-
2010-07-01
نوم ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/67651627.html
نوم ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن
(فېليەتون)
ليۇ شۆۋېي
تاڭسىڭ نوم ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇددا نومىنىڭ روھىنى پۈتۈن دۇنياغا تارىتىش ئارقىلىق ئاۋامنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىدى.
تاڭ شاھى لىشىمىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ بېرىپ، بىرىنچىدىن تاڭسىڭنى مۇكاپاتلاشنى، ئىككىنچىدىن مۇشۇ ئارقىلىق بۇددا نومىنىڭ تەسىرىنى زور كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ نومنىڭ تەسىر دارئىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلاپتۇ. بۇ خەۋەر سىرتقا تارقىلىشى بىلەن تەڭ نۇرغۇن داڭلىق زەردارلار بۇ ئىشقا يېقىندىن قىزىقىپ، بەس-بەستە سېخىلىق بىلەن ياردەم قوللىرىنى سوزۇشۇپتۇ. يېرىم ئايدىن كۆپرەك جىددىي تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرى داغدۇغا بىلەن باشلىنىپتۇ. بۇ كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىكى بۇددا كاتتىلىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىپتۇ.
رىيسەتچى داغدۇغا بىلەن:
— خانىملار ئەپەندىلەر، تاڭ راھىبى سەنزاڭ ئەپەندى ئۈچۈن ئېچىلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھازىر باشلاندى. بۈگۈن يىغىنىغا تاڭ ئەپەندىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئۈچ شاگىرتىمۇ مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار ھازىر ئەۋلىيا گىگەنگە ئايلىنىپ، يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەرشتىن پەرشكە چۈشۈپ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئيتىمىز! (تۆۋەندە چاراسلاپ ئاپپاراتلارنىڭ چىراقلىرى بەس-بەستە يېنىشقا باشلىدى) تۆۋەندە مۇخبىرلار سوئال سورايدۇ، قېنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇقايسىلەر، مەرھمەت!
— تاڭ ئەپەندى، سىزدىن سوراپ باقاي، مەغرىبتىن نوم ئەكىلىش سەپىرى بەسى مۈشكۈلاتلار بىلەن تولغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلشىڭىزگە قانداق روھ مەدەتكار بولدى؟ — دەپ سورىدى بىر قىز مۇخبىر قىستاڭچىلىق ئىچىدىن قولىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ گەۋدىسى ئادەملەر توپىدا قسىىلىپ قالغان ئىدى.
— ھە، بۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ... بىرىنچىدىن بىزنىڭ ئىبادەتخانا ماڭا بۇنداق بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بەردى، ئىككىنچىدىن، مېنىڭ ۋەتىنىم ماڭا ئۇتۇق قازىنىشتىكى شەرتلەرنى ھازىرلاپ بەردى، يەنە ئاۋالۇكساۋارا ھەدەمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، ئاندىن قالسا مېنىڭ ئۈچ شاگىرتىم ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. بۇ يەردە مەن ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت! تاڭسىڭنىڭ ئاۋازى تىترەۋاتاتتى، خۇددى ھېلىلا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مۇخبىرلارنىڭ باشلىرىمۇ ساڭگىلاپ كېتىشتى. بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن مۇخبىرلار يەنە سوئاللىرىنى باشلىۋەتتى.
— سەپەر ئۈستىدىكى شۇنچە كۆپ گۈزەل قىزلار ئەجىبا سىزنى مەھلىيا قىلالمىمۇ؟
— مەن كېينكىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنملىكىگە قەتئىي ئىشەندىم، — دېدى تاڭسىڭ جاۋاب بېرىپ.
— سۇن ئەپەندى، سىز شۇنچە گۈزەل قىزلارنى ئەدەپلەشكە قانداقمۇ قولىڭىز باردى؟ قارا كۈچلەرگە بولغان قاتتىق نەپرىتتىنۇ ياكى ياماندىن يىرگىنىشتەك خىسلىتىڭىزىدنمۇ؟
— پەقەت بىرلا سەۋەبتىن، يەنى مەن ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ھېچكىم ئېرىشەن دەپ خام خىيال قىلمۇسۇن، دېگەننىلا ئويلىدىم، — دېدى، سۇنۋۇكۇڭ دەرغەزەب بىلەن.
— تاڭ ئەپەندى، سىز يول ئۈستىدە بىرەر قىز بىلەن تويلىشىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
— ئەمەلىيەتتە، راست گەپنى قىلسام ئويلىمدىم ئەمەس ئويلىدىم، يەنىمۇ چۇڭقۇر ئويلىغاندىن كېيىن، بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. ئويلاپ بېڭىقچۇ، مەن كېيىن گېگەن بولۇپ ئەرشتە تۇرىدىغان تۇرسام، ئۇ قىزلار پەرشتە تۇرسا، خىزمىتىنى يۆتكىمەك ئاسان دەمسىز؟ شۇڭا مۇشۇنى ئويلاپ بولدى قىلدىم.
— ئەۋلىيا ئەزەم، بىر سوئال بارتى، سورىسام بولارمۇ؟
— قېنى سوراۋېرىڭ.
— يېقىندىن بېرى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلرى سىزنىڭ ئاق كىرىستال خېنىم بىلەن بولغان خۇپىيانە مۇناسىۋىتىڭىزگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز، جاۋاب بەرسىڭىز؟
— بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، ئادەمنىڭ نامى چىققاندىن كېيىن كەينىدىن سۆز-چۆچەكلەرنىڭ بولىشى تەبىئىي ئەھۋال، سىلەر ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا توغرا قاراشتا بولۇپ، بىزدەك جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئابرويىنى قوغدىشىڭلار كېرەك. ئاق كىرىستال خېنىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كەلسەم، زۆرۈر تېپىلسا بۇنى ئاخبارات ۋاستىلرىغا ئاشكارىلايمەن، رەھمەت، — دېدى سۇنۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ. بۇ چاغدا بىر مۇخبىر بىر چەتتە ھاڭۋېقىپ تۇرغان جۇباجيېنى كۆردىدە، سورىدى:
— جۇ ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟
— ياخشىمۇسىز، — جۇباجې ئۆزىدىن سوئال سورالغانلىقىنى كۆرۈپ خوش بولدى.
— ئۇنۋان باھالىغاندا سىز ئاران 《پاكلىق ئەلچىسى》 ئۇنۋانىغا ئېرىشپسىز، بۇنىڭغا قانداق پىكرىڭىز بار؟
— ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش. ئۇنۋان ئوخشىمىغان بىلەن ھەممىمىز جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز، شۇڭا بۇنى ئۇنچىۋالا ئىنچىكىلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ياخشى يېرى پاراۋانلىق تەمىناتىم خېلى ياخشى، نېمە ئىش قىلسام كارايىتى چاغلىق، جەمئىيەتكە پەيدىلىقلا ئىش بولسا ھەر قاندىغىنى قىلىۋېرىمەن.
تۆۋەندە گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىدى.
بۇ چاغدا بىر مۇخبىر شاسىڭغا دىققەت قىلدى، گەرچە ھېچكىم شاسىڭدىن سوئال سورىمىغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىنتايىن سەمىمى ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
— شاسىڭ ئەپەندى، نوم ئېلىش سەپىرىدە يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈردىڭىز، ئېغىر ئىشلاردىن قاچمىدڭىز، ھەم پەقەت ۋايسىمىدىڭىز.... — مۇخبىرنىڭ سوئالى تۈگىمەستىن شاسىڭ جاۋاب بەردى:
— ئەمەلىيەتتە بۇ قابىلىيەتكە باغلىق ئىش، قارىڭە، چوڭ ئاغام 72 خىل ئۆزگىرەلەيدۇ، ئىككىنچى ئاغام 36خىل ئۆزگىرەلەيدۇ، مەن ...، مەن شۇ كۈچۈمگە تايانماي باشقا ئامال يوق، مېنىڭ قىلغانلىرىم ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئەمما كۆپچىلىككە تەجرىبە ساۋاق بولۇپ قالسۇنكى، بىلىم ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم، بىلىم تەقدىرڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتتى. رىياسەتچى سۆز باشلىدى:
— تۆۋەندە كۆپچىلىككە يېڭىلا نەشر قىلىنغان نومنى تەۋسىيە قىلىمەن، مەن تەۋسىيە قىلغان بۇ نومنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ تاڭ راھىبنىڭ مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ ئېلىپ كەلگەن نوملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇقاۋىسىمۇ نەپىس لايىھەلەنگەن بولۇپ، باشقىلارغا سوۋغات قىلىشقىمۇ باپ كېلىدۇ.
رىياسەتچىنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەنلا تاڭ راھىب ۋە ئۇنىڭ ئۈچ شاگىرتى شۇنداق مودا كىيىنىشىپ سەھنىگە چىقىپ كېلىشتى، ئۇلارنىڭ قولىدا نوممۇ بار بولۇپ ئۇلار سەھنىدە ھەر خىل پاسون چىقىرىشىپ تۇرۇشتى.
مۇخبىرلار بەس-بەستە سۈرەت تارتىشماقتا، رىياسەتچى توختىماستىن چۈشەندۈرمەكتە:
—بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كىيىملىرىنى سەككىز ئات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلىدى، سەككىز ئات مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ تاللىشىدۇر.ئۇندىن باشقا يەنە بوشلۇققا دەسسەش تەنھەرىكەت ئايىغىمۇ بار، بوشلۇققا دەسسەش، سىزنى مەڭگۈ قۇرۇق دەسسەتمەيدۇ.
— بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت!
سەھنىدە چىراقلار چاقنىماقتا، يېقىملىق ناخشا ئۇنىڭغا جور بولۇپ لەرزان ياڭرىماقتا.
《جۇڭگو فېليەتونلار تورى》دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى:
评论