ئامېرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت

ۋاقتى61 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ساياھەتنامە | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 26كۈنى | : 66 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز

ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز” كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان يارىدەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى.  يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا كىرىم ئىسپاتىمنى تاپالمىغان ئېدىم، خىزمەتچى خادىم “ ساڭا ئىشىنىمىز، ئىسپاتنى تاپالىغاندا ئېلىپ كەلسەڭ بولىدۇ، قىزىڭ يەسلىگە كېلىۋەرسۇن“ دېدى. ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئاسپىرانتلار باشقارمىسى دېپلۇمىمغا خاتا يېزىپ قويغان ئىسمىمنى ئوڭشىتىمەن دەپ ھەپتە ئاۋارە بولغانتىم. دېپلۇم ۋە كىملىكتىكى ئىسمىم، رەسىمىممۇ مېنىڭ مەزكۇر كىشى ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بولالمىغانتى. مەندەك بىر چەتئەللىكتىن نە پاسپورت نە باشقا ئىسپات تەلەپ قىلماي قىزىمنى پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاپتاپتەك ھەممىگە تەڭ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن زوقلاندىم. قىزىم دادىسنىڭ ئوقۇغۇچىلىقى، پۇلسىزلىقى سەۋەبلىك يەسلىسىز قالمىدى، ياكى ئىمتىيازلىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇلمىدى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ بۇنداق پۇرسەتتىكى باراۋەرلىكى مېنى قايىل قىلدى. ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى ۋە ئىسمىدىن سىلاۋىيان تىللىق بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان خادىم قىزىمنى رەسىمگە تارتىپ بولۇپ، بىزگە بىر پاتمان جەدىۋەللەرنى تۇتقۇزۇپ قوبۇللاش رەسمىيەلىرىنى تاماملىدى. جەدىۋەلگە قارىدىم، توۋا بۇ يەسلىدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقىنى! قىزىمنىڭ قايسى رەڭگە ئامراقلىقىدىن تارتىپ، قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغىچە، قانداق قىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تۇنجى دېگەن سۆزىگىچە ھەممىنى يېزىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئېدى. قىزىمىزنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزمۇن ئانچە تەپسىلى بىلمەيدىغان بولغاچ چوڭلاردى سوراشتۇرۇپ  بۇ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇشقىلا بىر كۈن كەتتى. جەدىۋەللەر ئىچىدە تاسادىپى ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش ھەققىدىكى ۋاراق مېنى ئويلاندۇردى، جوڭگۇدا مەيلى مىللىتىمىزدە بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەردە بولسۇن تاسادىپى ھادىسىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە نە شەخسىي تەييارلىق نە ئىجتىمائى مۇلازىمەت سىستىمىسى يوقنىڭ ئورنىدا ئېدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىش يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.

ئاۋغۇستنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى قىزىمنى يەسلىگە ئېلىپ باردىم.  چىراي تۇرىقىدىن ساغلاملىقى چىقىپلا تۇرىدىغان ئالتۇن چاچلىق  چىرايلىق بىر قىز ۋە ئۇيغۇرغا سەل ئوخشاپ قالىدىغان ئىسپانچىراي يەنە بىر قىز بىزنى قىزغىن كتىۋالدى. بىرسى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن قىزىمنى بىرەر قۇر تەكشۈردى يەنە بىرى قىزىمغا مەخسۇس تەييارلانغان ئىشكاپنى كۆرسەتتى. ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ رەسىمى ۋە “ مەسئۇدە خۇش كەلدىڭىز“ دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئېدى. ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. سوراپ بىلدىمكى،  يەسلىدىكى يېتەكچىلەر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاتايىن توردىن قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى ئىنگىلىزچە جۈملىگە ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرچە جۈملىنى تېپىپ چاپلاپ قويۇپتۇ.

يەسلى مۇنداق ئۈچ بۆلۈم ۋە بىر چوڭ مەيداندىن تەركىپلەنگەنىكەن. بىرىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش،  ھىكايە ئاڭلاش، ناخشا ئوقۇش، مۇزىكا چېلىش، دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش، ئۆي ئىشى قىلىش، قول ھۈنەر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ماس بېزەلگەن ۋە ھازىرلارنغان بولۇپ تولىمۇ ئازادە بىر زال ئىكەن. ئىككىنجى بۆلۈم ئاتا-ئانىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بالىلارنىڭ خۇي، قىلىقلىرىنى ۋە گەپ سۆزلىرىنى كۆزتىشى ئۈچۈن ھازىرلارنغان بولۇپ بالىلار كۆزەتكۈچىلەرنى كۆرەلمەيدىكەن. ئۈچىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ سىرىتتا ئويناش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئوينايدىغان زالى بولۇپ سىرىتتكى چوڭ مەيداندا بار ھەممە ئويۇنچۇقلار تەقلەنگەن ئىكەن. ئوچۇقچۇلۇقتىكى چوڭ مەيدانغا تۈرلۈك ئەسلەھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كچىكلىتىلگەن شەكىللىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئامېرىكىچە فۇتبول بىلەن ۋاسكىتبول ئىكەن. مەن بۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان كارامىتىنىڭ سىرىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم.
ئويۇنچۇقلار ئاساسەن بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، ئۈچ كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، مەنچە بۇ بالىلاردا كىچىكىدىن ھەمكارلىق، ماسلىشىش ۋە دوستلۇق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. بۇ كىچىك بالىلارغا مۇشۇنداق ئويۇن ئارقىلىق ھەمكارلىقنىڭ موھىملىقىنى كىچىكىدىن سىڭدۈرمەي، ھە دېسە ئىتتىپاقلىققا دائىر شۇئارلارنى يادىلاتقاننىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىق ئىكەنلىكنى ھىس قىلغانچە يۈرۈكۈم سىقىلىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋۈمدە  لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى!» دېگەن ياڭراق ساداسى جاراڭلىدى. بىز قوراملىقلارغۇ شۇ ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ  قۇربانى بولۇپ شىرىكلىشەلمەي، شىركەتلىشەلمەي ئىللەتلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپاقسىزلىقىدىن قاقشاپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئىتىپاقلىق شۇئار بىلەن ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ دەرسلىكلىرىمىز، دەرسخانىمىز، ئوقۇتۇقۇچىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئۆملۈك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە نېمە قىلالىدى؟ مىللەتنىڭ بىز كۈتكەن ساغلام روھىي مائارىپسىز، تەربىيەسىز، كىچىكىدىن يېتەكلەشسىز قېلىۋاتسا، يەنە ھەممە گۇناھنى قارا قويۇق مىللەتكە ئارتىپ قويۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|