ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 1999-11-30

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى-2 - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38187502.html

    بېشىنى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»-1 دىن كۆرۈڭ

    44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى غەمخورلۇق قىلىش ، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك : (1)يېزىلاردىكى ئەيدىز كېسەللەر ۋە شەھەر ، بازارلادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسەللەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ھەقسىز بېرىش ؛(2)يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەردىن ئىقتىسادىي قىينچىلىقى بارلىرىنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا پۇلىنى مۇۋاپىق ئازايتىش ، كەچۈرۈم قىلىش ؛(3)ئەيدىز بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان ، تەكشۈرۈتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇش ؛(4)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەقىسز داۋالاش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش .

    45-ماددا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قورامىغا يەتمىگەنلەردىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پارچە خىراجىتى ، كىتاب پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ؛ ئوقۇش يېشىغا يوشمىغانلار مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلى قاتارلىق مۇناسىپ ھەقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك .

    46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچلىقتا قالغانلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا تۇرمۇش ياردىمى بېرىش كېرەك.

    47-ماددا ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەردىن ئەمگەك ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ، مەدەت بېرىش كېرەك.

    5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

    48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تەكشۈرۈش ، تىزگىنلەش ، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كەسپىي قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك .ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش خىزمىتى خىراجىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ .مەملىكەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىرى تەشۋىقات ، تەربىيىلەش ، تەكشۈرۈش ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ . مەركەز مالىيىسى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ .ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار تۈرلەرنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئېھتىياجى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ، تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سىناق دورىسى ۋە باشقائەشيالارنى زاپاس ساقلىشى كېرەك.

    51-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلەش تەدبىرى تۈزۈپ ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىغا زۆرۈر مەبلەغ ياردىمى بېرىشى ۋە قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك . ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسىلەردىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتناشقانلىرىغا باجدا قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

    6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    52-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق ، رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشىكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ؛(1)ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ؛(2)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسىمۇ تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى؛(3)ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشى بارلىرى .چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

    54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن تەشۋىق -تەربىيە مەسئۇلىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىغا بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    55-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئاپپارات ياكى جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :(1)ئەيدىز كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى؛ (2)ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ؛(3)دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ، كلىنكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىمىغان ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى كلىنىكىدا ئىشلەتكەنلىرى ؛(4)ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپىغا رىئايە قىلماي ياكى مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيىلەش تۈزۈمى ، باشقۇرۇش تۈرۈمىنى ئىجرا قىلماي ، ئەيدىزنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇشى ياكى تىببىي مەنبەدىن يۇقۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى ؛(5)ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى ؛(6)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ باشقا كېسەللىرىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرگەن ، رەت قىلغان ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەرگە مەسلىھەت بەرمىگەن ، دىئاگنوز قويمىغان ۋە ئۇلارنى داۋالىمىغانلىرى ؛(7)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرمىغانلىرى ؛(8)ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى .چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-،4-،5-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

    56-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ .چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى باشقا ئورۇن ۋە شەخسىلەرىن بۇ نىزامنىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ئالاقىدار ئاپپارات ۋە جاۋابكارنىڭ كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى گۇۋامنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

    57-ماددا قان پونكىتى ، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى قان تەقدىم قىلىش قانۇنى ۋە "قان ياسالمىسىنى باشقۇرۇش نىزامى"دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ ؛ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە قان پونكىتى ، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ :(1)ئېلىنغان ئادەم قېنى ، قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئادەم قېنى ۋە قان پلازمىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت بولۇپ چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋەرگەنلىرى ؛(2)ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ئادەم قېنى ، قان پلازمىسى ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى ، قان پلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بەرگەنلىرى.

    58-ماددا بۇ نىزامنىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئادەم بەدىنى توقۇلمىسى ، ئەزاسى، ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئالغان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ، كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسى بارلىرىنىڭ شۇ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋامنامە بەرگەن تارماق ۋاقتىنچە تۇتۇپ قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

    59-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى ، قان پلازمىسى ، توقۇلمىسى ، ئەزاسى ، ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى چىگرىدىن كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىشى ياكى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرۋېتىشى كېرەك؛چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى ، قان پلازمىسى ، توقۇلمىسى ، ئەزاسى ،ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى بەرگەن ، ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بۇيۇم قىممىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى ، 5ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ .گوۋۇيۈەن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز قان مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلغانلارغا دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    60-ماددا قان پونكىتى ، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتى، داۋالاش ساقلىق-ساقلاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    61-ماددا جامائەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچىلاردىن مۇلازىملارنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتىنى تەكشۈرمىگەن ياكى ساغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىرى ۋە ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن جامائەت سورۇنىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن جامائەت سورۇنىدا گاندون قويمىغان ياكى گاندون بېرىش ، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەت گۇۋاھنامىسى گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

    62-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللەردىن ئەيدىزنى قەستەن يۇقتۇرغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ .

     

     7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    63-ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى :ئەيدىز-ئىنسانلار ئىممۇنىتېت ئاجىزلىقى ۋىرۇسى ( ئەيدىز ۋىرۇسى) دىن پەيدا بولغان ئېرىشمە ئىممۇنىتېت ئاجىزلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ .زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى دورا بىلەن قامداپ داۋالاش-زەھەر تاشلاتقۇزۇپ داۋالاش كەسپىنى تەستىق بىلەن يولغا قويغان داۋالاش ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا زەھەر خۇمارىنى پەسەيتىش ، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ، چېكىشتىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش ، زەھەر خۇمارىدىن كېسەل بولۇش ، ئۆلۈش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دورىنى ئىشلىتىپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قامداپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ .ئۆلچەملىك مۇداپىئە پرىنسىپى-تېببىي خادىملارنىڭ بارلىق كېسەللەرنىڭ قېنى ، باشقا سۇيۇقلۇقى شۇنىڭدەك قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقتىن بۇلغانغان ماددىلارنى يۇقۇملۇق كېسەل مەنبەسى دەپ قاراپ ، بۇ ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ .ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بار كىشىلەر- ئىپپەت- نومۇسىنى ساتىدىغان ، پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان ، قالايمىقان جىنىسي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ، ئەرلەر ئۆز ئارا جىنىسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان ، چېكىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتتە بولغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .ئەيدىزنى كۆرىتىش-ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسەللەر (ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار) ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ تارقىلىشىغا ئائىت ماتېرىياللارنى داۋاملىق ، سىستېمىلىق يىغىپ ، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ ، ئالاقىدار تارماقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش ستراتېگىيىسى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ئىشەنچىلىك ئۇچۇر ۋە ئاسان ھازىرلاش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ .ئەيدىزنى تەكشۈرۈش -تەجرىبىخانىدىن پايدىلىنىپ ، ئادەم قېنى ، باشقا سۇيۇقلۇقلىرى ، توقۇلمىسى ، ئەزاسى ، قان ھاسىلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى ، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى ۋە ئالاقىدار ئىممۇنىتېت كۆرسەتكۈچى بويىچە تەكشۈرۈشنى ، جۈملىدىن كۆزىتىش ، پرىيوم-كارانتىن قىلىش، ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ، تەكشۈرتۈش ، كلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ، قان ۋە قان ياسالمىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەيدىزنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ .ھەرىكەتكە ئارىلىشىش تەدبىرى-ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىشتىكى تەدبىرلەرنى ، جۈملىدىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ، چېكىشتىن تارقالغان ئەيدىزنى مېتادون بىلەن داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشىنى؛ جىنىسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز يۇقتۇرغۇچىلارغا گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىرى شۇنىڭدەك جىنىسىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ، قېلىپلاشقان قولايلىق تەدبىر قوللىنىشنى ؛ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلىتىش ۋە بوۋاقنى ئانا سۈتىدىن باشقا سۈت بىلەن بېقىش تەدبىرى يۇقۇملانغۇچىنى بالدۇر بايقاش ۋە خەتەرلىك ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش تەدبىرى ؛ ساغلاملىق تەربىيىسى تەدبىرى ؛ شەخسىنىڭ قائىدە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش شۇنىڭدەك خەتەرلىك ھەرىكەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى جىنىسي ھەمرا تەربىيە تەدبىرىنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

    64-ماددا بۇ نىزام 2006-يىل3-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ . 1987-يىل12-ئاينىڭ26-كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ، 1988-يىل1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھىيە مىنىستىرلىكى ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ، سابىق دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ،دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى سابىق جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدرىسى ، دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى ئېلان قىلغان "ئەيدىزنى كۈزىتىش ، باشقۇرۇش بەلگىلىمسى" بىكار قىلىنىدۇ .





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.