ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 1999-11-30

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى-2 - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38187777.html

    بېشىنى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»-1 دىن كۆرۈڭ

    44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى غەمخورلۇق قىلىش ، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك : (1)يېزىلاردىكى ئەيدىز كېسەللەر ۋە شەھەر ، بازارلادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسەللەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ھەقسىز بېرىش ؛(2)يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەردىن ئىقتىسادىي قىينچىلىقى بارلىرىنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا پۇلىنى مۇۋاپىق ئازايتىش ، كەچۈرۈم قىلىش ؛(3)ئەيدىز بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان ، تەكشۈرۈتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇش ؛(4)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەقىسز داۋالاش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش .

    45-ماددا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قورامىغا يەتمىگەنلەردىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پارچە خىراجىتى ، كىتاب پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ؛ ئوقۇش يېشىغا يوشمىغانلار مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلى قاتارلىق مۇناسىپ ھەقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك .

    46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچلىقتا قالغانلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا تۇرمۇش ياردىمى بېرىش كېرەك.

    47-ماددا ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەردىن ئەمگەك ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ، مەدەت بېرىش كېرەك.

    5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

    48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تەكشۈرۈش ، تىزگىنلەش ، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كەسپىي قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك .ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش خىزمىتى خىراجىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ .مەملىكەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىرى تەشۋىقات ، تەربىيىلەش ، تەكشۈرۈش ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ . مەركەز مالىيىسى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ .ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار تۈرلەرنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ، تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سىناق دورىسى ۋە باشقائەشيالارنى زاپاس ساقلىشى كېرەك.

    51-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلەش تەدبىرى تۈزۈپ ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىغا زۆرۈر مەبلەغ ياردىمى بېرىشى ۋە قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك . ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەردىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتناشقانلىرىغا باجدا قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

    6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    52-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق ، رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشىكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ؛(1)ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ؛(2)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسىمۇ تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى؛(3)ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشى بارلىرى .چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

    54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن تەشۋىق -تەربىيە مەسئۇلىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىغا بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    55-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئاپپارات ياكى جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :(1)ئەيدىز كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى؛ (2)ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ؛(3)دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ، كلىنكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىمىغان ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى كلىنىكىدا ئىشلەتكەنلىرى ؛(4)ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپىغا رىئايە



ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.