چىللىنگو دېگەن ئىسىم كونا iPhone چىلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئارغامچا كېسىش Cut The Rope ئويۇنى دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ نادىر مەھسۇلاتى. ئۇلار ئەمدى بالىلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىلى تۇرۇپتۇدەك. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمدى بالىلارنىڭ پۇلىنى تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك … بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. ئۆيىدە كىچىك بالىلار بار دوستلار بوپقالسا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.
ئويۇندا باشتىن – ئاخىر قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر ئاساسلىق مەزمۇن قىلىغان بولۇپ، ھەرخىل نەرسىلەرنى بېسىپ ھەرخىل قىزىقارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننى كىچىكلەر ئەمەس چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئويناش ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس، كىچىك دوستلار بىر ئويناپلا كىرىشىپ كېتەلەيدۇ.
ئۇنىمۇ قويۇپ، بۇنىمۇ قويۇپ نەخ گەپكە كەلسەك، بۇ ئويۇننىڭ ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرگەن فىلىمىنى بىر كۆرەيلى. ماۋۇ سىننى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىپتىمەن. (يورۇق نوقتىسى 55 سېكونتلۇق يېرى)
ئەپ ئىسمى : The Moogies
ساتقۇچى : Chillingo Ltd
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 215 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































مەن بۇ ئەپنى چۈشىرەي دەپ قارىسام چوڭلىغى 33 ئەمەس 215 م ب ئىكەنغۇ چوڭلىغى …
خاتا يېزىلىپ قاپتىكەن، ئۆزگەرتىلدى.
راستلا شۇنداقكەن، 33 م ب ئەمەسكەن سىغىمى. مەن چۈشۈرۈپ بولدۇم، قېنى بىر سىناپ باقاي.