83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ.

CBS New York ئاخباراتىدا 83 ياشلىق ئېۋىلىن پازۋول Evelyn Paswall ئىسىملىك بىر موماي  ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ ئالما دۇكىنىنىڭ ئەينەك تېمىغا ئۇقۇشماستىن ئۈسىۋېلىپ بۇرۇنى يارىلاندۇرىۋالغان. بۇ سەۋەبلىك موماي سوتقا ئەرز قىلىپ 75 مىڭ دوللار داۋالاش تۆلىمى، ئۇنىڭدىن سىرت ئالما شىركىتنىڭ بۇ «قىلمىشى» سەۋەبلىك 1 مىليون دوللارغا يېقىن جەرىمانە تەلەپ قىلىپتۇ.

ئېۋىلىن موماينىڭ سوقۇلغان ئالما دۇككىنى نىيۇ-يورك مانخاسسېتتىكى سېتىش دۇككىنى بولۇپ، سكوتتىسدال Scottsdale شتاتىدىكىگە ئوخشاش، بۇ دۇككاننىڭ ئالدى تەرەپ تېمى پۈتۈنلەي ئەينەكتىن ياسالغان ئىكەن. ئېۋىلىن دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر قەۋەت ئەينەك تامنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلالماپتۇ.

83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئالما شىركىتى مۇشۇ خىل ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىمدىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى چاپلىغان ئىكەن. ئېۋىلىننىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى يېتەرلىك ئەمەسكەن. ئېۋىلىننىڭ كۆرۈش سېزىمى جايىدا بولسىمۇ، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنىڭ پايدىسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ «پاجىئە» يۈز بېرىپتۇدەك.

خەۋەردىكى walking into the glass doors دېگەن مەزمۇنغا قارىغاندا بۇ موماي ئىشىكتىن كىرىۋاتقۇچە ئۇرىۋالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بولسا يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقامدۇ يوق؟ ئەينەك سۈرتكەت ئىشچىنى بۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلاش كېرەكمۇ ياكى جازالاشمۇ؟

تۆۋەندە بىز ئۇتۇق قازانغان 15 ئالما دۇكىنىنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى.



无觅相关文章插件,快速提升流量



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىشلاركەن بۇ ،ھاھاھاھا ئاۋۇ دۇكانلار بەك پەچەت ھەيۋەتلىك دۇكانلاركەن :shy:

  2. ھۇي ئەقەپ دىۋاندىمۇ ئولتۇرىدىغان چىغەىممۇ بۇلىدىكىنا :o))): :o))): :o))): :o))): :o))):

  3. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۇنداق ئىش يۈز بىرىپ قالسا ئەينەكنى تۆلەتكۈزمەي ئازراق تىل ئاڭلاپ قۇتۇلىغىنىمىزغا شۇكرى دەپ كىتىپ قالاتتۇق!

  4. مەن ئامېرىكىغا چىققان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۇدۇل بېرىپ ئالمىنىڭ ئاشۇ چوڭ دۇكىنىنىڭ ئەينىكىگە توختىمايلا بېرىپ قاتتىق بىرنى ئۈسۈۋېتىپ ( بەك ئاغرىسىمۇ چىدايمەن جۇمۇ )ئالما شىركىتىدىن رەھىمدىكللىك بىلەن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلىمەن…!

  5. ما گەپنى كۆرۈڭ ھاھاھاھاھاھ !!!! تازا كۈلۈپتىمەن ! ۋەقە قىززىق بىلىندىمۇ ياكى ئاتاماننىڭ گەپلىرىمۇ بىلەلمىدىم !

  6. كىمنىڭ گىپىنى قىلسا شۇ كىلىدۇ دەپ ئاتامان مۇ كەپتۇ ئەينا :o))):

  7. 83 كە كىرىپ قالغاندا نېمە قىلار ئۇنچە جىق پۇلنى ،بوش موماي ئەمەسكەن ئۇ :oh,no:

  8. مەنمۇ ئەتە بېرىپ ئۈسۈپ كىلەيمىكى ۋاقتىم چىقسا !!! :o))): :o))): :o))):

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش