iOS نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇ سۆز كۆپ قىسىم ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. ئايفوننىڭ تۈرمىدىن قاچقىنى تېلېفوندا Cydia نىڭ بار – يوقلىقى بىلەنمۇ مەلۇم بولىدۇ. Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن خاككېرلار تەمىنلىگەن بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى تەمىنلەيدىغان بىر سۇپا. بۇ سۇپىغا قىستۇرما ياسىغان پروگراممېرلارنىڭ تور بەت ئېغىزى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىستۇرمىلاردىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.
دېمەك، Cydia غا دۇنيادىكى سانسىزلىغان پروگراممېرلار ئۆزىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق قىستۇرما قوشالايدۇ. بىز ئاشۇ ئادرېسنى Cydia غا قوشىۋېتىش بىلەن شۇلار تەمىنلىگەن قىستۇرمىلاردىن پايدىلىنىۋالالايمىز. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن Cydia غا قانداق قىلىپ مەنبە قوشۇش بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
تۆۋەندە بىز خەنچە ۋە ئېنگلىزچە كۆرۈنمە يۈزدىكى Cydia غا قانداق قىلىپ مەنبە قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. ئايفوندا Cydia نى ئاچىمىز. ئاندىن ئاستىدىكى بەش تال تىزىملىك ئىچىدىكى باشقۇرۇش 管理 \ Manage نى باسىمىز. ئاندىن ئوتتۇرىدىكى مەنبە 软件源 \ Source نى باسىمىز. ئاندىن تېلېفونىمىزدىكى نۆۋەتتىكى Cydia مەنبەلىرى تىزىملىكى كۆرىنىدۇ. بىز مەنبەنى مۇشۇ جايغا قوشىمىز. يەنى. بارلىق Cydia مەنبەلىرى مۇشۇ تىزىملىك قاتارىدا كۆرىنىدۇ. بىز يېڭى مەنبە قوشۇش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تەھرىرلەش 编辑 \ Edit نى باسىمىز. ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ (سولدىن ئوڭغا)
تەھرىرلەشنى باسقاندىن كىيىن مەنبە تىزىملىكى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. سول تەرەپ ئۈستىدىكى قوشۇش 添加 \ Add نى باسساق مەنبە ئادرېسى يازىدىغان جاي چىقىدۇ. ئاندىن بىز قوشماقچى بولغان مەنبە ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز. مەنبە ئادرېسى ئەمەلىيەتتە بىر تور بەت ئادرېسىغا ئوخشاش. يېزىپ بولغاندىن كىيىن مەنبەنى قوشۇش 添加源 \ Add Source نى باسىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ سولدىن ئوڭغا قاراڭ.
رەسىمدە ۋىيفىڭ 威锋 مەنبەسىنى قوشۇپتۇ. ئۇنىڭ ئادرېسى apt.weiphone.com . مۇشۇنىڭدەك، Cydia غا پالانى مەنبەنى قوشىمىز، مەنبە ئادرېسى ماۋۇ، دەپ ئادرېستىن بىرسى بولسا، يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاشۇ مەنبەنى قوشىۋالساق بولىدۇ.
تېخىمۇ جانلىق بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىننى بىر كۆرۈڭ:
تۆۋەندە داڭلىق بولغان بىر قانچە مەنبەنى قالدۇرۇپ قوياي. بۇ مەنبەلەرنى قوشىۋېلىپ، بىز داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قولايلىق بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى ئىزدەپلا تاپالايمىز.
178 مەنبەسى : http://apt.178.com
ۋىيفىڭ مەنبەسى : http://apt.weiphone.com/
بەيدۇ مەنبەسى (بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار مەنبە) : http://mi.baidu.com
ئاي بىلگە مەنبەسى : http://cydia.ibilge.com
ئالما نېگىزى مەنبەسى : http://apt.app111.com
مۇناسىۋەتلىك يازما Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار