ئالما شىركىتى بۈگۈن iOS 7.0.5 سېستىما بولىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلاش جۇڭگو رايونىدا سېتىلغان iPhone 5c ۋە iPhone 5s كە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان يېڭىلاش بولۇپ، تىجارەتچى تور تەڭشىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم يېڭىلاشلانى ئۆز ئىچىگە ئالغانكەن. بۇ يېڭىلاشتا نۆۋەتتىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقى ئېتىلمىگەنكەن.
بۇ قېتىمقى يېڭىلاش ئاساسەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تورىنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلاش بولۇشى مۇمكىن. يېڭىلىغانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تەڭشىكىنى تەڭشەيدىغان يەر يېڭى نەشىردە يەنىلا بار ئىكەن.
خاككېر I0n1c نىڭ تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق ئۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا evasi0n ئارقىلىق iOS 7.0.5 نى تۈرمىدىن قاچۇرغان.
لېكىن ھازىر بۇ قورال ئارقىلىق 7.0.5 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش ئۈچۈن bin مۇندەرىجىسى ئىچىگە يەنە بىر قىستۇرمىنى قاچىلاش كېرەككەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى قورال ئارقىلىق 7.0.5 نى ئىلگىرىكىدەك بىۋاستىلا مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. Evasi0n گورۇپپىسىدىكىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى يەنە بىر قېتىم كىچىك يېڭىلاشتىن بۇرۇن 7.0.4 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىشلىتىۋاتقانلار سېستىمىنى يېڭىلىماي تۇرۇڭلار.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار