Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17
باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن-كۇتۇپخانا-Bilqut Uyghur web
بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن

باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 12:14:54    كۆرۈلۈش سانى : 644  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بىر تال چىۋىن7  مىليوندىن ئارتۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ، كېزىك، خولېرا، تولغاق، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق60  نەچچە خىل كېسەللىكنى تارقىتىپ، ئىنسانلارغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «تۆت زىيانداش» (چىۋىن، چاشقان، پاشا، چۇسا) قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. چىۋىننىڭ ئادەمگە زىيان سالىدىغان كېسەللىكنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا سېسىق پۇراقنى ياخشى كۆرىدىغان يامان ئادەت بار. ئۇنىڭ باسقان قەدەملىرى سېسىقچىلىقتىن ئايرىلمايدۇ، سېسىپ سېسىق پۇراق چىقىرىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئۇچۇپ يۈرۈپ باكتېرىيىلەرنى تاماق، قورۇما، يېمەكلىكلەرگە تارقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چىۋىن قونغان يېمەكلىكلەرنى يېسە ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ. چىۋىن گەرچە پۈتۈن ھاياتىدا تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق، يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېز كۆپىيىدۇ. ياز كۈنلىرى تۇخۇمدىن باشلاپ ئۇچالايدىغان چىۋىنگە ئايلانغىچە بولغان مەزگىلنى13  كۈندىلا تاماملايدۇ. ئەگەر ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃30 تىن ئېشىپ كەتسە، بىر قېتىملىقى ئۈچۈن سەككىز كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. بىر چىشى چىۋىن بىر قېتىمدا1000  دىن ئارتۇق تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇغۇپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي چېتىشىپ يەنە تۇخۇم تۇغىدۇ. بىر تال ئۆي چىۋىنى شارائىت مۇۋاپىق بولسا بەش ئاي ئىچىدە ئەۋلادلىرىنىڭ سانىنى190  كۋىنتىللىئونغا يەتكۈزىدۇ. چىۋىن ئالدى قانىتى تەرەققىي قىلغانلىقى، كەينى قانىتى رودىمېنتلىشىپ تەڭپۇڭلۇق تايىقىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا ھاشاراتلاردىن پەرقلىنىدۇ. باش قىسمىدا بىر جۈپ يۇپيۇمىلاق مۈرەككەپ كۆزى بولىدۇ. ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق - يېقىن بولۇشى چىشى، ئەركەك چىۋىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى. ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق بولىدىغىنى چىشى چىۋىن، بىرقەدەر يېقىن بولىدىغىنى ئەركەك چىۋىن. بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر جۈپ قىسقا ئانتېننىسى بار بولۇپ، بۇ، چىۋىننىڭ پۇراپ سېزىش ئەزاسىدۇر. گەندە چىۋىن لىچىنكىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆپىيىدىغان جايى، ھاجەتخانا ياخشى باشقۇرۇلسا، چىۋىن لىچىنكىلىرى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلسە، چىۋىن يوقىتىشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالىملار چىۋىن ئارقىلىق چىۋىن يوقىتىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇلار چىۋىن لىچىنكىسىغا رادىئاتسىيە قوبۇل قىلغۇزۇپ، كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، يېتىلگەن قۇرتقا ئايلانغاندا قويۇپ بېرىپ، باشقا چىۋىنلەر بىلەن تەبىئىي چېتىشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنداق قىلغاندا، تۇغقان تۇخۇملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم بولىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى

Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0

Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0
PHP Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17 PHP Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0 PHP Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0