پاكىزە ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

ۋاقتى401 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2013يىل 06ئاي 13كۈنى | : 2,887 views°

يازما بەت ئىلانى

پاكىزە ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار
ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر توپراقلىرىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ياشىغان، زىيارەتتە بولغان ۋە ئوقۇغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۆپ ھال مۇڭ بولۇشتۇم. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئامېرىكىلىقىلارنىڭ بىزگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، نېمىمىزدىن سۆيۈنۈپ نېمىمىزنى قوبۇل قىلالمىغىنىنى بىلگۈم كېلەتتى. ئۇيغۇر توپراقلىرىدا ياشىغان ئامېركىلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھېدىلىكى خەنسۇچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. يۇرتىمىزغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغان كەچۈرمىشلىرى بار ئېدى. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سېلىشتۈرۈپ پىكىر بايان قىلىشقا ئامراق ئېدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاپ باققان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ سۆيۈنگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكى ئىكەن. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ ئوخشايدىغان تەرىپى دەپ قارايدىكەن.
قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغان بىر ئامېرىكىلىق قىز قەشقەردىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ پاكىزلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قەشقەردە كوچىلارغا ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش مەخسۇس تازلىقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق يالىغاندەك پاكىزە تۇرۇدىغانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن كوچىلارنى سۈپۈرۈپ چىنىدەك قىلىۋېتىشلىرىگە بەكمۇ زوقلىنىدىكەن. ئۇنىڭچە تازىلىقنى، پاكىزلىكنى ئۆرپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇرلاردەك مىللەت ئاز تېپىلىدىكەن. ئامېرىكىدا بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن، كىشىلەر كوچىلار ۋە يوللارنى سىرىپ سۈپۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دەپ قارىمايدىكەن. ئامېرىكانلارنىڭ نەزىرىدە كوچا تازىلىقى، كوچىلاردىكى ھاجەتخانىلار، ئەۋرەز يوللىرى قاتارلىقلار جامائەتكە ئورتاق بولغاچقا بۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ سېلىشى، ئىگە بولۇپ تازىلىتىشى، ياسىشى ۋە رېمۇنت قىلدۇرىشى كېرەك ئىكەن.
مەنمۇ ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پاكىزلىكىمىزگە، تازىلىقنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرغانلىمىزغا قول قويدۇم ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلەندىم. راست دېگەندەك ئامېرىكىدا تۇرغان چاغلىرىمىزدا پەقەت ئايالىملا ئىشىك ئالدىمىزنى پاكىز سۈپۈرۈپ تۇراتتى. مەن ئايالىمدىن باشقا ھىچ بىر خوشنىمىزنىڭ مەھەللىمىزنى، ئىشىك ئالدىنى تازىلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. قىشلىرى قار ياغقان چاغلاردا مەن قەشقەردە كۆنگەن ئادىتىم بويىچە كوچىمىزدىكى قارنى كۈرەكلەپ قوشنىلار ئۈچۈن يول ئېچىپ قوياتتىم، ھەر قېتىم قار ياغسا مەندىن باشقا ھىچ كىمنىڭ مۇنداق پىدايىلىق قىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن بۇنى بىر ياخشىلىق قىلاي دەپ مەقسەدلىك ئەمەس، بىز كىچىكىمىزدىن شۇنداق قىلىپ ئادەتلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا شۇنداق قىلاتتىم. مەھەللىمىزدە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بارلىقى، بىز قىلمىساقمۇ ھامان شۇلارنىڭ كېلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما بىز ”ئەتىگەندە زېمىننىڭ يۈزىنى ئاچسا ساۋاپ بولىدۇ“ دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان ئۇيغۇر بولغانلىمىز ئۈچۈن تەبىئىيلا شۇنداق قىلاتتۇق. مەن مەھەللىمىزدىكى قارنى بىرەر قۇر كۈرەكلەپ يول ئېچىۋېتىپ مەكتەپكە كېتىپ كەچلىرى دەرستىن يانسام مەھەللىمىزدىكى قارلار كىملەر تەرىپىدىندۇر توشۇپ كېتىلگەن بولاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى قار ۋاقتىدا تازىلانمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ماشىنىسى جايىغا توڭلاپ قالدى. مەن ماشىنىسى توڭلاپ قالغىچە ساقلىغاننىڭ ئورنىغا قارنى قول قول تازىلىمىغان ئامېرىكىلىقلاردىن ھەيران قالدىم. ئاخىرى قارمۇ تازىلاندى، لېكىن تازىلاش ۋاقتىدا بولمىغاچقا بۇ ئىش مەھەللىمىزنىڭ گېزىتىدە سۈرەتلىك ئېلان قىلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. گېزىتنىڭ كېيىنكى سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۆزرەنامىسى ئېلان قىلىندى. مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇم سەۋەبلىك قىلىۋاتقان خالىسانە ئىشلىرىم قوشنىلىرىمىزغا ئالاھىدە بىلىنىپ كەتتىمۇ بىر يىللىق سايلامدا مېنى مەھەللە ھەيئىتى سايلىمىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشتى. سايلامغا قاتنىشىپ بىلدىمكى، ئادەتتە بىزنىڭ مەھەللىدە خالىس تازىلىق قىلىشلىرىمىزغا ھىچ كىم دىققەت قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ھەممىسى خەۋەردار ئىكەن. مەن مەھەللە ھەيئىتى بولۇپ سايلاندىم، كوچىمىزنىڭ گېزىتىگە ئايالىم بالام ئۈچىمىزنىڭ رەسمى بېسىلدى. ئۇيغۇرغا خاس پاكىزلىق ئەنئەنىمىزنىڭ بىزنى يات ئەلدە ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغىنىدىن بەك سۆيۈندۇق.
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن جۇدى خانىمنىڭ ئامېركىلىقلارنى ھەۋەسلەندۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكى ھەققىدىكى كەچۈرمىشى ئۆزگىچە. جۇدى خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل تازىلىق ئەنەئەنىسى ئۇلاردا تازىلىق بويۇملىرىنى رولىغا ۋە ئورنىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش ئادىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قاچا يۇغان دەستمالدا تۇۋاق ۋە تاماق شىرەلىرى سۈرتۈلمەيدىكەن. غۇلجىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن مەكىس ئۇيغۇر ساتىراچلارنىڭ خېرىدارنىڭ چېچىنى سۈرتكەن لۆڭگىدە يۈزىنى سۈرتمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. شۇندىن بۇيان ئۇيغۇرزېمىنلىرىنىڭ نەرىگە بارسۇن پۇرستى بولسىلا ئۇيغۇر ساتىراچلىرىغا چاچ ياسىتىشنى ئۇنۇتمايدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مەن تونۇيدىغان ئامېرىكلىلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىققا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاشپەزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە قول قويىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى قول يۇيۇشقا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيۇش ئادىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يىمەكىك تازىلىقى ھەققىدىكى ھەر قانداق شۈبھىلىرىنى تۈگىتىۋېتەلەيدىكەن.
ئامېرىكىلىقلارمۇ پاكىزلىككە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بەكمۇ سەزگۈر. ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكىنىڭ ياراپ كېتىشى ئۆزلىرىدىكى تازىلىققا بولغان يۈكسەك ئىتىباردىن كەلگەن. ئەگەر ئامېرىكىلىقلاردا پاكىزلىك ئادىتى بولمىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا مىللەتلەرگە قارىغاندا پاكىزلىككە بەكرەك ئىشتىياق باغلىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان بولاتتى. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا مېھمانخانىسى سەل قالايمىقان، ئۆيلىرى سەل رەتسىز ئامېرىكلىقلارنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۆيلىرى مەينەت كىشىلەرنى كۆرمۈدۈم. مەن بارغان ئامېرىكلىقلارنىڭ ئاشخانىسى بىلەن ھاجەتخانىسى ھەر دائىم چىنىدەك پاكىز بولۇپ ئادەمنىڭ قاراپ ئولتۇرغىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلار باشقا ئۆيلەرنىڭ قالايمىقانراق بولۇشنى قوبۇل قىلالىغان بىلەن ھاجەتخانا ۋە مۇنچىسىنىڭ مەينەت ياكى قالايمىقان بولۇشى كۆزىگە سىغمىسا كېرەك. مەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقىدىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانىنى يۇرتىمىزدىكى بەش يۇلتۇزلۇق ھەرقانداق بىر مېھانخانىنىڭ ھوجرىسىدىن پاكىز كۆردۈم. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي ھاجەتخانىلار كۆپ ۋە ھەقسىز بولۇپ قەغەز، سوپۇن، قول سۈرتىدىغان قەغەز لۆڭگە، قول قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسى دېگەنلەر ھەتتا چۆللەردىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ھاجەتخانىلىرىدىمۇ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ھاجەتخانىنىڭ پاكىزلىكىدىن ھەر قېتىم رازىمەنلىك ھىسلىرىغا چۈمۈلگىنىمدە كىمدۇر بىرىنىڭ ”بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئاممىۋىي ھاجەتخانىنىڭ تازىلىقىغا قاراپ ئۆلچەش كېرەك“ دېگىنى پات- پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 4نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • ئىزچى مۇنداق دىدى:2013-يىل 25-ئىيۇن 12:52 جاۋاب

    گۈلەن ئاكا ، مەن تىمىلىرىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن، پۇرسەت بولسا سىز بىلەن كۆرۈشسەم دەيمەن، قەشقەردىكى تەربىلەش مەركىزىنى ئۇقىمەن. سىز مىنىڭ ئارزۇ غايىلىرىم ھەققىدە ياخشى مەسلىھەت بىرەلەيسىز، ياشلار ئۈچۈن بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ بۇرچىڭلار ئەلۋەتتە! سىز بىلەن قانداق ئالاقىلشىمەن، مائارىپ تەربىلەش مەركىزىگە بىرىپ كۆرۈشسەم ۋاختىڭىز بامۇ؟ توردىكى ياكى تىلفۇندىكى ئالاقىلشىش نۇمرىڭىزنى قالدۇرۇپ http://www.izqi1991@sohu.com قويمامسىز. مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىم

  • گۈلۈم مۇنداق دىدى:2013-يىل 19-ئىيۇل 02:24 جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم: گۈلەن، مەنمۇ بىر يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ بىرى، تۈنۈگۈن تېخى گوگۇلدىن بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ھەم بىر قانچە دوستلىرىمنىمۇ خەۋەردار قىلدىم، مەنمۇ ئۆزۈمنى بىر لاياقەتلىك مائارىپچى دەپ كېتەلمىسەممۇ، مۇشۇ ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى. تور تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن قوشۇمچە دەرس بېرىمەن. سىزگە خەت قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرۇشنى خالايمەن. :cool:

  • گۈلۈم مۇنداق دىدى:2013-يىل 14-ئاۋغۇست 02:44 جاۋاب

    گۈلەن ئاكا، ئۇزاقتىن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىپ تۇرساممۇ، سىزنى كىچىك ئىشىلارغا ئاۋارە قىلىپ، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويماي دەپ ھازىرغىچە جىم ئىدىم، بۈگۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە سىزنىڭ «ھە راست سىرىتتىن كېلىدىغانلارغا ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. پەرزەنتىڭلارنى يىراق كۆرمەي ئەۋەتىش ھەققىدە ئويلاشساڭلار بولىدۇ.» دەپ يېزىپتىكەنسىز، قاچانغىچە ئىمكان بولار؟
    يەنە بىر سۆزۈم ئوقۇشۇم پۈتسە، سىزگە ياردەملىشىپ مائارىپچى بولىمەن، ئىنشائاللاھ..بۇ بۈگۈنكى ئارزۇ ئەمەس ئەلۋەتتە! ئاللاھ ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن، خەۋىرىڭىزنى ساقلايمەن..

  • Gulen مۇنداق دىدى:2013-يىل 14-ئاۋغۇست 17:04 جاۋاب

    رەھمەت، ياتاق ئورۇنلاشتۇرىمىز.
    ئاللاھ ھەممىمىزنى بىر سەپتە قىلغاي

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|