• 2011-01-10

    رەھبەر - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/98407381.html

    رەھبەر

    (فېليەتون)

    ماۋخاۋ

    رەھبەر دېگەن نېمە؟ رەھبەر دېگىنىمىز- ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگىنىڭىزدە، چوڭ-چوڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بەرگىنىڭىزدە سىزگە ئىللىق چىراي ئېچىپ قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدىغان، ناھىيتى يېقىملىق سۆزلەر بىلەن سىزنىڭ نېرۋىڭىزنى غىدىقلاپ، سىزنى ھاياجانغا سالىدىغان كىشى يەنى دەل سىزنىڭ رەھبىرىڭىزدۇر.

    رەھبەر دېگەن نېمە؟ رەھبەر دېگىنىمىز-سىزگە ھېچقانداق ئېھتىياجى چۈشمىسە، بەلكى سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجىڭىز چۈشكەندە بولسا، ئۇنىڭغا قىلغان قىزغىنلىقلىرىڭىزغا پىسەنت قىلمايدىغان، ئىلتىماسلىرىڭىزغا ئېرەن قىلمايدىغان، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا بولسا بىر خىل بىئاراملىق بىلەن قارايدىغان، ھەمدە دائىم سىزگە بېسىم قىلىدىغان، تەڭقىسلىقتا قويىدىغان، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان،سۈرلۈك تەكەببۇر بىلەن سىزگە تەلىم بېرىدىغان، ئىدىيىڭىزدىكى تۈگۈنلەرنى راۋان قىلىدىغان كىشى،يەنى دەل سىزنىڭ رەھبىرىڭىزدۇر.

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» 2005-يىل 12-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: