گۈلەن كىم

ۋاقتى1050 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 03كۈنى | : 5,989 views°

يازما بەت ئىلانى

گۈلەننىڭ قويۇلىشى ۋە مەنىسى

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بۇرۇن غايىبانە سىرداشقان باغىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولدى. سورالغان سۇئاللاردىن ”گۈلەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟“، ”سىز نېمىشقا خەنسۇچە گۇلېن دەپ تەخەللۇس قويۇۋالدىڭىز؟“، ”گۇلەن دېگەن قىزبالىنىڭ ئىسمىغۇ؟“ دېگەندەك سۇئاللاغا دۇچ كەلدىم. بۈگۈن ھېيت ھارپىسىدا ئارام پۇرسىتى بولغانىكەن بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەي.
مەن بۇ ئىسىمنى تورغا كىرگەن دەسلەپكى يىللاردا قويغان. ئۇ چاغدا ھەيۋەترەك ئىسىم قويۇش ئارزۇيۇم بار ئېدى. ئۆزەم بىلىدىغان ھەيۋەت سۆزلەرنى بىر بىرلەپ كىرگۈزسەم ھەممىسىنىڭ ئېگىسى چىقىپ قالدى. ئاشقان دەپ يازسام قالماپتۇ، ئۇتقان دەپ كىرگۈزسەم تۈگەپتۇ، يەڭگەن دەپ باسسام يوق دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن دېگەن سۆزنى كىرگۈسەم تېخى بىراۋ قوللانماپتۇ . موككىدە خوش يېقىپ شاپپىدا قوللىنىۋالدىم.  gulen دېگەن بۇ سۆزنى لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدا گۇلەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا نۇرغۇن دوستلار گۇلەن يېزىۋالدى. ئامېرىكىداش دوستىمىز جەكنىڭ بلوگىدىكى يازمىلىرىمغا گۇلەن يازمىلىرى دەپ ئىسىم قويۇلغاچقا بۇ ئىسمىممۇ تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. پىنيىنچە ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇ سۆز گۇلېن ئوقۇلىدىغان بولغاچ بەزىلەر بۇ ئىسىم بىلەنمۇ ئاتاپ يۈرىۋاتىدۇ. مەن ئەسلى ئۆزەم ئەزان چىللىمايلا قويۇۋالغان ئىسمىمدا چىڭ تۇرۇپ ئىزچىل گۈلەن دەپ يېزىۋاتىمەن. يېقىندىن بېرى ئۆز ئىسىمىمنىلا قوللۇنايچۇ دەپ ئابدۇۋەلى ئايۇپ دەپ ئىسىم-ئاتاسى شەكلىدە يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بولسا تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن سۆزىنىڭ ئىززىتىنى قىلاي دېگەن دوستلارنى گۈلەن دەپ توغرايازسا دەيمەن. ئاللاھ ھەممىزنى گۈلەنلەردىن قىلغاي.

مەن بۇندىن 36 يىل مۇقەددەم مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغان ئوردۇكەنت (پايتەخت) قەشقەردە تۇغۇلغان. ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر بالا ئېدىم. ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە تىلىم بۇرۇنراق چىقىپ تۇنجى ئوقۇغان ناخشام
داجەي روھى كۈچ بەردى،
بىزنىڭ بۇ بېلەكلەرگە.
پارتىيەمنى كۈيلىسەم،
كۈچ كىردى بېلەكلەرگە.
دېگەن ئەينى دەۋردە مودا بولغان غەزەلكەندۇق. بۇ ناخشىنىمۇ ئۇزاق ئېيتالماپتىمەن. ماۋزېدوڭ ماركىسنى زىيارەت قىلغىلى كەتكەن كۈنلەردە ناخشا ئوقۇش چەكلىنىپتۇ. قىزىق گەپ، خەنسۇلاردا ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ناخشا ئېيتسا بولمايدۇ، دېگەن چۈشەنچە بولمىسا، ئەجەپ مېنىڭ ئىنقىلابىي ناخشىلارنى بولسىمۇ ئېيتىشىمغا يول قويۇشماپتىكىنە! ماۋزىدوڭ ئۇيغۇرمۇ خەنسۇمۇ دەپ سوراش چەكلەنگەن، چوشقا ئىنقىلابىي ھايۋان دەپ قارالغان ئۇ زامانلاردا ئاجايىپ ئىكەندۇق. ئۇ چاغدا مەن پارتىيەم دېگەن سۆزنى بەلكىم پاتىمەم دەپ چۈشەنگەنمۇ، بەك ئامراق ئېدىم. بۇ سۆزنى ئاڭلىساملا مېرىبان بىر موماي كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. چۈنكى پارتىيەم دېگەن ھامان بۇ سۆزگە ئۇلىشىپ كېلىدىغان مېھرىبان، غەمگۈزار، سۆيۈملۈك دېگەن سۈپەتلەشلەر كىشىگە بىر ئايال مەدھىيەلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چۆرەمدىكىلەر يەۋاتقان ئاش- نان، تۇرۇۋاتقان ئۆي، ھەتتا قالاۋاتقان شىرشىم چاكاندىنىمۇ پارتىيەنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشەتتى. بىر كۈنى ئۆيىمىزگە بىر تىلەمچى كەلدى. دادامدىن
-دادا ھەممە نەرسىنى بېرىدىغان پارتىيەم تۇرسا، مۇنۇ كىشى نېمىشقا بىزدىن تىلەيدۇ؟ يا بىز بۈگۈن پارتىيەم بولۇپ قالدۇقمۇ؟
سەل ئەقلىمنى تاپقاندىن كېيىن ئۇقسام ئۇيغۇر شىئېر، قوشاقلىرى ئىچىدىكى كومپارتىيە، قىزىل ئارمىيە، ماۋزىدوڭ قاتارلىقلار كۈيلەنگەن قۇرلار ئەسلى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز مەدھىيەنگەن مىسرالار ئىكەندۇق.

باشلانغۇچقا كىرگەندە ئىنقىلابىي يېزىق بولغان پىنيىندە ساۋادىم چىقتى. ”قاناتلىق خەت“ ”قىزىل قىيا“ ”گاۋيۈيباۋ“ ”قىزىل تاغ باتۇرلىرى“ دېگەن پىنيىنچە يېزىلغا كىتابلارنى ئوقۇپ چىققىنىم ئېسىمدە. ئۇ چاغدا كىتابلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى نېمىشقا ئاكا-ئۇكا قوشنا قولۇملارنىڭ ئىسمىدەك مەمەت، سەمەت، ئايخان گۈلخان بولمايدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم. قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ باشقا بىر مىللەت بولغاچقا شۇنداق ئىسىمى بولىدىغانلىقىنى ھىچ كىم دەپ بەرمەپتىكەن. ئەسلى ئۇيغۇر يېزىقىمىز قازاق قىرغىزچىدىن پەرقلىق چاپان كەيدۈرۈلۈپ بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندە نەشىر قىلىنغان ”ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ دېگەن كىتاب مېنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. شۇندىن كېيىن كىتاپلاردىن ئوقۇغان ساماۋىي چۆچەكلەر، قوشاقلار، ناخشىلار دۇنياسىدا ياشاپ بىر كۈنى چۆچەك ئېيتىشقا باشلىۋېدىم چۆرەمدىكىلەر ماختاپ كېتىشتىپتۇ. شۇ چاغدا ”ئابدۇراخمان خانغوجا“ داستانىنى تولۇق يادقا سۆزلەپ بەرگەنتىم. سىنىپىي كۆرەش تامغىسى قېقىلغان بۇ كىتاپ ئىككى مىڭىنچى يىللاردا شۇ پېتى نەشىر قىلىندى. يەنە شۇ كەمبەغەل ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى ئۇيغۇر بايلىرى، خاننىڭ بۇيرۇقى ئادىل يەرلىك فىئۇداللار، ئەمەلدارلار غالجىر دېگەن چۈشەنچە قىپ قىزىل پارلاپ تۇرۇپتۇ.

ھاياتىمدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ئىچىدە پىيونىر بولغان، ساۋاقداشلىرىمغا يېتەكچى بولۇپ دۆلەت مارشى ئوقۇغان، كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن چاغلىرىمنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. 2005- يىلى مالايسىيادىكى بىر ت ۋ قانىلى دۆلىتىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپتۇ. زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزىنىڭ بىسىمىللاھسى “ بىز شىنجاڭلىق، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى“ دەپ باشلىنىپتۇ. ھەممىڭلار بىلىدىغان بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىڭلار دېسە ”قوزغال“ دەپ دۆلەت مارشىنى باشلاپ كېتىپتۇ. ماڭا بۇ ئانچە تاساددىپى ئىشتەك تۇيۇلمىدى. بەلكىم تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىغىلىپ قالساق ھەممىمىز بىلىدىغان ناخشا كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مارشى بولۇشى مۇمكىن. ئادەم مائارىپنىڭ مەھسۇلى.

ئالىي مەكتەپنى بېيجىڭدا ئوقۇدۇم. كىتاپخۇمارلقىم سەۋەبلىك ياتاقتا غۇلجۇلۇق بىر ئاغىنەمنىڭ مەسخىرىسىگە بەش يىل نىشان بولغانتىم. بۇ يىل ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم.
- ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇڭ پۈتتىمۇ؟ نېمە ئوقۇدۇڭ؟
-ھەئە، پۈتتى. تىلشۇناسلىقتا ئوقۇدۇم.
- ئوقۇپ ئەجەپ زېرىكمىدىڭ، يەنە ئوقۇماسسەن!
- ياق، يەنە ئوقۇيمەن. كىتابتىن، خاتالىقلىرىمدىن، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن، ئاۋامنىڭ شاتلىق-قايغۇلىرىدىن يەنە ئۆگىنىشنى داۋام قىلىمەن.
- ياخشىسى جەمئىيەت داشۆسىدە ئوقۇ، مۇناسىۋەت قىلىشنى، ئىش ئەپلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋالمىساڭ بولمايدۇ. يەنە كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمە!
بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپتۇ. غۇلجىدا مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىكەن. بىر كىتاپ ئوقۇغاننىڭ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سۆيۈنگەننىڭ گېپى يوق. مەن ئۇنىڭدىن ئەمەس، ئۇنى ئون نەچچە يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىپ، مۇئاش بېرىپ، بىر كىتاپ ئوقۇشقا سەۋەپ بولالمىغان تۈزۈلمىدىن ئەپسۇسلاندىم. ھېلىلا روزا ھېيتلىق خەنسۇچە سالام يوللاپتۇ. ”ھېيىتلىق سالامنى بولسىمۇ باشلىقىڭنىڭ تىلىدا يوللىماي ئۆز تىلىڭدا يوللىساڭچۇ!“ دەپ ئۇچۇر قايتتۇردۇم.

گۈلەن يەنە نېمە ئىش قىلدى؟

گۈلەن 2006- يىلى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۈركىيەدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئالتە ئاي تۇردى. غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدە ئالتە يىل، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتىدا ئىككى يىل ئىشلىدى. 1998-يىلى زالىم شۇجىنىڭ تەلۋە بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ بىرىنجى قېتىم، 2009-يىلى ئىككىنجى قېتىم ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتى. ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتىيۇ ئىشتىن ۋاز كەچمىدى. ھۆكۈمەتكە باج تۆلەۋاتقان، بېقىۋاتقان ئادەملەرنى، كىتابنى، قەلەمنى ۋە سەنئەتنى سۆيۈپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدا ئوقىسىمۇ بەرىبىر گۈلەن

-ئامېرىكىدا ئەمەس، نەدە ئوقۇساڭ بەرىبىر!
قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كومپىيوتىردا خەتنى ئوڭلاپ ساقلىيالمايدىغان كادىرلار خادىمى خەنسۇچە شۇنداق دېدى. گۈلەنگە ئەدەبىيات فاكۇلتىتى كادىرلار باشقارمىسىدىن ئىمتىھان ئالىدۇ، دەپ ئۇقتۇردى. كادىرلار باشقارمىسى خەۋىرىمىز  يوق، نەدە ئوقۇساڭ ئوخشاش، ساقلا، دەپ يولغا سالدى. ئاخىرى ساقلاشنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ مەكتەپتە ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىرمۇ ئادەم، ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا چەتئەللەردە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇشنى ئىلتىماس سۇنغان بىرمۇ ئادەم يوقكەن.

گۈلەن مەكتەپ قۇردى

گۈلەن مۇنبەر ئۈچۈن قايتقانتى، بېرىشمىۋېدى ئۆزى قۇتادغۇ بىلىك نامىدا مەكتەپ ئاچتى ۋە بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلار، خىزمەتچىلەر، تىجارەتچى بۇرادەرلەرگە تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ياپۇنچە ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلىدى. گۈلەن بالىلارنى چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىگە بىۋاستە ئىمتىھان بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن، ئىچكىرىدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى ئالدامچى مەكتەپلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قايتا ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش شارائىتىنى ياراتتى.

 

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 10نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • بۆرەيار مۇنداق دىدى:2011-يىل 11-سېنتەبىر 06:32 جاۋاب

    ئاخىر بۇ بلوگنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم… ھۆرمەتلىك ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلۇغ ئاللاھ دىن ئۇتۇق تىلەيمەن.

    • Summer مۇنداق دىدى:2011-يىل 9-نويابىر 20:27 جاۋاب

      God help me, I put aside a whole aftreonon to figure this out.

      • Keesha مۇنداق دىدى:2012-يىل 18-يانۋار 05:44 جاۋاب

        So much info in so few words. Tosltoy could learn a lot.

  • ئەززام مۇنداق دىدى:2011-يىل 16-دېكابىر 16:02 جاۋاب

    مەن نىمىشقا مۇشۇ بەتتىن باشقا بەتنى كۆرەلمەيمەن،
    باشقا بەتكە كىرسەم زادىلا ئېچىلمىدى؟

    • Birdie مۇنداق دىدى:2012-يىل 16-يانۋار 04:51 جاۋاب

      Big help, big help. And suplerative news of course.

  • ئابدۇمۇتائالى مۇنداق دىدى:2012-يىل 20-سېنتەبىر 04:44 جاۋاب

    ئابدۇۋەلى ئاكا ئىشلىرىڭىزغا چىن قەلبىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن

  • ئابدۇمۇتائالى مۇنداق دىدى:2012-يىل 20-سېنتەبىر 04:45 جاۋاب

    مەن ئوقۇغۇچىڭىز ئابدۇمۇتائالى بولىمەن

  • ېمتڭ مۇنداق دىدى:2012-يىل 7-دېكابىر 20:13 جاۋاب

    پەقەت تىزىملىتالمىدم، ئكزەممي بىلگەندەك قىلىمەن، ئاللاھ ئ.جرىڭىزنىنبەرسۇن!!!

  • خان 1021 مۇنداق دىدى:2013-يىل 6-مارت 16:28 جاۋاب

    گۈلەن ئەپەندىمنىڭ شىرىكلىشىپ مەكتەپ قۇرغىنى بەك ياخشى بوپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!!!

  • گۈلى مۇنداق دىدى:2013-يىل 8-ئىيۇن 07:31 جاۋاب

    مۇئەللىم مەن سىزنىڭ ئالى مەكـتەپـتىكى ئوقۇغۇچىڭىز بولىمەن . يەنە مەكــتەپمۇ قۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپسىز ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. :smile:

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|