قەشقەردىكى تىل خوراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى

ۋاقتى27 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 29كۈنى | : 93 views°

يازما بەت ئىلانى

4. قەشقەردىكى تىل خوراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى
ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر. بىر كۈنى دوستلارنىڭ چېيىدا ئولتۇرۇپ بىرەيلەننىڭ “ ئەجەپ بۇنداق گاچا بولۇپ قالدۇق“ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تاڭ قالدىم. سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇچە بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنى ”گاچا“ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق گاچا بولماسلىق ئۈچۈن قانچە كۆپ يات تىل بىلسە شۇنچە بىلىملىك، شۇنچە ئىناۋەتلىك سانىلارمىش. قەشقەردە گاچا بولماسلىق ئۈچۈن خەنسۇچىنى، دۇنيادا گاچا بولماسلىق ئۈچۈن ئېنگىلىز تىلىنى چوقۇم بىلىش لازىممىش. ئۇيغۇرچە دېگەننى ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالارمىش، سۆزلىيەلىسىلا بولارمىش. قەشقەردە مۇشۇنداق قاراش بەزىلەردە مودا بولغاچقىمىكىن، ئامېرىكىدىن يېڭىلا كەلگەن قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمىگىنى ”ئاخبارات“ قا ئايلىنىپ، ”دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا قىينالمايدىغان“ لىقى ھەۋەس بىلەن مەدھىيەلەندى. مەن تېخى قىزىمنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلىيەلمىگەنلىكىدىن ئۇيۇلۇپ، ”قىزىم ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدۇ“ دېگەننى تەرستە دەپ يۈرۈپتىمەن. قەشقەردە بەزى كىشىلەر خەنسۇچە بىلگەنلىكنى خىزمەتكە ئورۇنلاشقانغا، ياخشى كۈن كۆرگەنگە باراۋەر دەپ چۈشىنىدىكەن. قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگىنىدىن ھەيران قالىدىغان، ئەيىپلەيدىغان دوستلارمۇ چىقتى. بىر قېرىندىشىمىز، بالىسىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن ئامېرىكا نوپۇسىدىكى بىر ئۇيغۇر دوستىنى باشقىلاردەك چوڭ بىلىپ كۈتۈپ كەتمەپتۇ. سىرىتتىلا مىھمان قىلىپ ئۆيىگىمۇ باشلىماپتۇ.
بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيى شەھەرگە يىراق يېزىدا بولغاچقا خەنسۇچە يەسلىگە تولىمۇ يىراقكەن. بۇرادىرىمىز ھەر كۈنى بەش ياشلىق قىزىنى موتۇ بىلەن 15 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خەنسۇچە يەسلىگە توشۇيدىكەن. قىزى ھەركۈنى ”بارمايمەن“ دەپ يىغلايدىكەن. بىر كۈنى قىز ئاپىسىغا “ سەن نېمىشقا خەنسۇغا تەگمىگەن بولغۇيتۇڭ، دادام خەنسۇ بولغان بولسا خەنسۇچىنى ئۆيدىلا ئۆگىنەلەيتتىم“ دەپتۇ. مەنچە يۇقارقى مىساللار سىياسەت پەيدا قىلغان تىل خوراپاتلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇ ئاقىۋەتلەرنى چۈشەنمەك تەرس، ياكى تولىمۇ ئاسان. بەش مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان قەشقەر ۋىلايىتىدە خەنسۇچە بىر سۆزنى دېيەلمەيدىغان مەسۇم پەرزەنتلەر خەنسۇچە ”قوش تىللىق“ مائارىپنىڭ تەجرىبە بويۇمى-“مارودا“ سىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتسا، كەنتتىن يۇقۇرى ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە قوللىنىلمايۋاتسا، خەنسۇچە بىلگەنلىكى كىشى ھوقۇققا، مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتسا كىشىلەر خەنسۇچىغا چوقۇنماي قالامدۇ.

بىر كۈنى مەسجىدكە كىرىپ تامغا يېزىلغان “ مەسجىدتە تېلىڧوننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى“ ، ”يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ“ دېگەن جۈملىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ جۈملە شەھەردىكى ھەرقانداق مەھەللىنىڭ تېمىغا تەشۋىقات ئۈچۈن يېزىلغان بولسا خيالىمغا كەلمىگەن بولاتتى. مەسچىتنىڭ ئىچىدىمۇ بۇنداق ھاكىمىيەت ئىرادىسىگە ماس جۈملىلەرنىڭ كۆرۈلىشى مېنى ئويغا سالدى. قاچاندىن بېرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا ”مەنئىي قىلىنىدۇ“، ئەھمىيەت بېرەيلى“ دېگەن سۆزلەر دائىم قوللۇنىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ دائىم ھەممە ئىش مەنئى قىلىنىدىغان، ياكى مەنئى قىلىنماسلىق ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تىل ئادىتىمۇ. تامغا يېزىلغاننىغۇ ھاكىمىيەت شۇنداق يازدۇرغان دەيلى، ئەمدى مەسجىدنىڭ ئىچىگە يېزىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ يېزىش ئومۇملاشتىمۇ. ئەسلى ئۇيغۇرچىمىزدا ”يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىش“ دېگەن گەپ يوق. بىز بۇنى“ ۋارقىرىماق“ دەيمىز. ”تېلىڧۇننى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى“ دېگەن خەنسۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان جۈملە، بۇنى ئۇيغۇرچە ”تېلىڧوننى ئېتىۋېتىڭ“ دېسەكلا كۇپايە. ۋىۋىسكىلارغا قاراپ قويىمەن. قەشقەرنىڭ ئىدارە ئورگانلار توپلاشقان بۆلەكلىرىدە خەنسۇلار كۆپ بولۇپ بەزى ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە يوق، بولسىمۇ تولىمۇ كىچىك. ئۇيغۇرچە خەت بۇ يەرلەردە ئاندا مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسىدەك غىلپال كۆزگە چېلىقىدۇ. ”ئاياق كىيىم سېتىش، ئىش قوشۇش ئورنى“، ”مىۋە چىۋىلەرنى سېتىش ماگىزىنى“ ”يېڭى پاقلان گۈشى سېتىش دۇككىنى“…دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى كۆرسەم ئۇيغۇرچىمىزدىكى ”موزدۇزخانا“، ”باققالخانا“، ”قاسساپخانا“ دېگەن سۆزلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ھاجەتخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، بازار، مازار دېگەن سۆزلەرنى “ تەرەت قىلىش ئورنى“، ”داۋالىنىش ئورنى“، ”ئوقۇش ئوقۇتۇش ئورنى“، ”سېتىش، ئېلىش ئورنى“، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈش ئورنى“ دەيدىغان ئوخشايمىز. يېقىندا قەشقەردىكى مەن شىرىكلەشكەن نۇرخان مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى ئىسمىنى ”نۇرخان تەكرارلاش ئوقۇتۇش مەكتىپى “ دەپ ئۆزگەرتىپتۇ. تارتاتقان تەشۋىقات ۋارىقىغا تۈركچە ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېنگىلىزچە ئوقۇتۇش سىنىپى ئاچىمىز دەپ يېزىپتۇ. مەن رەسمى شىرىك بولغاندا بۇ ئىشلار ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولغانىكەن. بۇ يەردىكى گەپ خۇددى بازار دېگەن گەپنى سودا بازىرى قىلىپ قويغاندەكلا ئىش. دۇنيادا سودا بولمايدىغان بازار، ئوقۇتۇش قىلمايدىغان مەكتەپ، سىنىپ بولمايدۇ. بۇ خەنسۇچىدىن قىلىنغان ناباپ تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇرچىنى پالاكەتلەشتۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلاردىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلىرى سۆزمەن دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىدىدىن تارتىپ ماگىزىن، مەكتەپلىرىگىچە خەنسۇچە تەپەككۇرغا بېقىنغان ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىشقا باشلاپتۇ. كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېگەندەك مەنچە بۇلارنى ھىچ بىر ئۇيغۇر خالاپ شۇنداق قوللانمايدۇ، بەلكى شۇنداق قوللۇنۇپ، ياكى دەپ كۆنۈپ قالغان بولىدۇ. كۈندە قاتنىشىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش، تاملاردىكى سىياسىي تەشۋىقات، گېزىت-ژورناللاردىكى مۇقۇملۇق تەربىيىسى قاتارلىقلاردا قوللىنىۋاتقان خەنسۇ تىلى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا، تىلىغا تەسىر قىلىپ مۇشۇنداق تىل ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تىل جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ساھەلەردە قوللۇنۇلۇش پۇرستىدىن مەھرۇم قالغاندا تەبىئىيكى نامراتلىشىدۇ، بوھرانغا دۇچار بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|