• 2010-12-01

    تەييار چۆپ ۋە مۇھەببەت - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86358150.html

    مۇھەببەت ۋە تەييار چۆپ

    ھازىرقى زاماندىكى مۇھەببەت تەييار چۆپكە ئوىشايدۇ، بۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى تۆۋەندىكىچە:

    بىرىنچى، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش ئارقا كۆرۈنىشى ئوخشاش، تەييار چۆپ يېقىنقى دەۋردە بارلىققا كەلگەن، چاقماق تېزلىكىدىكى مۇھەببەتمۇ ھازىرقى زاماندا ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.

    ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولۇپ ھەر ئىككىلىسى چاقماق تېزلىكىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەھسۇلات. تەييار چۆپ قايناقسۇ قۇيۇلسىلا يېيىشكە بولىدۇ، ئاشىق-مەشۇقلار بىر نەچچە ئېغىز مۇجىمەل سۆز بىلەنلا قولتۇقلىشىپ يۈرىۋېرىدۇ.

    ئۈچىنچى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچە تەلىپى بار. تەييار چۆپ خۇرۇچلىرى بولغاندىلا يېيىشلىك بولىدۇ، مۇھەببەت بولسا شەرتنى ئادا قىلغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن داۋاملىشالايدۇ.بۇ شەرت ماددى كاپالەتمۇ ياكى سىرتقى قىياپىتىنىڭ جەلپ قىلىشىمۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن.

    تۆتىنچى، ھەر ئىككىلىسى راھەت-پارغەتكە تەييارلان زىننەت بۇيۇمى ياكى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇمى ئەمەس. تەييار چۆپنىڭ باھاسى ئەرزان، مۇھەببەتمۇ ئاسانلا قولغا كېلىدۇ. تەييار چۆپنى يېمىسىمۇ بولىدۇ، مۇھەببەتتىن قۇرۇق قالسىمۇ كەيپىيات ئارتۇقچە تەۋرىنىپ قالمايدۇ. بۇنىڭغا مۇنۇ ناخشا ئىسپات بولالايدۇ: خوش دېدۇق شاد-خۇرام، سەنمۇ بولغىن شاد خورام، ھەر ئىككىمىز تاپالايمىز تېخىمۇ ياخشىنى ...

    بەشىنچى، ھەر ئىككىلىسى ئادەمنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. تەييار چۆپ بىلەن قورساق تويغۇزغىلى بولىدۇ، مۇھەببەتمۇ ئادەمنىڭ مەلۇم روھىي ئېھتىياجىنى، ياكى شۆھرەتپەرەسلىكنى ياكى مەنىسىزلىكنى، ۋە ياكى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان روھىيىتىنى قاندۇرىدۇ.

    ئالتىنچى، ھەممىمىزگە مەلۇمكى ماددىي ئېھتىياج ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بۈگۈنكى كۈندە تەييار چۆپ بىلەن چاقماق مۇھەببەت ھەر ئىككىلىسى كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى چاقماق تېزلىكىدىكى(تەييار) نەرسىلەر ھەقىقەتەن ۋاقىتنى كۆپ تېجەيدۇ.

     

    « جۇڭگو فېليەتونلار تورى » دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇتەرجىمىسى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: