ئەلۋىدا «نۇرخان»، مەرھابا قۇتادغۇبىلىك

ۋاقتى375 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2013يىل 07ئاي 09كۈنى | : 5,533 views°

يازما بەت ئىلانى

”نۇرخان“ ساڭا ئەلۋىدا

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

شىرىن ئۇيقۇدا ياتسام تېلىفوننىڭ ئاۋازى بىزار قىلدى. بۇنچە سەھەردا ئۇخلىماي، ئۇخلاتماي مېنى ئىزدىگەن كىمدۇ، دەپ ئويلاپ تېلىفوننى ئالدىم.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىلى گۈلەن ئەپەندىمۇ؟

-شۇنداق، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ قېنى خىزمەتتە بولاي، قۇلۇغۇم سىزدە.

-قىزىمنى سىزنىڭ تەربىيەلەش مەكتىۋىگە بەرگەنىدىم، سىزنى دەرس ئۆتىدۇ دېگەنىدى. بىر مەۋسۈم ئۆتۈپ كەتتى قىزىم سىزنى كۆرۈپمۇ باقماپتۇ. مۇشۇنداق قىلىق سىزگە يارىشامدۇ؟

-بەلكىم سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، ياكى بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. مەن ئۆزەم ئۆتىمەن دەپ ۋەدە قىلغان دەرسنى ئۆزەم ئۆتىمەن. مەكتەپتە مەن دەرسى ھەم ئوقۇغۇچىسى ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى. بىز ئايدا بىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئالىمىز، سەرخىللارنى مۇكاپاتلايمىز، مەۋسۈمدە ئىككى قېتىم دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ چىقىمىز. بىزنىڭ مەكتەپتە مېنى كۆرۈپ باقمىغان ئوقۇغۇچى يوق.

-شرائىتىڭلارمۇ ياخشى ئەمەسكەن، ئالدى بازار، ۋاراڭ چۇرۇڭ!

بۇ گەپتىن كېيىن چۈشەندىم. ئەسلى بۇ كىشى قىزىنى قەشقەر شەھەر گۈزەرگە جايلاشقان نۇرخان مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزىگە بەرگەنىكەن.

-مەن ھازىر مالىيە سودا مەكتەپتە دەرس ئۆتىۋاتىمەن. بىز 3-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ پەن تېخنىكا سارىيىدىن ھازىرقى مالىيە سودا مەكتەپنىڭ ئىچىگە كۆچتۇق. ھازىر مەن نۇرخان دېگەن ئىسىمنى تونىمايمەن.

-ئۇنداقتا نېمىشقا دەپ قويمايسىز؟ نېمىشقا سىزنى دەرس ئۆتەمدۇ، دەپ سورىساق ئۇلار ”ھەئە“ دەيدۇ؟

-دەپ بولغىلى بولمىدى. كەچۈرۈڭ. 180-0998-8148 گە تېلىفون قىلسىڭىز تىزىملاپ قويسۇن. ياكى قەشقەر مالىيە سودا مەكتەپكە بېرىڭ.

يېقىندىن بېرى مۇشۇنداق تېلىفونلارنى كۆپ ئالىدىغان بولدۇم. بىرسىدىن تېلىفون كېلىدۇ، بالامنى نۇرخانغا تىزىملىتىپ ئوقۇتمايمەن دېسەم پۇلۇمنى قايتتۇرمىدى دەپ، يەنە بىرسى كېلىدۇ، نۇرخاندا ئوقۇتقۇچى ئېلاندىكىسىگە ئوخشىمايدىكەن دەپ….يېقىندا قورقۇنچلۇق بىر تېلىفونمۇ كەلگەن بولدى. ”سىز تۈركىيەدىكى بىدئەت يول تۇتقان، ئازغۇن ئىتىقادتىكى نۇرچىلارنىڭ مۇرىدى ئىكەنسىز. شۇ سەۋەبتىن نۇرچىلارنىڭ كاتتابېشى فەتھۇللاھ گۈلەن دېگەن كىشىنىڭ فامىلىسىنى قوللۇنۇپسىز. مەكتىپىڭىزگىمۇ نۇرچىلارغا ماس كەلتۈرۈپ نۇرخان دەپ ئىسىم قويۇپسىز. بۇنداق بىدئەت يولدىن يېنىڭ. ئۇلۇق ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ تۆۋە قىلىڭ…“ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن پەقەت ئەينى چاغدا قەشقەر پەن تېخنىكا شىركىتىدىكى شۇنداق بىر مەكتەپ بىلەن ھەمكارلاشقان. ھازىر بۇ ئىش يوق. بۇ ئىسىم مەن كەلسەم بار ئىكەن. بۇنىڭ نۇرچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭمۇ نۇرچىلار بىلەن مۇرتلىق مۇناسىۋىتىم يوق. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ بەنىدى، پەيغەمبېرىمىزنىڭ ئۈممىتىدۇرمەن. ھازىر ئۆزگەردى! تېلىفوندىن تارتىپ ھەممىسى ئۆزگەردى (18009988148). شۇڭا دەيمەن ئەلۋىدا نۇرخان، ئەلۋىدا خاتا چۈشەنچە، خاتا مەلۇمات ۋە خاتا ئەيىپلەشلەر.

ئەلۋىدا نۇرخان، مەرھابا مىڭ يىللىق ئەڭگۈشتەر قۇتادغۇ بىلىك.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن 7نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • بىلىم مۇنداق دىدى:2013-يىل 10-ئىيۇل 04:56 جاۋاب

    :cool: :cool: :cool:

  • مۇردا مۇنداق دىدى:2013-يىل 13-ئىيۇل 08:10 جاۋاب

    :!: :!: :???: :???: :cry: :cool:

  • گۈلۈم مۇنداق دىدى:2013-يىل 14-ئاۋغۇست 02:53 جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:گۈلەن ئاكام، ئۇزاقتىن بېرى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ۋە دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويماي دەپ جىم ئىدىم. بۈگۈن ئەتتىگەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە قالدۇرغان «ھە راست سىرىتتىن كېلىدىغانلارغا ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. پەرزەنتىڭلارنى يىراق كۆرمەي ئەۋەتىش ھەققىدە ئويلاشساڭلار بولىدۇ.» دەپ يېزىپتىكەنسىز، قاچانغىچە ئىمكان بولار؟
    يەنە بىر سۆزەم ئوقۇشۇم پۈتسە، سىزگە ياردەملىشىپ مائارىپچى بولىمەن، ئىنشائاللاھ..بۇ بۈگۈندە تۇغۇلغان ئارزۇ ئەمەس ئەلۋەتتە! ئاللاھ ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن! خەۋىرىڭىزنى ساقلايمەن.

  • روھچىن مۇنداق دىدى:2013-يىل 14-ئاۋغۇست 04:08 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندىم

    سىزنى تۇنجى قېتىم خوتەن تۇلۇنئاي بالىلار باغچىسىغا نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلگەندە كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يازمىللىرىڭىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇقۇيتتىم. بىز ئېرىشىكە تىگىشلىك بولغان ھۇقۇق، بىز ئىنتىزار بۇلاۋاتقان نۇرنى سىزنىڭ يىتەكچىلىكىڭىزئاستىدا كۆردىغان ئوخشايمىز دەپ تاتلىق ئارزۇيۇم بارئېدى. يېقىندىن بىرى بېشىڭىزغا كىلىۋاتقان ئىشلار، جۈملىدىن ئىزدىنىش مۇنبىرىغا بۇ قېتىم يازغان خەتەرلىكمىشمەن نامىلق يازمىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ ئەنسىرەپ قالدىم. باشقا ئىشتىن ئەمەس شۇنچە كۈچەپ تۇرسىڭىزمۇ، قۇلىڭىزدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرسىڭىزمۇ بۇ ئادەملەرنىڭ قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن توغرا چۈشۈنۈپ بولالمىغىنىغا، سىز كۆيگەن ئوتنىڭ يېنىغا كەلمەي تۇرۇپ سىزگە دەرىس ئۆتۈپ موللىلىق قىلىۋاتقىنىغا قاراپ سىزنى قەيداپ تاشلاپ قۇيارمۇ، سۇۋۇپ قالارمۇ دېگەندەك ئەندىشىدە قالدىم. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بۇ يولسىزنىڭ خاراكتىرىڭىز، تەقدىرىڭىز ۋاز كېچىمەن دەپمۇ كېچەلمەيسىز، كىممۇ ئۆز تەقدىرىدىن كېچەلىسۇن. مەن بىر نەچچە يىللىق جاھاندارچىلىقتىن ھېس قىلغىنىم بىز بەندىگە ياخشى بۇلۇپ بولالمايمىزدىكەنمىز. ياشاش ئۆلچىمىمىزنى بەندىنىڭ قارىشى بىلەن ئەمەس، ياراتقۇچىنىڭ قارىشى بىلەن تۇرغۇزساق بولىدىكەن. پەقەت ۋە پەقەت ياراتقۇچىغا يۈزكىلەلەيدىغان يولدا ماڭغان بولساقلا باشقىلارغا پەرۋا قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن.
    يەنە بىر مەسىلە 4 ياشقا كىرگەن بىر قىزىم بىلەن 6 ياشقا كىرگەن بىرئوغلۇم بارئىدى. تىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قورقۇپ ھېچقانداق مەكتەپ يەسلىگە بەرمىگەن. سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزگە بەرگۈم بارئېدى. لېكىن، مەن خوتەندە قەشقەردە قۇيۇپ قويغۇدەك ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىممۇ يوق. بالىلارنى تەربىيىڭىزگە بەرگۈدەك بىرە ئامال بارمىدۇ؟

  • Gulen مۇنداق دىدى:2013-يىل 14-ئاۋغۇست 16:53 جاۋاب

    ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تىرىشىپ كۆرەرسىز.

  • سانغۇن مۇنداق دىدى:2013-يىل 15-ئاۋغۇست 07:24 جاۋاب

    بىلوگقا يىڭى كىرشىم…ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇنلار باركەن…يولىڭىزنىڭ داغدام بولشىنى تىلەيمەن…. :eek:

  • سارايۋەن مۇنداق دىدى:2013-يىل 18-ئۆكتەبىر 19:37 جاۋاب

    بىلوگىڭىزدا گوگلى تور كۇرگىدە خەتلەر بىنورمال تەڭشىۋالسىڭىز بولغۇدەك ئەگەر ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز قولوم كۇكسۇمدە

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|