• 2009-06-18

    نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ”ساپاسى تۆۋەن“ - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41196544.html

    نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن

    تۇڭ داخۇەن

    مەن ئەزەلدىن ئادەمنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، ئادىمىلىكى قاتارلىق ساپاسىنى ئىرق، مىللىيلىقبىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارىمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، لياڭ چىچاۋ ئەپەندىنىڭ ھېكايە ئادەمنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتىدۇ، قەلب سىياسىينى ئۆزگەرتىدۇدېگىنىدىن، خۇشىنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى، لۇشۈننىڭ مىللىيقلىقنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۆزۈمنى تارتىپلا يۈرىمەن خالاس. بولۇپمۇ غەرىزىنى چۈشىنىپ بولمايدىغان ئىجتىمائىي قەھرىمانلارنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن،دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا ماسلىشالمايدۇ ، دېگەندەك سەپسەتىلىرىدىن قاتتىق يىرگىنىمەن، شۇنداقلا كېيىنكىلەرنىڭ قارىشىنى ئىرقىي كەمسىتىش تەشۋىقاتى بىلەن بىر مۇقامدا توۋلاشقانلىق دەپ قارايمەن، مۇنداق ئىرقىي كەمسىتىشتەك فاشىستىك قاراشلار سۆز ئەركىنلىكى ئەڭ كەڭرى دۆلەتلەردىمۇ قەتئىي چەكلەنگەن. ئەمما تۆۋەن ساپا مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەت سۈپىرىندىلىرىدەك قايتا قايتا يامراپ كېتشىگە نىسبەتەن،نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ئاممۋى تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ياخشى ئىپادىلىرىنىمۇ ھەقىيقەتەن بىر_بىرلەپ بايان قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلە راستىنلا تەھلىل قىلىشقا زۆرۈردەك كۆرىنىدۇ.

    يېقىندا شىنخۇا تورىدا »جۇڭگولۇقلارنڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى دۆلەت ئەھۋالىغا باغلىق« دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قىزىپ كېتىپتۇمىش، بۇ تېمىنىڭ ئاپتورى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن پېنسىيىگە چىققان ئالىي مۇخبىر شۈ بويۈەن ئىكەن. مۇئەللىپ گوۋۇيۈەن دۆلەت مەبلىغى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۇڭمىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بىز كۆپ تەرەپلەردە بارغانسېرى تۆۋەن ساپالىق ئاھالە نوپۇسىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدەك ئەھۋالنىڭ ئاسارىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز، ساۋاتسىزلار 80 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ چالا ساۋات، كومپىيۇتېر ساۋادى يوق، پەن_تېخنىكا ساۋادى يوقلارنى قوشقاندا نەچچە يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ! تۆۋەن ساپالىق نوپۇسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ئىقتىسادىي كىرىمىمىزنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەمدە ئىقتىسادنىڭ تەننەرقىنى باغانسېرى زورايتىۋېىدۇ. مەن شۈ ئەپەندىنىڭ مۇنداق كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن، يەنى:ئاھالىنىڭ ساپاسى ئەخلاق ساپاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئەخلاق ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ يادرولۇق، ئەڭ قورقۇنچلىق مەسىلە زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىككىلا تەرەپتە بولۇپ، بىرى قانۇن كۆز قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى، يەنە بىرى سەمىمىيەتنىڭ تۆۋەن بولىشىدا. كىشىلەر قانۇننى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما تەسىر كۈچ، ھوقۇق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بولسا ناھىيىتى مۇھىم دەپ بىلىشىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار دائىم خەتەر ۋە نومۇس دەپ قارالماي، ئەكسىچە ئىقتىدارلىقكەن، ئامالى بارئىكەن دەپ ھېساپلىنىدۇ. ھەممىدىن قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى سەمىمىيەتسىز،ھوقۇق ھۈنىرى ئىشلىتىشكە ماھىر، ھېلە_مىكىرلىك كىشىلەر دۆلىتىمىزدە كۆپ ھاللاردا جازاغا تارتىلمايدۇ، كۆپىنچىلىرى جازاغا تارتىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تەرەققىي قىلىپ بېيىپ كېتىپ ھەيۋە كۆرسىتىشىپ بىخارامان يۈرۈشمەكتە. قورقۇنچاق يالىڭاچ قاپتۇ،قاپ يۈرەك بېيىپ كېتىپتۇ ، ياۋاش دېگەن ئىقتىدارسىز، دېگەن سۆز دېگەندەك ئىشلار بولماقتا. يەنە بەزىلەر بۆرە مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىشىپ، باشقىلارغا قانداق ياۋۇزلۇق قىلىشنى، باشقىلارنى قانداق قىلتاققا دەسسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆگەتمەكتە. ئىجتىمائىي سەمىمىيەت خۇددى غۇلىغان تاغدەك بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە. ئەخلاق كىرزىسى تىپىدىىكى تۆۋەن ساپا ھالىتى خەلق ئىگىلىكىگە قانچىلىك زىيان سالىدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن.

    تورداشلار قۇرۇق گەپ سېتىشىپ مۇنداق قاراشقان: ۋاڭ جۇڭمىڭنىڭ سۆزى پۈتۈنلەي ناتسىستلار سۆزىنىڭ تەكرارى ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھاكىمىسىدە مۇنداق سۆز بار:ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ ماددى كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى_ ئۇ ئىشلەپچىقىرىلمىغان بىلەن يەنىلا ئەڭ چوڭ ئىستىمالدۇر. ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېساپلانمىغان ئىكەن، چوقۇم قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېگەن گەپ، ھەتتا بۇزغۇنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما  ۋاڭ، شۈ ئەپەندىلەرنىڭ سۆزى مېنى قايىل قىلدى.مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ساپاسى تۆۋەن لىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟ قانۇن قارىشىنىڭ كەم بولىشى، سەمىمىيەتنىڭ تۆۋەن بولىشى ساپاسى تۆۋەن لىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، مەن يەنە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيمەن. مەسلەن: جۇڭگولۇقلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ياخشى بولۇپ باقمىغان؛ كۆپىنچە جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇستەقىل غۇرۇى يوق، غالچا مىجەز، ئىچكى قىسىمدا ئۆزئارا نىزالىشىشى، ساختىلىقى، ئىككى يۈزلىمىچى، ئاغزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغىنى بىردەك بولماسلىقى. يەنە مەسىلەن: جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاممىۋى ئەخلاق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشى قاتارلىق.

    ئەمما ئالدىرىماي تۇرۇڭ! جۇڭگودا يۈز چاقىرىم يولنىڭ 90چاقىرىمىنى بېسىپ بولغانلىق ئۇنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغانلىقتۇر دېگەن سۆز بار، سىز جۇڭگولۇقنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان 99 خىل ھادىسىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى كۆرمىدىڭىز، گەرچە ئۇ ھەقىقەتكە بىر ياكى يېرىم قەدەم قالغان بولسىمۇ سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يەنىلا يېڭىلىشىشتۇر. جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولىشىنى مەدەنىيەت، مىللىلىق، ئىرق ۋە ئادىمىيلىكى بەلگىلىگەنمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بولغانمۇ؟ يەنە ۋاڭ، شۈ ئىككى ئەپەندىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، بۇزغۇنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ساپانىڭ تۆۋەنلىكى دېگەن قارىشىغا قوشۇلمايمەن. بىز ساپانى تەپسىلىي ئايرىيدىغان بولساق، بەزى تەرەپلەردە ساپاسى يۇقۇرى، بەزى تەرەپلەردە ساپاسى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۈمكىن. بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەي:

    ئادەملەرنىڭ ساپاسىىنى ھېچ بولمىغاندا سالامەتلىك ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئىجتىمائىي ساپا، كەسپىي ساپا دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈشكە مۈمكىن، بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مۇستەقىلمۇ بولىدۇ، ھەتتا بىر_بىرىگە زىتمۇ بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھەممە ساپاسى ياخشى بولۇپ، ساغلاملىق ساپاسى ياخشى بولمىسا خۇددى باجىن ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىردىكى بىر نەچچە يىلدا  ئۆلۈمنى تىلىگەندەك بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، يەنى بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى جەمئىيەتتىن ئېرىشكىنىدىن زور دەرىجىدە كىچىك بولغان؛ ئەكسىچە بىرئادەمنىڭ ئىلىم_مەدەنىيەت سەۋىيىسى ناھىيىتى يۇقۇرى، مەسىلەن دىپلومى بەك چوڭ بولۇپ جەمئىيەتتە كۆڭلىدىكىدەك ئىنتايىن يۇقۇرى خىزمەتكە قويۇلسا، ئەمما ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ساپاسى ئانچە يۇقۇرى بولمىسا ھەتتا ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بولسا، مەسلەن: قانۇن قارىشى، سەمىمىيىتى، ئاممىۋى ئەخلاقى پەقەت بولمىسا ئۇنىڭ نوپۇزى قانچە يۇقۇرى بولسا چىرىكلىشىش نۇقتىسىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىشى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتە بىرى ئونغا، يۈزگە، ھەتتا نەچچە ئون مىليونغا باراۋەر بۇزغۇنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشى مۈمكىن، ھەمدە ئۇنىڭ كەسپي ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقۇرى بولىشى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى ناتايىن. بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن توردىكىقۇرۇق پاراڭ ئوتتۇرغا قويغان مىساللار ناھىيىتى ياخشى بولغان: جۇڭگو ئىشچى، دېھقانلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەنمۇ؟ مەنمۇ ئەسلى تۆۋەن دەپ قارايتىم، سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا مەن دۆلەت ئىلكىدىكى زاۋۇتتا ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندا، قوللانغان ئۇسۇلمىزنىڭ ھەممىسى چەتئەلنىڭ ئىلغار ئۇسۇللىرى ئىدى، ئەمما ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك بولغانتى. كېيىنچە گۇاڭدۇڭغا باردىم، ئۇ يەردە مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقىدىم، يەنى ھەممە زاۋۇتلارنىڭ ISO9000ئومۇميۈزلۈك سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى بىزنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشچى_خىزمەتچىلىرى بولسا ئەمدىلەتىن ئېتىزدىن چىققان دېھقانلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلغار سۈپەت باشقۇرۇش ۋاستىلىرىنى يولغا قويغىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئىشچى_خىزمەتچىلەردە ئەمەس بەلكى ماڭا ئوخشاش يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلاردا ئىكەن.

    مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممسىىدىكى، بارلىق قاتلاملاردىكى ساپا مەسىلىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، تۈزۈلمە مەسلىسىدىكى سەۋەپتىن ئىكەن، يەنى: تەن_ساغلاملىق ساپاسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاساسلىقى داۋالاش كاپالەت تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدىن، ئەمما دۆلەت سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى تېخىچە گوۋۇيۈەن ئوتتۇرغا قويغان تېببىي ئىسلاھاتىمىز مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى دېگىنىگە قايىل ئەمەس؛ زىيالىلار،ئاق ياقىلىقلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭمۇ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ: ئۇلارنىڭ ئىلمي ماقالە ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشىدە؛ بىلىم مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ بەك تۆۋەن بولىشى دۆلەتنىڭ مائارىپ قەرزىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدە؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق مائارىپ يەنە تېخى بەزىلەرنىڭ پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئاز ساندىكى جۇڭگولۇقلاردىن كۆپلىرى نوبېل مۇكاپاتىغا نائىل بولدى، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى چەتئەلگە چىقمىغان جۇڭگولۇقلاردىن بولسا بىرسىمۇ بۇنىڭغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ؛ پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى ئەخلاقى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە سەمىمىيەت ئېڭى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە سەمىمىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇلمىغانلىقتىن ھەممە كىشى ئوغرى_بۇلاڭچى بولۇپ قالماقتا، پۇقرالار تا ھازىرغىچە كىچىك ئوغرىلار ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغان، چوڭ ئوغرىلار ھالاۋەتتە ياشايدىغان تۈزۈمنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ؛ غالچا مىجەز، ئىچكى قىسىمدا ئۆزئارا نىزالىشىشتەك ئىچكى سەرپىيات بولسا بازار مىخانىزىمىنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقى، ھوقۇق بىلەن بايلىقنى  مونوپول قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئادىمىيلىك تاللىشىدۇر ۋاھاكازا..... ئىشىنىمەنكى جۇڭگولۇقلار پۈتۈن ئۆمرىدە مۇشۇنداق ھەر خىل پۇتلىكاشاڭ ۋە ئىچكى سەرپىيات تۈپەيلىدىن ئېىنىرگىيىسىنىڭ پەقەت ٪30 ىنىلا جارىي قىلدۇرالايدۇ، ئەمما مۇناسىۋەت سىياسىيسى،ھوقۇق سىياسىيسى غا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ۋە ئەقلىي_ ئىقتىدارىمۇ ٪30 تىن كەم ئەمەس. جۇڭگولۇقلار تۇغما ھاماقەت ئەمەس، باشقىلار بىلەن ئېتىشىش تولىمۇ لەززەتلىك دەپ قارىمايدۇ، بەلكى مەلۇم بىر خىل تۈزۈم شارائىتىدا مۇتلەق كۆپ ساندىلكىلەرنىڭ شەخسي كۈچى ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقىلا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ، خالاس.

    ماركىس: ئادەم _ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى دەپ ئىنتايىن ياخشى ئېيتقان. جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ساپاسى تۆۋەن لىكى، پەقەت تۈزۈم قالاقلىقىنىڭ ئادىمىيلىكتىكى مۇقەررەر ئىنكاسىدىن ئىبارەت. ياخشى تۈزۈم شارائىتىدا يامان كىشىلەرمۇ يامانلىق قىلىمەن دەپمۇ قىلالمايدۇ، ناچار تۈزۈم شارائىتىدا ياخشىلار ياخشىلىق قىلىمەن دەپمۇ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئەگەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن لىكىگە چىقىش يولى ئىزدەيمىز دەيدىكەنمىز، بىردىن بىر ئامال يېڭىچە تۈزۈلمە تەنقىدى گە قەدەم قويۇشتىن ئىبارەت؛ ھەرگىزمۇ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ۋە مىللىيلىقنى ئۆزگەرتىش تىن ئۈمىد كۈتۈش ئەمەس، بەلكى تۈزۈم قاتلىمىدىكى ئاز_ئازدىن ئىلگىرىلەش ۋە تەجىرىبىلەرنى توپلاشنى قەتئىي داۋالاشتۇرۇشتا. 10يىلغىچە ئۇرۇش قىلمىساقمۇ ، ئەسكەرلەرنى كۈندە چېنىقتۇرۇش كېرەك.

     

    «جۇڭگودىكى 2005_يىللىق ئەڭ ئىسىل فېليەتونلار» دېگەن كىتاپتىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: