چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىققان. ئالما شىركىتى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ كەمچىللىكلەر تۈپەيلى بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن مالىيە كىرىمىدىن قۇرۇق قالغان بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.
تۆۋەندىكىسى eweek.com تور بېتىنىڭ رەتلىگەن، ئالمىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە بازىرىنى نائۈمىد قالدۇرغان 10 تۈرلۈك قىلمىشى ئىكەن.
1. iPad 2 نىڭ 4G ئىقتىدارى يوق
iPad 2 نىڭ 4G تورىنى قوللىماسلىقىنى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ئۈمىدسىز قالدۇرغان بىر ئىش دەپ بېكىتىپتۇ. چۈنكى تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلىتىش ئورنى يۆتكىلىشچان، ئەپلىك، توربەت ۋە ئىش بېجىرىشلاردا ئىخچام بولىشى بىلەن قولايلىق ئېلىپ كېلىش ئىدى. ھازىرقىدەك جەمئىيەتتە بۇ ئىشلارنى توردىن ئايرىپ ھېچ يەرگە داۋاملاشتۇرۇپ بولالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تېز سۈرئەتلىك تور iPad ئابونتلىرىغا تولىمۇ لازىم بولىدىغان بىر نەرسىدۇر.
لېكىن iPad 2 نىڭ نۆۋەتتىكى سىمسىز تورغا چىقىش جەھەتتىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولغان 4G تورىنى قوللىماسلىقى ئىشلەتكۈچىلىرىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان. (4G تورى 3G تورىنىڭ يېڭىلانغان تېخنىكىسى بولۇپ تور سۈرئېتى تېخىمۇ تېز. تور سۈرئىتى كىشىگە ھەقىقىي سىمسىز كەڭ بەلباغنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.)
2. iPhone 4S نىڭ باتارىيە مەسىلىسى
يېقىندىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىنكاس قىلىنىۋاتقان iPhone 4S نىڭ باتارىيەسى توغرىلىق مەسىلىلەر بۇ ساھەدىكى Fan لەرنى بىر ئالدى. گەرچە iOS 5.0.1 دە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، تۈپتىن ھەل بولۇپ كەتمىگەن. بۇ مەسىلىلەر بەلكى يۇمشاق دېتالنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ئوڭشىلىپمۇ قالار. لېكىن مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالىشى ناتايىن ئىدى.
3. Siri ئېسىل، لېكىن تېخى «خام»
5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئەڭ يورۇق نوقتىسى بەلكى مۇشۇ سىرى بولسا كېرەك. سىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ياشلارنىڭ تولىمۇ سۆيۈپ ئىشلىتىدىغان بىر نەرسىسىگە، كاتتا «مودا» غا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ – «كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ پەقەت ئاۋاز ئارقىلىقلا ھەممىنى كونترول قىلالىشى» دىن دېرەكمۇ بېرىۋاتىدۇ. لېكىن، بۇ تېخنىكىنىڭ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىگە ھەممە ئىقرار. بىزمۇ ھەم شۇنى كۈتىۋاتىمىز…
4. چوڭ ئېكرانلىق iPhone قېنى؟
iPhone 4S ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاز بولمىغان ھەۋەسكارلار 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ھەرخىل لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ بەس-بەستە لايىھە رەسىملىرىنى ئېلان قىلىشپ كەتتى (بۇ يازمىدىن كۆرۈڭ) . بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھېدىلىكى – ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ، قېلىنلىنى تېخىمۇ نىپىز ئىدى. لېكىن، 5-ئەۋلاد iPhone كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي قالدى …
5. ئارقا سۇپىدا ئىز قوغلاش
ئالما شىركىتى بۇ يىل بېشىدا چىققان «ئارقا سۇپىدا مەخپىي ئىز قوغلاش» مەسىلىسىگە (بۇ يازمىنى كۆرۈڭ) ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك ستراتىگىيەلىك پىلان لايىھەلىرى ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىپ، ئابونتلىرى كاللىسىدىن بۇ مەسىلىنى ئاستا-ئاستا ئۇنۇتتۇردى. بۇ مەسىلە ئەينى چاغدا ئابونتنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىلىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنى نارازى قىلغان ئىدى. گەرچە ئالما شىركىتى يېڭى نەشىردە بۇنى تۈزەتكەن بولسىمۇ، بەزىلەر بۇنى ھېلىھەم نومۇسسىزلىق دەپ قارايدۇ.
6. iPhone نىڭ چوڭ يېڭىلىنىشى قېنى؟
iPhone 4S ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە ئادەم iPhone 4 كە قارىغاندا يىپيېڭى، چوڭ ئۆزگىرىشكە تولغان iPhone 5 ئېلان قىلىنىدۇ، دەپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. 5-ئەۋلاد iPhone كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ كەڭ ئېكران، تېخىمۇ نىپىز، 4G تورىنى قوللايدىغان دېگەندەك نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىشى كېرەك ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئالما كىشىلەرنىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىدى.
7. پاتىنت جەڭلىرى توختىماي پارتىلاۋاتىدۇ
ئالما ساھەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارغا تولۇق ئايان. يېقىندىن بۇيان ئالمىغا قارىتا پاتېنت ئەرزى سۇنغان، ياكى ئالما باشقىلارغا سۇنغان، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق «پاتېنتىمغا دەخلى قىلدى» دېگەندەك ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتتى. بۇ كىشىلەردە زادى قايسى تېخنىكىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا دىلىغۇل پىكىر پەيدا قىلىپ قويىۋاتاتتى. يېقىندىن بۇيان ئالمىنىڭ SAMSUNG بىلەن بولغان سوت دەۋالىرىدا بەزىدە ئۇ يەڭسە بەزىدە بۇ يېڭىپ، كۆپ دەۋا-دەستۇرلەر پەيدا بولۇشتى. لېكىن بۇ ئەھۋال ھەر ئىككىسىنىڭ IT ساھەسىدىكى ئورنى ۋە يۈزىگە پايدىسىز ئىدى…
8. iCloud نىڭ چەكلىمىلىگلىككە ئېگە بولىشى
ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمېتىرى – iCloud بولسا بۇلۇت تېخنىكىسىدىكى تولىمۇ ياخشى بىر باشلىنىش. لېكىن، بۇ مۇلازىمەتنى تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈش مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئالما ئۇنداق قىلمىدى. مەسىلەن، بۇ بۇلۇت مۇلازىمېتىرىدا ئابونتلار رەسىم ۋە سىنلارنى ئۆز-ئارا ئېۋەتىپ بەھرلىنەلمەيدۇ. ئېنىق ئېيتساق، بۇ بۇلۇپ مۇلازىمېتىرى نۆۋەتتە پەقەت زاپاسلاش ئىقتىدارىنىلا تەمىنلەۋاتىدۇ. ئالمىنىڭ مۇشۇ نوقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ بىزگە تېخىمۇ يېڭىچە بولغان iCloud نى تەمىن ئېتىشى ئۈمىد قىلىمىز.
9. يېڭى CEO – تىم كوكنىڭ تەمسىز نۇتۇقى
Apple Inc. نىڭ يېڭى CEO سى تىم كوك (Tim Cook) ستىۋ جوبسنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققاندىن كىيىن، iPhone 4S نىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى دەل ئۈلگۈردى. يىغىننىڭ ئومومى كەيپىياتىدا ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئۆزى باش بولىدىغان ستىۋ جوبس ئاچقاندىكىدەك كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە قىزغىنلىق ئەكس ئەتمەيتتى. بىكاردىن قىلىنغان ئارتۇقچە ھەرىكەتلەر ھەرگىزمۇ جۇشقۇن، ئوچۇق كەيپىياتلىق CEO ستىۋ جوبسنىڭ ئۇسلۇبى ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىمقى تەمسىز نۇسۇق ئالمىنىڭ پايچىكلىرىنىڭ CEO تىم كوكنى قوللاش نىسبىتىنى خېلىلا تۆۋەنلىتىۋەتتى. كىشىلەر تونۇپ يەتتىكى – تىم كوك ھەرگىزمۇ ستىۋ جوبس ئەمەس ئىكەن…
10. Apple TV نىڭ داۋاملىق نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى
مىھمانخانا – يىلىغا نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق كىرىم قىلالايدىغان چوڭ بىر كەسپنىڭ باشلىنىش نوقتىسى. بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقىنى مىھمان كۈتىدىغان ياتاق شەكلىدىكى ساراي بولماستىن، ئۆيىمىزگە كەلگەن مىھماننى باشلايدىغان مىھمانخانىنى كۆرسىتىدۇ. مىھمانخانىنى بېزەش – ئۆي بىزەكچىلىكىدە ھەممە ئادەم ئويلايدىغان ۋە چوقۇم قىلىدىغان بىر بىزەكچىلىك. گەرچە ھەقىقەت مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئالما شىركىتى مۇشۇ ساھەگە قول تىقىپ كىرگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. ئۆتكەن يىل يېڭىدىن Apple TV ئېلان قىلغان بولسىمۇ بۇ يىل بۇ مەھسۇلاتتىن ھېچ بىر يېڭىلىق يوق ئىدى.
بۇ بىر كەمچىللىك. ئالما يەنە بۇ ساھەگە ئازراق كاللىسىنى قاتۇرسا ئېدى، نۆۋەتتىكى ئورنى ئارقىلىقمۇ ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇ ساھەدە باش ئورۇنغا چىقالىشىدا گەپ يوق ئىدى. شۇتاپنىڭ ئۆزىدە Apple TV كۆپ ئىقتىدارلىق ئېسىل مەھسۇلات بولۇپ يېڭىدىن ئېلان قىلىنسا، تۇنجى كۈنىلا قۇچاقلاپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغان، ئاغزىنى يوغان ئېچىپلا تۇرغان ئىستىمالچىلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇتاپتا ئالما شۇ ئېھتىياجنى بارلىقىنى تونۇپ يېتىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى…
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































دەرەخ ئىگىز بولسا ئاسان شامال تىگىدۇ، باشقا تېلفۇن، كومپىيوتىرلارنى ئشلىنىشى ۋە تېخنىكا جەتتىن ھېچكىم بۇنداق تەپسىلى باھالاپ ئولتۇرمايدىكەن( بولۇپمۇ ما جوڭگودا ئشلىنۋاتقان تاغتۇرا تىلفونلارنى) ئالما بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپ داڭ قازىنىپ كەتكەچكە ھەممىنىڭ كۆزى شۇنىڭدا توختىماي قۇسۇر ئىزدەپ! لىكىن مەنمۇ جوبىس ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم بۇندىن كىينكى تەرەققىياتىدىن
ئالمىنىڭ تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ سىتىۋى جوبىس بارچاغىدكىدەك بولمايدۇ. چۈنكى تىم كوك بىلەن سىتىۋى جوبىس ئىككىسى بىرئادەم ئەمەستە، ئىككىسىنىڭ ئىددىيسى بىر-بىرىگە ئوخشىمغاندىكىن، ئۇنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولىمۇ .ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەگەرئاندرويىد قا ئوخشاش سېستىمىنى خالغانچە ئشلىتىدىغان بولغان بولسا ئالما ئابونتلىرى تېخىمۇ كۈپىيەتتى
كەينىدىن قىلىنغان قۇسۇرلار گەرچە قۇسۇر بولغان تەقدىردىمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا ئالمىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات ۋە مۇكەممەللىكىگە پايدىلىق….
…..
ئالما شۇ ئېچىۋېتىلمىگەن سېستىما بۇلۇش ئارتۇقچىلىقى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىپ ئاندىن ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغان…
4Gنى مەن ئويناشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن.جوڭگوغا بارغۇچە خېلى زامان بار ئوخىشايدۇ…
تەسىراتىڭىزنى دەپ باقمامسىز؟ زادى نېمىگە قارىتىلغان گەپ؟ سۈرئەتنىڭ تېزلىكىمۇ ياكى ئالاھىدە بىر خىل ئۆلچەممۇ؟
ئەمدى ئالما ساھەھىدە ھەرگىز يىڭىلىنىش بولمايدۇ چۈنكى بۇنى ئجات قىلغان ئادەم بۇدۇنيادا يۇق
«بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھېدىلىكى – ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ، قېلىنلىنى تېخىمۇ نىپىز ئىدى. لېكىن، 5-ئەۋلاد iPhone كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي قالدى …» ئايفون 5 نىڭ لايىھەسى ئاشكارلىنىپ بولدىمۇ؟
5-ئەۋلاد iPhone دېگەن iPhone 4S دېگىنى شۇ. بۇ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەر 4S ئەمەس 5 دەپ ئېلان قىلىنامدىكىن دەپ ئولتۇرغان. ھەم سىرتقى كۆرىنىشىنى بۆلەكچە بىر شەكىلدە بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاشقان. بۇ يازمىدا ھەۋەسكارلارنىڭ بىر قىسىم لايىھەلىرى بار. /iphone-5-concept.html