ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز (تولۇق نۇسقىسى)

ۋاقتى70 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 11ئاي 15كۈنى | : 419 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكا قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئامېرىكا يەسلىدىكى ئۇيغۇرچە خەت
ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز”كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئىدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ياردەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى. يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا كىرىم ئىسپاتىنى تاپالمىغان ئىدىم، خىزمەتچى خادىم “ ساڭا ئىشىنىمىز، ئىسپاتنى تاپالىغاندا ئېلىپ كەلسەڭ بولىدۇ، قىزىڭ يەسلىگە كېلىۋەرسۇن“ دېدى. ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئونىۋىرىسىتىتى ئاسپىرانتلار باشقارمىسى دىپلومىغا خاتا يېزىپ قويغان ئىسمىمنى ئوڭشىتىمەن دەپ ھەپتە ئاۋارە بولغانتىم. دېپلوم ۋە كىملىكتىكى ئىسمىم، رەسىمىممۇ مېنىڭ مەزكۇر كىشى ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بولالمىغانىدى. مەندەك بىر چەتئەللىكتىن نە پاسپورت نە باشقا ئىسپات تەلەپ قىلماي قىزىمنى پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاپتاپتەك ھەممىگە تەڭ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن زوقلاندىم. قىزىم دادىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىك، پۇلسىزلىق سەۋەبلىك يەسلىسىز قالمىدى، ياكى ئىمتىيازلىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇلمىدى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ بۇنداق پۇرسەتتىكى باراۋەرلىكى مېنى قايىل قىلدى. ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى ۋە ئىسىمدىن سلاۋىيان تىللىق بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان خادىم قىزىمنى رەسىمگە تارتىپ بولۇپ، بىزگە بىر پاتمان جەدۋەللەرنى تۇتقۇزۇپ قوبۇللاش رەسمىيەتلىرىنى تاماملىدى. جەدۋەلگە قارىدىم، توۋا بۇ يەسلىدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقنى! قىزىمنىڭ قايسى رەڭگە ئامراقلىقىدىن تارتىپ، قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغىچە، قانداق قىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تۇنجى دېگەن سۆزىگىچە ھەممىنى يېزىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قىزىمىزنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزمۇ ئانچە تەپسىلى بىلمەيدىغان بولغاچ چوڭلاردىن سوراشتۇرۇپ بۇ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇشقا بىر كۈن كەتتى. جەدۋەللەر ئىچىدە تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش ھەققىدىكى ۋاراق مېنى ئويلاندۇردى، جوڭگودا مەيلى مىللىتىمىز بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەردە بولسۇن تاسادىپىي ھادىسىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە نە شەخسىي تەييارلىق نە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسى يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىش يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.
ئاۋغۇستنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى قىزىمنى يەسلىگە ئېلىپ باردىم. چىراي تۇرۇقىدىن ساغلاملىقى چىقىپلا تۇرىدىغان ئالتۇن چاچلىق چىرايلىق بىر قىز ۋە ئۇيغۇرغا سەل ئوخشاپ قالىدىغان ئىسپان چىراي يەنە بىر قىز بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىرسى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن قىزىمنى بىرەر قۇر تەكشۈردى يەنە بىرى قىزىمغا مەخسۇس تەييارلانغان ئىشكاپىنى كۆرسەتتى. ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ رەسىمى ۋە “ مەسئۇدە خۇش كەلدىڭىز“ دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. سوراپ بىلدىمكى، يەسلىدىكى يېتەكچىلەر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاتايىن توردىن قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى ئىنگىلىزچە جۈملىگە ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرچە جۈملىنى تېپىپ چاپلاپ قويۇپتۇ.
يەسلى مۇنداق ئۈچ بۆلۈم ۋە بىر چوڭ مەيداندىن تەركىپلەنگەنىكەن. بىرىنچى بۆلۈم بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش، ھېكايە ئاڭلاش، ناخشا ئوقۇش، مۇزىكا چېلىش،دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش، ئۆي ئىشى قىلىش، قول ھۈنەر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ماس بېزەلگەن ۋە ھازىرلانغان بولۇپ تولىمۇ ئازادە بىر زال ئىكەن. ئىككىنچى بۆلۈم ئاتا-ئانىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى بالىلارنىڭ خۇي، قىلىقلىرىنى ۋە گەپ سۆزلىرىنى كۆزىتىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇپ بالىلار كۆزەتكۈچىلەرنى كۆرەلمەيدىكەن. ئۈچىنچى بۆلۈم بالىلارنىڭ سىرتتا ئويناش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئوينايدىغان زالى بولۇپ سىرتتىكى چوڭ مەيداندا بار ھەممە ئويۇنچۇقلار تەقلەنگەن ئىكەن. ئوچۇقچىلىقتىكى چوڭ مەيدانغا تۈرلۈك ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكىللىرىمۇ كۆزگە چىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئامېرىكىچە پۇتبول بىلەن ۋاسكىتبول ئىكەن. مەن بۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان كارامىتىنىڭ سىرىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم.
ئويۇنچۇقلار ئاساسەن بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، ئۈچ كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، مەندە بۇ بالىلاردا كىچىكىدىن ھەمكارلىق، ماسلىشىش ۋە دوستلۇق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. بۇ كىچىك بالىلارغا مۇشۇنداق ئويۇن ئارقىلىق ھەمكارلىقىنى مۇھىملىقىنى كىچىكىدىن سىڭدۈرمەي، ھە دېسە ئىتتىپاقلىققا دائىر شۇئارلارنى يادىلاتقاننىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىق ئىكەنلىكى ھېس قىلغانچە يۈرىكىم سىقىلىپ كەتتى.خالاستان بلوگىدا رەتلەندى. قۇلاق تۈۋۈمدە لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى!» دېگەن ياڭراق ساداسى جاراڭلىدى. بىز قوراملىقلارغۇ شۇ ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ شىرىكلىشەلمەي، شىركەتلىشەلمەي ئىللەتلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپاقسىزلىقىدىن قاقشاپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئىتتىپاقلىق شوئار بىلەن ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ دەرسلىكلىرىمىز، دەرسخانىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئۆملۈك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە نېمە قىلالىدى؟ مىللەتنىڭ بىز كۈتكەن ساغلام روھىي مائارىپسىز، تەربىيىسىز، كىچىكىدىن يېتەكلەشسىز قېلىۋاتسا، يەنە ھەممە گۇناھنى قارا قويۇق مىللەتكە ئارتىپ قويۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

”مەن قەشقەرلىق“
قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كۆپرەك كۆرگىنى بىر ئۇيغۇرىمىز بولدى. ئۇياقنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىلىق تارانچىلاردىن بولسىمۇ چاقچاقنى يېرىم كۈندىن كېيىن چۈشىنىپ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە رەنجىپ قالاتتى. ئۆزى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغىنىغا قارىماي ”بىز غۇلجۇلۇقلار“ دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايىسى ۋىلايەتلەردىكى تارماقلىرىدا بىر خىسلەتنى بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەندە ئىلى ئۇيغۇرلاردىكى خىسلەت يۈكسەك غۇرۇر، قورقۇمسىزلىق ۋە ئوچۇق خاراكتېر. بولۇپمۇ مەن بۇ تارماق ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئورۇن، مەرتىۋە ۋە ھوقۇق سۈرۈشتۈرمەي مەسخىرە قىلالايدىغان ئەركىنلىكىدىن سۆيەتتىم. شۇ سەۋەپتىن يېقىن ئەتراپتىكى بىر دىنچى ئۇيغۇرغا بولغان بۇ خانىمنىڭ ئۇچۇردىكى جىمى تارىخى ۋە رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى قەشقەرلىككە دۆڭگەپ چاقچاق قىلىشلىرىغا كۈلكە، چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتىم. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ”مەن ئۈرۈمچىلىك“ دېيەلمەسلىك ئىدى. مەندىن ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىم تولا يۇرتۇمنى سورايتتى. كىشىلەرنىڭ گېپىگە دىققەت قىلسام، ئۇيغۇردىن بىر كىشىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە ھەممەيلەن ئۇنىڭ يۇرتىنى بىلىشكە ئالدىرايتتى. ھەتتا زىيالىيلار ئارىسىدا بىر مەشھۇرنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە يىللاپ مۇنازىرە قاينايتتى. شۇ تالىشىۋاتقانلاردىن ”شۇ مەشھۇرنىڭ ساڭا نەپ بەرگەن بىر ئېغىز گېپىنى دەپ باقسىنا“ دېسىڭىز تىرناق تاتىلايتتى. مەن مۇشۇنداق پۈچەك تۇيغۇلاردىن قىزىمنى يىراق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى پەقەت ئۇيغۇر دەپ بىلىشنىلا ئارزۇ قىلاتتىم. مەن قىزىمنى ئۇيغۇرلۇقنى تەبىئىي رەۋىشتە ھېس قىلسىكەن دەپ تىلەيتتىم. كاج تەلەي قىزىم ھېلىقى پاجىيەدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ۋاقىتىسز ئەمما ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ تولا جۆيلۈپ “ ئاپا قاچاييى(قاچايلى)، xxلار كەيدى(كەلدى)“ دەپ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىشلىرىدىن ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتتىم. يېڭى كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى تۇنجى قېتىم ئاپتۇبوس بىلەن ئويناتقىلى ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ بىكەتكە كەلدىم. ئاپتوبۇس كېلىپ توختىشىغا قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالغان قىزىم يىغلاپ ئاپتۇبۇسقا چىققىلى ئۇنىمىدى. ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاپتوبۇسقا چىقىرالمىدىم. ئۆيگە قايتىپ ئايالىمدىن سەۋەبىنى ئوقتۇم ۋە ئۆزەممۇ يىغلاپ كەتتىم. مەن سىياسىي ئەۋزەللىكنىڭ ۋە ئىختىسادىي مەنپەئەتنىڭ قوغۇدۇغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مىللەتچىلىككە نەپرەتلىنىمەن. مەن قىزىمنىڭ بىر ئىنسان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلۇقنى مۇئاۋىن شۇجى بولۇش ئۈچۈنلا كېرەك قىلسا مەن ئۇنىڭ شۇ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نەپرەتىلىنىمەن.
قىزىمدىن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سورۇدۇم،
-تاتلىقىم سىز قايسى مىللەتتىن؟
-ئۇيغۇي.
سىز قايسى يۇرتتىن، يۇرتىڭىز نېمە؟
■ھە…
■ئاي بالام سىز نەدىن كەلدىڭىز؟
■گۈل ئانامنىڭ قېشىدىن.
دېمەك، ئايدىڭ بولدىكى، قىزىم يۇرت دېگەن گەپنىڭ مەنسىنى تېخى بىلمەيدىكەن. بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار يۇرتىنى بىلىپ مىللىتىنى بىلمەيتتى، ئۈچ ياش توقۇز ئايلىق قىزىم بۇنىڭ ئەكچىسە مىللىتىنى بىلىپ يۇرتىنى بىلمەيدىكەن. روسلار تەرىپىدىن ئورتا ئاسىيانىڭ يېڭى خەرىتىسى سىزىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈرك دېگەن ۋە بەزىدە يۇرتلار بويىچە ئايرىپ كەلگەن، تىلىنى بولسا تۈركچە دەپلا ئاتىغان. تىلنى تۈركچە دېيىش پەقەت تىل يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان موللا ئۆلىمالاردا ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغانلاردا ساقلانغان. مانا بۈگۈن يېڭى تارىخ يېزىلماقتا، ئۇيغۇر بالىلىرى يۇرتىدىن بۇرۇن مىللىتىنى بىلمەكتە ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمدىن يەنە سورۇدۇم. چۈنكى مەن مېنى تولا قەشقەرلىق دەپ مازاق قىلىدىغان ”غۇلجۇلۇق“ قېرىندىشىمنىڭ قىزىمنىڭ كىملىك چۈشەنچىسىگە قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدىم. قىزىم بۇ قېتىم ”مەن قەشقەرلىكتىن كەلگەن“ دېدى. پسىخىك تىلشۇناسلىقتا قوشۇمچە بىلەن سۆز مىڭىدە ئىككى يەردە ساقلىنامدۇ ياكى بىر يەردىمۇ دېگەن مۇنازىدە بولىدىغان. قىزىمنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا سۆزلەر قىزىمنىڭ مىڭىسىدە قوشۇمچە قوشۇلغان شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. يەنە بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈپ سورۇدۇم. قىزىم بۇ قېتىم ”مەن قەشقەردىن كەلگەن، مەن قەشقەرلىق“ دېدى. قارىغاندا ئىنسان سوزنى ئاۋۋال قوشۇمچىدىن ئايرىماي ئۆزلەشتۈرېۋىلىپ ئاندىن ئايرىپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسا كېرەك. شۇنداق قىلىپ قىزىم قەشقەرگە يېقىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، قەشقەردىن نەچچە ئون مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى ئامېرىكىدا قەشقەرلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ ھىكايەت ئائىلە تەربىيىسى بەك مۇھىم، دەپ ھەدىسە ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسى، بۇنىڭ تالانتلىق بالا تەربىيەلەش دەستۇرى دېگەن كىتابلىرىغا دۈم چۈشۈشلەرگە سالقىن قارىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. بالىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قانداق تونۇشى، نېمىنى سۆيۈپ، نېمىدىن نەپرەتلىنىشى يالغۇز بىزنىڭ تەسىرىمىزدىنلا بولمايدىكەن. مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، ئائىلىدە بىز ھىچ قاچان ”قىزىم سەن قەشقەرلىق“ دەپ تەربىيە قىلمىغان. قوشنام دائىم مېنى ۋە يېڭى كەلگەن قىزىمنى ”قەشقەرلىق ئۇنداق قىلىدىكەن“، ”قەشقەرلىق بۇنداق دەيدىكەن“، ”قەشقەرلىكنىڭ بالىسى دېگەن زادى ئۇندا، مۇنداق“ دەۋەرگەندىن كېيىن قىزىم ئۆزىنى ”قەشقەرلىق“ دەپ بىلىۋاپتۇ. تاشقى موھىتنىڭ بالىلارنىڭ كىملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا يەنە بىر مىسال. قىزىم بىر كۈنى ”مەن ئۇسسۇل ئۆگىنىمەن“ دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۇۋالدى. سەۋەبىنى سورۇسام، بىر خەنسۇ خوشنىمىز ئۇنى ”ئۇسسۇل ئويناپ بەر“ دەپ تۇرۇۋاپتۇ. قىزىم ”ئوينىيالمايمەن“ دېسە، ”ئۇيغۇر بالىلىرى دېگەن ئايىقى چىققاندىلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ“ دېگەنمىش. شۇ ئان كاللامغا يالقۇن روزىنىڭ ”بىز قانداق بولۇپ ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قالدۇق؟“ دېگەن ماقالىسى كەلدى. جاۋاپ تولىمۇ ئاددىي، سەھنىدە بەختىيارلىقتىن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان رەڭگارەڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى تولا كۆرۈپ كۆنگەن خەنسۇلارنىڭ بىرى بولغان قوشنامنىڭ ئۇيغۇرغا بەرگەن باھاسى قىزىمنىڭ ئۇسسۇل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. مەن ئىچكىرىدە ئاتا-ئانىسى خەنزۇۋان بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى پەقەت سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن. قىزىق يېرى ئۇلار ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بىلەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالايتتى، سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇ ساۋاقداشلىرى تولا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا ئويناشنى ئۆگەنگەنىكەن. دېمەك بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىملىكىمىزگە ئەمەس باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى كىملىكىمىزگە قاراپ سىلجىۋېتىپتىمىز. بۇنى ئەلۋەتتە بىزگە موھىت سىدۈرېۋېتىپتۇ. ئائىلە تەربىيىسى مۇھىم، ھەممە ئادەم ئىشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىشى كېرەك دېگەندەك گەپلەرگە مەلۇم جەھەتلەردە ئارىمزىدىكى ”ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي“ دېگەن بىخەتەر جان بېقىش پەلەسەپىسى يوشۇرۇنغان. بالىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى بىز ئائىلىمىزدىلا قۇرۇپ چىقالمايمىز. ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى بالىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ئەڭ ئاجىز. شۇڭا مەندە ئىشىمىزنى ئائىلىمىزدىنلا ئەمەس مەھەللىمىزدىن باشلىغىنىمىز ئەۋزەل.مەسىلەن، بالىمىزنى ئۇيغۇرچە چوڭ بولسۇن دېسەك مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۈرلۈك پائالىيەلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز لازىم. مەندە مەھەللە چېيى، قورۇ چېيى ئويناۋاتقان ئاتا ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئىتوت ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە بالىلار درامما ھەپتىسى، ئۇيغۇرچە چۆچەك ھەپتىسى، پۇتبول ھەپتىسى ئۇيۇشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئارامغا چىققان بوۋايلار، مومايلار پىداكار بولۇشنى خالايدۇ. قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئارامغا چىققان دادامنىڭ ئەڭ كۆپ تاپىلايدىغان گېپى قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى جىكىلەش بولدى. دادام ھەر قېتىم قىزىمنىڭ يېنىمدا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا دىلى يايراپ ھاياجاندىن ئاۋازلىرى تىتىرەپ كېتىدۇ. مەندە بۇنداق ئۇيغۇر بوۋايلا ئاز ئەمەس. مەن بالامنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئۆزگىرىش جەيانىنى ۋە دادامنىڭ قىزىم بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشنى شۇنچە كۈچلۈك تەلەپ قىلىشلىرىنى يېزىش ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ بالىمىزنىڭ كاللىسىغا ئورناۋاتقان تۇيغۇلارغا دىققەت قىلىشىنى ۋە بوۋا-مومىلارنىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرەشلىرىگە ھەمدەمدە بولۇشلىرىنى ئارمان قىلىمەن.

مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى
ئامېرىكىغا كېلىپلا چىكاگۇ ئايرۇدۇرۇمىدا دىققىتىمنى تارتقىنى ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆز سومكىلىرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان تۆت بەش ياشلاردىكى بالىلار بولدى. بۇ يەردە ياشاش جەرانىدا ماگىزىنلاردا ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كىيىملىرىنى ئۆزلىرى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ زوقلاندىم. بالام كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇن مەيدانىغا چىقسام بالىسىنىڭ سۈتىنى بىر قولىدا، ئويۇنچۇق، كىيىم قاتارلىقلىرىنى يەنە بىر قولىدا كۆتۈرىۋالغىنى يالغۇز مەنكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدەك تۆتكە يېقىنلاشقان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئويناپ ئۇنتۇپ قالماي ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ ئېلىپ قايتىدىكەن. مەندەك تۆت ياشقا ئازقالغان بالىسىغا قوغۇلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگۈزىدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرمىدىم. بۇ يەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەندىن ھەيران قالغىنى بالامغا تاماق يۈگۈزۈشۈم بولدى. ئۇلارچە ئىنساننىڭ ھەر قاندىقى قورسىىقى ئاچسا تاماق يەيدىكەن. ئىنساننىڭ تاماق يىيىشى بولۇپمۇ بەدىنى مۇھتاج ماددا بولغان يىمەكلىكنى تەبىئىى خالاپ يىيىشى جانلىقلار دۇنياسىغا خاس تەبىئىي ھادىسكەن. بىزلا ئەمەس قوشنا شىتاتتىكى ئامېرىكلىققا تەگكەن ئۇيغۇر دوستىمىزمۇ بالىسىغا تاماق يىگۈزەلمەي ئاۋارە ئىدى. ئۇ باشقا ئامېرىكلىك ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا تاماق يۈگۈزمەي ئۆزىنىڭ يىيىشىگە تاشلاپ بېرىشىگە ھەيرانكەن. ئامېرىكىلىق ئېرىمۇ ئايالىنىڭ بالىغا تاماق يىگۈزىشىگە كۆنۈپتۇ. بۇنىڭدىن مەن بالا تەربىيەسىدە ئانىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. بىز مەيلى قەيەردە بولايلى بالىنىڭ مۇستەقىللىقىگە كىچىكىدىن سەل قارايدىكەنمىز. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدە بالا مۇستەقىل ئىنسان ئىكەن. ھەمدە ئۇلار بالىنىڭ كىچىكىدىن مۇستەقىل ئادەم بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.
مەن ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە ۋە ئاشخانىلاردا بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن تەڭ داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرىدىن زوقلاندىم. ھەرقانداق ئاشخانىلاردا چوڭلارنىڭ ئورۇندۇقى ئۈستىگە قويۇلۇپ بالىلارنى چوڭلار بىلەن تەڭ تاماقلىنىشىغا لايىقلاشۇرۇلغان بالىلار ئورۇندۇقى باركەن. ئامېرىكىلىقلار بالىرىغا گەپ قىلغاندا بالىسى بىلەن تەڭ بولۇش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆزىگە تىك قاراپ گەپ قىلىدىكەن ھەم بالىلىرىدىن شۇنداق ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇلاردا بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا بالىلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. بەلكى ئاتا ئانىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇشى، قانداق كەيپىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشى شەرت قىلىنىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىزدىن ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدىكەن. يەنە بۇلاردا ئاتا-ئانىلىرى خاتالاشسا بالسىدىن كەچۈرۈم سورايدىكەن. ئامېركىلىقلار ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇشتۇرغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىدىن تارتىپ ئىتلىرىغىچە تونۇشتۇرىدىكەن ۋە سىزنىڭ ھەممەيلەنگە باراۋەر سالام قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىدىكەن. داستىخاندا ساھىپخان ۋە مىھماننىڭ بالىلىرى چوڭلار بىلەن تەڭ مىھمان بولىدىكەن. داستىخاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا بالىلار خالىغانچە گەپ قوشىدىكەن. بۇنداق چاغدا بالىلار نېمە دېيىلىشىدىن قەتئى نەزەر چوڭلار بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. بىزدە مىھمان كەلسە بالىلارنى يېقىن يولاتمايدىغان، بالىلارنىڭ مىھماننىڭ گېپىگە ”قوشۇق سېلىش“لىرى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەت بار. مەندە بۇ بالىمىزنى خەقلەر بار يەردە ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. كىچىككىنە قىزىمنىڭ ئامېرىكلىق بالىلاردىن بىر پەرقى، بالام ئادەم كۆپ يەردە ئانىسىنىڭ كەينىگە ياكى مېنىڭ كەينىمگە ئۆتۈۋالىدۇ. بۇنى مەندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن كەلگەن باشقا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن سورۇۋېدىم ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئوخشاش خۇيى باركەن. مەندە ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرگە ھەممە ئادەم، ھەر ۋاقىت، ھەر يەر، ھەر قانداق شارائىتتا باراۋەر دېگەن ئىددىيە سىڭدۈرىلىدىكەن.
بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ قىزى بالام بىلەن بىللە ئوينىدى. قىزىمدىن بىر ياش چوڭ بۇ قىز قىزىمغا بەك ئامراق ئىدى. لېكىن نېمىشقىكىن بۇ ئامېرىكىدا بالىلار سىرىتقا چىقىپ قوشنا بالىلار بىلەن مەھەللىدە ئوينىمايدىكەن. شۇ كۈنى ئاپىسى قىزىغا 45 مىنۇت ئويناش ۋاقتى بېرىپتۇ. قىزىم ئىككىسى ئويناپ ئۇ 45 مىنۇتنى بىردەمدىلا توشقۇزۇپ قويۇشتى. قىزچاق ئانىسىدن يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىشىنى ئۆتۈنىۋىدى، ئانىسى ئاران ئۈچ مىنۇت ۋاقىت بەردى. قىزچاق بىزدىن ئانىسىغا دەپ ئويناشقا ئىجازەت ئېلىپ بېرشىمىزنى ئۆتۈندى. بىز نېمە دېيەلەيتتۇق؟. بىز ئۈن چىقارماي تۇرغاندىن كېيىن قىزچاق بىزدىن رەنجىدى بولغاي، ۋاقىت توشقاندا بىزگە خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى بىلەن قىزى ئىشىك ئالدىمزىدا پەيدا بولدى. ئانىسى قىزىنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە ئويناپ بىزگە رەخمەت ئېيتماي چىقىپ كەتكىنى توغرىسىدا بىزدىن كەچۈرۈپ سورىدى ۋە قىزىنىمۇ بىزدىن كەچۈرۈم سورىغۇزدى. ئەگەر بىزدىن كەچۈرۈم سوراشقا قوشۇلمىسا بۇندىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ قىزىم بىلەن ئويناشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى دەپ ”تەھدىت“ ساپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىدىمكى ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئەركىنلىكنىڭ مەلۇم چەك ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات بىلەن جازانىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ قىممەتلىك، چەكلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى، جاھاندا ياخشىلىقنىڭ چوقۇم مىننەتدارلىققا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ چوڭ قىلىدىكەن.
بىز ئامېرىكىلىق ئائىلىلەرگە مېھمانغا بېرىپ شۇنى بايقىدۇقكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرى مىھمانلارغا بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئامېرىكلىلىقلار ئۆيىڭىزگە كەلسىمۇ بالىڭىزغا پەۋقۇلاددە قىزغىن بولۇپ كەتمەيدىكەن. بەلكى خۇددى سىزگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىز ئۆيگە دوستلىرىمىز كەلسە بالىمىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە، چالغۇ چېلىپ بېرىشكە، ئىشقىلىپ بالىمىز قادىر بولغان بىرەر ئارتۇقچىلىقنى مىھمانلار ئالدىدا نامايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەنمىز. سىز ئامېرىكىلىلارنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغاندا بالىسى رەسىم سىزىۋاتقان بولسا ”مەن ئالدىراش“ دېسە بالىسىنى سىز بىلەن كۆرۈرشۈشكە زورلىمايدىكەن. ياكى رەسىمنى ئېلىپ چىقىپ سىزگە كۆرسۈتۈشنى تەلەپ قىلمايدىكەن. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ”ئۆزلۈك ۋە كىملىك“ ناملىق كىتابىدا ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ئىككى شىۋىتقا ساھىپخاننىڭ قىزى ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە ئۇلارنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقى، بۇنىڭدىن قىزىنىڭ يىغلاپ كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. ئەسئەت مۇئەللىم بۇنى شىۋىتلارنىڭ سوغۇققانىغا باغلايدۇ ۋە بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋىتلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پىسخىكا پەرقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەندە بۇ يەدە ئۇقۇشماسلىقلا بولغان خالاس. چۈنكى مىھماندىن سورالماي، تۇيۇقسىزلا نومۇر كۆرسىتىلسە، ئەزەلدىن مۇنداق مېھمانغا ساھىپخان پەرزەنتلىرىنىڭ تەكلىپسىز ئويۇن كۆرسىتىشىنى كۆرۈپ باقمىغان غەرپلىكلەر ھەيران قالىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق پەرق پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۇسسۇل. بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ، باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق پەرزەنتىمىزنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز. بالىمىزدىكى ئاكتىپچانلىق نەتىجىدە باشقىلارنىڭ باھاسىغىلا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ باھاسىدىن چۈشۈپ كەتسە، ياكى قىلغانلىرى باھاسىز قالسا بالىمىز ئاكتىپلىىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەردىكى باشلىق بولالمىسا خىزمەت قىلغىسى كەلمەيدىغان، قىلغان ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق، تۆرگە ئولتۇرۇشقا خۇشتار، ئۆيىدە بالىسىغا سۆڭەك يوق، مېھمانغا شورپا بېرىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرقىسمى دەل ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن نەتىجىسىنى خەقلەرنىڭ باھاسىدىن ئىزدەيدىغان تەربىيەدە چوڭ بولغىنىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىسىنى مىھمانلار ئالدىدا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكى تەكلىپ قىلماسلىقى بالىلارغا ئاكتىپلىقنى باشقىلارنىڭ باھاسىدىن ئەمەس ئۆز قىزىقىشىدىن ۋە شۇ قىزىقىشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسە قولغا كەلگەن ئۇتۇقتىن ئىزدەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. مەسىلەن، مەن بالام رەسىم سىزسا ياخشى سىزسۇن سىزالمىسۇن مۇنداق قاراپلا ”ياخشى سىزىپسىز، سىز بەك ئەقىللىق“ دەيدىكەنمەن. بالام شۇنىڭ بىلەن ”پەللىگە يەتتىم، مەن ئەقىللىق “ دەپ قاراپ سىزىشتىن توختايدىكەن، ياكى شۇ تەرىزدە سىزىشنى داۋام قىدىكەن. ”ياخشى سىزىپسىز “ دېسەم شۇنچە ھاياجانلانغان بالام، يەنە بىرسى قوپۇپ ”بۇ بولماپتۇ،“ دېسە يەنە شۇنچە ئاسان بەل قويۇۋېتىدىكەن. مەن كۆزەتكەن ئامېرىكىلىقلار بالىسىنىڭ رەسىمىگە ئىنچىكىلەپ قاراپ چىقىپ ئەگەر ياخشى سىزالمىغان بولسا ”مەن سېنىڭ بۇ رەسىمىڭگە ئامراق ئامراق“ دەيدىكەن ۋە ”ئەگەر بۇ سىزىقنى مۇنداقراق تارتساڭ، ئۈنىمى ئاجايىپ ياخشى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، سىناپ باقامسەن؟“ دەيدىكەن. نەتىجىدە كېيىن ناۋادا بىرسى رەسىمنى ”سىزالماپسەن“ دېسە ئۈمىتسىزلىنىش ئورنىغا ”قايسى سىزىقنى تارتالماپتىمەن؟“ دەپ سورايدىكەن-دە قۇرۇق ئۈمىدلىنىپ، سەۋەپسىز ئۈمىدسىزلىنىشتىن ساقلىنالايدىكەن. مەن قىزىمنى سەمىمىيەتسىزلەرچە ماختايدىكەنمەن، ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە تەپسىلى كۆرۈپ باھا بېرىدىكەن ۋە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.
يەنە بىر بايقىغىنىم ئايالىم ئىككىمىز قىزىمىز تاماق يېمىسە“ سەئىدە ئاچاڭ(قەشقەردىكى نەۋرە ئاچىسى) تاماق يىيەلمەيدىكەن، شۇڭا تېلىپۇندا ساڭا گەپمۇ قىلالماس بولۇپ قاپتۇ. سەن دېگەن تاما يىيەلەيسەن شۇڭا تېلپۇندا چوڭ ئاناڭ بىلەن سۆزلىشەلىدىڭ“، دەيدىكەنمىز. قىزىمىز قوپقىلى ئۇنىمىسا ”تىيىنلارمۇ تۇرۇپتۇ، قۇچشقاچلارمۇ تۇرۇپتۇ، پەقەت سەنلا ئۇخلاپ قاپسەن“ دەيدىكەنمىز. ماڭغىلى ئۇنىمسا ”قېنى قىزىم كىم يامان بىر بەسلىشىپ باقمايمىزمۇ“ دەپ ئاستا مېڭىپ يالغاندىن ئۇتۇلۇپ بېرىپ ئالدايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ بالىمىز بىلەن ئۆزىمزىنى، يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنى ھەتتا قۇرۇق قوڭغۇزلارنىمۇ سېلىشتۇرۇپ بولىدىكەنمىز. نەتىجىدە بالىمىزنىڭ مەقسىدى پەقەت سېلىشتۇرۇش ئوبىكتىنىلا يېڭىشتە قېلىپ تويغىنىنى بىلمەي تاماق يەيدىكەن، ھارغىنىنى بىلمەي يۈگرەيدىكەن. بىز قىزىمىزدىكى ئاكتىپىقنىڭ مەنبەسىنى خەقنىڭ باھاسى، قۇرۇق ماختاشقا باغلاپ قويغاننى ئاز دەپ باشقىلاردىن ئۈستۈ تۇرۇشقىلا باغلاپ قويىدىكەنمىز. مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرنى بۇنداق دەپ رىغبەتلەندۈرگىنى كۆرمىدىم. قىزىق يېرى، مەن بىلەن بىر قارار ئوقۇيدىغان بىر خەنسۇ، بىر كورىيان بار قالغانلىرى ئامېركىلىقلار. بىللە دەرس ئاڭلاپ قالساق كورىيەلىك بىلەن خەنسۇلا قەغىزىمنى كۆرىدۇ ياكى نەتىجەمنى سورايدۇ. ئەگەر ئۇلار قەغىزىمنى قەغىزى بىلەن قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كەتسە ”ھە قارىغاندا سەندىن يۇقۇرى ئاپتىمەن“ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر گەپ قىلماي كۈلۈپ قويسا ”تۆۋەن ئاپتىمەن“ دەپ ئويلايمەن. قارىغاندا كورىيانلار ۋە خەنلەرمۇ بالىلىرىنى كىچىكىدىن بىزدەك ھەممە ئىشتا باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ چوڭ قىلسا كېرەك. مەن مۇشۇ كۈگىچە نومۇرۇمنى سورىغان، ياكى قەغىزىنى مېنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغان بىرمۇ ئامېرىكلىقنى كۆرمىدىم.

قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بار كۆرپىچەكتە ئولتۇرىدىكەن، ۋە شۇ كۈنكى ئىسمى شۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىكەن. مەن بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن ھايۋانلارنى ئاسراش تەربىيىسى بەرگەنلىك بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشكەن. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. دېمەك بۇلار يەسلىدىن باشلاپ چىنىقىشنى ئادەت قىلدۇرىدىكەن. قىزىمغا ئۇسسۇل ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ (بۇلار ئەمەلىيەتتە بالىلار مائارىپى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى) ھەرىكەتلىرىدىكى ئەۋرىشىملىك مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كېلىدۇ. بىز ھىسسىياتىمىزنى گەپ بىلەنلا ئەمەس ھەركىتىمىز بىلەنمۇ ئىپادىلەشكە قادىر مىللەت. ئەمما چېنىقىش ئادىتى ئومۇملاشمىغاچقىمۇ تېنىمىز چىرايىمىزدىكى خۇلقلىرىمىزغا خوپ كەلمەيدىكەن. ئۇنداق دېسەم ”ئەجداتلىرىمىز چىنىقمايمۇ ئەۋرشىم بەدەندىن قۇرۇق قالماپتىكەن“ دېيىلىشى مۇمكىن. ئۇ زامانلاردا بەدەننىڭ ھەرىكىتى جىق بولغىيدى. ھازىر زامان ئۆزگەردى، شۇڭا زامانغا ماس چىنىقىش ئۇسۇللىرىغا ئادەتلەنگەن غەرپلىكلەردىن ئۆگەنسەك يامان بولمايدۇ. چىنىقىش ۋە ناخشا ئۇسسۇل تامام بولغاندىن كېيىن ناشتا قىلىش باشلىنىدىكەن. ئوقۇتۇقۇچىسى تاماقلارنى شىرەگە تىزىپ بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ غىزالىنىدىكەن. ھەممە بالا شەربەت، پۇرچاق، سۈت، مېۋە، بولكا قاتارلىقلاردىن بەلگىلىك مىقداردا يەيدىكەن. ئەگەر بىرەر تاماققا قۇلى يەتمەي ئالالماي قالسا چوقۇم“ ئىلتىپات قىلسىڭىز“ دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى كېرەككەن. بولمىسا ئوقۇتۇقۇچىسى بالىدىن شۇ سۆز چىقمىغىچە تەلەپنى قاندۇرمايدىكەن. ئارىدا كىم باشقىلارنىڭ قاچىسىغا چاڭ سالسا ئاۋۋال بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدىكەن، يەنە داۋام قىلسا كۆتۈرۈپلا يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ئەگەر بالىلار ئويناش جەريانىدا باشقىلارغا قائىدىسىزلىك قىلسىمۇ دوستلىرىدىن ئايرىپ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. ماڭا ناشتىدا بالىلار تېخى قوشۇق تەگكۈزمىگەن تاماقلارنى قارىتىپ تۇرۇپ تۆكىۋەتكىنى پەقەت ياقمىدى. مەن ئۇچۇردىكى ”نېمىنى ئىسراپ قىلسا كېيىن شۇنىڭ خارلىقىغا قالىدۇ، قىساسىنى تارتىدۇ“ دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان بولغاچ بۇلارنىڭ ھەرقانداق چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي ئۇلارنىڭكىنى خاتا دېگەندە چىڭ تۇردۇم ۋە قىزىمغا بۇ ھەقتە ئالاھىدە چۈشەنچە بەردىم. قىزىمنى يەسلىگە بېرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرتسەك تېنىدىكى كېرەكلىك ماددىلار تولۇق چىققانىدى. ئەمما ئايالىم كالتىسىي ئېلىپ ئۈچۈرۈشتە چىڭ تۇردى. دېمىسىمۇ ۋەتەندە دائىم تەكشۈرتسەك كالتىسىي، سىنىك دېگەنلەر ئەزەلدىن تولۇق چىقمايدىغان قىزىمنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپلا نورمال دەپ قارىلىشى بىزنى گۇمانغا سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەسلىدىكى بالىلار دوختۇردىن بالىمىزغا كالتىسىي يىگۈزمەكچى بولغىنىمىزنى، قانداق كالتىسىي يىگۈزسەك بولىدىغانلىقىنى سورۇدۇق. دوختۇر، ”بالاڭلار قېتىق ۋە سۈت ئىچەمدۇ؟“ دەپ سورىدى، ۋە بىزگە قېتىق ۋە سۈت ئىچىۋاتقان بالىغا كالتىسىي بېرىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بىز يەنە قايىل بولماي بىر دورىخانىغا باردۇق. ئۇ دورىخانىمۇ سۈت ۋە قېتىق ئىچەلەيدىغان بالىغا كالتىسىي بېرىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالدى. بىزگە قىزىمىزدا كالتىسىي كەم ئەمەسلىكىگە ئىشەنمەسلىكتىن باشقا ئامال قالمىدى. ئەمما ”كالتىسىي كەملىك“ سەۋەبىدىن ئۈچ يىل ئۇدا كالتىسىي ئىچكەن قىزىمىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ بىر ئايمۇ بولماي ھەممە جەھەتتە ساغلام چىقىشى بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.
قىزىم بىر كۈنى ياۋا گۈللەردىن دەستە تىزىپ، يوپۇرماقلاردىن ئادەم، ھايۋان ۋە تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ شەكىللىرىنى ياساپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. يەنە بىركۈنى بىر بالمۇز چوكىسىدىن رەسىم رامكىسى ياساپ ئىچىگە ئۆز رەسىمىنى بىر ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. دىققەت قىلسام ھەر ھەپتە بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى، غازاڭلاردىن ياسىغان گۈللىرى، قەغەزلەردىن قىيغان تۈرلۈك شەكىللىرى، كېرەكسىز پوتۇلكىلاردىن ياسىغان ”تۇرمۇش بويۇملىرى“ قاتارلىقلارنى يەسلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ تاختايغا چاپلاپ كۆرگەزمە قىلىدىكەن. دەسلەپتە مەن نەچچە ئايغىچە ئۇقماي قىزىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىگە تاللاندى دەپ خوشال يۈرۈپتىمەن. تېخى قىزىمنى ئەقىللىقتىن ئەقىللىققە چىقىرىپ ماختاپ بەرمىگەن ئادەم قالماپتۇ. كېيىن سورىسام يەسلىدە بالىلارنى بۇنداق دەرىجىگە ئايرىمايدىكەن. كۆرگەزمە قىلىنغان ئىجادىيەتلەر يەسلىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئىكەن. يەسلى ئوقۇتۇقۇچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بالىلارنى كىچىكىدىن باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، ئورتاق ئۇتۇق كەيپىياتىدا چوۇڭ قىلىش ئىلمىيلىك ئىكەن. ئەگەر تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار بۇنداق كۆرگەزمە ئارقىلىق دەرىجىگە تۇرغۇزۇلسا بالىلار ئۆزىنى ئاشۇ دەرىجىلەرگە بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىۋېلىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.

قىزىمىزنى ”ئامېرىكىچە“ تەربىيىلىيەلىدۇقمۇ؟
بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بۇنچە دىققەت قىلغانلىرىمغا قاراپ ”بۇلار بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قانچىلىك تەربىيەلەپ كېتىۋاتقاندۇ“ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۈزىتىش، ھېس قىلىش باشقا گەپ، شۇلاردىن بايدىلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ ئىكەن. بىز بالىمىزغا تاماق يىگۈزەلمەي، يەسلىدىكى ئوقۇتۇقۇچىسىدىن سورۇدۇق. قىزىم يەسلىدە تاماق يەيدىكەن. نېمىشقا ئۆيدە تماق يىمەيدۇ؟ شۇندىن كېيىن قىزىمنىڭ يەسلىدە قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. قىزىم يەسلىدە تاماق يەپ بولۇپ قاچىسىنى ئۆزى يىغۇشتۇرىدىكەن، شىرەسىنى ئۆزى سۈرتىدىكەن. ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ ئۆزى يۇغۇشتۇرىدىكەن. ”ئوقۇتقۇچىسى ”ئۇخلاش ۋاقتى بولدى“ دەپ بولغىچە يوتقىنىغا كىرىپ بولىدىكەن. ئەمما ئۆيدە يۇقىرىقى قىلىقلىرىدىن بىرنى قىلمايدۇ. پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىر ئىشىنى ئۆيدە قىلدى. بىركۈنى يېنىمدىن ئۆتمەكچى بولۇپ ”دادا، كەچۈرىسەن، مەن ئۆتۈۋالاي“ دېگەننى ئېنگىلىزچە دېدى. ئەمما ئۇيغۇرچىسىنى شۇنچە ئۆگەتسەممۇ دېمىدى. چۈنكى بىز ئۆيدە ئەر خوتۇن بىر-بىرىمىزگە ئۇنداق تۈزۈت قىلىپ يۈرمەيدىكەنمىز. تۈزۈت قىلىشىمىغانىكەن، تۈزۈتكە لايىق گەپلەرمۇ بولمايدىكەن، بىز دەپ كۆنمىگەندىن كېيىن قىزىمىزمۇ ئۆگىنەلمەيدىكەن. (بىز تۈزۈتنى تونۇمىغان، ياكى زىيادە ھۆرمەتلىكلەرگە قىلىدىكەنمىز، ئامېرىكلىقلار يېقىنلىرىغا بەكرەك تۈزۈتلۈك مۇئامىلە قىلىدىكەن). بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى، ئىنسان كىچىكىدىن موھىتتىن ۋە باشقىلاردىن ئۆلگە ئالىدىكەن. قىزىمنىڭ مەكتەپتىكى موھىتى ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان موھىت بولغاچ قىزىم ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىكەن. ئەمما ئۆيدە ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىز قىلىپ بېرىمىز شۇڭا ئۆيدە قىلمايدىكەن. كۆپىنچە مەن ئۆيدە داستىخان سالمايدىغان، يىغمايدىغان بولغاچ ئۇمۇ تەبىئى ھالدا بۇ ئىشلارنى باشقا بىرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايدىكەن. بىز تۈزۈتلۈك سۆز قىلمىغاندىكىن بىزدىن ئۈلگە ئېلىپ بىزگىمۇ تۈزۈتلۈك گەپ قىلمايدىكەن. دېمەك ئىنسان كىچىكىدىن باشلاپ سورۇن ۋە سالاھىيەتكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. يەسلى قىزىمنىڭ نەزىرىدە يەسلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان سورۇن. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى سالاھىيىتى باشقىلار بىلەن باراۋەر. ھەتتا ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىسمى بىلەنلا چاقىرىدۇ، بىللە ئۇينايدۇ، ئۇلارنى يا مۇئەللىم، يا ئاچا دەپ چاقىرمايدۇ. بۇنداق ھەر ئىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئۇنىڭغا بىر مۇستەقىل ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى بەرگەن. ئۆيدە بولسا ئۇنىڭ ھەممە ئىھتىياجلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنىدىغان، ئۇ دائىم يېتەكلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سورۇن شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭ كۆپ ئىشقا باش قاتۇرىشىغا ۋە قول سېلىشىغا ھاجەت يوق. بۇ يەردە ئۇنىڭ سالاھىيىتى باشقۇرۇلغۇچى، قوغۇدالغۇچى، تەلەپلىرى قاندۇرۇلغۇچى شۇڭا ئۇنىڭ سالاھىيىتى پاسسىپ، تايانغۇچى. بىز قىزىمىزنى ھىچ بولمىسا تامىقنى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ئۆزى يىسۇن دەپ نەچچە ئون قېتىم دېيىشتۇق، ئەمما ئايالىم تاماق پىشقاندا مەسئۇدەنىڭ كەينىدىن قوشۇقنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈشنى ئىزچىل تاشلىيالمىدى. بۇنى قىلالمىغىنىمىزدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرىشىمىز تەس ئوخشايدۇ.
مەن بىزنىڭ تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە ۋە ئامېرىكلىق دوستلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغىنىمدا ئامېرىكلىقلار بىلەن ئارىمىزدىكى بىر پەرققە دىققەت قىلدىم. بىز تۈرك ئۇيغۇرلار ساھىپخان بولغان ۋاقتىمىزدا بالىمىز بىلەن مىھماننىڭ بالىسى ئوينۇشۇپ جىدەل قىلسا ياكى بىر ئويۇنچۇقنى تالىشىپ قالسا ئورتاق ھالدا بالىمىزدىن گۇناھ ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن ئۆز بالىمىزغا تەنبىھ بېرىدكەنمىز. ھەدىسە گۇناھنى ئۆز بالىمىزدا قويىدىكەنمىز. مەن ھەتتا بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ”قىزىم خاتا قىلدى، كەچۈرۈم سورىسۇن“ دېسەممۇ ئۇنىماي ھىچ خاتا قىلمىغان قىزىنى جىملىدى. بۇ ئادەتنى ئەلۋەتتە بىز ۋەتەندىن كۆتۈرۈپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتساق قىزىمىزنىڭ بۇنداق مەدەنىيىتىمىز سەۋەبلىك باراۋەرسىز مۇئامىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئادىتىمىزگە قاراپ مەن قىزىمنى ھەممە ئادەم، ھەممە جايدا بىر بىرى بىلەن مۇتلەق باراۋەر دېگەن ئامېرىكىچە روھتا تەربىيىلىيەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر قانداق ئىشقا بىر ۋاقىت چېكى بېكىتىدىغانلىقىنى باشقتا دېگەنىدىم. ئەلۋەتتە مەنمۇ بالامنى شۇنداق ۋاقىتچان روھتا يېتىشتۈرمەكچى بولدۇم. ئەڭ ئاددىسى قىزىمنىڭ قورچاق پىلىم كۆرۈشىگە بىر قېتىمدا بىر سائەت دەپ تۈزۈم بېكىتتىم. ئەمما ئۆزەم كىتاپ ئوقۇپ ياكى باشقا ئىش قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا بېكىتىپ بەرگەن ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالدىم. يەنە بىرى ۋاقىتنى تەكىتلىگەن بولساممۇ قىزىمنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاقىتنى چەكلىمىسىز ئۇزارتتىم. نەتىجىدە قىزىمىزغا بەلگىلىك ئىشنى چوقۇم بەلگىلەنگەن سائەتتە قىلىش كېرەك دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈپ بولالمىدۇق. بۇندىن باشقا ئامېركىلىقلارنىڭ مۇكاپات جازاسى ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان تۈزىمى بالىلرىغا كىچىكىدىن سىڭدۈرىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. ئەڭ ئاددىيسى قىزىمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرالمىدۇق. سەۋەبى بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدىنى ئۆزىمىز چىدىماي بۇزۇپ قويۇپ قايتا ئۆتمەس قىلىپ قويدۇق. قارىغاندا قىزىمىزمۇ ھىسسىياتنىڭ ھەرقانداق پرىنسىپ ۋە توساقلارنى يىمىرىپ تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ چوڭ بولسا كېرەك. مەن بۇلارنى قىلالمىدىم دېگىنىم باشقىلارنىمۇ قىلالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ بالىمىزنى ئۆزىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق، ئۆز ئايىمىزدىكى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن دېيىشىمىزى ئاسان ئەمەسكەن. بىز بالىمىزدا ساغلام قىلىق يېتىدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز قىلىقلىرىمىزنىلا ئەمەس ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ۋە مەھەللمىزىدىكى ھەتتا مەكتەپتىكىلەرنىڭ قىلىقلىرىنىڭ توغرا-دۇرۇسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەككەن. بۇلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىنسان ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن ئىزچىل ئۇتۇققا ۋە ئىززەتكە ئېرىشدىغان ئەگەر ئۇلاردىن مەھرۇم قالسا ئىزچىل زىيان تارتىدىغان چوڭ موھىتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەككەن. ئۇنداق بولمىغاندا بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرەر مەزگىللىك تىرىشچانلىقى جەمئىيەتنىڭ ئېقىمى ئالدىدا سۈپۈرۈلۈپ كەتكۈدەك. قارىغاندا قىزىم ئامېرىكىدا ئايالىم ئىككىمىز بىلەن ئۇزاق ياشىسا بىزدىن ئۆگىنەلمىگەنلىرىنى مەكتەپتە ۋە ساۋاقداشلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرى بىلەن تولۇقلاپ ئامېرىكىچە ئادەم بولالىسا كېرەك. بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىز ئاجايىپ مۇرەككەپ. بىر بولسا دەيمىز قىزىمىز ئامېرىكىلىقلاردەك مۇستەقىل، ئىجاتچان، باراۋەرچىل. ھۆرلۈكسۆيەر، تۈزۈمچان، ۋاقىتچان بولسىكەن دەيمىز. يەنە بىر بولسا قىزىمىزنىڭ ئامېرىلىكلىقلاردەك راھەتپەرەس، ئۆزۈمچىل، كۆيۈمسىز بولمىسىكەن دەيمىز. بەزىدە بالىلىرى ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئاتا ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزبالىدەك ئەمەسلىكىدىن، ئۇغۇللىرىنىڭ ئائىلىگە مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن قاقشاشلىرىنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلاپ قالىمەن. ئويلاپ باقسام ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلارنىڭ سۆيۈنىدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكلىقلاردىن ئۆگىنەلمىگەن تەرىپنى بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىۋالغىنىدىن ئىكەن، قاقشايدىغىنى بالىلىرىغا ئۇيغۇرلۇقنى ئۆگىتەلمىگىنىدىن ئىكەن.

يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
بىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، ”قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى…“ دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىدىم. كېيىن تەپسىلى ئويلاپ باقسام، قىزىمنىڭ ”سازاڭ نېمە يەيدۇ؟“ دېگەن ئىنگىلىزچە سۇئالىغا بايقىمايلا ئۇيغۇرچە ”ئوت“ دەپ جاۋاپ بېرىپ ئىشىمنى داۋام قىلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. قىزىم ئۇيغۇرچە ئوت دېگەن سۆزنى ئوت-يالقۇن دېگەن مەنىدە چۈشىنىۋاپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن قىزىمنىڭ تىلىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇرۇن مەن ئۇنى ئۆيدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرچە گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىۋاتىدۇ دەپ ئىرەڭ قىلمىغانىكەنمەن. يۇقارقى ئىشتىن كېيىن كۈزىتىشكە باشلىدىم. مەسئۇدە يېڭى كەلگەندە تېلۋىزورنى چۈشىنەلمىگەچ بەك كۆرۈپ كەتمەيتتى. ھازىر تىلۋىزورغا كىرىپلا كېتىدۇ، ھەتتا توردىن بىركىنو تېپىپ بەرسەم ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا كىنولارنىمۇ قويۇپ سائەتلەپ تۇرمايدۇ. بۇرۇن ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ۋەتەندىكى بۇرادەرلەرگە تېلىپۇن قىلساق سۆزلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئارىدىن ئۈچ -تۆت ئاي ئۆتۈپلا خوش ياقماس بولدى. ھەتتا ئۆزى بۇرۇن ئامراق بىر تاغىسىنىڭ ئىسمىنى قانچە تەكرارلاتساقمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلالمىدى. مەن دەسلەپ بۇنى ئۇزاق كۆرۈشمىگەندىن كېيىن بولغان ياتسىنىشمىكىن دەپتىمەن. دىققەت قىلسام ئۇيغۇرچىنى ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلىيەلمىگەچكە ئاڭلاپمۇ خوش بولالمايدىكەن. بىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزى ئاز بولغاچقا مۇرەككەپرەك سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن. تىل ئورتاقلىقى تۇتۇقلاشقاچقا بۇرۇن بىزدىنمۇ چارە كۆرىدىغان بوۋا-مومىلىرى بىلەن مۇڭداشقىسى كەلمىگەنىكەن. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر دوستىمىز ئەركىلىتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلسا، ”نېمە دەۋاتىسەن، چۈشىنەلمىدىم. سەن ئىنگىلىزچە بىلمەمسەن؟ يەسلىدە ئوقۇمىغانمۇ سەن كىچىكىڭدە؟“ دەپ سۇئال ياغدۇرۇپتۇ ئىنگىلىزچىلاپ. قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى تەدىرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانغا چۈشتۈم. ئۇيغۇرچىغا بىراقلا زورلاپ كۈچەپ كەتمىدىم، ئەمما قىزىمنى ۋەتەندە ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. مائارىپنىڭ، تېلۋىزورنىڭ، كىتاپنىڭ ئانا تىلنى بويسۇندۇرۇش سۈرئىتىدىن شۈركىنىپ كەتتىم. بالامنىڭ كەچۈرمىشىدىن قارىغاندا ئانا تىلى تېخى مىڭىسىگە تولۇق ئورۇنلاشمىغان بالىلارغا يەسلىدىن يات تىل ئۆگىتىش بالىنىڭ ئانا تىلدا يېتىلىدىغان تەپەككۇرىنى بىتچىت قىلىپلا قالماي تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىمۇ يات تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا كۆندۈرۈپ تاشلايدىكەن. ھەتتا ئانا تىلدا بىر قېرىندىشىنىڭ ئىسىمنىمۇ ئەپلەپ تەلەپپۇز قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. بىز ئىزچىل ئۆيدە ئىنگىلىزچە سۆزلىمەيتتۇق ۋە قىزىمغا سۆزلەتكۈزمەيتتۇق، شۇنچە قىلساقمۇ ”ئۆي“ دىكى ھىساپ ”تالا“ غا توغرا كەلمىگەن ئوخشايدۇ. بالامنىڭ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ دۇنياسى يەسلىدە ئۆگىتىلىۋاتقان يات تىل بىلەن يارىلىشقا باشلاپتۇ.
تېلۋىزوردىن باشقا بالامنىڭ ئانا تىلىنى بۇنچە تېز ئۇپراتقان ئامىلنىڭ يەنە بىرى يەسلى ۋە كىتاپ. يەسلىدە كۈندە بىر قانچە قېتىم مەخسۇس كىتاپ ئوقۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقىمۇ قىزىم كىتاپقا بەك بېرىلىپ كەتتى. چاتاق يېرى يېنىمىزدا ھازىر بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپ يوق، شۇڭا ئىنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىمىز. بىزدەك ئېنگىلىزچىنى قېرىغاندا ئۆگەنگەنلەرگە بالىغا خەقنىڭ تىلىدا ھىكايە ئوقۇپ بېرىش ئەپ كەلمەيدىكەن. ۋەتەندىن ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە كىتاپلار بالامغا ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتتى. ئېنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بەرمەي ئامال يوق. قىزىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزنى ئۆلچەملىك ئۆگەنگەچكە بەزىدە مېنىڭ تەلەپپۇزۇمنى چۈشەنمەي سوراپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ياخشى بولدى، ئېنگىلىزچىنى ئۆزلۈگۈمدىن ئۆگۈنۈپ خاتا تەلەپپۇز قىلىۋالغان بەزى سۆزلەرنى تۈزۈتىۋالدىم. ھەمدە شۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى قىزىمدىن سوراپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋالدىم. يەسلىدە بالىلارغا كىتاپ ئوقۇغاندا بىر ئوقۇتقۇچى كىتاپ ئوقۇسا قالغان ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بىللە ئاڭلايدىكەن ۋە ۋەقەگە ماس ئاۋاز ۋە ھەركەتلەرنى چىقىرىپ تىياتىر كەيپىياتى يارىتىدىكەن. قىزىمغا بۇ بەك ياراپ كەتكەن بولسا كېرەك، كىتاپ ئوقۇتۇش جەريانىدا مېنى دوراتمىغان ھايۋان قالمىدى. كىتاپ ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى پات پات سۇئال سورايدىكەن ۋە بالىلارنىمۇ سوراشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. ھەتتا بالىلاردىن كېيىنكى ۋەقەلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى سورايدىكەن. مەن بۇلارنى بىلمىگەچكە قىزىمدىن تولا تەنقىد يەپ كەتتىم. بىر بولسا سۇئال سوراشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم، يەنە بىر بولسا ئويۇن كۆرسىتىشنى. ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىنى پەرەز قىدۇرۇشنى تېخى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم.
بالامغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ خىيالىم بالىلىرى خەنسۇچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كەتتى. شۇ ناتىۋانلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى، ياكى بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇتۇپ ئاڭلىيالمايدىغانلىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى. ئۇلارنىڭ خەنسۇچە بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى چۈشىنەلمەي، تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشەندۈرەلمەي قىينىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېزىلىپ كەتتىم. يات تىلدىكى تەربىيەدە چوڭ بولغان بالىلار مەكتەپتە بىلگەن بىلىملىرىنى ئاتا ئانىسىغا زوق شوقى بىلەن سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆز بىلىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەمنۇن قىلغاندىكى خۇشاللىقتىن بەھىر ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان بىلىملىرى كىتاپتىن، ئېشىپ مەكتەپنىڭ قورۇسىدىن چىقالمايدۇ. دەرسخانىدا ئالغان بىلىم ئۆيدە كېرەكسىز، ئېتىزدا پايدىسىز، مەھەللىدە خېرىدارسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە بىلىدىغانلىقىنى مەھەللە-كوي، قوشنا-قولۇم بىلمەيدۇ، سورىغان تەقدىردىمۇ يات تىلدا ئوقۇغان بۇ بالىلار چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىلىم نومۇرغا ۋە تەقدىرنامىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە پەقەت نومۇرى بىلەنلا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى نومۇرى بىلەنلا رازى قىلىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا جەمئىيەتنى، تەبىئىيەتنى، ئىنساننىڭ نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىگەن بۇ بالىلارنىڭ نەتىجىسى، ئىستىقبالى قانچىلىك بولماقچى؟ كېينچە نومۇر ئەمەس پەزىلەت ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان رىقابەت دۇنياسىدا قانچىلىك رىسىققا ئېرىشمەكچى؟… بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش دېگەنلىك مېھىر سىڭدۈرۈش دېگەنلىكتۇر، بالىغا مەدەنىيىتىمىزنىغۇ سىڭدۈرۈشكە چارىسىز قالدۇق، ئەمدى مىھرىمىزنىمۇ سىڭدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىزمۇ؟ بوۋىمىز ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، غۇرۇرلۇنۇپ ئوقۇغان كىتابنى، ئانىمىز تەۋەرۈك بىلىپ ساقلىغان خاتىرىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش پۇرسىتىمىز بولمىسا، بىلمىگەننى ئانا تىلدا سوراپ، بىلگەننى ئۆز تىلدا ئۆگىتەلمىسەك بالىمىزنى كىم ئۈچۈن بېقىۋاتقاندىمىز؟ بالامنىڭ ”دەدى“ دېگەن ئېنگىلىزچە چاقىرىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. ”دادا دەڭە بىر ئۇيغۇرچە، مەن ئېنگىلىزنىڭ دادىسى ئەمەس!“ دېدىم قوپاللا.
قىزىم نېمىشقا سازاڭنى ئوت-يالقۇن يەيدۇ، دەپ چۈشىنىپ قالدى؟ چۈنكى يەسلىدە ئىنگىلىزچە تەربىيە ئالىدىغان قىزىم دۇنيانى شۇ تىلدا تەسۋىرلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئىنگىلىزچىدە بىرگە بىر تەڭدىشى بولغان سۆزلەرنى خاتاسىز ئاڭقىرالايدۇ. كۆپ مەنىلىك، ھىسسىي ۋە كۆچمە مەنىلىك ئىبارىلەرنى مۇجىمەل چۈشىنىپ قالىدۇ، ياكى ئىگىلىيەلمەيدۇ. ھەرقانداق تىلدا بىرگە بىر تەڭدىش تېپىلىدىغان سۆزلەر كۆپىنچە تۇرمۇش سۆزلىرى بولۇپ ئىنساننىڭ روھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ سۆزلەر قايسى تىلدا دېيىلسە مەنە ئالمىشىپ كەتمەيدۇ، خاتا چۈشىنىلمەيدۇ. بىز ئانا تىلىمىزدىكى قىزىمىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، قىزىمىز ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دېگىنىمىز بىلەن بالىمىز گەپلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆزى پىششىق تىلدا مەۋجۇد بولغان ئۇقۇملارنىلا مىڭىسىدە تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلىۋالىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. تەرجىمە قىلالمىغانلىرىنى رەت قىلىدۇ ياكى ئۇنۇتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيتىگە يەنى ئىتىقادى، گۈزەللىك قارىشى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلى…قاتارلىق تەرەپلەرگە دائىر سۆزلەرنى ئادەتتە بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلغىنى بولمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە مۇنداق سۆزلەرنى ئۆگەنمەك، سۆزلىمەك تەس بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن شۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەرگە ئۇيغۇن ياشاشىنى تەلەپ قىلماق بالىغا ئەقلى ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بىز ئۇيغۇرچە ياشاۋاتقان دۇنياغا كىرىدىغان ئاچقۇچ- ئانا تىلدىن مەھرۇم. قايسى تىلدا ھوزۇر ئالساق شۇ تىلنىڭ شەيدالىرىغا ئايلىنىمىز، شۇ تىل ھەقدارلىرىنىڭ خېرىدارلىرى، سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قالىمىز. بىزنىڭ خوجايىنلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىز، غۇرۇرىمىز ئانا تىل بىلەن قاشالانغان دۇنيادا تاشلىنىپ قالغان بولىدۇ. بالامنىڭ تىلى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ دۇنياسى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسجىد بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكىسپىر، چىركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى…بولىدۇ. بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئەتلەس، ئاڭلىساقلا ھاياجانغا سالىدىغان تەمبۇر، قانچە كەزسەك ھارمايدىغان بازار- رەستىلەر قىزىمغا بىر قېتىملىق ساياھەت ئۈچۈن قىزىقارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. بەزىدە دېمىغىمغا شۇنداق بىر شۇملۇق پۇراپ كېتىدۇ. بالامنىڭ ئامېرىكىدا ئىنگىلىزچە، جۇڭگۇدا خەنسۇچە يارىلىدىغان دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تونۇم بىلەن مەتۇ كۆرۈنۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.

يەسلىدىكى تەجرىبە ۋە تەتقىقات
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
”سازاڭ ئوت يەيدۇ“ ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ گەپنىڭ نېمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى بىلىشكە قىزىقتىم. سوراشتۇرسام بالىلارغا كۈندە بىر قېتىم تەبىئەت بىلىملىرى چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇ تەربىيە مەكتەپنىڭ باغىچىسى (مەكتىپىمىزنىڭ باغچىسى بەك چوڭ، بىنالار ئورمانلار، چىملىقلار ئارىسىغا بېزەك ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ)، تەبىئەت مۇزىيى، تەبىئەت تارىخى مۇزىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋام قىلىدىكەن. بالىلار ئاۋال مەكتەپ باغىچىسىدا ئۆسۈملۈك ۋە ھاشاراتلاردىن ئەۋرىشكە توپلايدىكەن، ئاندىن سىرىتتا كۆرگەنلىرىنى مۇئەللىمىگە ۋە ساۋاقداشلىرىغا سۆزلەپ بېرىدىكەن. بەزىدە تېخى سىرىتتا كۆرگەن نەرسىلىرىنى سىزىپ ئوينايدىكەن. بىر كۈنى قىزىم تەبىئەت تەربىيىسىدىن بىلگەنلىرىنى مۇنداق بىر رەسىمگە يىغىنچاقلاپتۇ. رەسىمدە بىر ئۆي، ئۆينىڭ ئالدىدا چىملىق، چىملىقتا تىيىن، مۈشۈك، دەرەخ، ئاسماندا شالاڭ بۇلۇت، قۇياش ۋە ھەسەن-ھۈسەن. مەن ھەسەن ھۈسەننىڭ يەتتە خىل رەڭدا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇ رەڭلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى قىزىمدىن ئۆگەندىم، ئوقۇتقۇچىسى رەسىم سىزىش جەيانىدا كۆرسۈتۈپ قويۇپتۇ. مەن ئىككى نەرسىدىن ھەيران قالدىم؛ بىرى قىزىمنىڭ شۇنچە كۆپ نەرسىنى بىر ۋاراق قەغەزگە چىرايلىق بىر رەۋشتە ئورۇنلاشتۇرالىغىنىدىن، يەنە بىرى رەڭلەرنى ماسلاشتۇرالىغىنىدىن. دېمەك قىزىم كۆڭۈلدىكى تۇيغۇنىڭ قانداق تەرتىپتە ۋە قانداق رەڭلەردە شەكىلگە كىرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى قىزىم ئورمان دېگەن بىر ناخشىنى بەك ئوقۇپ كەتتى، قىزىقسىنىپ ”بالام ئورماندا نېمە بار“ دېسەم، ساناپ تۇرۇپ 28 ھايۋاننىڭ ئىسمىنى دەپ بەردى. بەزى ھايۋانلارنىڭ ئىسىمىنى ھەتتا مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
بىر جۈمە كەچتە قىزىم مەن تەتقىقات قىلىمەن دەپ قالدى. ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، چۈنكى تەتقىقات دېگەن سۆزنى مەن تۆت ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىم تۇنجى قېتىم ئېدى. ئېيتىشىچە پىلانى بارمىش، مۇئەللىمىگە دۈشەنبە كۈنى دوكىلات قىلىدىكەن. تېمىسىنى مۈشۈك ھەققىدە بېكىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى شەنبە كۈنى تەبىئەت مۇزىيىغا، يەكشەنبە كۈنى شەھەرلىك كۈتۈپخانىنىڭ بالىلار سارىيىغا ئاپىرىپ مۈشۈككە دائىر بىلىملەر بىلەن ئۇچراشتۇردۇق. مەخسۇس مۈشۈكنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان سنتەخسە ئېلىپ بەردۇق. قىزىم ھەرخىل مۈشۈك تۈرلىرىنىڭ رەسىمى، مۈشۈك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياقتۇمايدىغان نەرسلەرنىڭ رەسىملىرىنى چوڭ بىر ۋاراق قەغەزگە سىزىپ، بەزىلىرىنى قىيىپ چاپلاپ دۈشەنبە كۈنى يەسلىگە يۈرۈپ كەتتى.
بىركۈنى تاماقتىن كېيىن كولا ئىچىپ تۇرسام قىزىم ”دادا، كولا چىشقا زىيانلىق، قاراپ تۇرسام ئىككى قۇتا ئىچىۋەتتىڭ“ دەيدۇ. نەدىن بىلگىنىنى سورىسام يەسلىدە مۇئەللىمى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپات بېرىپتۇ. قىزىم ساڭا كۆرسىتىپ قوياي دەپ ئاۋال بىر ئىستاكانغا كولانى قۇيۇپ ئىچىگە بىر تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سالدى. ئىككى سائەت ساقلايدىكەنمىز. ئىش بىلەن بولۇپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بىر چاغدا چاقىرىدۇ، قارىسام ھېلىقى شاكال كولا ئىچىدە ئېرىپ كېتىپتۇ. قىزىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بىزنىڭ چىشىمىز تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشايمىش. تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى ئېرىتىپ تاشلىغان كولا، زىيادە ئىچىلسە چىشنىمۇ چىرىتىپ تاشلايمىش.
بالامنىڭ يەسلىسىدە مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر نەرسە گولوبۇس بولدى. سىنىپتا ھەر بىر بالىغا بىردىن يەتكۈدەك گولۇبۇس تۇراتتى. 4-5 ياشلىق بالىلار ئوقۇيدىغان قىزىمدىن يۇقىرى يىللىقنىڭ مۇئەللمىدىن قىزىقىپ سورۇسام بەزى بالىلار گولۇبۇستىكى خەتلەرنى ئوقۇماي تۇرۇپلا قايسى دۆلەتنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. يەسلىدە ھەر تۆت بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ قايسى نېمە ئوينىسا مۇئەلىلىم شۇنى كۈزىتىدىكەن، ئەگەر بىرەر سۇئال سورىغۇدەك بولسا بېرىپ چۈشەندۈرىدىكەن، ياكى ئويناۋاتقان بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ سۇئال سورايدىكەن. يەسلىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىدى ئاساسەن بالىلارنىڭ قىزىقىشغا سورۇن ھازىرلاش، قىزىقىشنى يېتەكلەش ۋە رىغبەلەندۈرۈش ئىكەن. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى پاراڭلىشىش شەكلىدە بولىدىكەن. ئوقۇتۇقۇچىلار بالىلارنىڭ قولىنى يالاش، بۇرنىنى كولاش، يەل قويۇۋېتىش، قوپاللىق قىلىش قاتارلىق قىلىقلىرىغا ئايرىم ئايرىم چۈشەنچە بېرىدىكەن. بۇندىن باشقا باشقىلار ئىسمىنى چاقىرغاندا قانداق قىلىش، باشقىلاردىن يارىدەم سورۇغاندا نېمە دېيىش، باشقىلار يارىدەم بەرگەندە قانداق رەخمەت ئېيتىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە نېمە دېيىش، باشقىلار بىلەن تاساددىپى دوقۇرۇشۇپ قالغاندا نېمە دېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى كۈندە تەكىتلەپ ئۆگىتىدىكەن. بۇ ئامېرىكىلىقلارنى نېمىشقا ئورتاق بۇنداق ئەدەپلىك، سلىق سۆز، يارىدەمسۆيەر كېلىدىكىن دېسەم بۇ يەسلىدىن تارتىپ سىدۈرۈلگەنلىكتىن ئىكەن. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ئاۋال ئەسكەرتىدىكەن، يەنە ئاڭلىمىسا تۇرغان يېرىگىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. مەسئۇدە بىر يىل ئىچىدە بىر قېتىممۇ مېنى بىرسى ئۇردى ياكى تىللىدى دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەلمىدى. بىزنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەتتا ئۇنۋېرىستىتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋە بولۇش مەسلىسى خېلى كەڭرى بولغاچقا بۇ ھەقتە سورۇدۇم. مەكتەپتە بالىلارنىڭ بىر بىرىنى بۆزەك قىلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. باشقىلارنى سەۋەبسىز ھاقارەت قىغلۇچى بالا ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ مەكتەپتىن بىر ھەپتىلىك قالدۇرلىدىكەن، بۇ ئىش ئىككىنچى قېتىم يۈز بەسە گەپ يوق قوغلىنىدىكەن. بىر مەكتەپتىن قوغلانغان بالىنىڭ يەنە بىر مەكتەپتىن قوبۇل ئالمىقى بەكمۇ مۈشكۈلكەن. كىچىكىدىن بۇنداق قائىدىلىك چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بىراقلا بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. بىزنىڭ ئەدەپ قائىدىلىرىمىز پەقەت ئۆيدىلا تەكىتلىنىدۇ. مەكتەپلەر يا ئۆزى تەرغىپ قىلىۋاتقان جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى يا كومۇنىستىك ئىدىيىنى سىڭدۈرەلمەي، ئۆز ئەخلاقىمىزنى مائارىپ ئارقىلىق ئىلمىي ئۆگەتمەي، مەدەنىيەتكىمۇ، پۇقراغىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. مەن ئامېرىكا يەسلىلىرىنىڭ بالىلارغا ھەم بىلىم ھەم تەجرىبە ۋە ئەخلاقنى تەڭ ئۆگىتىپ ماڭىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇل ۋە شەكىللىرىنى ئۆگەندىم. ئاللاھ خالىسا بىزمۇ شۇنداق تەربىيە شارائىتى يارىتىپ ئويلىيالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان، قىلىقلىرى ۋە خۇيلىرى يېقىشلىق بالىلارنى تەربىيەلىسەك دەيمەن. مەن ساغلاملىق تەربىيىسى، مۇۋەپپەقىيەت تەربىيىسى ۋە بالىلار تەربىيىسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ باقساق دەيمەن. بۇلارنى يېزىشتىكى مەقسەد بىر ئەندىزىنى تونۇشتۇرۇش، تەھقىقكى، بۇ شۇنداق ئەندىزىنى ئۆزىمىزدە بەرپا قىلىش ئۈچۈن موھىم.

ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس

بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ ”قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىگە تېرىسىنىڭ ئاق بولغانلىقىنى ياكى ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلدى. شۇ نەق مەيداندا بالىلارنىڭ ئانىلىرى بار بولۇپ نەتىجىدىن تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھەتتا بىر ئايال ”مەن بالامغا ئىرق توغرۇلۇق ھىچ نېمە دېمىگەن. مېنىڭ ھەر خىل ئىرق ھەر خىل مىللەتتىن دوستلۇرۇم بار. مەن بالامدا نېمىشقا بۇنداق ئوي شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. قارىغاندا مېنىڭ باشقا ئېرقتىكىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ بالامغا ئىنساننىڭ ئىرىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرشۇم يېتەرلىك بولمىغان ئوخشايدۇ“ دەپ يىغلاپ كەتتى.
تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن 130 بالىنى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياش گورۇپپىسى بويىچە تەكشۈرگەن بولۇپ 4-5 ياش گورۇپپىسىدا 76% بالا تېرىسى قارا بولغان قونچاقلارنى ”دۆت، ناچار، سەت“ بالىلارغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن. 9-10 ياشلىق بالىلار گورۇپپىسىدا بۇنداق قاراش 59% بولغان. بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسىگە بەزىلەر قارشى چىقىپ بۇ تەجرىبىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. بەزى ئىنكاسچىلار ”ئاق تەنلىك بالىلار قايسى قونچاق ئۆزىگە ئوخشىسا شۇنى ئەقىللىق، چىرايلىق ۋە ئېسىل دەپ تەرىپلىدى“ بۇنىڭ ئىرقچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېدى. بۇنداق دېگۈچىلەر يەنە ”قارا رەڭنىڭ قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، ياۋۇزلۇق دېگەندەك كۆچمە مەنىلەردە قوللۇنىلىشى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ پەقەت رەڭ ھەققىدىكى تونۇش مەسلىسى ئېرقچىلىققا كىرمەيدۇ،“ دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر بۇنداق قاراشقا ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەت سەۋەپچى دەپ قارىغان، بالىلار گۇناھسىز، ئۇلارنى ئىرقچى دېگىلى بولمايدۇ، دېدى.
ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ئىرق قارىشى ھەققىدىكى بۇ تەتقىقات قارا تەنلىك بالىلار ئارىسىدىمۇ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ بۇ باللاردىمۇ ئاق تەنلىككە ئوخشۇتۇلغان قوچاقلارنى ئىجابى باھالاش خاھىشى كۆرۈلگەن. بۇنداق تەتقىقات ئامېرىكىدا 1940-يىللىرىمۇ ئىشلەنگەن بولۇپ ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك بالىلارغا توم قارا قورچاقتىن تارتىپ ئاپئاققىچە بولغان قورچاقلاردىن بىرىنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان. قورچاقلارئەڭ ئامراق، سەل ئامراق دېگەندەك ئامراقلىق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىلغاندا ئاق قورچاق قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئورتاق ئامرىقى بولۇپ چىققان. بۇنىڭ سەۋەبىگە چۈشەنگەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قارا تەنلىكلەرنى ئايرىم مەكتەپ ۋە ئايرىم سىنىپلاردا ئوقۇتىدىغان ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇندىن كېيىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم مەلۇم ساندا ئوخشىمىغان ئېرقتىن بولۇشى بەلگىلەنگەن ئىكەن. يۇقارقى تەتقىقاتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
[url]http://www.cnn.com/2010/US/05/19/doll.study.reactions/index.html?iref=allsearch[/url]
مەن يۇقارقى مەسىلىنى مۇنداق ئويلۇدۇم. ئامېرىكىدا بالىلار كىچىكىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىنىدۇ. بالىلارنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسىمۇ قالتىس، كارامەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنىڭ كىچىككىنە قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن چىقىپ قالسا قانچە پۇل، قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قولدىن بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بالىلاردا ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ يېتىلىدۇ. يۇقارقى تەجرىبىدە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئاق قونچاقلارنى ئەقىللىق، چىرايلىق، ئېسىل دەپ قارىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ”ماڭا ئوخشىغاچقا شۇنداق“ دەپ چۈشەندۈرىشى يۇقارقى ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى. مەزكۇر تەجرىبىدە مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر مەسىلە قارا تەنلىك قىز بالىلارنىڭ ”تېرىڭىزنىڭ قانداقراق رەڭدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىز؟“ دېگەن سۇئالغان ئاقراق قونچاقلارنى كۆرسەتكىنى بولدى. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى تېلۋىزور ۋە كىنولاردا ساھىپجاماللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاق تەنلىك بولغىنىدىن بولسا كېرەك.
تەتقىقاتتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نوقتا، ئاق تەنلىك بالىلاردىكى ئۆز ئىرقىغا بولغان مايللىقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ ئاجىزلىشىشى. مەنچە بۇ جەمئىيەت تەربىيىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مائارىپتىكى يېتەكلەشنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ھەرخىل ئىرقتىكى، ھەرخىل مىللەتتىكى بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ بىرلىكتە ئوقۇشى رىغبەلەندۈرىلىدىكەن. بۇ يالغۇز ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئەمەس ئالى مەكتەپتىمۇ شۇنداقكەن. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنۋېرىستىتتىكى ھەممە پاكۇلتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىگە قاراپ باقتىم، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك بولغان بىرمۇ پاكۇلتىت يوقكەن. بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان، باشقا ئېرقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز يەر دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، مەن مەيلى تاللا بازىرىغا باراي، ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا باراي پۈتۈنلەي ئاق تەنلىك ئىشلەيدىغان ئىشنى كۆرمىدىم. كۆرۈپ باقاي دەپ سوتنىمۇ زىيارەت قىلىپ كەلدىم، قارا تەنلىك كاتىپ قىز شۇنداق قىزغىن كۈتىۋالدى. ئوندەك سوت زالىغا قاراپ باقتىم، ئۈچ سوتچى قارا تەنلىككەن. بۇ شەھەرنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسىدا قارا تەنلىكلەر بەش پىرسەنتىكىمۇ يەتمەيدۇ. دېمەك، ئامېرىكىلىق بالىلار يۇقارقى ئىرقلار باراۋەر ياشاۋاتقان رىياللىققا يۈزلىنىپ ياشاش جەيانىدا، ئەقلىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئىرقىي تەرەپتارلىقتىن قۇتۇلۇپ ماڭىدىكەن.
بالامنىڭ يەسلىسىدە قونچاقلار قارا، قوڭۇر ۋە ئاسىيا چىراي قىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەد بالىلارنىڭ كاللىسىغا ئىرقىي چۈشەنچىنىڭ ئورناپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بالام بىلەن يەسلىدە بالىسى بىللە ئوقۇيدىغان بىر چىڭخەيلىك ئايال بار ئېدى. بىر كۈنى بالىلار ساغلاملىق مەركىزىگە بىللە باردۇق. بالىسى تۇنجى قېتىم تەكشۈرىلىۋاتقان بولغاچقا ئېغىرلىقى، بويى، تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىق ئۇچۇرلار سورالدى. بالىسنىڭ ئىرقى سورالغاندا ”ئاق“ دەۋاتىدۇ. ھەيرانلىقمنى يوشۇرالمىدىم. سەۋەبىنى سورۇسام، ”ناۋادا بالامنى ئاسىيالىق دەپ بەرسەم، پاكىستان، بېنگاللىقلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە تەكشۈرىشى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆچرەتتىمۇ تۇرغۇم يوق. ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم بىلىدۇ بالىلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل بارمۇ تېخى“. قىزىق يېرى بۇ ئايال ئامېرىكا دېگەن يەردە قارا تەنلىكنى ئايرىم، ئاسىيالىقنى ئايرىم ئۆچىرەتكە تىزمايدىغانلىقىنى، ئايرىم تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىنسا قانۇنى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ پەرەز قىلالمايدۇ. مەن بۇلارنى بىلگەچكە گەپ قىلمىدىم، ئۇنىڭ قىلمىشىدىنمۇ ئاغرىنمىدىم، پەقەت ئىنسانلىقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تونۇيالماي مۇشۇ ياشقا كەلگنىگە ئېچىندىم. ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئىرقچىلىقنى سىڭدۈرگەن موھىتتىن، ئۇنى ئايرىمچىلىققا مايىل يېتىشتۈرگەن جەمئىيەتتىن ئەپسۇسلاندىم.
يەسلىدە مەن دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئوغۇل قىزلارنىڭ ئوخشاشلا قونچاق ئوينىشى بولدى. بالىلار قونچاقلىرىغا تاماق يىگۈزىشەتتى، كىتاپ ئوقۇپ بېرىشەتتى، قۇراشتۇرۇش، تىزىش، سىزىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشەتتى. بۇلاردىن مەن ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ گۆدەكلىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى مەلۇم جىنىسقا مەنسۇپ دەپ قارىۋېلىپ بالىلارنىڭ ئىنسان ئورتاق ئېرىشىدىغان خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قالماسلىقى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم. مەن بۇنى ئۆزەمگە سېلىشتۇرسام، قىزىمغا قىز بالا دېگەن ئۇنداق بولىدۇ، بۇنداق بولمايدۇ، ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلمايدۇ، دېگەنلەرنى تىلى چىققاندىن بېرى سىڭدۈرۈشكە باشلاپتىمەن. ئايالىممۇ ”تاماقنى پاكىز يەڭ، بالىڭىز سەت بولۇپ قالىدۇ. چېچىڭىزنى تاراپ قوياي قىزبالا دېگەن چىرايلىق ياسىنىپ تالاغا چىقىدۇ…“ دېگەندەك گەپلەنى كۆپ دەيدۇ. مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىدىكى جىنس پەرقىنى مەقسەتلىك تەكىتلىمەسلىكى ئامېرىكىدا بالا تەربىيىسىگە ئائىت پەننى بىلىمنىڭ ئومۇلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ئىلمىيلىكتىن ئالغاندا جىنىس تەبىئى ھادىسە بولغان بىلەن ئىنساننىڭ جىنىس ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تەربىيىنىڭ، موھىتنىڭ مەھسۇلى. ئەگەر بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ جىنسى پەرق، جىنسى ئىش تەقسىماتى، پەرقلىق جىنىسقا خاس خۇي مىجەزلەر بەكرەك تەكىتلەنسە ۋە بۇلارغا ئائىت ئىشلار مەزگىلسىز ئۆگىتىلسە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىنسانلىق خاراكتىرى بۇرمىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، باتۇرلۇق، باراۋەرچىللىك، تەۋەككۈلچىلىك، ئادىللىق، ھەققانىيەتچىلىك، مېھرىۋانلىق، رىقابەتچانلىق، ھەمكارچانلىق قاتارلىق خاراكتىرلار ئىككىلا جىنىسقا ئورتاق. ئەگەر قىزىڭىز بار يەردە ئوغلىڭىزنى ”ئوغۇل بالا دېگەنمۇ قورقامدۇ، ئوغۇلبالا دېگەنمۇ يىغلامدۇ، ئەركەك دېگەن يېلىنمايدۇ…“ دېسىڭىز قىزىڭىز يىغلاش، قورقۇش، يىلىنىش دېگەنلەر قىز بالىنىڭ خۇيى ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ”قىز بالا بولغاندىن كېيىن ئۇنى قىل، قىزبالا دېگەن بۇنى قىلمايدۇ، بۇ دېگەن قىز بالىنىڭ ئىشى“ دەپ كىچىككىنە بالىغا چوڭلارنىڭ كاللىسىدىكى ئىش تەقسىماتىنى سىڭدۈرۈپ ماڭسىڭىز قىزىڭىز ياكى ئوغلىڭىز ئىنسانغا ئورتاق ئىشلارنىمۇ بۇرۇنلار قىزغا ياكى ئوغۇلغا خاس دەپ قارىۋېلىپ قىلمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭغا تەنتەربىيەگە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا ئانچە ھەۋەسمەن ئەمەسلىكىنى، ئۆزى يالغۇز بىر يەرگە (ئالى مەكتەپتىكى قىزلار ھەتتا تاماققىمۇ بىر دوستى بىلەن بىللە چىقىدۇ) چىقالمايدىغانلىقىنى مىسال قىلىمەن. بۇ بالىلارنى كىچىك چېغىدا ”قىز بالا دېگەن تولا سەكرەپ، يۈگرەپ يۈرسە پۇتى يوغۇناپ كېتىدۇ. قىز بالا دېگەن تالادا سەكىلدەپ يۈرمەي ئۆيدە جىم ئولتۇرىدىغان“ دېگەندەك گەپلەر بىلەن تەربىيەلىگەننىڭ نەتىجىسىمىكىن دەيمەن. مەنچە جىنىس پەرقى بالىلارنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ سۈنئى تەكىتلەنمەي، مۇۋاپىق ياشقا بارغاندا ئۆگىتىلسە ياخشىمىكىن دەيمەن.
مەن ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە 6-يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدىم. كۆزەتكىنىمگە كۆرە، بىزنىڭ قىزلىرىمىز ئىرادىلىك، تىرىشچان، قۇلىقى يۇمشاق، مېھرىۋان، پاكىز. بۇنى ئوغۇللىرىمىز ۋە ھەرقانداق مىللەت قىزلىرى ئۈلگە ئالسا ئەرزىيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئاجىز، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، قورقۇنچاق. مېنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرىم ئاغرىپ قالغاندا بىرەر دوستى دوختۇرغا بىللە بارمىسا بارالمايدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ يالغۇز چىقىشقا خوش ياقمايدىغان. مەن شۇنداق ئېسىل، ئىستىقباللىق قىزلارنىڭ ئاجايىپ ناچار ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ چېكىنىپ كەتكەنلىرىنى كۆرگەن. سەۋەبىنى سورۇسام، شەنبە يەكشەنبە ياتاقتا يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن، دوستلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتلىشىپتۇ، شۇڭا قاتاردىن قالغۇسى كەلمەپتۇ، ئۆيدە ئاتا-ئانىسى باشقۇرۇپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۆزىدىن پەرقلىقلراق بىرىنىڭ باشقۇرۇپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قاپتۇ. مەن مۇھەببەتلىشىشىنىڭ مۇنداق غەلىتە سەۋەبلىرىنى كىچىكىدىن جىنسى پەرقنىڭ خاراكتىر ۋە قىلىق جەھەتتە يېشىغا ۋە زامانغا نامۇناسىپ تەكىتلەنگەنلىكتىن بولدىمىكىن دەيمەن. مەن بۇيەردە ئامېرىكىدا قىز ئوغۇللۇق پەرقى تەكىتلەنمەيدۇ دېمىدىم. پەرقلەندۈرۈش بۇلاردا بەزى جەھەتتە بىزدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن قىزلارنى ئوغۇللارغا ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ كىچىكىدىن شاپتۇل چېچىكى كىيىملەرنى كەيدۈرۈش، قىزلارنىڭ چېچىنى كىچىكىدىن چۈشۈرتمەسلىك…قاتارلىقلار. مېنىڭ يەسلىدىكى يۇقارقى ئىشتىن بايقىغىنىمنىڭ كەينىدە بىر ئىلمىيلىك بار. چۈنكى يەسلىدە قىز بالىغا قونچاق، ئوغۇل بالىغا ماشىنا ئوينۇتۇلسا گۆدەك بالىنىڭ قەلبىدە ”بالا بېقىش ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى“ دېگەن خاتىرە ئورناپ قېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق دېگەندە ئامېرىكىلىقلار ئۆيىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دېمەكچى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قىزلارنىڭ قونچاقنى، ئوغۇللارنىڭ ماشىنىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما يەسلى دېگەن ئىلمىيلىكگە تايىنىپ ئادەمنىڭ قىلىقىنى ۋە قەلبىنى توغرا شەكىلگە كىرگۈزىدىغان يەر. يەسلىدە تەكىتلىنىدىغىنى ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان نەتىجىلىرى ئاساسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇل. مەنچە بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەبىيەسىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلىدە داۋام قىلىدىغان كۈلتۈرى (مەدەنىيىتى) بىلەن يەسلىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئىلمىيلىك ئايرىلغان.

بالاڭغا نېمىشقا خەنسۇچە ئۆگەتمەيسەن

قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن قىزىمنىڭ خەنسۇچە بىلمەسلىكى جوڭگۇلۇق تونۇشلىرىم ئارىسىدا ھەيرانلىق قوزغىدى. قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتسام كۆرۈپلا قالسا مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك شۇنداق سورايتتى.
-قىزىڭغا قايسى تىلدا سۆزلەۋاتىسەن؟
-ئۇيغۇرچە
-ئۇيغۇرچە دېگەن قانداق تىل؟
-ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى قانۇندا بېكىتىلگەن ھاكىمىيەت تىلى.
-شۇنداقمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى سۆزلەۋاتقىنىڭلارنى خەنسۇچىنىڭ بىر شىۋىسىمىكىن دەپتىمەن.
-نېمىشقا قىزىڭغا خەنسۇچە سۆزلىمەيسەن؟
-قىزىم خەنسۇچە بىلمەيدۇ.
-جوڭگۇلۇق تۇرۇپ نېمىشقا ئۆگەتمەيسەن؟
-شارائىت يوق. بىزنىڭ ئۆيدە خەنسۇچە سۆزلەيدىغان ئادام يوق.
-جوڭگۇلۇق تۇرۇپ ئۆيدە خەنسۇچە سۆزلەشمەمسىلەر؟
-ياق، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچە. ئۆيدە ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى ياقتۇرىمىز.
-لېكىن سىلەر دېگەن جوڭگۇلۇق تۇرساڭلار.
-مەن ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇلۇق، بىز جوڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىرقىسمىدا ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ساھىپ جوڭگۇلۇق. مەن ئاشۇ ئۆزىگە خوجا رايۇننىڭ ھاكىمىيەت تىلىدا سۆزلەيمەن.
-ئۇيغۇرچە بىلگەننىڭ قىزىڭ ئۈچۈن پەقەت ئەھمىيىتى يوق. قىزىڭ چوڭ تىللارنى قانچە جىق بىلسە شۇنچە ئىستىقباللىق بولىدۇ.
-مەن 18 ياشتىن كېيىن خەنسۇچە ئۆگىنىپمۇ ئىستىقباللىق بولدۇم. ئېنگىلىزچىنى 24 يېشىمدا ئۆگىنىپمۇ سەندىن ياخشى سۆزلەيدىغان بولدۇم. بالاممۇ مېنى دورايدۇ. خاتىرىجەم بول.

ئارىمزىدا بۇنداق سۆھبەت بولمىغان جوڭگۇلۇق قالمىدى. بىر كۈنى قىزىم يەسلىدىن ”چاينىز“ (ئەنگىلىزچە جوڭگۇلۇق دېگەن گەپ) دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قىزىم بۇ گەپنى بۇرۇن بىلمەيتتى. نەدىن ئۆگەنگىنىنى سورۇسام يەسلىدىكى بىر خەنسۇ پىراكتىكانت قىزىمغا شۇنداق دەپتۇ. مەن دائىم ”جوڭگۇلۇق تۇرۇپ قىزىڭغا خەنسۇچە ئۆگەتمەمسەن“ دېگەنلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىنى ”سەن ھەقسىز ئۆگىتىپ قويساڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆگىتەي“ دەپ ئاخىرلاشتۇردۇم. شۇنچە ھاياجان بىلەن جوڭگۇلۇقلار ئۇنداق مەدەنىيەتلىك، جوڭگۇلۇقلار بۇنداق پەزىلەتلىك دېگەن شۇنچە ۋەتەنپەرۋەر تونۇشلىرىمنىڭ بىرسىمۇ قىزىمغا ھەقسىز خەنسۇچە ئۆگىتىپ قويۇشقا قوشۇلمىدى. قىزىمغا ھەقسىز ياپۇنچە، كورىيانچە، ئىسپانچە قاتارلىق تىللارنى ھەقسىز ئۆگىتىدىغانلار چىقتى لېكىن مەن قوشۇلمۇدۇم.

ئامېرىكىدا يەسلى شاھادەتنامىسى

قىزىمنىڭ تەييارلىققا يېشى توشمىغاچقا يەسلىگە بەرگەنتۇق. بىز تۇرغان كانزاس شىتاتىدا يەسلى ھەقلىق تەييارلىق مەكتەپ ھەقسىزكەن. قىزىم تەييارلىق مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىدىغان مەكتەپنىڭ ھەقسىز ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ھەركۈنى مەكتەپكە بارىدىكەن. دەرس ئارىلىقىدا بېرىلىدىغان تاتلىق تۈرۈم، مىۋە چىۋە ۋە چۈشلۈك تاماق ھەقسىزكەن. تەييارلىق مەكتەپكە بەش ياشتىن كېيىن ئالىدىكەن. قىزىمنىڭ سېرىق رەڭلىك مەكتەپ ئاپتۇبوسىغا بەكمۇ چىققۇسى بار ئېدى. ھەر قېتىم ئاپتۇبۇسنى كۆرگەندە ”دادا، مەن كېلەر يىلى ئاشۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ مەكتەپكە بارىمەن، ھە!“ دەپ سايراپ كېتەتتى.
يەسلىدە بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن قىزىمنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى. بىر جۈمە كۈنى يەسلىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مېنىڭ ئۇ كۈنى دەرسىم بولغاچقا ئايالىم بېرىپ كەلدى. يەسلى پۈتكۈزگەن ھەممە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تەكلىپ قىلىنغان بۇ مۇراسىمغا بەك ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىنىپتۇ. ھەرخىل تورتلار پۇشۇرۇلۇپتۇ، سىنىپ ھەرخىل گۈللەر بىلەن بېزىلىپتۇ. ھەر بىر بالىغا ئاتاپ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى باھا نۇتىقى تەييارلاپتۇ. يەسلى مەسئۇلى مەخسۇس ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەپتۇ. مەخسۇس بىر سۇپا ياسىلىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن قىزىمنىڭ سىنىپىدىكى 14 بالا بىر بىرلەپ سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلىپتۇ.

ئەتىسى يەسلىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ قىزىمنى ئالغىلى باردىم. قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى قىزىمغا مەخسۇس ئايرىلىش سوۋغىتى تەييارلاپتۇ. چىرايلىق ئورالغان سوۋغاتنى كۆرۈپ قىزىم شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنى سۆيۈپ قويدى. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇدەنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتكەن كۆرۈنىشىنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن. سېرىق چاچلىق كۈرىستى يىغلاپ تۇرۇپ ”مەسئۇدە، سىز بەك يارىدەمسۆيەر، مېھرىبان، ئەقىللىق قىز. مەن سىزنى ئۇنۇتالمايمەن. سىزدەك ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. دۆلىتىڭىزگە قايتقاندىن كېيىن بىزنى ئۇنۇتماڭ. ھاياتىڭىزدىكى قىزىقارلىق ئىشلاردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇڭ. مەن سىزنىڭ گۈزەل كېلەچىكىڭىز بولۇشىنى ۋە شۇ كېلەچىكىڭىزدىن بىزنىمۇ بەھرىمەن قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.“ دېدى. قىزىم بۇ چوڭلارغا خاس تىلەكنىڭ قانچىلىكىنى چۈشەندى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى قىزلارغا قىيالماي يىغلاپ كەتتى.
قىزىمنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمدىن مەن ئامېرىكىدا پەرزەنتلەرنىڭ غەلبىسىنى، ھاياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملىرىنى، خۇشاللىق مىنۇتلىرىنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەشنىڭ ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئادەت ئادەمگە غەلىبىنىڭ قىممىتىنى، خۇشاللىقىنى، شەرىپىنى كىچىكىدىن ھىس قىلدۇرۇپ ئىنساننى ئىنتىلىشچان قىلىپ تەربىيىلەشتە موھىم تۈرتكە بولالايدىكەن دەپ ئويلۇدۇم.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئاللىبۇرۇن1نەپەر تورداش ئىزىنى قالدۇرۇپ بوپتۇ سىزچۇ؟

  • تېرەگلىك مۇنداق دىدى:2011-يىل 18-نويابىر 15:43 جاۋاب

    ئېسىل ماقالە

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|