iOS 7 تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن مەن 6 دىن 7 گە چىقتىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان 6 دە يۈرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى 7 تېخى تۈرمىدىن قاچمىغانلىقتىن ئىدى. چۈنكى ماڭا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بەك لازىم ئىدى. 7 مۇكەممەل قاچقاندىن كىيىن مەنمۇ 7 دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدۇم. لېكىن، مۇشۇ كىچىك بىر مەسىلە مېنى بەكلا راھەتسىز قىلدى. ئۇ بولسىمۇ، قىستۇرما رەسىمدىكىگە ئوخشاش تېلېفون ئۇرغاندا ھالەت ستونىدىكى خەتلەر قارا رەڭدە بولىۋېلىپ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولماسلىقى… ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ تاپتىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن Cydia غا ئالما نېگىزى مەنبەسىنى قوشىمىز. مەنبە ئادرېسى : http://apt.app111.com
Cydia غا مەنبە قوشۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ تېمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ : Cydia غا مەنبە قوشۇش ئۇسۇلى
يۇقارقى مەنبەنى قوشقاندىن كىيىن، قوشۇلغان مەنبە ئىچىگە كىرىپ Z:状态栏修复补丁 for iOS 7 دېگەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىۋېتىمىز.
بۇنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن SpringBoard نى قايتا قوزغىتىۋەتسەك ئىش تامام. ئەمدى، تېلېفون ئۇرغاندا،سۈرەتكە ئالغاندا قارا رەڭلىك ھالەت ستونى كۆرىنىۋېلىش مەسىلىىسى ھەل بولىدۇ.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار