ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى

ۋاقتى117 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 380 views°

يازما بەت ئىلانى

ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى
”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۇسسۇلىغا ئۆچ ئۇيغۇر قىزى
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمنىڭ ئىككىنجى يىلىدا ھۆررىيەت خانىم بىلەن facebook (دوستلىشىش ۋە ئالاقە تورى، جۇڭگۇدا ئېچىلمايدۇ) تا تونۇشۇپ قالدىم. تورلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ھەققىدىكى يازمىلىرىم ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. كىتاپقا ۋە مۇزىكىغا بولغان شەيدالىق پارىڭىمىزنى قىزىتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تورغا يوللاپ قويغان ئۇسسۇل كۆرىنىشلىرىنى بايقاپ، كۆرۈپمۇ باقماي ئاستىغا باھايىمنى مۇنداق يازدىم. ”دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن خەقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش ئۇيغۇرنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك. ئۇسسۇل ئوينىغاندىن باشقا شەرەپلىك مىنۇتلىرىڭىزنى ئەسلىيەلمەمسىز؟“. گېپىم ئېغىر كەلگەن بولسا كېرەك خېلىغىچە باھايىمغا ئۈندىمىدى. بىر كۈنى facebookنى ئېچىپ تۇرىۋېدىم تېلىڧون قىلدى. ئىكىراننى ئېچىپ پاراڭلاشتۇق. ئۇ چوكان ئەسلى كىچىكىدىن ئۇسسۇلغا ئۆچ ئىكەن. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا يۈرەك ئوپىراتسىيسى قىلىنىپ ئىچكىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ. ساقىيىپ دوختۇردىن چىقىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە بىر موھىم رەھبەر دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلىشقا كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. دوختۇرخانا ۋە مۇخپىرلار ئازسانلىق مىللەت بىمارلىرىنىڭ دوختۇرخانىنىڭ ئىتىبار بېرىپ داۋالىشى بىلەن ساقىيىپ كەتكەن، خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنىشىنى داۋراڭ قىلماقچى بولۇپتۇ. بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ رەھبەر بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىش، ئۆسۈش، داڭق چىقىرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش نەپلىك ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ قايتىشقا ئالغان بىلەتنى ياندۇرىۋېتىپ قىزىغا ئۇسسۇل ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. ئاخىرى كۈتكەن كۈن كېلىپ ھېلىقى موھىم رەھبەر قىزچاق ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كېسەلخانىغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ. ھۆررىيەتنىڭ كېسەلدىن تولۇق ساقايماي تۇرۇپ ھارغىنىغا قارىماي قىلغان تەييارلىقىغا بېرىلگەن مۇزدەك جاۋاپ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى ئۇسسۇل ئوينىمايدىغانغا ئۆزىگە ۋەدە قىلىپتۇ. ئۇنى ئۇسسۇلغا ئۆچ قىلغان ئىككىنجى بىر ئىش ئۇنىڭ تىيەنجىن توقۇمىچىلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزىدىغان يىلى يۈز بېرىپتۇ. شۇ يىلى مەزكۇر مەكتەپتىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر زامانىۋىي توقۇمىچىلىق بازىسىغا پىراكتىكىغا بېرىپتۇ. زاۋۇتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ”سىلەر پىراكتىكا قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. پەقەت قىزلىرىڭلار بىزگە ھەپتىدە بىر ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەرسىلا پراكتىكا قىلغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىمىز“ دەپتۇ. بۇ گەپ ھۆرىيەتكە بەكمۇ ھار كەپتۇ. ئۇيغۇرلىقىغىمۇ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغىمۇ ئۆچ بولۇپتۇ. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بۇنداق ھار كېلىدىغان ئۇسسۇل ئويناش مەجبۇرىيىتى ئىدارىدە تولا يۈكلىنىپ خىزمەتتىن جاق تويغان كۈنلىرىمۇ بولۇپتۇ.
- ئىدارىڭىزدە سىزدىن باشقا ئۇيغۇر يوقمىدى؟
- بار، مېنىڭ مۇشۇ شوخ، ئوچۇق مىجەزىم، ئۇيغۇر بولغاندىكىن يامان ئەمەس چىرايىم ۋە ئۇسقىنىمنىڭ دۈشمەنلىكى بولمامدۇ.
- شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىغا ئۇسسۇل دېگەننى ھەرگىز ئوينىمايدىغانغا كەلگەنتىم دەڭ!
بىزگە پۇرسەت ۋە سەھنىلا كېرەك
ئامېرىكىغا ئېرىگە ئەگىشىپ كەلگەن ھۆرىيەت يېڭى كەلگەندە ئېنگىلىزچىنى زىم بىلمەيدىكەندۇق. بىر يىلغا قالماي ئىنگىلىزچىنى پۇختا ئۆگىنىپ نۇتۇق كۇلۇپلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاستە تونۇتۇش چارىسى ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى بىر بىرلەپ ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزى چېلىشنى ئۆگىنىپ ئامېرىكىلىقلارغا مۇزىكىنىڭ سېھىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرجىمانسىز چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ. ئۇسسۇل ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئامېرىكىلىق خوشنىلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئۆگىتىپتۇ. ئۇچاغلاردا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئازبولۇپ يىغىپ كەلسە نەچچە يۈزلا ئادەم باركەندۇق. بىر يىلى ۋاشىڭتوندىكى National Mall دا يىللىق كونسىرىت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تىزىملىتىپتۇ. كونسىرىتقا ئاساسەن كەسپىي تەربىيە كۆرگەن سەنئەتكارلار تىزىملاتقان بولۇپ، كەسپىي سەنئەتكارى ئەڭ كۆپ بولغان خەنسۇلارغا ئەڭ چوڭ سەھنە بېرىلگەنىكەن. ھۆررىيەت كەسپى سەنئەتكار بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار بۇرۇن بۇنداق كونسىرىتقا قاتنىشىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ چەت ۋە ئەڭ كىچىك سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ”مەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىمدا ئەتراپىمدا ھىچكىم يوقتى. لېكىن مەن ئۇسسۇلۇمنى نەچچە مىڭ تاماششابىن كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئوينۇدۇم. چۈنكى بۇنداق دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان شەھەردە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئويناش پۇرستى ئون نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ماڭا نىسىپ بولغانىدى. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن سەھنىدىن چۈشۈپ كوچىدىمۇ ئوينۇدۇم. ئىككى كۈن شۇنداق يوسۇندا داۋام قىلدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن تاماششابىنلار بارغانچە كۆپەيدى. ئۈچىنجى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چوڭراق سەھنىگە چىقتىم. ئادەملەر توپىنىڭ ئاساسەن مەن تەرەپكە ئاغقانلىقىنى كۆرگەن تەشكىللىگۈچىلەر ئۇزاققا قالماي ئەڭ چوڭ سەھنىنى ماڭا تەيىنلەپ بەردى. مەن شۇنى بايقىدىمكى كىشىلەرنى جەلىپ قىلغىنى مەن ئەمەس، بەلكى مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا تاۋلانغان ئۇيغۇر سەنئىتى ئىدى. بىز پەقەت ئۇنى بوشاشماي ئىزچىل داۋام قىلالىساقلا دۇنيانىڭ كۆزى ھامان بىزدە بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، بىز مەدەنىيىتىمىزنى جەۋلان قىلىدىغان سەھنىگە مۇھتاج. بىز باشقىلارنىڭ دىققتىنى قۇزغاش، قايىل قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتكە مۇھتاج. پەقەت پۇرسەتلا بولىدىكەن، ئۆزىمىز لاھىيەلىگەن، ئۆزىمىز چىقىشنى خالىغان سەھنىلا بولىدىكەن بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تەۋەرۈكلىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىنى يەنە قاماشتۇرالايمىز“.
ئۇسسۇلغا سېلىنغان، ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇرلانغان جەمئىيەتتە ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئۆچ بولغان؛ ئۇسسۇل ئويناش ئوينىماسلىق ئەركىنلىككە ئايلانغان جەمئىيەتتە ئۇسسۇلچىلىقنى تاللىۋالغان ھۆرىيەتنىڭ گەپلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدىن كەتمەيدۇ. 1860–يىللاردا دىيارىمىزغا كەلگەن قازاق ساياھەتچىسى چوقان ۋەلىخانوڧمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت پۇرسەتلا بولسا ئۆزىنىڭ قوشنا تۈرك تىللىق قېرىنداشلىرىدىن ئېشىپ كېتىشكە قادىرلىقىنى يازغانىكەن. ھۆرىيەت توغرا ئېيتىدۇ. بىزگە مەدەنىيىتىمىزنى جارى قىلىدىغانغا، مەۋجۇدلىقىمىزنى نامايەن قىلىدىغانغا پۇرسەت كېرەك، سەھنە كېرەك. سەھنىنى ئۆزىمىز لايىھىلىشىمىز، لايىھىلەش ھوقۇقى ۋە پۇرسىتىگە تولۇق ئېرىشىشىمىز كېرەك.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن1نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • Emberlynn مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 22:17 جاۋاب

    At last, smoeone comes up with the ”right“ answer!

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|