بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە ۋىيشىن (ئۈندىدار) ئىشلىتىشنى خالايدىغان، لېكىن بىر تال ۋىچەتتىن چېكىنىپ يەنە بىرنى ئېچىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدىغان كىشىلەركۆپ بولسا كېرەك. بۈگۈن بىز ئايفوندا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋىچەت قاچىلايدىغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.
بۇنىڭ ھېچقانداق بىر تېخنىكىلىق جەريانى يوق بولۇپ، ئايفوندىكى سافارى ئارقىلىق تۆۋەندىكى بەتنى ئاچىمىز.
http://app.neihanshe.cn/weixin.php
ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر بەت ئېچىلىدۇ. ئۈستىدىكىنى بېسىپ ئىككىنجى ۋىيشىننى، ئاستىدىكىنى بېسىپ ئۈچىنجىسىنى قاچىلىۋېلىڭ.
قاچىلاشنى باسقاندا ئەسكەرتىش چىقسا ئۇنىڭدىن «قاچىلاش» دېگەننى تاللاپ بېرىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
ئارتۇقچىلىقى : بىر ئايفوندا كۆپ ۋىيشىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
كەمچىللىكى: دەسلەپتە سىزدە بارىغا ئۇچۇر كەلگەندە ئەسكەرتىدۇ. لېكىن كىيىن قاچىلىغاندىكىسىگە سىز ئاچمىغۇچە ئەسكەرتمەيدۇ (ئەسكەرتىش تاقاقلىق ھالەتتە قاچىلىنىدۇ). ئەگەر يېڭىسىنىڭ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەك ئىلگىرىكىسىنى ئەسكەرتمەسلىكى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرىلىدۇ. شۇڭا مۇھىمراقىنى بۇرۇنقى ۋىيشىندا ئېچىڭ، يېڭى قاچىلىغانغا قوشۇمچىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئايفوندا ئىككى ۋىيشىن ئىشلىتىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىش…
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار