-
2010-07-17
بىر قىزنىڭ ئەۋلىيالار بىلەن قىلغان سۆھبىتى - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/69532115.html
بىر قىزنىڭ ئەۋلىيالار بىلەن قىلغان سۆھبىتى
(فېليەتون)
ئەي شېي شېي
قىز: غالىب بۇتساتىۋا، سىز ئەينى چاغدا نومغا بارغاندا نېمە ئۈچۈن تاڭ سېڭنى قوغدىدىڭىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ: ھەممىسى شۇ ئوقۇش تارىخى ئۈچۈن بولمامدۇ؟
قىز: ئوقۇش تارىخى شۇنچە مۇھىممۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ: مەندەك بارماق تاغدا جازا ئىجرا قىلىۋاتقان لۈكچەكنىڭ ھازىر غالىب بۇتساتىۋا بولالىشىمدا ئوقۇش تارىخى مۇھىم بولمايتتىمۇ؟
قىز: خوۋ يى، سىز ئەينى يىلى نېمىشقا كۈننى ئېتىپ چۈشۈرگەنتىڭىز؟
خوۋ يى: ھەققىنى بېرىدىغانلار بار ئىدى.
قىز: ئۇنداقتا نېمىشقا بىرسىنى ئاتمىدىڭىز؟
خوۋيى: ئۇلار توققۇزىغىلا پۇل بەرگەن.
قىز: نېمىشقا مۇشۇ بىرىنىلا ئاتمىدىڭىز؟
خوۋ يى: بۇمۇ پۇل بەرگەن تۇرسا!
قىز: توقۇمىچى قىز، سىز نېمە ئۈچۈن دۇڭ يۇڭغا ياتلىق بولىسىز؟
توقۇمىچى قىز: مۇھەببەت ئۈچۈن!
قىز: مۇشۇ سەۋەب ئۈچۈنلامۇ؟
توقۇمىچى قىز: بۇ ...
قىز: باشقا سەۋەبىمۇ بارمۇ؟
توقۇمىچى قىز: ئۇنىڭ ئۆيى بار ئەمەسمۇ.
قىز: پاكلىق ئەلچىسى، سىز نېمە ئۈچۈن گاۋ يۆئېنى ياخشى كۆرىسىز؟
جۇ باجيې: ئۇ چىرايلىق.
قىز: ئۇنداقتا ھازىر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلمايسىز؟
جۇ باجيې: مەن ھزىر دېگەن دۆلەت مەمۇرى تۇرسام.
قىز: جاڭ بېگىم، ئەينى يىلى سىز نېمە ئۈچۈن ئېلاھلارنى تەيىنلىدىڭىز؟
جاڭ زىيا: تەڭرى يولىدا ئىش تۇتۇپ شۇنداق قىلغان.
قىز: ئەمما ئاخىرىدا ئۆزىڭىز ئۇ قاتارغا كىرەلمەپسىزغۇ؟
جاي زىيا: مەن قەستەن شۇنداق قىلغان.
قىز: نېمىشقا؟ باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلدىڭىز؟
جاڭزىيا: مەن ئەۋلىيالارنى تەيىنلىگەندە پارىنى بەك كۆپ قوبۇل قىلدىم، شۇڭا ۋاقتىدا ئىككىنچى سەپكە چېكىندىم.
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىل 7- (ئاي ئاخىرىلىق) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى:
评论