ئامېرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ ۋاقتى

ۋاقتى401 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: Gulen | سەھىپە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | يوللانغان ۋاقتى:2013يىل 06ئاي 13كۈنى | : 1,126 views°

يازما بەت ئىلانى

ئامېرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ ۋاقتى
”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“نىڭ داۋامى
ئامېرىكىغا بېرىپ تۇنجى قېتىم ھەيران قالغىنىم كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر ئېنىقلىقى بولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە خۇسۇسىي ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ھىچ قايسىسىنى باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدىكەن. بۇ ھەقتە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان سۆھبەت مەن بىلەن ڧاكۇلتىت مۇدىرىنىڭ ئارىسىدا يۈز بەردى. مەن ئارزۇ قىلغان دەرسلەر بىلەن مەن تاللىمىسام بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ ۋاقتى دوقۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇدىر بىلەن مەسلەھەتلىشىشكە توغرا كەلگەن ئېدى. مۇدىر بىر قانچە تەكلىپ بېرىپ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ قويدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي ئويلۇنۇپ قاپتىمەن. ”بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولساڭ، مېنىڭ ئىشخانامدا ۋاقتىمنى ئېلىپ ئويلانماي، قايتىپ ئۆزۈڭنىڭ ۋاقتىدا ئويلانساڭ قانداق؟“ دېگەندە ئۆزۈمنى تولىمۇ بىئەپ ھېس قىلدىم. شۇندىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۆھبەتلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. ئۇلار ھەر قانداق چاغدا بىر ئىشنى قىلغان بولسا قانچە سائەت سەرپ قىلىپ پۈتكۈزگىنى ھەققىدە دېيىشنى ئۇنۇتمايتتى. بىر قېتىم مەن بىر كۈن سەرپ قىلىپ بىلەلمىگەن بىر مەسىلىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمدىن سوراپتىمەن. بىر مەسىلە ئۈچۈن بىر كۈن سەرپ قىلغىنىم ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالارلىق تۇيۇلدى. (ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمدىكى نامۇۋاپىقلىق سەۋەبىدىن بۇنداق كۈنلىرىم خېلى كۆپ ئېدى، ئەمەلىيەتتە) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خۇسۇسى ۋاقتى بىلەن خىزمەت ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئاجرىتىلغان بولۇپ ئەتىگىنى سائەت 8دىن كەچ سائەت بەشكىچە بولغان ۋاقىتتىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىگە جاۋاپ يازاتتى، تېلىڧون قوبۇل قىلاتتى. قالغان ۋاقىتلىرىدا ھەم شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىل كۈنلىرىدە مەكتەپ ياكى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۇئاللارنى جاۋاپسىز قالدۇراتتى.
ئامېرىكىلىقلار ھەرقانداق ئىشتا ۋاقىت تىجەشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قوياتتى. بىر ئىشنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى تىجەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشاتتى. دەسلەپ بارغان كۈنلىرىمدە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئېلخەت يوللىسام ماۋزۇ قويماپتىمەن. بۇنىغۇ بىرسى ئەسكەرتمىدى، ئەمما باشقا ئامېرىكىلىقلار بىلەن بولغان ئالاقەم قويۇقلاشقانچە خەتكە ماۋزۇ قويماسلىقنىڭ خەقنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ بۇرۇن قىلغانلىرىمغا ئۆكۈندۈم. چۈنكى خەتكە ماۋۇزۇ قويۇلغاندا شۇ خەتنىڭ دەرھال جاۋاپقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى، موھىملىق دەرىجىسىنى قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، ھەم ۋاقىت تىجىگىلى ھەم ئىشنى ئاقتۇرغىلى بولاتتى. ئامېرىكىغا كەلمەستە كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە قانداق ئىسىم قويسام تېپىشقا ئاسان بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەقەت ئويلانمىغان ئىكەنمەن، ئامېرىكىغا كەنگەندىن كېيىن ھەرقانداق ئىش قىلماقچى بولسام مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالمايدىغان ئۇسۇللارغا ئادەتلەندىم.
بىر كۈنى مىززورى شىتاتىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ماشىنىڭ ئەينىكىدىن ئىختىيارسىز كەينىمگە قاراپ ھەيران قالغانتىم. يولدا قۇمدەك كۆپ ماشىنىلار مېڭىۋاتاتتى ئەمەس سەلدەك ئېقىۋاتاتتى. ناۋادا بىرەر ماشىنا سۈرئىتىنى تۇيۇقسىز ئاستىلاتسا كەينىدىكىسى كېلىپ ئۈسسىمەي قالمايتتى.ئەگەر بۇ يولدا سائىتىگە قانچە كېلومېتىردىن مېڭىش ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، يوللار راۋان قىلىپ لايىھەلەنمىگەن بولسا ماشىنىلار قازاسىز يۈرەلەرمىدى؟ مەنچە بۇ ئامېرىكىدا ھەممە نەرسىگە ۋاقىت بويىچە چەك بېكىتىلگەنلىكنىڭ خاسىيىتى ئېدى. خۇددى يولدا ماشىنىنىڭ بىخەتەر مېڭىشى ئۈچۈن سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى بەلگىلەنگەندەك، ئىنسانننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە ۋە ھەر يەردىكى پائالىيىتىگە ئېنىق ۋاقىت چېكى بېكىتىلمىسە، يوللار بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن راۋان، ۋاقىت ۋە پۇرسەت ھەمىمىسز ئۈچۈن باراۋەر تەخسىملەنمىسە بىز بۇ يۇمۇلاق شاردا سوقۇشماي، دەخلى قىلىشماي ياشىيالمايتتۇق. ئامېرىكىدا ھەممە ئىشقا ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلگەچكە ھەم تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يوللىرى توسالغۇسىز بولغاچقا كىشىلەرنىڭ كېچىكىپ قېلىشى ئويلۇشۇلمايتتى ھەم ئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايتتى. كىشىلەر بىر يىللىق سەپەر، ساياھەت ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىت جەدىۋېلىنى تۈزىۋېلىپ ئىشلىرىنى شۇنىڭغا قاراپ ئورۇنلاشتۇراتتى، بىلەتلىرىنى زاكاز قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك پاراڭلىرىدا ”ئەتە بىر گەپ بولسۇن“، ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەرس“، ”ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار“…دېگەندەك ئىبارىلەر قوللۇنۇلمايتتى. چۈنكى ئۇلارغا ئەتە نېمە ئىش قىلىش ۋە قىلماسلىق، ھازىر نېمە قىلىش كېيىن نېمىنى قىلماسلىق، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىشلارنى قىلىش ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولاتتى. مەكتىپىمىزنىڭ 2014-يىللى ئۆتىلىدىغان دەرسىنى ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقى ئامېرىكىدا ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.

ئامېرىكىدا بىر ئادەمنى بىر سورۇنغا ياكى بىرەر ئىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولسا ئىككى ھەپتە ياكى ئەڭ بولمىغاندا بىر ھەپتە بۇرۇن دەپ قويۇش ئادەتكە ئايلانغان. ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا پەقەت تۈرك دوستلۇرۇملا تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇراتتى. بەزىدە ھىندونوزىيىلىك ياكى ئەرەپ مۇسۇلمان بالىلار بىر ئىشلار ئۈچۈن شۇ كۈنى ۋاقتىمنىڭ بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلىڧون قىلىشاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئىنكاسىم ئاساسەن ئۇيغۇرچە بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىن دەپ قويۇشمىغانلىرى خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى. بىر كۈنى تۈركچە بىلىدىغان، تۈركىيەدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان بىر پروڧېسسور ماڭا تېلىڧون قىلىپتۇ. ئېيتىشىچە شۇ كۈنى ئۆيىدە زىياپەت بولىدىغان بولۇپ مېھمانلاردىن بىرى كېلەلمەس بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى، ئايالىم ۋە بالامنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلماقچى بولۇپتۇ. ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. مەن ئامېرىكىدا ياشىغىلى شۇنچە بولغان تۇرۇپ بۇنىڭ ئەدەپسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم كاشكى! مۇشۇ ئايالدىن باشقا مەن ئامېرىكىدا ھىچ كىمنىڭ ۋاقتىنى ئالدىن دەپ قويماي بىرسىنى مېھمانغا چاقىرغىنىنى ياكى مېھمان بولۇپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالدىن ئويلۇشۇش، ئىسراپ قىلاسلىق، دەخلى قىلماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا ئەڭ قىس تۇيۇلغىنى ۋاقىت بولدى. ئامېرىكىدا ھەم دەرسىمنى ئوقۇپ، كىتابلىرىمدىن خاتىرە يېزىپ، بالام ۋە ئايالىم بىلەن ساياھەت قىلىپ، تۈرك دوستلار بىلەن يىغىلىش قىلىپ يەنە ”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نى يېزىشقا يېتىشكەن ۋاقتىم ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قەتئىي يېتىشمەس بولدى. مەن قەشقەردە ئامېرىكىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئالدىراش ياشىدىم. ئانام، قېرىنداشلىرىم ۋە يېقىنلىرىم ”سەن ئامېرىكىدىكى چېغىڭدا پات پات تېلىڧون قىلىپ تۇراتتىڭ، موڭدۇشۇپ تۇراتتۇق، قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن يا تېلىڧونۇڭ، يا يازمىلىرىڭ يوق، يوقاپلا كەتتىڭ…“ دېگەن بولدى. مۇشۇلارنى ئويلىسام، خەقلەرگە تۇرمۇش رېتىمى تولىمۇ ئاستا بىلىنىدىغان، ئۆزگىلەرگە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان قەشقەرنى نىيويوركتىنمۇ ئالدىراش شەھەركەن دېگۈم كېلىدۇ. قەشقەردە ئامېركىدىكىدىنمۇ ئالدىراش بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، بىرى ۋاقتىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، ئۇنى خالىغان چاغدا خالىغان ئورگان ۋە خالىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىش تەھدىتى مەۋجۇد. يەنە بىرى ۋاقىتنى قەتئىي پىلانلىماق تەرس، چۈنكى ئاۋۋال دائىرىلەردە، ئاندىن كۆپ كىشىلەردە ۋاقىتنى پىلانلاش يوق. بۇ ھالدا سېنىڭ پىلانلانغان ۋاقتىڭ باشقىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دائىرىلەرنىڭ پىلانسىز ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، باھانىسىز توسقۇنلىقىغا، پەرۋاسىز ئىسراپ قىلىشىغا سەرپ بولغىنى بولغان. سەن بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر. ئۇيغۇرلادا تېخمۇ ئېنىق قىلىپ دېسەم قەشقەردە ۋاقىتنىڭ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.
ئۇيغۇرلاردا ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسى مۈلكى، ئۆزىگىلا خاس تەئەللۇقاتى ھىساپلانمايدىكەن. قىزىقارلىق يېرى، مەن تۇرۇۋاتقان قەشقەردە كىشىلەر ھەممە نەرسىنى ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارايدىكەن. مىسالەن، بىر كۈنى بىر دېھقان ماڭا ”بۇ ھۆكۈمەت قىزىقكەن، ئەينى چاغدا ئۆزى بىكارغا بەرگەن يەرنى ئەمدى بىزدىن پۇل بېرىپ قايتتۇرىۋېلىپ بارىدۇ“ دېگەنىدى. ئوپالدا كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلۇغلاپ چىۋىننىڭ قانىتى چاغلىق مەينەتنى يېقىن يولاتماي كەلگەن. 80- يىللاردا ھۆكۈمەت ئىگە بولۇپ مەبەلەغ چىقىرىپ قايتا ياسىغاندىن كېيىن قەبرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى مۇقەددەسلىكى نېمىشقىدۇر تۆۋەنلەپ ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پات پات زىيارەتكە چىقىپ تۇرىدىغان بولدۇم، ھەر چىقسام يالتىراق خالتا، سۇ بوتۇلكىلىرى قاتارلىق ئەخلەتلەر كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىر قېتىم شۇ مەھەللىدىكى بىرەيلەنگە، “ بۇ بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زاتنىڭ قەبرىسى بولغاندىكىن خەق تازىلىمىسا سىلەر بولساڭلارمۇ سۈپۈرۈپ تۇرساڭلار بولمامدۇ؟“ دېدىم. ”قەبرە ھوكۈمەتنىڭ، ھۆكۈمەت بەلەت سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان مەھمۇد قەشقەرى مازارىنى بىز تازىلامتۇق!“ ئۇ دېھقاننىڭ دېگەنلىرى ھەقلىق ئېدى، ئەمما ماڭا ”مەھمۇد قەشقەرى ھۆكۈمەتنىڭ“ دېگەن گەپ بەك غەلىتە ئاڭلاندى. بۇنى قەشقەردىلا شۇنداقمىكىن دېسەم بىر ئىتوتتا ھېلىقى چوڭ ئەيسانىڭ خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ ”ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىبۇ! چىقساق تەڭ چىقىمىز،“ دېگەنلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە. ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ھەممە نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ دېگەن قاراش ئومۇمىيۈزلۈك بولغاچقىمۇ ئىنساندا باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدىغان، باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولمايدىغان، باشقىلار تارتىۋالسا بولمايدىغان نەرسىنىڭ بارلىقى ئاسانلىقچە ئىتىراپ قىلىنمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەندىن ئەڭ جىق تارتىۋېلىنغىنى مېنىڭ شەخسىيىتىمگە تەئەللۇق بولغان ۋاقتىم بولدى. ۋاقتىم شۇ قەدەر كوللىكتىپلاشتى ۋە ئاممىۋىيلاشتىكى يازىدىغانلىرىم ھەققىدە جىمجىت خىيال سۈرىدىغان ۋاقتىم كەڭرى بولماي قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋاقتىممۇ توختىماي باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، تاجاۋۇزىغا، بىپەرۋالىقىغا، ئىسراپىغا نىشان بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇردا خۇسۇسىي ۋاقىت دېگەن ئۇقۇم ئېنىق بولمىغاچقا بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت ئۈچۈن ۋاقىتنى ئۆز مەيلىچە پىلانلىغىلى، خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدىكەن. كىشىلەر خىزمەت كۈنلىرىدىلا ئەمەس شەنبە يەكشەنبىلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار خىزمەت بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرپ- ئادەتكە ياتىدىغان بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بىر ئادمنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى، ئارزۇسى، پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلاشقا، پىلان تۈزۈشكە ۋاقتى چىقمايدىكەن. خىزمەت ۋاقتى بىلەن خۇسۇسى ۋاقىتنى ئايرىشقا پۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي پىلانى ئاساسەن بولمايدىكەن. مەن خىزمەتكە چىقىپ بولغانلارنىڭ خىزمىتى يىراقتا بولسا يېقىنغا، يېزىدا بولسا شەھەرگە يۆتكەش، نەپسىز بولسا نەپلىككە ئالماشتۇرۇش، ئەمەلسىز بولسا ئەمەللىك بولۇشقا كۈچەشتىن باشقا پىلانى بارلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم. مەن بىر كۈنلەردە زاۋۇتلاردا بولغاندەك بىر ئىسلاھات بولۇپ ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ قالسا ھازىر كادىر ئاتىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىنىڭ ياشاشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنىڭ كونكىرىتلىقى ۋە چەكلىكلىكى ھەققىدە تەخىرسىزلىك يوق ئىكەن. بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بېرىپ شۇنى ھىس قىلدىم. بىر كۈن كەچكىچە ھىچ ئىش قىلماي، قول باغلاپ دوستىمىزغا ھەمراھ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدۇق. مەنغۇ بىر كۈندىن كېيىن قايتتىم، باشقىلار بىر قانچە كۈننى شۇنداق ئۆتكۈزدى. مەسىلە شۇنداق ئاددى. نەزىر ۋاقتى بېكىتىلسە، ھەممە ئادەم نەزرىگە ۋاقتىدا كەلسە، مېھمانلارغا قارىشىدىغان ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىپ ئىشىمىزغا راۋان بولساق تامامەن بولىدىغان ئىش. ئۆلۈم بولۇۋاتسا بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ ئۆلۈم چىققان ئۆينىڭ ئالدىدا قاملىشار قاملاشماس چاخچاقلارنى قىلىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشتىنمۇ تەربىيىسىزلىك بولامدۇ جاھاندا! بۇنداق ۋاقىتنىڭ چېكى بېكىتىلمىگەن سورۇن ۋە مۇراسىملاردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كىشىلەرنى قىمارۋازلىققا سۆرىگىلى تۇرۇپتۇ. تويدىمۇ، چايدىمۇ شۇ قىمار. ئېتى چىرايلىق قىلىپ قەرت دەپ ئاتىلىدىكەن، ئەمما ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقىت تۈگەپ كېتىدىغان نەرسە، ئۈنۈم يارىتىدىغان نەرسە، نەتىجە قازىنىشقا كېرەك بولىدىغان كونكىرىت نەرسە ئەمەس، باش ئايىغى يوق، توختىماي ئايلىنىدىغان، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان چەكسىز بىر شەيئىيكەن.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى بۇنداق پەرقلىق چۈشەنچىلىرى ئىگىلىك شەكلىدىكى پەرق، تۈزۈمدىكى ئوخشىماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تەرىققىياتتىكى تەكشىسىزلىك سەۋەپلىك شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسى ئەنئەنىۋىي يېزا ئىگىلىكى بولغاچقا تەبىئىي موھىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ. ھەرقانچە ئالدىرىغان بىلەن زىرائەتلەر بەلگىلىك پەسىلدىلا پىشىدۇ، قويلار ۋاقتى سائىتى كەلمەي تۆللىمەيدۇ، ئۈزۈملەر تىرىشچانلىق بەدىلىگە يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇزاققا سوزۇلغان بۇنداق تەبىئەتكە تايىنىش كىشىلەرنى ۋاقىتنىڭ خوجايىنىغا ئەمەس بويسۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئامېرىكىلىقلار ئېغىر ۋە يېنىڭ سانائەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يېزا ئىگىلىكىنى ئاللىقاچان ماشىنىلاشتۇرغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى تەبىئەتنىڭ تەسىرىدىن، كونتروللىقىدىن نىسبەتەن خالى. شۇڭا كىشىلەر ۋاقىتنى ئۆزلىرى كونتىرول قىلالايدۇ. كىشىلەر ماشىنىلارنىڭ سائىتىگە قانچىلىك مەھسۇلات ئىشلەيدىغانلىقى، بۇلارنى قاچىلىك ۋاقىتتا سېتىپ چىقارسا قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە. شۇڭا ئامېركىلىقلاردا ۋاقىت بايلىق يارىتىشتىكى ۋە ياراتقان بايلىقنى تەخسىملەشتىكى ئاساس. ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ ۋاقتىنى سېتىۋالىدۇ، ياللانغۇچى ياللىغۇچىغا شۇ ۋاقىتتا بەلگىلىك قىممەت يارىتىدۇ ۋە شۇ قىممەتتىن ئۆزى سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا لايىق نىسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت ئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئەمەلىيەتتە سانائەتلەشكەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن سانائەتلەشمىگەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ھەققىدىكى پەرقتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتىكى يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى بىزنى قوللاپ يان ياكى ئۈستىدىكى ئىلانى بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ! رەھمەت!

ئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانىئىنكاس جەدىۋەل ئىلانى

ھۆرمەتلىك نام شەرپىڭىز|شەرت*|

ئىلخەت|شەرت*|

تور بىتىڭىز|خالىسىڭىز يىزىڭ|

ئىنكاس مەزمۇنى|بۇنى ئەلۋەتتە يازىسىز دە !|