈزمەك ئاسان بولغان بىلەن چۈشەندۈرمەك قىيىنكەن. دېھقانغا دادۈيجاڭسىز تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چۈشەندۈرۈش قانچە تەرس بولسا، كادىرغا شۇجىسىز تىرىكچىلىكنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىشەندۈرۈش شۇنچە مۈشكۈلكەن. دېھقان بالىسىنى دادۈيجاڭنىڭ زامانىغا، كادىر بالىسىنى شۇجىنىڭ تەلىپىگە لايىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشكە بەكرەك مايىلكەن. شۇنداقكەن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۈگۈتلىرىنى قانداقمۇ بىلدۈرگۈلۈك! ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغان كەلگۈسىگە لايىق بالىلارنى قايسى ئاتا-ئانا تەربىيەلەيدۇ؟ بەزى ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنى بىلىمنى قىزىققاچقا ئۆگىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش، ئىنساننى پەزىلىتى سەۋەپتىن سۆيۈشنى ئۆگىتىش بىر خىيالدەك تۇيۇلىدىكەن. بۇنداق ئاتا-ئانىلاردىكى پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئۇلى“ قانداقلا قىلساڭ قىل يۈز نومۇر ئال“ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ زاماندا ئېقىۋاتقان ”مىڭى ناھەق ئۆلتۈرۈلسىمۇ بىرى توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن“ دېگەن خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەرنىڭ قىلىقى ۋە خۇيىدىكى ئىنكاسى بولۇشى مۇكىن. يەنى قانداق ۋاستە قوللۇنۇشتىن قەتئىي نەزەر مەقسەد ھاسىل بولسىلا بولدى، دېگەندەك زامان زورلىرىنىڭ مەپكۇرىسى كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە قەدەر يىلتىزلىغان بولۇشى مۇمكىن. بىر جەمئىيەتتىكى ئىنساننىڭ خۇي پەيلىنى، تەپەككۇرىنى شۇ جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان خىزمەت ئۇسۇلى، كىشىلەرنى باشقۇرۇۋاتقان تۈزۈم، ۋە كۈندۈلۈك ھاياتتا رول ئويناۋاتقان مۇناسىۋەت تورى بەلگىلەيدۇ.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن1نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ئېلېكترون مۇنداق دىدى:2011-يىل 1-ئۆكتەبىر 04:49 جاۋاب

    يازمىلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي. ئىشلىرڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|